بلوگمنىڭ تەرتپلىق قانۇنىيىتى بويىچە ھەپتىدە بىر سان مۇڭلۇق ناخشا – مۇزىكىلاردىن ئاڭلىتىش بېرىدىغان بۇلۇپ ، ئالدىنقى ھەپتە خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئالدىراشچىلىق تۈپەيلىدىن ئاڭلىتىش بېرەلمىگەن ئىدىم ، بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقا ئارام ئالغاچ ئاڭلايدىغان بىر يۈرۈش مۇڭلۇق گىتتار مۇزىكىلىرىنى ئوقۇرمەنلىرىمىمنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم ، دەم ئېلىش كۈنلىرىڭىزنىڭ مەنلىك ھەم خۇشال خۇرام ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن ، ئەگەر مۇزىكىلار سىزگە يارىغان بولسا چۈشۈرۋېلىپ ساقلاپ قۇيۇڭ ، ئۇزۇن سەپەرلەرگە چىققاندا ماشىنىڭىزدا ئولتۇرۇپ ئاڭلىسىڭىز سىزگە چەكسىز راھەتلىك بېغىشلايدۇ ، شۇنداقلا مۇزىكىدىن بەھىرلەنگەچ يازما ئاستىدىكى ئېلانلارنى چېكىپ قۇيۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ، ئېسىڭىزدە بولسۇن ، تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق بولغىنى بىلەن ، ئېلان چېكىش سىزگە زىيان قىلمايدۇ .