بىرلىكتە ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرىنى ئۆگىنەيلى!(3)

 

4)     سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ لەۋ ھالىتى جەھەتتىكى ئاھاڭداشلىقى

 

(1) لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆز ۋە پېئىللارغا،شۇنىڭدەك ئاخىرقى بوغۇملىرىدا لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش كەلگەن كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆز ۋە پېئىللارغا قوشۇمچىلارنىڭ لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلۇق  ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

 

قول_ قولۇم،قولۇڭ،قوللۇق

 

تۇز_تۇزۇم،تۇزۇڭ،تۇزلۇق

 

سۆز_سۆزۈم،سۆزۈڭ،سۆزلۈك

 

يۈز_يۈزۈم،يۈزۈڭ،يۈزلۈك

 

قۇلۇپ_ قۇلۇپۇم،قۇلۇپۇڭ،قۇلۇپلۇق

 

تۇلۇق_ تۇلۇقۇم،تۇلۇقۇڭ،تۇلۇقلۇق

 

ئاچ_ ئاچقۇچ،ئاچقۇچۇم،ئاچقۇچۇڭ،ئاچقۇچلۇق

 

تەپ_تەپكۈچ،تەپكۈچۈڭ،تەپكۈچۈم

 

سۈز_ سۈزگۈچ، سۈزگۈچۈم، سۈزگۈچۈڭ، سۈزدۈم، سۈزسۇن، سۈزدۇق، سۈزۈك، سۈزۈش،سۈزۈل..

 

تۈز_تۈزۈم،تۈزدۈم،تۈزۈڭ،تۈزسۇن،تۈزدۇق،تۈزۈك،تۈزۈش،تۈزۈل،تۈزۈلۈش…

 

يولۇق_يولۇقتۇم،يولۇقتۇڭ،يولۇقسۇن،يولۇقتۇق،يۇلۇقۇش،يولۇقۇپ….

 

ئوقۇ_ ئوقۇدۇم،ئوقۇدۇڭ،ئوقۇسۇن،ئوقۇدۇق،ئوقۇش،ئوقۇشلۇق….

 

ئەسكەرتىش:

(1)لەۋلەشكەن تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق سۆزلەرگە“ئا“بىلەن تۈزۈلگەن قوشۇمچە قوشۇلغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئايىغىغا يەنە قوشۇمچە قوشۇشقا توغرا كەلگەندە،مەزكۇر ”ئا“لىق بوغۇم ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسا ياكى ئالدىنقى بوغۇمى لەۋلەشكەن تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشتىن،كىيىنكى بوغۇمى“ئا“بىلەن تۈزۈلگەن كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرگە قوشۇمچە قوشۇلغاندىن كىيىن مەزكۇر ”ئا“لىق بوغۇم ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسا،بۇ سۆزلەردىكى ”ئا“تاۋۇشى سۆزنىڭ تەركىبىدىكى لەۋلەشكەن تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىماي،سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىش قانۇنى بويىچە“ئى“غا نۆۋەتلەشتۈرۈلىدۇ.مەسىلەن:

 

قول+لان-+ىش=قوللىنىش(قوللۇنۇش ئەمەس)

 

قول +لار+ىم=قوللىرىم(قوللۇرۇم ئەمەس)

 

قۇلۇپ+لار+ىم=قۇلۇپلىرىم(قۇلۇپلۇرۇم ئەمەس)

 

سورا_سورىماق،سورىسا(سورۇماق،سورۇسا ئەمەس)

 

دورا_دورىماق،دورىسا(دورۇماق،دورۇسا ئەمەس)

 

(2) لەۋلەشكەن تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق سۆزلەرگە“ئە“بىلەن تۈزۈلگەن قوشۇمچە قوشۇلغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئايىغىغا يەنە قوشۇمچە قوشۇشقا توغرا كەلگەندە،مەزكۇر ”ئە“لىك بوغۇم ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسا ياكى ئالدىنقى بوغۇمى لەۋلەشكەن تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشتىن،كىيىنكى بوغۇمى“ئە“بىلەن تۈزۈلگەن كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرگە قوشۇمچە قوشۇلغاندىن كىيىن مەزكۇر ”ئە“لىك بوغۇم ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسا،بۇ سۆزلەردىكى ”ئە“تاۋۇشى سۆزنىڭ تەركىبىدىكى لەۋلەشكەن تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىماي،سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىش قانۇنى بويىچە“ئى“غا نۆۋەتلەشتۈرۈلىدۇ.مەسىلەن:

 

يۈز+ لەن-+ىش=يۈزلىنىش (يۈزلۈنۈش ئەمەس)

 

ئۈزۈك+لەر+ىم=ئۈزۈكلىرىم(ئۈزۈكلۈرۈم ئەمەس)

 

يۆگە-يۆگىمەك،يۆگىسە(يۆگۈمەك،يۆگۈسە ئەمەس)

 

سۆرە_سۆرىمەك،سۆرىسە(سۆرۈمەك،سۆرۈسە ئەمەس)

 

(3)لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆز ۋە پېئىللارغا،شۇنىڭدەك ئاخىرقى بوغۇمى لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇش بىلەن تۈزۈلگەىن كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆز ۋە پېئىللارغا قوشۇمچىلارنىڭ لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋرىيانتى قوشۇلىدۇ.مەسىلەن:

 

باغ_ باغلىق،بېغىم،بېغىڭ….

 

تال_ تاللىق،تېلىڭ،تېلىم…

 

بەت_ بەتلىك،بېتىم،بېتىڭ…

 

ئەن_ ئەنلىك….

 

يات_ ياتتىم،ياتتىڭ،يېتىڭ،ياتتۇق،ياتلىق…

 

تولا_ تولىلىق….

 

تولغا_ تولغىدىم،تولغاڭ،تولغىسۇن،تولغىدۇق،تولغاق

 

مەشق

 

1.تۆۋەندىكى جۈملىلەر ئىچىدىن ئىملاسى خاتا بولۇپ قالغان سۆزلەرنى تېپىڭ ھەمدە تۈزىتىڭ.

(1)ۋايجان،پۇتام بەك ئاغرىپ كەتتى.

(2)شۇ تاپتا كۆزلۈرۈم ئېچىشىپ كېتىۋاتىدۇ.

(3)بۇ سۆزنىڭ تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ ئىكەن.

(4)بارلىق ئىشلىرىمنى تۈگۈتۈپ بولدۇم.

(5)يولدا دۈشمەنلەرگە يولىقىپ قالدۇق.


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=522

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-09-25
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: تىل-يېزىق
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: