لوپنۇر شىر ئوسۇلىنىڭ تارىخىي مەنبەسى توغرىسىدا

لوپنۇر شىر ئوسۇلىنىڭ تارىخىي مەنبەسى توغرىسىدا

غۇپۇر قۇربان  لوپتېكىن

ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم تەركىبىي  قىسمى بولغان لوپلۇقلار ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان تارىم، كۆنچى دەريالىرىنىڭ ئوتتۇرا ۋەتۆۋەن ئېقىنلىرى ،چەرچەن دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى بويلىرىدىكى بوستانلىقلاردا سىرت بىلەن ئىنتايىن ئاز ئالاقەقىلغان ھالدا بېكىك ھالەتتە ياشىغانلىقى ئۈچۈن تىل، ئۆرۇپ – ئادەت، يېمەك -ئىچمەك، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە باشقا جەھەتلەردىكى قەدىمكى ئالاھىدىلىكلەرنى ساقلاپ، ئۆزگىچە بىر ئۇيغۇر توپىنى شەكىللەندۈرگەن.

شىرئۇسۇلى ھازىر پەقەت لوپنۇر ناھىيەدىلا داۋاملىق ئوينىلىپ،ساقلىنىپ قالغان بولۇپ،شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا بۇ ئۇسۇل ئوينۇلۇشتىن قىلىپ،ئاستا-ئاستا ئىستىمالدىن قالغان.لوپنۇر ناھىيىلىك پارتىكوم،خەلق ھۆكۇمىتىنىڭ قوللىشى،ناھىيىلىك مەدىنىيەت  تەنتەربىيەئىدارىسىدىكى كەڭ ئىشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ زور تىرىشچانلىغى،قېزىپ چىقىشى ئاستىدا رەتلىنىپ،مۇكەممەل ھالەتكە كەلتۈرۈلۈپ،سەھنىلەشتۇرۇلۇپ،سەھنىلەردە ئوينۇلۇپ،لوپنۇردا جۈملىدىن ئوبلاستىمىزدا،ئاپتونۇم رايۇنىمىز دائىرسىدە ،ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.لوپنۇرلۇق شىر ئۇسۇلى ۋارىسى ياسىن سەيپى بۇ ئۇسۇلنى بىزگىچە يەتكۈزۈپ كەلدى.لوپنۇر ناھىيەسى ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق،2004-يىلى شىر ئۇسۇلى ئاپتونوم رايۇن دەرىجىلىك قوغدۇلىدىغان غەيرى ماددى- مەدىنىيەت مىراسلىرى تىزىملىگىگە كىرگۈزۈلدى .ياسىن سەيپىمۇ تۇنجى تۈركۈمدە،شىرئۇسۇلىنىڭ ئاپتونوم رايۇن دەرىجىلىك قوغدۇلىدىغان ۋارىسى بولدى ۋە بۇ ئۇسۇلنىڭ دەۋرىمىزگە يىتىپ كىلىشىگە زور ھەسسە قوشتى.

تۆۋەندەمەن شىر ئۇسۇلىنىڭ تارىخى،كىلىپ چىقىشى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمەن.

بىز شىر ئوسسۇلىنى چۈشەندۈرۈشتىن بۇرۇن شىر توغرىسىدا بىرئاز توختىلىپ ئۆتەيلى.

شىرنىڭ جۇڭگودا ياشىغانلىغى توغرىسىداتارىختا ھىچقانداق مەلۇمات يوق ،بۇنىڭغا ئاساسەن كېسىپ ئېيتىمىزكى: شىر جوڭگۇنىڭ ئىچكى جايلىرىدا ياشىمىغان.

شىر قەدىمقى زامانلاردا ئوتتورا ئاسىياداجۈملىدىن غەربىي دىياردا ياشىغان ئەتىۋارلىق ھايۋان ئىدى. ئۇنى ئوتتورا ئاسىيادىكى ئەللەر دۆلەت گۆھىرى ھېساپلايتتى. بۇ ئەللەردە ياشىغان خەلقلەر ئۇنىڭغا چوقىناتتى،ئۇلۇغ كۆرەتتى. كىيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە بۇ ئەتىۋارلىق ھايۋاننىڭ نەسلى  قۇرۇپ كەتتى. بۇ ئەينى ۋاقىتتا كىشىنى چوچىتىدىغان ئېچىنىشلىق، ئەپسۇسلىنارلىق چوڭ ئىش بولغان. شىرنىڭ غەربىي دىيارداياشىغانلىقى توغرىسىدا خېلى كۆپ ئارخىلوگىيلىك مەدەنىي يادىكارلىقلار، تارىخى ھۆججەتلەر ساقلانغان، بۇنى كۆرۈپ باقايلى.

ئاپتونۇم رايونلۇق موزېيدا مىستىن ياسالغان شىر، شىر سۆرىتى چۈشۈرۈلگەن مىس بويۇملارساقلانماقتا. تۇرپان  ئاستانىدىكى قەدىمقى قەۋرىلەردىن شىرنىڭ ھەيكەللىرى چىققان. بۇ مەدەنىي يادىكارلىقلارنىڭ ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر (جەنگو) دەۋرىگە تەئەللۇق ئىكەنلىكى بىكىتىلگەن.

1997 -يىلى تۈمەنپۇر (يىڭپەن) دە قىزىلغان15-نومۇرلۇق قەۋرىدە جەسەتكە يېپىلغان، شىرنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن نېپىز يىپەك يوپۇق چىققان. بۇنىڭ يىل دەۋىرى 2000يىلدىن ئوشۇق دەپ بېكىتىلگەن. بۇ مەدىنىي يادىكارلىق مەملىكەت بويىچە 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان يادىكارلىق قاتارىغاكىرگۈزۈلگەن.

«كىيىنكى خەننامە غەربىي دىيارتەزكىرسى»دە ئەنشى دۆلىتىنىڭ پادىشاھى مىلادى 87-يىلى شەرقىي خەنگە شىر ھەدىيەقىلغان.

ئىككىنچى يىلى يەنە شەرقىي خەن سۇلالىسىيوڭ يۈننىڭ 2-يىلى قاڭقىل پادىشاھسىمۇ شىر ھەدىيە قىلغان.

يەنە 13-يىلدىن كىيىن ئەنشى دۆلىتىنىڭ پادىشاھى يەنە بىر شىر ھەدىيە قىلغان.

بۇلار دۆلىتىمىزدىكى تىرىك شىرتوغرىسىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى خاتىرىدۇر.

مىلادىي 635-يىلى (تاڭ تەيزۇڭنىڭ جىنگۈەن9-يىلى) غەربىي دىياردىن شىر ھەدىيە قىلغاندا، تاڭ تەيزۇڭ «شىرسۈرىتى»نى سىزىشقايارلىق چۈشۈرگەن.

شۇ ۋاقىتلاردىن كىيىن تىرىك شىرتوغرىسىدىكى ماتىرىياللار تارىختا كۆرۈلمەيدۇ.

شۇڭا ئاسىيادىكى شىرنىڭ نەسىلى مىلادى7-ئەسىرلەردە قۇرۇپ كەتكەن دەپ قىياس قىلىشقا بولىدۇ.

يوقىرىدا ئوتتورىغا قويۇلغان ئارخىلوگىيلىك يادىكارلىقلار تىرىك شىر توغرىسىدا تارىخى خاتىرىلەر غەربىي دىياردا شىر ياشىغانلىغىنىڭ ماددىي پاكىتىدۇر.

ئەمدى بىز شىر ئۇسۇلى توغرىسىدا توختۇلۇپ ئۆتەيلى.

شىرئۇسۇلى قەدىمى ئۇسۇللارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ نىقاپلىق ئوينىلىدۇ. نىقاپلىق ئوينىلىدىغان ئوسۇللارنىڭ شەكلى قورۇقتاغ قىياتاش سۇرەتلىرىدە كۆپ ئۇچىرايدۇ.ئونىڭدا ئادەملەرنىڭ باشلىرىغا مۈڭگۈز، پەي ۋە باشقا بېزەك بۇيۇملىرىنى تاقىغان،يۈزلىرىگە نىقاپ تارتىۋالغان، ئارقىسىغا قۇيرۇق باغلىۋالغان ھەم ھايۋانلارنىڭ ھەرخىل قىلىقلىرىغا تەقلىد قىلىپ ئۇسۇل ئويناۋاتقان كۆرۈنۈشلەر بار. (بۇ قىيا تاش سۆرەتلىرى 4-7 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە دەپ بىكىتىلگەن) بۇ سۇرەتلەردە ئىنسانلارنىڭ ئىپتىدائىي ئۇسسۇل كۆرۈنۈشلىرى ياخشى ساقلانغان.

ئىنسانلار قەدىمقى زامانلاردا، نىقاپلىق ئۇسسۇللارنى ئىجاد قىلىشتا ،تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلغان ھەم دىققەت ئېتىۋارىنى شۇنىڭغا مەركەزلەشتۈرۈلگەن دېيىشكە بولىدۇ:

(1)    نىقاپلىق ئۇسسۇللاردا ئوبىكتىپ قىلىنغان ھايۋانلار چوقۇم توتىم قىلىنغان ھايۋانلار ياكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان ھايۋانلار بولۇشى لازىم، بۇنداق قىلىشتىكى سەۋەب ئىپتىدائىي ئىنسانلار ئۇ ھايۋانلارغا چوقۇناتتى.

(2)    ئۇسسۇلچىلار نىقاپلىنىش ئارقىلىق ئوبىكتىپ قىلىنغان ھايۋاننىڭ تاشقى قىياپىتىنى ئۆزىدە ھازىرلىشى،ئۇنىڭ سۈرلۈك، ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشىنى نامايەن قىلىشى لازىم.

(3)    ئۇسسۇلچىلار ئوبىكتىپ قىلىنغان ھايۋاننىڭ ھەرىكىتىنى رەتلىك، سېستىمىلىق، ئەينەن دوراپ ئۇنى قىزىقارلىق، كۈلكىلىك،يۇمۇرلۇق تۈسكە ئىگە قىلىشى، گۈزەل-سەنئەت دەرىجىسىگە كۆتىرىشى لازىم.

(4)    ئوبىكتىپ قىلىنغان ھايۋاننىڭ دورالغان قىلىقلىرى چوقۇم مۇزىكىغا چۈشىشى، رېتىملىق بولۇشى لازىم.

ئىپتىدائى نىقاپلىق ئۇسۇللار ئەنە شۇنداق باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتۈپ ،ئاندىن ۋۇجۇتقا كەلگەن دېيىشكە بولىدۇ.شىر ئۇسۇلىنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىدە بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ،ئەلۋەتتە.

ئۇئۆز تەرەققىياتىدا ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە، قوپاللىقتىنن نەپىسلىككە،تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا قاراپ يۈزلىنپ، ۋاقىتلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن مۇكەممەللىشىپ بارغان. يۇقىردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان قىياتاش سۆرەتلىرىگەئاساسلانغاندا، شىر ئۇسۇلىنىڭ دىيارىمىزدا پەيدا بولغىنىغا ئاز بولغاندىمۇ 4مىڭ يىلدىن ئاشقانلىغىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.شىر ئۇسۇلىنى تارىختا كۆسەنلىكلەر ئىجات قىلغان. كۆسەنلىكلەر مۇزىكىغا سىلىپ ئوينىغان.

(بۇنىڭغا ئائىت پاكىتلارنى نۆۋىتىكەلگەندە، كېيىن ئوتتۇرىغا قويىمىز)

بۇ ئوسۇل قەدىمى زاماندا ئۇيغۇرلارقىزىقىپ ئوينايدىغان كۆڭۈل ئىچىش ئۇيۈنلىرىنىڭ بىرى بولغان.

ئەينى چاغلاردىكى كاتتا پائالىيەتلەر ۋە دىنى مۇراسىملاردا ئۇنى ئويناش ئادەتكە ئايلانغان.بۇ ئۇسۇل قانداق ئوينىلاتتى؟دىگەن مەسىلىنى چۈشەندۈرۈشتە ئارخىلوگىيىلىك تېىپىلمىلارنى ئاساس قىلىمىز.

تۇرپاندىكى ئاستانە قەبرىستانلىقىدىن، تاڭ دەۋرىگە (مىلادى618-961-يىللار)تەۋە «شىر ئۇسۇلى ئويناۋاتقان ساپال قونچاق»چىققان.قونچاقنىڭ ئېگىزلىگى 13 سانىمىتىر بولۇپ، شەكىل ھالىتى ھازىرقى شىر ئوسۇلىغا ئوخشاپ كىتىدۇ.قونچاقنىڭ قىياپىتى بوينى تۈز بولۇپ،كۆزى سىرتىغا سەل پولتىيىپ چىققان، ئاغزى ئىچىلغان، ئۈستۈنكى- ئاستىنقى چىشلىرى رەتلىك، ئىككى قاتار تىزىلغان. شىرنىڭ بېشى سەل يوقىرىغا قارىغان بولوپ،قىزىقىپ ئوسۇل ئويناۋاتقان ھالەتتە.بەدىنى تىتىرىگەن قىياپەتتە بولۇپ،ئىككى ئادەم چانمىغىدەك ھالدا ئىچىگە يۇشۇرۇنغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىككى پوتىنى يەنىلا ئىنىق كۆرگىلى بولىدۇ. شىرنىڭ يۇمران، بۈدۈر تۈكلىرى ئۇيۇپ چىقىرىلغان.

مانا بۇ ئۇسسۇلچى قونچاق ھەيكىلى ئارقىلىق، قەدىمقى كۆسەنلىكلەرنىڭ شىر ئۇسۇلىنى قانداق ھالەتتە ئوينايدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

جەنۇبى، شىمالي سۇلالىلەر (مىلادى 220-580- يىللار) دەۋىردە ئۆتكەن جۇشىنرۇ «شىياڭيۈنلى»دىگەن كىتاپتا تۇنجى قىتىم «خولارنىڭ شىر ئۇسۇلى»دەپ خاتىرلىگەن. بۇ بەلكىم شىرئۇسۇلىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تونۇلۇشقا باشلىغان  ۋاختى بولىشى مۇمكىن. شر ئوسۇلى غەربى لىياڭ سۇلالىسى (مىلادى 400-420-يىللار)دا ،ئەڭ دەسلەپ ئوينالغانلىغى مەلۇم ، ئاتاقلىق شائىر جويى بىلەن يۈەنجىڭ ئۆزلىرىنىڭ «غەربى لىياڭ ئويۇنلىرى»دىگەن شىئىردا مۇنداق يازغان:

شىلياڭدا ئويۇن بولسا شىر ئويۇنى بولاتتى،

خۇلار تارتىپ نىقابنى شىر ئويۇنى قىلاتتى.

شىرنىڭ بېشى ياغاچتىن، قۇيرۇقلىرى چىڭ يىپەك،

يالغان كۆز ۋە چىشلىرى پارقىرايتتى.

قۇيرۇقىنى ئوينۇتۇپ، شىر ئېتىلار مەيدانغا،

خۇددى يىراق چۆللەردىن كەلگەن كەبى شىلياڭغا.

چىقىپ سەھنە ئالدىغا ئويۇنىنى باشلايتتى.

بۇ شىئىردىن شىر ئوسۇلىنىڭ غەربى لىياڭ سۇلالىسى ۋاقتىدىلا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقىلىشقا باشلىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

تاڭ سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، يىپەك يولى ئېچىلدى. شەرىق بىلەن غەرىپنىڭ سودا- سېتىق ئىشلىرى، مەدىنىيەت ئالماشتۇرۇشى روناق تاپتى، كىشلەرنىڭ باردى- كەلدى ئالاقىسى قۇيۇقلاشتى. شىر ئۇسۇلى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، ئىچكىرىگە كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشقا باشلىدى. ئاستانەشەھەر چاڭئەندە شىر ئۇسۇلىنى كۆسەن سەنئەتچىلىرى ئەركىن، بىمالال ئوينايدىغان بولدى. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە شىر ئۇسۇلىنى ئويناش ئەۋىج ئىلىپ، يۇقىرى دولقۇنغاكۆتۈرۈلدى. ئېلىمىزنىڭ تارىخى ماتىرىياللىرىدا بۇ توغرىسىدا ئېنىق مەلۇماتلار قالدۇرۇلغان.«مەھكىمە مۇزىكىلىرى كۈسەن قىسمى»دا «بەش تەرەپلىك شىر ئۇيۇنى كۆسەندىن چاڭئەنگە تارقالغان» دەپ خاتىرلەنگەن. تاڭ دەۋىردە ئۆتكەن دۇەن ئەنجېنىڭ «مەھكىمەمۇزىكىلىرى» دىگەن كىتاۋىدا«شىر ئوسۇلى كۆسەن مۇزىكىسى بىلەن ئورۇنلىنىدۇ»دېيىلگەن. يەنە شۇ كىتاپقا كىرگۈزۈلگەن«توڭدىيەن» دە «بىر شىرنى ئىككى ئادەم ئوينايدىغان بولۇپ، شىرنىڭ تىرىسىنى يېپىنچاقلاپ، بىر ئادەم ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ،قولىدا شىرنىڭ بېشىنى ئوينىتىدۇ. يەنە بىرى ئادەم ئېڭىشىپ ئالدىنقى ئادەمنىڭ بېلىدىن تۇتۇپ ئوينايدۇ. ئۇلار شۇنچىلىك ماسلاشقانكى، ئۇسسۇلنى شۇنداق ھىسسىياتلىق، ئەركىن ماسلىشىپ ئويناپ، ئۆزلىرىنىڭ قاۋۇل جەسۇرلىغىنى ئىپادىلەيدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن.

تاڭ تەيزۇڭ ۋاقتىدا كۆسەن شىر ئۇسۇلى(بەش تەرەپلىك شىر ئۇسۇلى دەپمۇ ئاتالغان) ئوردىدىلا ئورۇنلىنىدىغان بولۇپ، ناھايىتى ھەيۋەتلىك ئوينالغان. پادىشاھ دائىم چوڭ كۆلەملىك شىر ئۇسۇلى پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرغان ھەمدە ئۆزى رىژىسسورلۇق قىلغان. خاتىرلىنىشچە ياڭ بانۇ ئۆزى شىرئوسۇلىنى ئويناپ پادىشاھنىڭ كۆڭلىنى ئاچقان. پادىشاھ بەش تەرەپلىك شىر ئۇسۇلىغائۆزلىرىنىڭ فىئۇداللىق ئىدىيىسىنى چوڭقۇر سىڭدۈرگەن بولۇپ، شىر ئۇسۇلىنى ئوينىغاندا سېرىق شىر ئوتتۇرىدا ئويناپ مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ چەكسىز ھوقۇقىغاۋەكىلىك قىلىپ پەرىقلەندۈرۈلگەن.تۆت تەرەپتىكى شىرلار يېشىل ،قىزىل، ئاق ۋە قارا رەڭلەردە بولۇپ شەرىق ،غەرپ،جەنۇب ، شىمال تەرەپلەرگە ۋەكىللىك قىلغان.10 ئادەم بەش شىرنىڭ رولىغا چىققان.يەنەشىر ئوينايدىغان ئىككى ئادەم قوشۇلۇپ،جەمى 12 ئادەم ئوينىغان.يەنە 140 كىشىدىن تەركىپ تاپقان ئۇسۇلچىلار كۆسەن كۆيلىرىگە كەلتۈرۈپ، بۇ بەش شىرنى ئوراپتۇرۇپ،”تىنىچلىق كۆيى“ ئۇسۇلىنى ئوينىغان. ئوسۇل مەيدانى ھەيۋەتلىك بولۇپ،گۈللەنگەن تاڭ دەۋرىنىڭ سۈر ھەيۋىسىنى ئىپادىلىگەن.تاڭ پادىشاسى شىر ئۇسۇلىنى ئويناتقۇزۇش ئارقىلىق، ئۇنىڭدىن ھوزۇرلىنىش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ فىئۇدالىق ئىدىيىسىنى كەڭ كۆلەمدە تەرغىپ قىلغان.مانا بۇ دەۋىرلەرگە كەلگەندە كۆسەن شىرئوسۇلى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ئومۇملىشىپ بولغان دەپ ئېيىتىشقا بولىدۇ.

«يىڭى تاڭ نەغمىلىرى تەزكىرسى»دە «شىرئۇسۇلى، ئارغىماق ئۇسۇلى غەربى يۇرتىنىڭ ئۇسۇللىرى ئىدى. شىر ئۇسۇلى غەربى يۇرتتىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقالغان» دىگەن خاتىرە بار.مانا بۇنىڭدىن كېيىن شىرئوسۇلىغا دائىر خاتىرلەر تارىخى كىتاپلاردا ئۇچىرىمايدۇ.بەلكىم بو ۋاقىت كۆسەنلىكلەرنىڭ شىر ئوسۇلىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسدا زۇۋاللىققا يۈزلەنگەن ۋاقتى ھەم شىر ئوسۇلىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ئومۇملىشىپ بولۇپ، خەنزۇلارنىڭ مىللى ئۇسۇلغائايلانغان ۋاقتى بۇلۇشى مۇمكىن.

ھازىرشىنجاڭدا ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئوينۇلۇش ئۇسلۇبى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل شىر ئۇسۇلى مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.شىنجاڭ سەنئەت تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسىس،ئالىملىرى تۆزگەن جۇڭگۇ مىللەتلىرى《خەلق ئارىسىدىكى ئۇسۇللارتوپلىمى-شىنجاڭ بۆلىگى》دە،شىرئۇسۇلى بۇرۇن خۇتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيەسى ۋە بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ لوپنۇرناھىيەسىدىلا ئوينالغانلىغى قەيىت قىلىنىدۇ.

لوپ ناھىيەسىدىكى شىر ئۇسۇلى بولسا قوي تېرىسىنى ئىككى ئادەم تەتۇر كېيىپ،ئۇنىڭ تۆكىنى ھەر خىل رەڭلەردەبوياپ،شىرچە ياسىنىپ،بىشىغا لاتا تارتىپ،لاتىغا شىرنىڭ باش قىسمىنى سىزىپ ،نىقاپلىنىپ، ئىككى ئادەم بىرلىكتە ئوينايدۇ.لوپنۇرناھىيەسىدە بولسا،شىرچە نىقاپلانماي،ئاددى ھالدا، شىرنىڭ ھەرخىل قىياپەت،ھەركەتلىرىنى دوراپ،سەكرەپ،بەدىنىنى قاشلاش قاتارلىق ھەركەتلەر بىلەن ئوينىلىدۇ.

لوپنۇرلۇقلارنىڭ شىر ئۇسۇلى بىلەن خەنزۇلارنىڭ شىرئۇسۇلىنىڭ ئوخشاشلىغىمۇ ۋە مۇئەييەن پەرقىمۇ بار.مەملىكىتىمىزنىڭ  ئىچكى ئۆلكىلىرىدە شىر ئۇسۇلى بولسا،جەنۇپ ۋەشىمال شىر ئۇسۇلىدىن ئىبارەت ئىككى ئېقىمغا بۈلۈنگەن. ئىشكىرىدىكى شىر ئۇسۇلى بولسا ئىككى ئادەم بىر بولۇپ،شىرنىڭ كىيىمىنى كىيىپ، ئوينۇلىدىغان بولۇپ،ئۇنىڭغاباشقا ئۇسۇل ھەركەتلىرى ئارىلىشىپ كەتكەن. ھازىر پەقەت لوپنۇرنىڭ شىر ئۇسۇلىدىلاشىرنىڭ بەدەن ھەركىتى ساقلىنىپ قالغان.

شىرئۇسۇلىنىڭ ۋارىسى لوپنۇر ناھىيەسىدىكى 82 ياشلىق خەلق سەنئەتكارى  ياسىن سەيپى ئاكا بولۇپ ئۇنىڭ يالغان ساقال تاقاپ،لوپنۇرلۇقلارنىڭ تەلپىگىنى كىيىپ،قاپاق،قوڭغىراق ئىسىلغان يىپىنچا ئارتىپ ئوينىغان شىر ئۇسۇلىدا شىرنىڭ ھەيۋەتلىك ئوبرازى نامايەن بولىدۇ.

لوپنۇرشىر ئۇسۇلىدا شىرنىڭ ھەر تۈرلۈك بەدەن قىياپەتلىرى،ھالەتلىرى ،چىراي ئىپادىلىرى ۋەتۈرلۈك ھەركەتلىرىنى دوراپ ئوينىلىدىغان بولۇپ،ھازىر 25خىل ھەركەتتىن تەركىپ تاپقان.شىر ئۇسۇلى ئادەتتە ھىيىتلاردا،يىغىلىش،كۆڭۇل ئىچىش پائالىيەتلىرىدە ئۇسسۇل ئوينۇغۇچىلار يالغان ساقال،مىس قوڭغۇراقلار ئىسىلغان يىپىنچىلارنى ئارتىپ،سۇناي ۋەناغرىنىڭ تەڭكىشىدە ئۇسۇلغا چۈشۈدۇ ھەمدە ناغرىنىڭ ئۇدارى بويىچە دەسسەپ شىرنىڭ ھەرخىل ھەركەتلىرىنى دوراپ ئۇسۇلنى ئەۋجىگە چىقىرىپ،ئۇسۇلنى كۈشلۈك سەنئەت  تەسەۋۋۇرىغا ئىگە قىلىدۇ.

دىمەك شىر ئۇسۇلى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى بولۇپ،ئۇنىڭ بارلىققا كەلگىنىگە نەچچە مىڭ يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ،تا بۈگۈنگىچە ئۆزىنىڭ جەلىپكارلىغىنى يوقاتماي،جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئاسمىنىدا ،پارلىغان يۇلتۇز بولۇپ،خەلققە زور خوشاللىق بىغىشلىماقتا.

پايدىلانغان ماتىرىياللار

(1)ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا – ئۇسسۇل سەنئىتى»،ئۇيغۇرچە، 78–، 79– بەتلەر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1980– يىل نەشرى.

(2) «ۋېي سۇلالىسى تارىخى. غەربىي رايون تەزكىرىسى»گە قارالسۇن.

(3) ئا. فون گانائىن: «قارا قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقى»، «شىنجاڭ داشۆئىلمىي ژۇرنىلى»، ئۇيغۇرچە، 1980– يىل 3– سان 69– بەت.

(4) ئا. فون گانائىن: «قارا قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقى»، «شىنجاڭ داشۆئىلمىي ژۇرنىلى»، ئۇيغۇرچە، 1980– يىل 3– سان 69– بەت.

(5) قۇربان ۋەلى: «بىزنىڭ تارىخى يېزىقلىرىمىز»، ئۇيغۇرچە، 72– بەت،شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1986– يىل نەشرى.

(6)ئابدۇرەھىم ھەبىبۇللار «ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيىسى»شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى

(7)ئابدۇرەھىم ھەبىبۇللا « ۋە  ئۇيغۇرلىرىتوغرىسىدا» «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» 1987 – يىللىق ئۇيغۇرچە 3 – سان

(8)چيۇ لىڭ تۈزگەن ‹‹غا ئائىت ماتېرىياللاردىن توپلام ›› ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى››ژۇرنىلى تەھرىراتى 1991 – يىلى خەنزۇچە نەشرى

(9)ئابدۇرەھىم ھەبىبۇللا ‹‹  ۋە  ئۇيغۇرلىرىتوغرىسىدا ›› ‹‹ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ›› 1987 – يىللىق ئۇيغۇرچە 3– سان

(10) گېڭ شىمىن: «بۇددا دىنىنىڭ قەدىمكى شىنجاڭ ۋە تۈركى خەلقلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقىلىشى» — «شىنجاڭ داشۆ ئىلمىي ژۇرنىلى»، ئىجتىمائىي پەن قىسمى، ئۇيغۇرچە، 1983– يىل 11– سان 142– بەت.

مەنبە:لوپتېكىن مەدەنىيەت مىراسلىرى تورى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3407

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-09-29
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: