مۇشۇ بلوگ يېزىش جەريانىدا ئۇسلۇپ بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرۈپ تاپقىنىم ئاخىرى ئاۋارىچىلىقتىن باشقا نەرسە بولمىدى ، بىركۈنى ئۇنداق ، بىركۈنى مۇنداق خاتالقلار كۆرۈلۈپلا يۈردى ، ئاخىر بولماي مۇشۇ ئۆزىمىزنىڭ ئىجادى ئۇسلۇبىمىزنى ئىشلىتىشنى قارار قىلدىم ، چۈنكى ئۆزىمىنىڭ نەرسىسى ئۆزىمىگە بەكرەك يېقىندە ؟! شۇنداق قىلىپ ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش ئاۋارىچىلىقدىنمۇ قۇتۇلۇپ قالدىم ، ئەمدى بلوگىمنى يازمىسام بولمىدى ، زىيارەتچىلىرىممۇ قېچىپ كەتتى ، بەلكىم بىزارمۇ بۇلۇپ كېتىشكەندۇ .
نە ھاجەت ، ئاخىرى بلوگىممۇ مۇقۇلملاشقاندەك قىلىدۇ ، ئىككى يىل بولدى ئىزتىل بىلەن ھەپىلەشكىلى تۇردى ، بىراق كۆرىنەرلىك نەتىجىمۇ يوق ، شۇنداق بولغان ئىكەن يەنە ئېسىل يازمىلارنى يازماي نېمىگە قاراپ تۇرغۇلۇق ئەمدى ؟ بەلكىم پات ئارىدا بلوگىمنىڭ يازما يۆنىلىشىدىمۇ ئازراق ئۆزگىرىش بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن ، دوستلارنىڭ يېقىندىن سەپسېلىپ تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ، نۇرغۇن پايدىلىق يازمىلار يوللىنىدۇ .
[قۇشۇمچە ] قاچانغىچە باشقىلارنىڭكىنى تەرجىمە قىلىپ تۇرارمىز ؟ ئەمدى ئۆزىمىنىڭ ئىجادى ئۇسلۇبىمىز بار بولدى ، سىزمۇ ئىشلىتىپ كۆرۈڭ ، باشقىلارنىڭ نەرسسدىن ئېشىپ چۈشسە چۈشىدىكى ھەركىز ئارقىسىدا قالمايدۇ جۇمۇ ؟