پىكىرخانا

ئىزتىل بىلوگى - ئىزتىلنىڭ شەخسى قىزىقىشى ئاساسىدا قۇرۇلغان بۇلۇپ ، ئاساسلىقى جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە پىسخىلوگىيە،پەلسەپە - مەدەنىيەت،مائارىپ-پەرزەنت تەربىيىسى،ئېنگىلىزتىلى بىلىملىرى ، شۇنداقلا ئۆزەمنىڭ بىرقىسىم شەخسى يازمىلىرىم ، تەرجىمە ئەسەرلىرىمنى تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇشنى ئاساس قىلغان . ھۆرمەتلىك ئۇقۇرمەن ، ئەگەر سىز بىلوگىمدىن بەلگىلىك بىلىمگە ئىگە بۇلالىسىڭىز مەن قىلغان ئەمگىكىمدىن رازى بولغان بۇلىمەن ، شۇنداقلا سىزنىڭ مەندىن قىممەتلىك پىكىر -تەلەپلىرىڭىزنى مەندىن ئايىماسلىقىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن، سىزنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىڭىز مېنىڭ شۇنداقلا بىلوگىمنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن ئاساس ھەم يول كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ ، قېنى ئەمدى پىكىرلىرىڭىزنى ، تەلەپلىرىڭىزنى بەخىرامان قالدۇرۇپ قۇيۇڭ!!!


38 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • royapqi | 2011.05.25 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    جاۋابىڭىزنى كۆردۇم،مېنى تەكلىپلىك يازارلىققا تەكلىپ ئېتىپسىز،رەھمەت سىزگە! ئاللاھ خالىسا بۇ يولنى سىز بىلەن تەڭ بېسىپ دىيارىمىز خەلقىنى توغرا يولغا يېتەكلەپ روھى جەھەتتىن مەدەت بېرىپ ھېرىپ قالغان روھلارغا مەلھەم بولالىساق ۋە شۇ يوللاردا ماڭغانلىغىمىزغا بىشارەتلىك ئىزلار قالسا .

  • ئىزتىل | 2011.05.25 جاۋاب

    سېپىمىزگە قۇشۇلغانلىقىڭىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز ھەم قىزغىن قارىشى ئالىمىز . بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر پىسخىلوگىيسى ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق ، مائارىپشۇناسلىق ۋە پەرزەنت تەربىيىسى ، ئېنگىلىزتىلى ، ئۇيغۇر ئىپىك ئەسەرلىرى ۋە شۇنداقلا سىزنىڭ ئۆز كەسىپىڭىزگە ئائىت قاتارلىق ئىجادىي يازمىلىرىمىزنىڭ بىلوگىمىزدا كۆپلەپ ئېلان قىلىنىپ ، دىيارىمىز خەلىقىنى تېخىمۇ كۆپلىگەن بىلىملەر بىلەن تەمىن ئېتىپ ، ئۇلارنى توغرا يولغا باشلاپ ماڭىدىغان باشلامچىلىق رولىمىزنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرىشىمىزنىڭ ئۈمىد قىلىمەن . بىزنىڭ شۇئارىمىز بولسا « روھى باي گاداي باي گاداي ، روھى گاداي باي گاداي باي !روھنى ساغلاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىمىزدىكى يىتەرسىزلىكىنى تۈزىتىش كېرەك ، شۇنداق بولغاندىلا روھى ساغلام بايلاردىن بۇلالايمىز ! ئېسىمىزدە بولسۇن ، ياشاشتىن مەقسەت ئۇيۇن – تاماشا ئۈچۈنلا ئەمەس ، گۈزەل كېلىچەك يارىتىش ئۈچۈن ……» بۇلۇپ قالغۇسى….. ئالاقلىشش ئۇسۇلىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز . ياكى سىز ياسىنجان مۇئەللىم شۇ بۇلامسىز ؟ مەن ھېچ بىلەلمەي قالدىم .

    • royapqi | 2011.05.25 جاۋاب

      شۇنداق قېرىندىشىم،مەن ياسىنجان مۇئەللىم . مەن سىزدەك ئالغا ئىنتىلىدىغان بىر ياش بىلەن تونۇشۇپ قالغانلىغىمغا بەك خۇرسەن. مەن سىزدىن يەنە تىخى ئېنگىلىز تىلى ئۆگەنمەكچى. كۇرسىڭىزنى قاچان باشلاي دەيسىز!
      ئىشقىلىپ مەن سىز بىلەن قول تۇتۇشۇپ بۇ يولدا (ئاللاھ خالىسا) ئۇزاققىچە بىللە بولىمەن.ئىنشائاللا!

  • ئىزتىل | 2011.05.25 جاۋاب

    ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ، مەنمۇ سىزنى شۇمىكىن دەپ پەرەز قىلغان ، پەرىزىم توغرا چىقىپتۇ ، ھازىرچە بىرەر ئوقۇغۇچى تىزىملىتاي دېمەيدۇ ، ئوقۇغۇچى سانى 10 غا يەتكەندە بىرىنجى قارارلىق سىنىپتا دەرس باشلىنىدۇ . يەنە سىزنىڭ ھەر جەھەتلەردىن مەدەت بېرىشىڭىزگە ، تەربىيلىشىڭىزگە ، يول كۆرسىتىشىڭىزگە موھتاجمەن . مەنمۇ پەقەت ئۆز ئارزۇ- ئىستەكلىرىم يولىدا ئۆگەنگۈچى خالاس .

  • royapqi | 2011.05.26 جاۋاب

    سالەمەتلىك ھازىرقى جەمئىيەتتە ھەممە ئادەم ئىنتىلىدىغان قىززىق تېما. تۆۋەندىكىسى مەن ئەڭ قىزىقىدىغان تېما،قېنى سىزمۇ بىر ئوقۇپ باقمامسىز؟

    ساپ سۇ، ساڭا ئېرىشمەك تەس

    ئۇزۇندىن بۇيان كىشىلەر ئىزچىل ھالدا تۇرۇبا سۈيىنى بىخەتەر، پاكىز دەپ قاراپ كەلدى. لېكىن دەريا سۇلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز بۇلغىنىشى كىشلەردە تۇرۇبا سۈيىنىڭ سۈپىتىگە قارىتا گۇمان پەيدا قىلدى. نۆۋەتتە تۇرۇبا سۈيىنى بىر تەرەپ قىلىشتا يەنىلا 100 يىل بۇرۇنقى ئەنئەنىۋىي تېنىخىكا قوللىنىلىپ، دەريا سۈيى ياكى يەر ئاستى سۈيى ئاددىيلا پىششقلاپ ئىشلىنىپ، لاي سۇ سۈزۈلدۈرۈلۈپ دىزىنفىكسىيە قىلىنىدۇ. لېكىن نۆۋەتتىكى ئورگانىك ماددىلاردىن بۇلغىنىش ئاساسىدىكى مىكرو بۇلغىنىشنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئامال يوق. شۇڭا دېھقانچىلىق دورىلىرى، ئېغىر مېتاللار، قىزىل – كۆك يۈسۈن (لەش)، يۈسۈن زەھىرى قاتارلىقلارنى تەلتۆكۈس سۈزۈۋالغىلى بولمايدۇ. خلورلاشتۇرۇپ دىزىنفىكسىيىلەش (ئادەتتە ئاقارتىش پاراشوكىدا دىزىنفىكسىيىلەش دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بولسا، ئېلىمىزدە كەڭ قوللىنىلىۋاتقان تۇرۇبا سۈيىنى دىزىنفىكسىيىلەش تېخنىكىسىدۇر. يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان ئالىملار خلورلاشتۇرۇپ دىزىنفىكسىيىلىگەن چاغدا، بىر قاتار قوشۇمچە زەھەرلىك ھاسىلاتلار پەيدا بولۇپ، ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىقىنى بايقىدى (مەسىلەن، ئۈچ خلورلۇق مېتان راك پەيدا قىلىش خەۋپى يۇقىرى بولغان ئارىلاشمىدۇر). ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن سۇ يەتكۈزۈش تۇرۇبىلىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-60- يىللىرىدا ياتقۇزۇلغان بولۇپ، يېرىم ئەسردىن كۆپرەك كونىراش، چىرىش جەريانىدا تۇرۇبىلارنىڭ ئىچكى يۈزىدە باكتىرىيە، مىكرو ئورگانىزىملار بۈك – باراقسان بولۇپ ئۆستى؛ ئۇزۇن يىللار مابەينىدە رېمۇنت قىلىنماسلىق سەۋەبىدىن، بەزى تۇرۇبىلارنىڭ سۇغا سىڭىپ كىرىشى %40-20 كە يەتتى، بۇ ئەھۋاللار تۇرۇبا سۈيىنىڭ ئىككىلەمچى بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بىز ھەركۈنى سۇ ئىچىمىز، قۇرامىغا يەتكەنلەر بىر كۈندە تەخمىنەن 2.5L سۇ ئىچىدۇ، ئادەم بەدىنىڭ %70 تى سۇدىن ئىبارەت. سۇ سۇپىتىنىڭ ياخشى ناچارلىقى بىزنىڭ سالامەتلىكىمىزگە، ئۆمرىمىزنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO) نىڭ ئىستاتىستىكىىسدا كۆرسىتىلىشىچە، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى %80 كېسەللىك سۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن؛ 2007- يىلى جۇڭگو سەھىيە مىنىستىرلىكى راك كېسىلىنىڭ ئېلىمىزدە ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندىكى كېسەللىككە ئايلانغانلىقىنى، %60 راك كېسىلىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. 2004- يىلى جۇڭگونىڭ مۇھىت ئەھۋالى دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئېلىمىزدە يىللىق كېرەكسىز سۇ قويۇۋېتىش مىقدارى 22 مىليارد 110 مىليون توننا، تۇرمۇش بۇلغانما سۈيى 26 مىليارد 130 مىليون توننا بولۇپ، بۇ كېرەكسىز سۇلارنىڭ %80 ى بىر تەرەپ قىلىنمايلا دەريا، دېڭىز، كۆللەرگە قۇيۇلىدۇ. دىمەك، سىز ۋە بىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ خەلق ئاممىسى كېچە – كۈندۈز بۇلغانغان تۇرۇبا سۈيىنى ئىچمەكتە، بۇنى نۇرغۇن كىشىلەر تولۇق بىلەلمەي يۈرمەكتە.

    مەنبە: ئاقسۇ ئۇچۇر تورى

  • ئىزتىل | 2011.05.26 جاۋاب

    روياپچى سىز ئېسىل ئەسەرنى يوللاپسىز بىراق بىز بىلوگىمىزنىڭ خاسلىقىنى ساقلاس ئۈچۈن چۇقۇم باشقا توربەت ياكى بلوگلاردا ئېلان قىلىنمىغان ، ئۆزىمىزنىڭ ئىجادى ئەمگىكىمىزنى يوللىساق ياخشى بۇلاتتى ، يەنە بىرسى ، مەن سىزنى باشقۇچغۇچى قىلىپ بەلگىلەپ قۇياي ، بۇنىڭدىن كېيىن ئەسەر ئېلان قىلغاندا ئارقا بەتكە كىرىپ ئۆز نامڭىزدا يوللاڭ . تەپسىلى ئەھۋاللارنى كۆرۈشكەندە قايتا چۈشەندۈرۈپ قۇياي .

    • royapqi | 2011.05.26 جاۋاب

      ھە! مەن بارا بارا ئۇقۇپ قالاي ھەم قاتتىق دىققەت قىلاي. نىشانىڭىزنى چۈشەندىم.تەلىم بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.

  • ئىزتىل | 2011.05.26 جاۋاب

    مەن سىزگە تەلىم بىرىشكە تېخى بالدۇرلۇق قىلىمەن ، سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن نادىر ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن . بىرلىكتە ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنى گۈللەندۈرۈش ، خەلقىمىزگە ئېسىل ئەسەر ،مەنىۋى زوق ، روھى ئۇزۇق ئاتا قىلىش ئۈچۈن كۈرۈش قىلايلى .

  • ئىزتىل بىلوگى ھازىر بىلوگلار ئىچىدە نادىر يازمىلىرى بىلەن خېلى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بىلوگ ئىدى ، ئەمما لىكىن ۋە بىراق يېقىندىن بۇيان يېڭى ، نادىر تېمىلار كەمدىن-كەم يوللىندىغان بوپ كەتتىيا ئىزتىل ئەپەندى . … شىۇڭا سىزنىڭ ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ۋاقتى-ۋاقتىدا ئەسەر يوللاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن 😆 😆 😆

    • ئىزتىل | 2012.02.2 جاۋاب

      مەن تىرىشىۋاتىمەن ، ھەم تىرىشماقتىمەن ، ئاز يېقىندا بلوگ توختىماستىن يېڭلىنىپ تۇرغۇسى .

  • شەربەت | 2012.03.15 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم!
    سىزنى ئۇلىنىش قوشۇۋالدىم، مېنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىسىڭىز.

  • ئېقىن | 2012.03.24 جاۋاب

    ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ! يېڭى كىيمىڭىز يارىشىپتۇ لېكىن، مۇبارەك بولسۇن!

    • ئىزتىل | 2012.03.24 جاۋاب

      رەھمەت سىزگە ، تولا ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇپ يۈرۈپ ئاخىرى ئۆزىمىزنىڭ ئىجادىي ئۇسلۇبىنى ئىشلىتىشنى قارار قىلدىمغۇ ؟ يازمىلار قانداقراق چىقىۋېتىپتۇ ، مۇشۇ ھەقتە بىر پىكىر قالدۇرمامسىز ؟

  • ئېقىن | 2012.03.24 جاۋاب

    يازمىلىرىڭىزنى يانفۇنغا قاچلىۋالدىم، ئەتە دەم ئالغاچ بىر ئوقاي!(ئاندىن قايتا دەسسەيمەن) سىزنىڭ تور خاتىرىڭىزنىڭ تەرەقىياتى بەك ياخشى كېتۋاتىدۇ،لېكىنزە ئۇيۇلتاش مۇنبىرىمىز يەنە شۇ ئىزدىغۇ؟!

    • ئىزتىل | 2012.03.25 جاۋاب

      ئۇيۇلتاشمۇ ئاز يېقىندا زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكۈسى !

  • ئابدۇ..... | 2012.04.6 جاۋاب

    تىرىشقىن ئاداش تىرىشقىن ! يازمىللىرىڭغا بارىكاللا !

    • ئىزتىل | 2012.04.7 جاۋاب

      تىرشىقان تاغ ئاشار دەيدىغان گەپ بار ، تىرشىقان ئۇزار !

  • تاتلىقجان يوقلاپ كەلدى! بىلوگنى بەكمۇ چىرايلىق قۇرىۋاپسىز~! مۇمكىن بولسا ئۇلىنىش ئالماشتۇرۋالساق! ۋاقتىڭىز بولسا بىزنىڭ كۇلۇبقىمۇ ئۆتۈڭ!

    • ئىزتىل | 2012.06.28 جاۋاب

      كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا ، رەھمەت ، ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇش كىلىشىمى تەستىقلاندى ، مەنمۇ ئۇ تەرەپلەرگە ئۆتۈپ تۇرىمەن .

  • شەۋقى | 2012.08.10 جاۋاب

    بۇ توربەتنى بەك ياخشى بىزەپسىز،،ئاللاھ سىزگە رەخمەت قىلسۇن!!

    • ئىزتىل | 2012.08.11 جاۋاب

      رەھمەت سىزگە ، ئەگەر بلوگىمدىكى يازمىلار سىزگە يارىغان بولسا مەن قىلغان ئەمگىكىمدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولغان بۇلاتتىم ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ۋاقتىڭىز بولسا پات-پات كېلىپ يوقلاپ تۇرارسىز ، سىز ئۈچۈن تېتىملىق تېمىلارنى يوللاش مېنىڭ بۇرچۇم .

  • پەرىشتە | 2012.08.16 جاۋاب

    بۇنىڭدىن كىيىن تېىخىمۇ تىرىشىڭلارنى ئۇمۇد قىلىمەن!!!!!!!!

    • ئىزتىل | 2012.08.16 جاۋاب

      رەھمەت سىزگە ، بىز تېخىمۇ تىرىشىشقا ئىنتىلىمىز، ھەم ھەركەتتە بىز ، سىزنىڭمۇ بۇنىڭدىن كېيىن بلوگىمىغا پات-پات كېلىپ قىممەتلىك پىكىر -تەلەپلەرنى قالدۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ، سىزنىڭ پىكىرلىرىڭىزدە يىتەرسزلىكلىرىمىزنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىز بەلكىم كېيىنكى ئىشلار ئۈچۈن زور پايدىسى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن .

  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم … مەندەك يىڭى بىلوگدىشىڭىزنى ئۇلىنىشقا قىتىپ قويسىڭىز …كىرىپ كۇرۇپ بىقىڭ…رەھمەت

    • ئىزتىل | 2012.11.7 جاۋاب

      قېتىلدىڭىز ، سىزمۇ مېنى ئۇلىشقا قېتىپ قويغايسىز .

  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم . بىلوگىڭىزنى ھەم تەرجىمىھالىڭىزنى كۆردۈم . ھەقىقەتەن ياخشى تۇرلەردە ئىزدىنىۋىتىپسىز . ھازىرقى جەمىيەتتە كىشىلەر ئارىسىدا مىللەت ئارىسىدا ئەڭ مۇھىمى دىن ئارىسىدىمۇ نۇرغۇن سەل قارالغان ھەم ئۆزگەرتىشكە تىگىشلىك تەرەپلەر كۆپ . بۇنىڭدا مۇنداق بىر مىسال ؛
    ئۇچ ئەما ھىندىستانغا بىرىپ پىل دىگەن ھايۋاننىڭ قانداقلىقىنى بىلىپ كەلمەكچى بوپتۇ . بىر ئەما پىلنىڭ پۇتىنى تۇتۇپ بۇ بىر تۇۋرۇككە ئوخشاش نەرسىكەن دەپ چۇشۇنۇپتۇ . بىرسى پىلنىڭ قۇلىقىنى تۇتۇپ بۇ بىر يۇمشاق ياپىلاق نەرسىكەن دەپ چۇشۇنۇپتۇ . يەنە بىرسى ئۇستىگە چىقىرىپ قويسا بۇ يوغان مىنىدىغان كەڭ نەرسە ئىكەن دەپتۇ .
    كىيىن دۆلىتىگە قايتىپ كىشىلەر ئارىسىدا ھەممىسى ئۆز بىلگىنىنى دەپپتۇ . بىرسى تۇۋرۇككە ئوخشاش . بىرسى ياپىلاق يۇمشاق نەرسىگە ئوخشاش ، بىرسى يوغان مىنىدىغان نەرسە دەپپتۇ .
    بۇنى مەن تەبلىغلەردە ئاڭلىغان . ئىسلامنى كىشىلەرنىڭ قانداق چۈشىنىشىدە دەپ . لىكىن بۇنى ئىسلامغىلا ئەمەس مىللەت جەمىيەت ھەم ئىنسانىيەتكە ئوخشاتسا بولىدىكەن دەپ بىلدىم .
    شۇنىڭدەك ھازىرقى كىشىلەرنى چۈشەنچىسى مۇشۇنچىلىك

  • نۇرتىكىن | 2012.12.7 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ماڭا سىز نۇرقۇت تورىغا يوللىغان Video ئۇسلۇبى لازىم بۇلۇپ قالغانتى،يەنى http://mtv.iztil.com/ مۇشۇ ئۇسلۇب شۇ، مۇمكىن بولسا ئەۋەتىپ بىرەرسىزمۇ ئىلخەت: 838808502@qq.com

    • ئىزتىل | 2012.12.7 جاۋاب

      بۇلىدۇ ، مەن سىزگە ئەۋەتىپ بېرەي ، بىراق مېنىڭ تورغا چىقىش ئىمكانىيىتىم بەكلا ئاز ، يەنە كېلىپ سىمسىز توردا تورغا چىقىۋاتقاچقا تور سۈرئىتىم بەكلا ئاستا ، ئامال بار چۈشۈرۈشكە تىرىشىمەن .

  • ئابدۇرېھىم | 2013.04.23 جاۋاب

    ماڭا بۇ كىتابلارنىڭ ۋورد شەكىلدىكى كىتاب لازىم ئىدى.

    • ئىزتىل | 2013.04.27 جاۋاب

      مەندە بۇ كىتابلارنىڭ ۋورد نۇسخىسى يوق ، بولغان بولسا تەمىنلەپ بېرەتتىم ، كەچۈرۈڭ .

  • بىلوگىڭىزنى ئۇلىنىش قىلۋالدىم ….

    • ئىزتىل | 2013.11.30 جاۋاب

      مەنمۇ قېتىۋالدىم ئەمسە

  • ئىرشاد | 2014.03.7 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلوگىڭىزغا بۇرۇن چىقىپ باققان بولساممۇ ئەنچە دىقىقەت قىلماپتىكەنمە . يازمىلار ھەقىقەتەن سەرخىل ئىكەن . يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي ….
    ھەراس مېنى ئۇلىنىشقا قېتىپ قويغان بولسىڭىز .

    • ئىزتىل | 2014.03.12 جاۋاب

      كەلگەن قەدەملىرىڭىزگە مەرھابا ، يازمىلار بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ ، اللە خالىسا ، سىزنىڭمۇ قەدەملىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغۇسى ،
      ئۇلىنىش تەستىقلاندى .

  • غازى | 2014.09.6 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بلوگىڭىزنى يوقلاپ كەلدىم، ھەقىقەتەن ياخشى مەزمۇنلار ئىكەن. توربەت ئېچىلىش سۈرئىتى بىر ئاز ئاستا بىلىندى، بولسا تەڭشەپ بېقىڭ. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تەكلىپ ئەپكەلدىم، كۆرۈپ باقارسىز! :mrgreen:

    • ئىزتىل | 2014.11.5 جاۋاب

      ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، بلوگىمغا كەلگەنلىكىنىزنى قىزغىن قارىشى ئالىمەن ، مۇلازىمېتىر چەتنىڭ مۇلازىمېتىرى بولغاچقا ئېچىلىشى بىرئاز ئاستا ، دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتۇشنى خالايمەن . ئادىرسىڭىزنى قالدۇرۇڭ

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


😉 😐 😡 😈 simple-smile.png 😯 frownie.png rolleyes.png 😛 😳 😮 mrgreen.png 😆 💡 😀 👿 😥 😎 ➡ 😕 ❓ ❗