شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەر ناملىرى توغرسىدا
ئابدۇخېلىل راخمان
قىسقىچە مەزمۇنى:
بۇ ماقالىدە شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنغا مۇناسىۋەتلىك يەر ناملىرىنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمى ئۈستىدە قىسقىچە تەھلىل ئېلىپ بېرىلىش بىلەن بىرگە سىتاستىكا ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ تۈرلىرى، تارقىلىشى، ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدىكى مەسىللەر يورىتىلىپ بېرىلدى.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: شىنجاڭ، ئىسلام دىنى ، يەر ناملىرى
ئىسلام دىنى – دۇنيادىكى ئاساسلىق دىنلارنىڭ بىرى . يەنى ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلە...
لوپنوردىكى سىرلىق غايىپ بولۇش
لوپنور تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى چۆل-باياۋان بولۇپ ،لوپنۇر كۆلى بىلەن نامى مەشھۇر .
لوپنۇر رايونىنىڭ تارىختا ئاجايىپ سەلتەنەتلىك دەۋرى بولغان .ئىلگىرى بۇ يەردىمۇ يېشىل ئوت-چۆپلەر بىلەن قاپلانغان بوستانلىقلار ۋە سۈيى ئەلۋەك گۈزەل مەنزىرلەر بار ئىدى.ئەمما ھازىر بۇ يەر سىرلىق ھالاكەت ماكانىغا ئايلاندى.ھەتتا بەزىلەر ئۇنى ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىدىكى ”سىرلىق رايون“دەپ ئاتاشماقتا .قەدىمدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە بۇ يەردە نۇرغۇنلىغان يۈكسەك ئىر...
ئۈيۈمنىڭ ئالدىدا ”شۈكۈرگاھ“تىن بىرسى بار
سىزبۇرۇن“ئارامگاھ“،“جەمگاھ“،“جەڭگاھ“،“بارگاھ“دېگەندەك“گاھ“قوشۇمچىسى ئۇلانغان ئۆزىدە مەلۇم خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ“مەيدان،سۇرۇن“بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇمنى بىلدۈردىغان سۆزلەرنى ئاڭلىغان بولىشىڭىز مومكىن.لىكىن“شۈكۈرگاھ“دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ باقمىغان بولىشىڭىز تەبىئىي. مەن بۇ سۆزنى يۇقارقى سۆزلەرنىڭ ياسىلىش ئۇسۇلىغا تەقلىد ياساپ چىقتىم.بۇ سۆزمۇ باشقا“...
ئىلمىي ماقالە ۋە ئۇنى يېزىشتا ساقلانغان مەسىلىلەر
ماتىرىياللاردىن تاللاپ رەتلىگۈچى:لوپنۇرى
ئىلمى ماقالە- مەلۇم بىر ساھادىكى ئىلمى مەسىلىلەرگە نىسبەتەن تەكشۈرۈش، تەتقىقات ئېلىپ بارغاندىن كىيىن، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئىلمى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى بايان قىلىدىغان نەزىريىۋى ماقالىدۇر.
مەيلى تەبىي پەن ياكى ئىجتىمائى پەن بىلەن شۇغۇللىندىغانلار بولسۇن، ئۆزنىڭ شەخسى پىكىر ۋە كۆز قاراشلىرىنى، ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن ئىلمىي ماقالە ۋاستىسىدىن پايدىلىنىدۇ....
بۇ سۇرەتنى روسىيەلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى پرژىۋالىسكىي تارتقان
لوپلۇقلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خانى_ كۈنچىققانبەگ
غالىپ بارات ئەرك
قەدىمدىن تارتىپ تارىم، كۆنچى ۋە چەرچەن دەريالىرى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىگە ئېقىپ كېلىپ، بۇ جايدا لوپ، قاراقوشۇن، قارا بوران، ئارقا كۆل، تېيىز كۆل، قارا كۆل، تارتما كۆل قاتارلىق نۇرغۇن كۆللەرنى شەكىللەندۈرگەن. ئەجدادلىرىمىز مۇشۇ دەريا – كۆللەرنى مەركەز قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى ياراتقان، بۇ مەدەنىيەت دەسلەپكى چاغلاردا كروران مەدەنىيىتى دەپ، ...
سىزنى سۆيۈپ قويايچۇ دادا
ھەر بېتى كۆز ياشلىرىم بىلەن نەمدەلگەن كىچىككىنە خاتىرە دەپتەرنى تۇتۇپ،ئۆكسۈگىنىمچە،مەن بىلەن تەڭ يىغلاۋاتقان تۇتۇق ئاسمانغا قاراپ تۇرۇپتىمەن.
مەن بىر ئاتا،لىكىن ئۆز پەرزەنتىنىڭ كۆڭلىنى ئالالمىغان ئۆز پۇشتىدىن تامغان بالىسىغا مېھرىبانلىق ئاتا قىلالمىغان رەھىمسىز،باغرى تاش ئاتا.مەن مۇشۇنداق يىغلىغانغا ئوماق ئوغلۇم قايتىپ كېلەمدۇ؟ياق،ياق!ئۇ مەندەك ئەقىلسىز-قارا يۈرەك ئاتىنىڭ يېنىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى.ئىچىمنى تاتلاۋاتقان روھ غەليانلىرى ماڭا نەپرەتلىك شىۋىرلىماقتا...
ئۇستام شاگىرتىڭىزغا قاچان ھۈنەر بېرىسىز؟
نىمىشقىكىن سىرتلارغا چىقىپ قالسام ئەتىراپىمدىكى باشقا كىشىلەرنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە ئىختىيارسىز دېققەت قىلىپ سالىمەن.بۇ ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ بەزىلىرى ھەققىدە ئۇزاقتىن-ئۇزاق ئويلىنىپمۇ كېتىمەن.بەزىدە بىر قىسىم ئادەملەرنىڭ باشقىلارغا تۇتقان قوپال مۇئامىلىلىرىنى كۆرگەندە،ئازار يېگۈچىلەر بىلەن بىر قاتاردا ئازابلىنىپ كېتىمەن.
مەن بىر يىلدىن بۇيان چاچ ئالدۇرۋاتقان بىر ساتىراشخانا بار ئىدى.بۇ ساتىراشخانا بېزىلىشى ئاددىي بولسىمۇ،خوجايىننىڭ ساتىراشلىق تې...
ئۇستازلار، ئەمدى بىلىمىمىزنى يېڭىلامدۇق؟
ھازىرقى دەۋىرنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن ئېيتقاندا،بىلىم ۋە ھەر خىل ئۇچۇرلارنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز.باللىرىمىز ناۋادا كەلگۈسىدىكى كۈچلۈك رىقابەتلەردىن ئامان-ئېسەن ئۆتۈمىز دەيدىكەن چوقۇم ئىزچىل ھالدا ئۆزىنى يېڭىلىشى،توختىماي قاسراق تاشلاپ ئىدىيىسىنى زامانغا ماسلاشتۇرىشى كېرەك ئەلۋەتتە.بۇ بىز كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ پاكىت تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەت.ئەمدىكى مەسىلە كىيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ بىلىمىنى قانداق يېڭىلىشى،قايسى يول ۋە ۋاستە بىلەن يېڭىلىش...
”سەھرا چىراي“دىن ”ئۇيغۇر چىراي“غا …
ئادەملەر زادى قاچاندىن باشلاپ بىر بىرىنى ياراتمايدىغان،كەمسىتىدىغان بولۇشقا باشلىغانلىقىغا بىر نېمە دېمەك تەس.بەلكىم كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرسىدا باي كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بۇ خىل ئىللەت ئاستا-ئاستا بارلىققا كەلگەن بولىشى مومكىن.كىشىلەردىكى بىر-بىرىنى ياراتماسلىق ۋە كەمسىتىش ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ پاجىئەلەرنىڭ مەنبەسى بولغانلىقىدا گەپ يوق.دۇنيادىكى تەڭسىزلىكلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەنە...
قىمارۋازلارنىڭ پۇشايمان خاتىرسى
خەلقىمىز ”قىمار“دېگەن بۇ سۆزنىڭ ئاخىرىدىكى“ر“تاۋىشىنى چۈشۈرۈپ تەلەپپۇز قىلىشقا ئادەتلەنگەن. مېنىڭچە بۇ بىر جەھەتتىن تىلشۇناسلىقتىكى تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىش ھادىسسىگە كىرىدىغان نورمال ئەھۋال.يەنە بىر تەرەپتىن خەلقىمىز بۇ سۆزنى ئويغۇر تىلىدىكى ئىنكارنى بىلدۈردىغان پېئېل“قىلما(تەلەپپۇزدا يەنە قىمما شەكلىدىمۇ كېلىدۇ)“پېئىلىغا يېقىنلاشتۇرۇپ تەلەپپۇز قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ بالا-چاقا،ئۇرۇق-تۇققان،دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ خاتا...