بلوگ قانداق ئىقتىدارغا ئىگە بۇلۇشى كېرەك ؟
بلوگنى تىلغا ئالساق ، بلوگگىرلار بۇنىڭغا ھەممىدىن بەك تۇنۇش . ئۇ تور ساھەسىدىكى تەلىم – تەربىيە پائالىيىتنىڭ مۇھىم سورۇنى . ئۆگىنىش سورۇنلىرى ۋە تەربىيىۋى – تەشۋىق ئەھمىيىتى چوڭ بولغان ئېنتىرنېت قوراللىرى ئىچىدە چوڭ تىپتىكى تور بەت ۋە ئۇنۋېرس ل خاراكتېردىكى بەتلەر ئىچىدە « بلوگ » دېگەن ئۇقۇمغا چەك بەلگىلەنمىگەن . كۆپچىلىك ئادەتلەنگىنى ۋە ئەزەلدىن كېلىۋاتقىنى بويىچە ئىش قىلغان ۋاقتىدا ، بلوگنىڭ چېكىنى بەلگىلەش ھاجەتسىز . بىز يېڭى بلوگ ( تۇرا ) غا كىرگەن ۋاقتىمىزدا ، « بلوگ نېمە قىلىدىغان جاي» دېگەنگە قايتىدىن جاۋاب بېرىشىمىز ، بلوگ ئىقتىدارى ئۈستىدە يەنىمۇ ئىلگىرلەپ قايتا ئويلىنىشىمىز زۆرۈر .
بلوگنىڭ رولى ۋە ئىقتىدارىنى مۇزاكىرە قىلغاندا ، بلوگنىڭ نېمە قىلىدىغان جاي ئىكەنلىكى ئۈستىدە ئويلىنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ . بلوگدا نېمە قىلىش كېرەك ، دېگەندە ، بلوگنىڭ قىممىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ . بلوگ مەقسىتى ، نىشان ۋە ئۈمىد گەۋدىلىنىدۇ . بلوگدا نېمە قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلىنىش كېرەك ، دېگىنىمىز ، بلوگنىڭ ئوينايدىغان رولى ، شۇنداقلا بلوگنىڭ ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ ؛ يەنە بلوگدا ئەمەلىيەتتە نېمە قىلدۇق ، دېگەننى ئويلىنىش كېرەك . بلوگدا ئەمەلىيەتتە نېمە قىلدۇق دېگىنىمىز ، بلوگنىڭ ئۈنۈمىنى ، بلوگ ئىقتىدارنىڭ ئەمەلىگە ئېشىشى ياكى جارى بۇلۇشىدىكى ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ .
ئىلاۋە : يۇقارقىلار كەمىنە ئىزتىلىنىڭ بىر يېرىم يىللىق بلوگ يېزىش تارىخىمدا ھىس قىلىپ يەتكەن كىچىككىنە خۇلاسەم ، بەلكىم بۇ خۇلاسە يۈزەكى ياكى بىر تەرەپلىمىلىك بۇلۇپ قالغان بۇلىشى ئەمەلىيەتكە يېقىن ، دوستلارنىڭ تورغا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز شۇنداقلا تۇلۇقلاشقا تېگىشلىك جايلار بولسا ئىنكاس شەكىلىدە قالدۇرۇپ قويسا ، ئورتاق پايدىلانساق بۇلىدۇ .