سەددىچىن سېپىلى لوپنۇر كۆلىگىچە ياسالغانمۇ؟
2001-يىلى2-ئاينىڭ 21-كۈنى،شىنخۇا ئاگىنتلىقى پۈتۈن مەملىكەتكە بىر خەۋەر تارقاتتى.خەۋەردە“يېقىنقى ئارخىلوگىيىلىك بايقاشلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى،دۇنياغا داڭلىق سەددىچىن سېپىلى شىنجاڭدىكى لوپنۇر كۆلىگىچە سوزۇلغان بولۇپ،غەربىي ئۇچى كىشىلەر دائىم ئېيتقاندەك گەنسۇنىڭ جىيايۈگۇەندە ئەمەس“دېيىلگەن.ناۋادا مۇنداق بولغاندا سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئۇزۇنلىقى ئەسلىدىكىدىن 500كلومىتىر ئۇزارغان بولىدۇ.
بۇ خەۋەر تارقىلىشى بىلەنلا،نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ د...
ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى ئېچىنىشلىق بىر كارتىنا
1943-يىلىدىن باشلاپ ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنىڭ ئۈچۈنچى باسقۇچلۇق دەۋرى باشلاندى.شىڭ شىسەينىڭ خائىنلىق ئەپتى-بەشىرسى ئاشكارلىنىپ لىن جىلۇ قاتارلىق ئىنقىلاپچىلار ئارقا-ئارقىدىن قاماققا ئىلىندى.پۈتۈن مائارىپ ساھەسى باشقا ساھەگە ئوخشاش گومىنداڭ دائىرلىرىنىڭ قولىغا ئۆتتى.
مۇشۇ مەزگىلدە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى،قوشۇمچە ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىننىڭ مۇدىرلىغىنى گو چىڭخۇا تاپشۇرۋالدى....
زەپ سېغىندىم سىلەرنى،
ئوماق ئوغلۇم ئايالىم.
سىلەر بىلەن بۇ تەندە.
تولۇق ئىكەن مادارىم.
سىلەر بىلەن يورۇقكەن،
مېنىڭ غېرىپ دىلخانەم.
سىلەر قۇياش بولغاچقا،
چاقناپ تۇردۇم ھامانەم.
كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى،
ئوماق ئىللىق چىرايلار.
سىلەرنىلا مەزمۇن قىپ،
سۈرۈلدى قەن خىياللار.
مېنىڭ ئۈچۈن زور بەخت،
سىلەر ئۈچۈن كۈلۈشمۇ.
سېغىنىشقا جۆر بولۇپ،
ئوت ئىچىدە كۆيۈشمۇ.
تاشپاقىدەك ئۆمىلەپ،
ھورۇن ۋاقىت ئۆتمەكتە.
خۇدا قىلسۇن بىزلەرنى،
پات ئارىدا دەرقەمتە.
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى
...
ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىستىلىستىكىلىق يول بىلەن ياسالغان سۆزلەر توغرىسىدا دەسلەپكى ئىزدىنىش
قىسقىچە مەزمۇنى:مەزكۇر ماقالىدە ئىستىلىستىكىلىق يول بىلەن ياسالغان سۆزلەرنىڭ قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى،ياسىلىش يوللىرى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقى، نۇتۇق جەريانىدىكى قوللىنىلىشى، ئىپادىلەش ئۈنۈمى، ئۇلارنىڭ باشقا سۆز ياساش ئۇسۇللىرىدىن پەرقى ۋە ئۇلارنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى قاتارلىق تەرەپلەر ئەمەلى مىساللار ئارقىلىق كۆرسىتىپ بېرىلدى.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:ئىستىلىستىكىلق يول، سۆز ياساش، ئۇيغۇر تىلى
جەمئىيەت ئ...
مەكتەپ ھەققىدە مۇخەممەس
سالى خۇدابەردى
ئىلىم-پەن باغىدا شىرىن مىۋە پىشمايدۇ مەكتەپسىز،
قېنىپ تەشناسىغا دىللار چېچەك ئاچمايدۇ مەكتەپسىز،
بىلىم دەرياسى دولقۇنلاپ راۋان ئاقمايدۇ مەكتەپسىز،
ئەقىل-ئىدراك قۇشى ئەركىن قانات قاقمايدۇ مەكتەپسىز،
سائادەت دىلبىرى خۇشخۇي كۈلۈپ باقمايدۇ مەكتەپسىز.
ئەشۇ مەكتەپتە سىڭدۈردۇق كۆڭۈلگە ئەڭ ئېسىل خىسلەت-
تاپمايتى ئۇنىڭسىز ھېچ ئۆمۈر زەرىچە قىممەت،
ئىلىم-مەرىپەت باغىنى شۇڭا دەيمىز گويا جەننەت،
تالاي ئۆسمۈر،ئوغۇل-قىزلار ئۇنىڭدىن ئالدى كۈچ-غەيرەت،
بولۇپ دۇ...
پرژىۋالىسكىنىڭ لوپنۇر ھەققىدىكى خاتىرلىرى
لوپ كۆلىگە قىلىدىغان ئېكىسپىدىيەمنىڭ تۇنجى قەدىمىنى لوپ تەۋەسىدىكى تۇنجى بېكەت-كۆنچى كەنتىدە كېمىدە باستىم.بۇ مىلادىيە1876-يىلى9-ئاينىڭ10-كۈنى ئىدى.(كىروراندىكى ئىزچىلار ناملىق كىتاپ 2-توم 69-بەت)
مانا بۈگۈن مەن تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئوتتۇردىن كىسىپ ئېقىۋاتقان كۆنچى دەرياسى بويىدىكى ئىگىز بىر قۇم دۆۋىسى ئۈستىدە،نەچچە ئەسىرلىك سەزگۈرەشتىنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن قېرى،ئەمما ياپ-يىشىل تۇرغان توغراق تۈۋىدە ئولتۇرىمەن.ئىككىنچى قېتىملىق ئېكىسپىدى...
”نوپۇزلۇق مۇنبەر“گە يانداشقان ئويلار
مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلىمىنىڭ ”نوپۇزلۇق مۇنبەر“پىروگراممىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى ھېسلار
يېقىندا تور ئارلاۋېتىپ مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلىمىنىڭ تور بېتىگە كىرىپ قاپتىمەن (بۇ بېكەتنىڭ تور ئادىرىسى
).بۇ تور بەتتىكى بىر قىسىم سەھىپىلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇ پروگراممىلارغا بەكلا قىزىقىپ قالدىم.كۈندە ۋاقتىم چىقسىلا بۇ تور بەتكە كىرىپ ئۇيغۇرچە سە...
« مىراس » ژورنىلى تەھرىر ئىلاۋىسى: ئوقۇرمەنلەر نەزەرىگە سۇنۇلىۋاتقان بۇ ئەسەر روسىيىدىكى خاكاس تۈركلىرىدىن يېتىشىپ چىققان مەشھۇر شەرقشۇناس ئالىم نىكولاي فېدوروۋېچ كاتانوف 1891-، 1892-يىللىرى ئارىلىقىدا قىزىلسۇ، تۇرپان، قۇمۇللاردا خەلق ئاغزىدىن يىغقان فولكلور ماتىرىياللىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ 19-ئەسىردىكى تىل، جەمئىيەت، مەدەنىيەت ئەھۋالىنى چۈشىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا تېپىلغۇسىز قىممەتلىك بىرىنچى قول مەنبە ھېسابلىنىدۇ. ئالىم ئۇيغۇرلارنى فولكلور ۋە تىل نۇقتىسىدىن تەكشۈرۈشنى ئاساس قىلغانلىقى...
ئىبلىس ساقلاپ ياتقان جەسەتلەر(4)
(خاتىرە)
بىرگمان (شۋىتسىيە)
ئەخمەت راخمان تەرجىمىسى
قەدىمكى قەبرىلەرنى ئىزدەش
1934-يىلى4- ، 5-ئايلاردا، سىۋېن ھېدىن ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى بىلەن چاپما قېيىققا ئولتۇرۇپ كۈنچى ۋە قۇم دەريالىرى ئارقىلىق لوپنۇر كۆلىگە بارغانىدى. مەن شۇ قېتىم پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شۇ ئەتراپتا ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىم. بۇ خىزمەتلەر ئاساسلىق سىۋېن ھېدىننىڭ قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ مەنبەس...
ﻧﻪﯞﺍﻳﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﻏﯘﺭﯗﺭﻯ
ئەسئەت سۇلايمان
ﺗﯩﻞ ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭺ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ . ﻳﺎﻛﯘﺏﮔﺮﯨﻢ: ”ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﯚﺯ ﻧﯚﯞﯨﺘﯩﺪﻩ ﺷﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯗﺭ. ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯘﺳﺘﯩﺨﺎﻥ-ﺳﯚﯕﻪﻙ،ﻗﻪﺑﺮﻩ-ﻛﯧﭙﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﻛﯩﺖ ﺑﺎﺭﻛﻰ،ﺋﯘﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺩﻩﻝﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﺪﯗﺭ“ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭﺗﺎﺷﻠﯩﺴﺎﻕ، ﺑﯩﺮ ﺋﻪﻝ ﻳﺎﻛﻰﺑﯩﺮ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﺩﻩﻝ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯖﻤﯘ...