شىنجاڭدىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى(سۈرەتلىك1)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار،بىز ياشاۋاتقان بۇ زېمىن ئۆز قوينىدا ئاجايىپ تارىخى مۆجىزىلەرنى ساقلاپ، كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدىغان مەنزىرىسى، مەدەنىيىتى بىلەن نۇرغۇن ئالىملارنىڭ دېققىتىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دىيارىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلگەن ئارخئولوگىيەلىك بايقاشلار بۇ نوقتىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. مەن كەڭ دىيارىمىز تارىخىغا قىزىقىدىغان دوستلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاش، ئۆز يۇرتىغا بولغان قايىللىق ۋە مايىللىق تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە، بۈگۈندىن باشلاپ، شىنجاڭدىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بىر قىسىم سۈرەتلىرىنى باسقۇچلارغا بۆلۈپ ھۆزۇرۇڭلارغا سۇنماقچى. بۇ سۇرەتلەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مۇزىي تەرىپىدىن تەييارلىنىپ، 1975-يىلى نەشىر قىلىنغان رەسىملىك توپلامدىن ئېلىندى. ئەسلى سۈرەتلەرنىڭ رەزمى بەك چوڭ بولغاچقا، قىسمەن سۈرەتلەرنى پرىسلاشقا توغرا كەلدى. شۇ سەۋەبتىن بەزى سۈرەتلەرنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى تۆۋەنلەپ كەتكەن بولىشى مومكىن. دوستلارنىڭ توغرا مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=1000