بۈركۈت دېسەم سا چىقتى،ئالتۇن دېسەم جا چىقتى
ھازىر كىشىلەرگە ئىشىنىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالدىم.بولۇپمۇ،باشقىلار بىلەن ئىقتىسادى مۇئامىلە قىلغاندا ئالاھىدە دېققەت قىلىش كېرەك ئىكەن.تېخى بىر نەچچە يىل بۇرۇنلا كىشىلەرنىڭ قويمىچىغا قويۇلۇپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ،قانداق ئادەم قولىدىكى تەييار پۇلنى باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويىدىغاندۇ؟دەپ ھەيران قاپتىكەنمەن.
”كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس“،“كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭ بېشىغىمۇ كېلىدۇ“،“...
بىزدىكى ياتلىشىش ئېڭى
ئاۋىستىرىيىنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى فرانزكافكا(1883-1924)ئۆزىنىڭ“شەكىل ئۆزگەرتىش خاتىرسى“ناملىق مەشھۇر پوۋىستى ئارقىلىق20-ئەسىر غەرپ جەمىيىتىدىكى ياتلىشىش ھادىسلىرىنى تولۇق ۋە مۇككەممەل ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى.ئەسەردە ئادەم بىلەن جەمىيەت،كىشىلەر بىلەن كىشىلەر،ئادەم بىلەن ھازىرقى زامان پەن تېخنىكىسى،ئادەم بىلەن ئۇنىڭ ئۆزلۈكى ئوتتۇرسىدىكى ياتلىشىش ناھايىتى ئوبرازلىق يول بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن.ئەسەردىكى باش قەھرىمان گېرىگول ئائىلىدىن،جەمىيەتتىن ۋە خ...
باش كىيىم،مەكتەپ ۋە ئەنئەنە
”ياغلىق ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى باش كىيىمى. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن، ئاياللارنىڭ يۈز ئىتىشى تەدىرىجى ئادەت تۈسىنى ئالغان. چۈنكى ئىسلام دىندا ئاياللار يات ئەرلەرگە كۆرۈنسە ”نامەھرەم“ دەپ قارىلىدۇ. ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ ياغلىق سېلىشى ئىسلام دىننىڭ بۇ قائىدىسىگە ماس كەلگەچكە، ئۇيغۇر فىئودال دىنىي ئىمتىياز ئىگىلىرى ئۇنى ئۆز ئېھتىياجىغا بوي سۇندۇرۇش يۈزسىدىن ئاياللارنىڭ ياغلىقتا، يۈزىنى ئىتىشىنى كۈچلۈك ت...
يېمەك-ئىچمەك، روھىيەت ۋە مىللەت
ئادەم بۇ دۇنياغا كەلگەندىن كىيىنكى بىرىنچى ئېھتىياجى يېمەكلىك ياكى قارا تىل بىلەن ئېيتقاندا قورساق تويغۇزۇش ئېھتىياجى. ئىشچىلار سىنىپىنىڭ مەشھۇر ئۇستازى ماركىسمۇ ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرىدە ئەڭ ئاۋال ماددىي ئېھتىياج قانغاندىلا ئاندىن مەنىۋى ئېھتىياجنىڭ قاندۇرلۇش تەلىپىنىڭ شەكىللىندىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان. بۇ مەيلى ئادەم مەيلى ھايۋاندا بولسۇن، تەبىئى شەكىللىندىغان ئېھتىياجدۇر. شۇنداق بولغاچقىمۇ، ئىنسانلار جەمىيىتى ئۆز تەرەققىيات تارىخىدا ئۆزلىرى يا...
شىۋېتسىيە دىن تارقاتقۇچىللىرى قەشقەردە
يى جياڭ
شىۋىت مىسىيونىرلىرى ۋە قەشقەردىن يىغىۋىلىنغان يىتىم -يسىر بالىلار
1905-يىلنىڭ ئاخىرلىرى زور تۈركۈمدىكى ئەنگليە ،ھىندىستان سودىگەرلەر گۇروھى ۋە شىۋىتسىيە دىن تارقاتقۇچىللىرى قەشقەرگە يىتىپ كەلدى.
شىۋېتسىينىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق ھۈكۈمەت ئەۋەتكەن ئورگىنى يوق بۇلۇپ، پەقەت خەلق ئىچىدىكى تەشكىلاتلىرى بار ئىدى، ئەنگليىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانسى ۋاكالىتەن باشقۇراتتى.شىۋېتسىيە قەشقەردە بىر ئېنجل ئۇقۇتۇش مەكتىپى قۇرغان بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئى...
ھۆكۈمدارلار دەستۇرىدىن ھېكمەتلەر
كىتاپ ئوقۇسام ئاخىرلاشقاندىن كىيىن،ئۆزۈم ياقتۇرغان يەرلىرىنى خاتىرلىۋالىدىغان ئادىتىم بار ئىدى،بۈگۈن ماتىرىياللىرىمنى رەتلەۋىتىپ قولومغا تۇيۇقسىز بىر خاتىرە دەپتىرىم چىقىپ قالدى.بۇ خاتىرە دەپتىرىمگە نىككولو ماكياۋىللىنىڭ“ھۆكۈمدارلار دەستۇرى“دېگەن كىتابىدىن ئېلىنغان نۇرغۇن ئۈزۈندىلەرنى خاتىرلەرپ قويۇپتىكەنمەن.ئۇنى بىر باشتىن ئوقۇپ چىقتىم.خۇددى يېڭى بىر كىتاپ ئوقۇغاندەك يېنىكلەپلا قالدىم.كۆڭلۈمدە ئۆزۈم جاۋاپ تاپالمايۋاتقان نۇرغۇن مەسىلەر...
قوشقار بىلەن بۇقىنىڭ تاش بۆرىكىنىمۇ يەمدۇق؟
ئادەم بۇ دۇنيادا ياشاش جەريانىدا نۇرغۇن ئاجايىپ-غارايىپ ئىشلارنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرىدىكەن.بىز ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنغا ئېتىقاد قىلىش بىلەن بىرگە،يەرلىك ئالاھىدىلىكىمىزگە ماسلاشتۇرۇپ ئۆزىمىزگە خاس يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى شەكىللەندۈرگەن خەلق.بىزدە يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە ھالال ۋە ھاراملىق چۈشەنچىسى بىزنىڭ ئىستىمال ئۆلچىمىمىز قاتارىدا ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقىلى خىلى يىللا بولۇپ قالدى. ئاللاھ تائالا قۇرئانى كەرىمدە ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ :«ئاللاھ...
ئىسلام دىنىنىڭ لوپ رايونىغا تارقىلىشى ھەققىدە
غالىب بارات ئەرك
لوپ – تارىم ۋە كۆنچى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاياغ ئېقىنىنى كۆرسىتىدىغان تارىخىي نام. مۇشۇ رايوندا ياشىغان ئاھالىلەر ئۆزلىرىنى يۇرت نامى بىلەن« لوپتۇق» ( لوپلۇق ) دەپ ئاتايدۇ . ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقالغان ۋە دەسلەپ راۋاجلانغان ۋاقىتلاردا لوپ رايونى ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلى تەۋەسىدە بولغانلىقى،ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ، پىنھان بىر ماكانغا ئايلىنىپ قالغانلىقتىن ، ئىسلام دىنىنىڭ تارقالغان ۋاقتى ھەققىدە مۈجىمەل قاراشلار ...
شەكىل ۋە روھىيەت ئۆزگىرشى ھەققىدە پىشمىغان خىياللار
ئامېرىكىنىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى ئوباما تەختكە چىقىش ئالدىدا“بىز ئۆزگىرىشكە موھتاج“دېگەن ئىبارىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى كىرزىسىنى ھەل قىلىش ئىرادىسىنى بىلدۈرگەندىن كىيىن، خۇددى مەن بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغاندەك،ئۇيغۇر تىلى لۇغىتىگە يېڭىلا قوشۇلۇپ قالغاندەك دائىم ”ئۆزگىرىش“دېگەن بۇ سۆز ھەققىدىلا كۆپ خىيال سۈرىدىغان بولۇپ قالدىم.ئەمدى ئويلاپ باقسام“ئۆزگىرىش“سۆزىنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنە...
قۇرۇقتاغ قىيا تاش رەسىملىرى1-گۇرۇپپا
قۇرۇقتاغ قىيا تاش رەسىملىرى ئېلىمىزنىڭ شىمالىدا ياشىغان قەدىمكى كۆچمە چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ئىپتىدائى سەنئىتىنىڭ خېلى موھىم ئىزىدىن ئىبارەت. قىيا تاش رەسىملىرى لوپنۇر ناھىيە تەۋەسىدىكى قۇرۇق تاغنىڭ شىڭدى جىلغىسىدا بولۇپ، شىنجاڭدا خېلى بۇرۇن بايقالغان ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆلىمى خېلى چوڭ قىيا تاش رەسىملىرىدۇر. رەسىم سىزىلغان قىيا تاشنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 15 مېتىر، ئىگىزلىكى تەخمىنەن ئالتە مىتىر بولۇپ، چوڭ-كىچىك رەسىملەر ئاز-كەم 300 گە يېتىدۇ. رەسىملەرنىڭ ...