مەن ۋە ئەما كىشى

يوللانغان ۋاقتى :2011.04.17ئاپتور :ئىزتىلكۆرۈلۈشى:26 viewsئىنكاس سانى :6

مەن ۋە ئەما كىشى

   بىر كۈنى كەچقۇرۇن مەن ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇپ ئۆيگە قايتتىم، ئاپتۇبۇستىن چۈشكىنىمدە ئەتراپنى قاراڭغۇ باسقاندى. توك كەتكەچكە، يول چىراقلىرىمۇ ئۆچۈپ قالغاندى.

   مەن بىر ئسىتولبىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، بىر كىشىنىڭ قول چىراغىنىڭ يۇرۇقىدا شام،سەرەڭگە قاتارلىقلارنى سېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم ھەمدە دەرھال شام ۋە سەرەڭگە سېتىۋالدىم.بىر نەچچە كۈندىن كۈندىن كېيىن مەن يول بويىدا يەنە ھېلىقى كىشىنى ئۇچىرتىپ قالدىم .

  – ھېلىقى كۈنى ساتقان شام نېمىدىگەن ناچار؟توختىماي ئېرىپ بىردەمدىلا كۆيۈپ تۈگىدى. سىز توك كەتكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ ، ساختا مەھسۇلات سېتىپ پۇل تاپماسلىقىڭىز كېرەك ئىدى،- دېدىم مەن ئاچچىقلاپ .

   ئۇ ھاڭ – تاڭ بۇلۇپ تۇرۇپ قالدى، ئاندىن ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپ :

   – كەچۈرۈڭ ، مەن شامنىڭ زادى قانچىلىك يۇرىقى بارلىقىنى ، سەرەڭگىنىڭ قانداق يانىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن . ئۇ كۈنى مەن توك كېتىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ، دەرھال بىر مۇنچە شام ، سەرەڭگە سېتىۋېلىپ ئەكەلگەن، مەن قاراڭغۇدىلا ياشاپ كېلىۋاتىمەن، شۇڭا باشقىلارنىڭ مەندەك قاراڭغۇلۇق ئازابىنى تارتىشىنى خالىمايمەن ، شۇلارنى ئويلاپ …،-دېدى ئۇ .

   مەن تۇرۇپلا قالدىم . ئۇنىڭ ئەمالىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن ، قاراڭغۇلۇقتىن شامنىڭ ئاجىز يۇرۇقى ياخشى ئەمەسمۇ. ئۇ بىر ئەما تۇرۇپ ، كۆزى كۆرىدىغان كىشلەرنىڭ غېمىنى يەپتۇ . مەن ئۇنى بىھۇدە ئەيىپلەپ كېتىپتىمەن . مەن ئىككى كۆزۈم شۇنداق ئۆتكۈر ، ھەممە ئەزايىم ساق ، بىجىرىم تۇرۇپ ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى ئاشۇ ئەماچىلىك ئويلاپ باقمىغانلىقىمدىن ئۆكۈندۈم . كېيىن مەن ئۇزۇنغىچە ئۇنىڭدىن بىر نەرسە سېتىۋالمىدىم . بىراق ئۇنى كۆرسەملا بىئارام بولىدىغان، ئازاپلىنىدىغان بۇلۇپ قالدىم . بىر كۈنى ئۇنىڭدىن ئازغىنە نەرسە- كېرەك سېتىۋېلىپ ئۇنىڭغا 50 يۈەن تەڭلەپ :

-   بولدى ، ئاشقىنىنى قايتۇرماڭ ، – دېدىم مەن .

-   ھەدە ، سىز ماڭا قانچە پۇل بەردىڭىز ؟- دەپ سورىدى ئۇ ، مەن نەرسە – كېرەكلىرىمنى كۆتۈرۈپ ، بىر نەچچە قەدەم مېڭىشىمغىلا .

-   50 يۈەن ، – دەپ جاۋاپ بەردىم مەن .

-   مەن ئەزەلدىن بۇنداق چوڭ پۇل ئېلىپ باقمىغان ، دېدى ئۇ .

مەن ئۇنىڭ پۇلنى باش بارمىقى بىلەن چېكىپ ، ئاندىن ئالقىنىغا قۇيۇپ ئالدى – كەينىگە ئۆرۈپ سىلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم .

-   راست پۇل،خاتىرجەم بۇلۇڭ ،- دېدىم مەن .

-مەن ئەزەلدىن ساختا پۇل ئېلىپ باقمىغان . سىزنىڭ ماڭا ساختا پۇل بەرمەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن، چۈنكى سىز مېنىڭ ئەمالىقىمنى بىلىسىز ، مەن پەقەت سىزنىڭ ئارتۇق پۇلىڭىزنى قايتۇرۇش ئۈچۈن پۇلىڭىزنىڭ زادى قانچە پۇل ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاشقا تىرىشىۋاتىمەن ، چۈنكى مەن ھالال پۇل تېپىشنىلا ئويلايدىغان ئادەم ، – دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ .

  مەن ئۆزەمنىڭ يەنە بىر قېتىم خاتالاشقانلىقىمنى بىلدىم . مەن ئۇنى ماڭا ئىشەنمەيۋاتىدۇ دەپ ئويلىغاندىم ، بىراق ئۇ ماڭا پۇل قايتۇرۇش ئۈچۈن قانچە پۇل بەرگەنلىكىمنى سورىغانىكەن. دۇنيادا ئەنە شۇنداق مېيىپ تۇرۇپمۇ بىجىرىم كىشلەرنى ئويلايدىغان ، كۆپچىلىكنىڭ مەنپەئەتىنى بىرىنجى ئۇرۇنغا قويىدىغان ئېسىل كىشلەر كۆپ ئىكەن . بەلكىم ئۇ ئۆزىنىڭ ئەنە شۇنداق ئېسىل پەزىلىتى ۋە سەمىمىيلىكى بىلەن ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن كىشلەرنى چوڭقۇر  تەسىرلەندۇرگەن بۇلىشى مۇمكىن.

« ئامانلىق ژۇرنىلى» دىن ئېلىندى.

6دانە ئىنكاس
  1. نامسىزسۆز قالدۇرغۇچى :2011-04-1704:23 قايتۇرۇش

    ئادەمنى راستىنلار تەسىرلەندۈرىدىكەن

    • ئىزتىلسۆز قالدۇرغۇچى :2011-04-1922:48 قايتۇرۇش

      راست دەيسىز.

  2. قىسمەتسۆز قالدۇرغۇچى :2011-04-2005:09 قايتۇرۇش

    قادىر ئاللاھ ئاجىز بەندىلىرىگە كۆز قارىغۇلۇقىنى بەرسە بەرسۇنكى، قەلب قارغۇلۇقىنى بەرمىسۇن!

    • ئىزتىلسۆز قالدۇرغۇچى :2011-04-2018:13 قايتۇرۇش

      قەلىب قارلىقىدىن مەنمۇ بەكلا قورقىمەن ، ئاللا ئىگەم ھەر بەندىلىرىگە ئاسايىشلىق بەرسۇن!

  3. دولقۇن731سۆز قالدۇرغۇچى :2011-04-2200:05 قايتۇرۇش

    مەزكۇر ئۇسلۇپنى مەن تەرجىمە قىلغان ئىدىم، قارىسام سىزمۇ مۇشۇنى ئىشلىتىپسىز. ئەمما تېخى تەڭشەپ بۇللالمىغاندەك قىلىسىز. خالىسىڭىز مەن سىزگە تەڭشىگەن ئۇسلۇبنى بىر نۇسقا ئەۋەتىپ بېرەي.

    • ئىزتىلسۆز قالدۇرغۇچى :2011-04-2217:25 قايتۇرۇش

      شۇنداق تەرجىمە قىلدىم بىراق بىر پۈتۈن تەرجىمە قىلالمىدىم ، ئەلۋەتتە سىزنى تەڭشەپ ، بورمال ھالەتكە كەلتۈرىشىڭىزنى خالايمەن . ئادىرسىڭىزنى قالدۇرۇپ قۇيۇڭ مەن يوللاپ بېرەي .

ئىنكاس يوللاش

*

*

1 + 3 = ?

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif