ھاجەتمەن دېھقانلار ۋە نائىنساپ ئىشلەمچىلەر
بىر ئىككى يىل بۇرۇن تەكلىماكان بىلوگىدا ”ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا بولغان چوڭ تەسىرى”تېمىسىدىكى بىر ماقالىنى كۆرگەن ئىدىم. ماقالىدە ئامېرىكىدىكى ئىقتىسادى كىرزىسىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىمىزنىڭ كىرىمىگە تەسىر كۆرسىتىش سەۋەپلىرى تەھلىل قىلىنىپ، ئاخىردا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ شۇ يىللىق كىرىمىنىڭ ئالدىنقى يىلىغا قارىغاندا بەكلا تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى سۆزلىنىپتىكەن. مەن باشقا جايلاردىكى دېھقانلارنىڭ بۇ بىر نەچچە يىللىق پاختا...
مەھمۇد كاشغەرى ئىزىدىن
( ئەدەبىي خاتىرە )
غالىب بارات ئەرك
ئانا تىل مىللەت مەۋجۇدلىقىنىڭ يىلتىزى . ئانا تىلنى ئۈگۈنۈش ۋە قوللىنىش ، راۋاجلاندۇرۇش، ئەنە شۇ تىل ئارقىلىق تىلى چىققان ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى ، بۇرچى ۋە ئانا تىل ئالدىدىكى قەرزى . بىر نېمىس ئالىمى شۇنداق دەيدۇ: ‹‹بىر مىللەتنىڭ تىلى شۇ مىللەتنىڭ روھى،بىر مىللەتنىڭ روھى شۇ مىللەتنىڭ تىلىدۇر››.ئۇيغۇر تىلى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخنى باشتىن كەچۈرۈپ دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلدى. ئورخۇن–يېنىسەي ۋاد...
ئەينى يىللاردا ئۇيغۇرلاردا كىتاپپۇرۇشلۇق
گۇننار ياررىڭ
__بۇ ماقالا شىۋېتسىيىلىك مەشھۇر تۈركولوگ گۇننار ياررىڭ ئەپەندىنىڭ ”جەنۇبىي شىۋېتسىيە كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى“نىڭ 1934-يىلى 22-ئاپرىل سانىدا ئېلان قىلىنغان ماقالا بولۇپ، مەزكۇر ماقالە ھازىر شىۋېتسىيە خانلىق كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىۋاتىدۇ)
شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ ،كۆككە تاقاشقۇدەك ئىگىز ۋە ئەگرى _توقاي تاغلىرى بىلەن ئۆزىنى ياۋلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداپ تۇرىدۇ.ئۇ يەرگە تېخى سانائەتنىڭ ئايىقى ت...
پەلەكتىن قۇيۇن….
قاچانكى مەنسەپكە مىنىپ قالدىم.ئەتىراپىمدا ھەر بىر يۇرتتىن كېلىپ يوقلاپ تۇرىدىغان“تۇققانلىرىم“پەرۋاز ئەيلىدى.شىرىن تۇيغۇ كېچە-يۇ كۈندۈز قەلبىمنى يايرىتىپ تۇراتتى.ئۇلارغا نەزەر سېلىپ قويسام،گويا باھار نۇرى چېچىلغاندەك،ھەر بىرىنىڭ روھى ۋە دىلى شادلىققا چۆمۈلۈپ كېتەر ئىدى.مەنمۇ ھوقوقۇمنى ئۇلادىن ئاياپ باقمىدىم،باشلىرىنى سىلاپ تۇردۇم.بىرىنى يىراق جايدىن يېقىن يەرگە يۆتكەپ قويدۇم؛يەنە بىرىنى“كەمبەغەل ئىدارىدىن“پۇللۇق“ئىدارىگە ئالماشتۇرۇپ...
1.ياڭ زېڭشىن 1863-يىلى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ مېڭزى ناھىيىسىدە بيۇكرات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1889-يىلى يىگىرمە ئالتە يېشىدا بېيجىڭدا دۆلەتلىك كېجۈي ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، جىنشى ئۇنۋانىنى ئېلىپ ئەمەلدار بولغان ۋە گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جۇڭۋېي ناھىيىسىدە ئامبال،خېجۇ ۋىلايىتىدە ۋالىي،گەنسۇ ھەربىي مەكتىپىدە مۇدىرلىق ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن.
ئۇ 1907-يىلى 44يېشىدا،شىنجاڭنىڭ شۇ چاغدىكى باش مۇپەتتىشى ليەن كۈينىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن شىنجاڭغا چىقىپ،شىنجاڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان.1912-يىلى ش...
ھارغىنمەن،ئەمما خۇشالمەن
بىر كىشى ھايات چېغىدىكى گۇناھلىرى ئۈچۈن دوزاققا تاشلىنىپ،چوڭ بىر قورام تاشنى تاغ چوققىسىغا ئېلىپ چىقىشقا بۇيرۇلۇپتۇ.ئۇ ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ قارا تەرگە چۆمۈپ تاشنى مىڭ تەستە تاغ چوققىسىغا ئېلىپ چىقىشىغا تاش گۈلدۈرلەپ پەسكە چۈشۈپ كېتىدىكەن.يەنە ئېلىپ چىقسا يەنە چۈشۈپ كېتىدىكەن.ئۇ دومىلاپ چۈشۈپ كېتىۋاتقان تاشقا قاراپ ئاچچىقتىن يىغلاپ كىتىدىكەن.كۈنلەر شۇ تەرىقىدە داۋاملىشىپ كېتىۋېرىپتۇ.ئەمما ئۇ بەقەتلا ئامال قىلالماپتۇ.بىر كۈنى ئۇ دومىلاپ چۈشۈپ كېتىۋاتقان تاشقا قارا...
بىزنى ئارزۇ-ئارماندىن مەھرۇم قىلىدىغان ئىشلار قايسى؟
بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى يۈز ئوقۇغۇچىنىڭ“مېنىڭ ئارزۇيۇم“تېمىسىدىكى ماقالىسىنى يىغىپتۇ.بۇ يۈز ئوقۇغۇچىنىڭ ئارزۇسى يۈز خىل ئىكەن.بىز ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قانچىسىنى كۆرۈپ باقايلى:
كۆزەينەك تاقايدىغان بىر بالا مۇنداق يېزىپتۇ.“مېنىڭ كۆزۈم ياخشى بولمىغاچقا،ھەر قېتىم ۋاسكىتبول ئوينىغاندا،ھېچكىم مېنى ئالغىلى ئۇنىمايدۇ.مەن چوڭ بولغاندا،كۆزى ناچار ئادەملەر قاراپ قويسىلا ساقىيىپ كېتىدىغان بىر ئەسۋاب ئىجاد قىلىمە...
ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ ”ئويغانغان زىمىن“ رومانىدا جاللات شىڭشىسەينىڭ تەرەپىنى قىلىدىغان ئىككى روسىيىلىك كونسۇل تەسۋىرلىنىدۇ.ئۇنىڭ بىرى زىلاتىكىن يەنە بىرى بولسا ئاپرىسوۋ.زىلاتىكىن شىڭ شىسەينى قوللاپ ئۇنىڭ خوجىنىياز ھاجىلار بىلەن ”جىمسار پۈتۈمى“ئىمزالىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.ھەمدە سوۋىت ئىتىپاقىغا ۋاكالىتەن بۇ پۈتۈمنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەت بېرىدۇ.لىكىن شىڭشىسەينىڭ مەقسىتى مۇشۇ ئىش ئارقىلىق خوجىنىياز ھاجىلارنى قىلتاققا دەسىتىش ئىدى.بۇ پۈتۈمنىڭ روھى بويىچە ش...
پېشقەدەم قوشاقچى ۋە داستانچى بېغىم نىياز
بېغىم نىياز 1893-يىلى لوپنۇر ناھىيە تىكەنلىك رايونى يېڭىسۇ كەنتىدە ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدە ئۆز دادىسىدىن تەلىم ئېلىپ ساۋادىنى چىقارغان. ئۇنىڭ ئۆز ئىسمى موللا بولۇپ، دادىسى نىياز سوپى ئىكەن. چوڭ دادىسىنىڭ ئىسمى باغ نىياز بولۇپ، كېيىن موللا دىگەن ئىسىمنى نىيازغا ئۆزگەرتكەن.
باغ نىياز ئاكىنىڭ دادىسى نىياز قۇلى بوۋاي، ئۇنىڭ دادىسى ئىبراھىم بوۋاي ئۇنىڭ دادىسى پىراق قازى(ئەمەل ئىسمى)بوۋاي ئىكەن. بېغىم نىيازنىڭ بوۋىلىرى ئۆز ۋا...
لوپلۇقلار ھاياتىنىڭ بەدىئىي قامۇسى
مۆيدىن سايىت بوستاننىڭ« كروراندىكى ئىزچىلار »ناملىق تارىخىي رومانىنىڭ نەشر قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن
غالىب بارات ئەرك
2008–يىلىنىڭ قۇتلۇق نەۋرۇز كۈنلىرىدە ئۇزۇندىن بېرى خەۋىرىنى ئاڭلاپ زارىقىپ كۈتكەن ، مۆيدىن سايىت بوستان ئەپەندىنىڭ ئىككى توملۇق مۇبارەك تارىخىي رومانى«كرورانلىق»نىڭ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان،سۈپەتلىك مۇقاۋىلانغان نۇسخىسى قولىمىزغا تەگدى.مانا،روماننى ئوقۇپ ئاخىرقى سەھىپىلىرىنى تاماملىدىم ۋە ئەپەندىمنىڭ ئىجتىھاتىدىن...