خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە كۆپۈنچە كىشلەر ئۈن- تىنسىز ئىشلەپ ، كەسىپتە مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ . باشقىلار ئالدىدا ئۆزىنى تىلغا ئېلىشنى ، ئارتۇقچىلىق ۋە ئالاھىدىلىكىنى پەش قىلىشنى خالىمايدۇ . ئاز بىر قىسىم كىشلەر دەل بۇنىڭ ئەكسىچ ، تىاناقتەك ئىشنىمۇ كۆككە كۆتۈرۈپ ماختىنىشقا ، باشقىلارنىڭ مەدھىيەسىنى ئاڭلاشقا ئامراق كېلىدۇ .
ئادەمنىڭ تەبئىيتىدىن ئالغاندا ، ھەر قانداق ئادەم باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ماختىغان سۆزلىرىنى ئاڭلىسا خۇش بۇلىدۇ . ئامما كۆپۈنچە كىشلەر ئادىمىيىلىك ، كىشلىك قەدىر – قىممەت ، ئەخلاق پەزىلەت نۇقتىسىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى باشقىلارغا سېلىشتۇرۇپ ، ئۆزىنى تېخى ھېچقانچە نەتىجىگە ئېرىشمىگەندەك ، ئىشلار تېخى ئالدىدىكىدەك ھېس قىلىپ ، باشقىلارنىڭ ماختىشىنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ . ماختىنىشقا خۇشتارلار شەخسى مەنپەئەت ، ئىمتىياز ، مەرتىۋە ، مەنسەپ تەمەسىدە « تۈگمىدەك » تۆھپسىنى «تۆگىدەك » كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ . بەزىلەر كىچىككىنە ھوقوقىنى پەش قىلىپ ، يوللۇق ، ئۇرۇنلۇق تەلەپلەرنى بىجىرىشتە ئۆزىنى كۆرسىتدۇ . بەزىلەر بايلىقىنى ، بەزىلەر چىراي ، كىيىنىشىنى ، يەنە بەزىلەر ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت دائىرىسىنى پەش قىلىپ كۆرسىتدۇ . مېنىڭچە ، كىشلەر قانداق پەيىتتە ئۆزىنى كۆرسىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يېتەلىسىلا ، ئۆزىمۇ بىلىپ – بىلمەي باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ، ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشمەي قالمايدۇ .
كىشى ئۈچۈن بىلىم مەڭگۈلۈك بايلىقتۇر . مەيلى سىز قانداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىڭ ، قانداق ئالاھىدىلىكىڭىز بۇلۇشدىن قەتئىينەزەر ، كەسىپىڭىزدە نەتىجە قازىنىشقا تىرىشىڭ . كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ يولى كۆپ . مەيلى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىڭ ، مەيلى ئىجادىيەت بىلەن شوغۇللىنىڭ ياكى تىل ئۆگىنىڭ ، بۇلارنىڭ ھەممىسى قىلىۋتقان ئىشىمىزنى ، كەسىپىمىزنى سۆيگەندىلا روياپقا چىقىدۇ . جىددى پەيىتتە باشقىلارغا ياردەم بېرىشكە تەييار تۇرۇڭ . ئېيتايلۇق ، تاسادىپىي بىرەر تەبئىي ئاپەت يۈز بېرىپ ، ئادەم ياكى مال – مۈلۈك خەتەر ئىچىدە قالغاندا ، بىرەر ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بۇلۇپ ئىقتىسادتىن قىيلىنىۋاتقاندا يېتىم – يىسىر ، ئاجىز – مېيىپلەر يوقسۇزلۇقتىن تېڭىرقىغاندا يۈرەكلىك ئوتتۇرغا چىقىپ سېخىيلىقىڭىزنى نامايەن قىلىپ ، باشقىلارغا مېھىر – شەپقەت يەتكۈزەلىسىڭىز ، ھەقىقىي ئادەمگەرچىلىكىڭىزنى نامايەن قىلغان بولسىز . ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئارتۇقچىلىقى ۋە ئالاھىدىكى بولىدۇ . ئەمما بەزىلەر ئەنە شۇ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرالايدۇ . بەزىلەر ئۇنى قېزىپ چىقالمايدۇ . سىزدە ئادەمدەك ياشاش ئىستىكى بولىدىكەن ، يېتەرسىزلىك ئىچىدىن ئارتۇقچىلىقىنى ، سەۋەنلىك ئىچىدىن مۇۋەپپەقىيەت يولىنى تېپىپ چىقىپ ئۆزىڭىزنى كۆرسىتەلىسىڭىز ، باشقىلاردا ياخشى تەسىر قالدۇرالايسىز .
ئادەمنىڭ ئادىمىيلىكى ئۇنىڭ ئەخلاق – پەزىلىتى بىلەن نامايەن بولىدۇ . ئادەمنىڭ ئوبرازى راستچىللىقى ، سەمىمىيتى بىلەن تىكلىنىدۇ . قانداق ئادەم بۇلىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر ، ئالدىراپ باشقىلارغا ۋەدە بەرمەڭ ، راستچىللىقىڭىز ، سەمىمىيتىڭىز بىلەن باشقىلاردا ياخشى تەسىر قالدۇرۇڭ . باشقىلار گەپ – سۆزىڭىز ، ئىش – ھەرىكىتىڭىز ، روھى قىياپىتىڭىزدىن تەسىرلەنسۇن .شۇ چاغدىلا ، ئۆزىڭىزنىڭ ئىناۋىتىنى تىكلىيەلەيسىز ھەم ئۆزىڭىزنى نامايەن قىلالايسىز .