مەخسۇس ۋوردپرەس ئۇلىنىش بلوگى قۇرۇلدى
يوللانغان ۋاقتى :2011.06.27ئاپتور :ئىزتىلكۆرۈلۈشى:21 viewsئىنكاس سانى :14
سالام سىزگە ئۇقۇرمەن ، بلوگگىر دوستلار !
ۋوردپرەس ئۇلىنىش بلوگىمىزغا خۇش كەپسىز. ۋوردپرەس ئۇلىنىش بلوگىمىز ئۇيغۇر بىلوگ جەمىئيىتىدىكى ۋوردپرەس سېستىمىسىنى ئىشلىتىپ بلوگ يېزىپ كېلىۋاتقان دوستلارنىڭ بلوگلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىش ، شۇنداقلار ئۇيغۇرلاردىكى مەخسۇس ئۇيغۇر تىل- يېزىقىدا يېزىلىپ كېلىنىۋاتقان بارلىق ۋوردپرەس بلوگلىرىنىڭ سىتاستىكىسىنى قىلىش مەقسەت قىلىنىپ قۇرۇلغان بۇلۇپ ، مەزكۇر ئۇسلۇپنى تەمىنلىگەن پىرستان & ئۇيغۇربەگ تۇرايىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەخمەت ئېيتىمەن . بارلىق ۋوردپرەس سېستىمىسىنى ئىشلىتىپ بلوگ يېزىۋاتقان دوستلارنىڭ مېنى قوللاپ بېرىشىنى شۇنداقلار قىممەتلىك پىكىر- تەلەپلەرنى قالدۇرشىنى ئۈمىد قىلىمەن . ئۇلىنىش قىلىندىغان بىلوگلار بلوگ خارەكتىرى ۋە يازما مەزمۇنىغا ئاساسەن تۈرلەر بويىچە رەتكە تىزىلىدۇ ، ھەپتىدە بىر قېتىم ھەپتىلىك داڭدار بىلوگ سەھىپىدە كۆپ ئىنكاس چۈشكەن ، كۆپ يازما ئېلان قىىنغان ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرىشغا ئېرىشكەن بلوگلار ئېلان قىلىنىدۇ . شۇنداقلا تەشۋىقات كۆزنىكىدە ئۇدا بىر ھەپتەرەسىملىك ئۇلىنىش تەشۋىق قىلىنىدۇ ، كېيىنكى ھەپتىدىن باشلاپ يەنە خەتلىك ئۇلىنش قاتارىغا قېتىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق شۇ بلوگنىڭ ئېقىم مىقتارىنىڭ ئېشىشىغا ياردىمى بۇلىدۇ . بىراق سەۋىيەمنىڭ چەكلىك بۇلۇشى سەۋەبلىك بىر قىسىم ئىقتىدارلارنى قېتىش جەھەتتە قىيىنچىلىققا يۇلۇقىۋاتىمەن ، ۋوردپرەس پېشىۋالىرىنىڭ بۇ جەھەتلەردە مېنى قوللاپ ماڭا ياردەم قىلىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن ، بەلكىم بۇ سىز مەن ۋە بارلىق بلوگگىر دوستلار ئۈچۈن جۈملىدىن ئۇيغۇر بلوگچىلىقىمىز ئۈچۈن بىر يىغىلىش سورۇنى بۇلۇپ قېلىشى ،جۈملىدىن بارلىق ۋوردپرەس بوگگىرلىرىنىڭ ئىللىق ئائىلىسى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن ، قېنى دوستۇم سىزمۇ سېپىمىزگە قۇشۇلۇڭ ، بارلىق بلوگگىر دوستلار بىر يەرگە جەم بۇلۇپ،ئائىلىمىزنى تېخىمۇ ئىللىقلىققا تولدۇرايلى ! ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت! ئۇلىنىش بلوگى ئادىرسىمىز :wpblog/ ، ھازىر ئۇسلۇپ ئىقتىدارى داۋاملىق يۇقىرى كۆتۈرلىۋاتىدۇ ، خاتالىق بايقىغان ھامان خەۋەردار قىلىپ قۇيىشىڭىزنى سورايمەن.
ئاللا – ئاللا ، مۇشۇنداق ئوبدان ئىشقىمۇ ھېچكىمنىڭ كارى بولمىغىنىنى دەيمەن …دىۋان مىنىڭ بوپتۇ ئەمسە …ئەمسە بىر يەرگە جەم بۇلايلى ! ئادىرسىم : http://www.turanim.com تۇغ : http://www.turanim.com/logo.gif
تەشۋىقات ئاز بۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ ، قوللايدىغانلار چىقسا بۇلاتتى ، سىزنى قېتىپ قويدۇم .
توغىرا ديسىز ، كۆپچىلىككە كۆپرىك تەشۋىق قىلساق بولغىدەك !
مۇمكىن بولسا مۇشۇ بلوگ ئاتامانلىرى بىرلىكتە كۈچ چىقارغان بولساق بەك ياخشى بۇلاتتى !
مېنىڭچە بۇبداق ئىشلارغا تورخۇمار ، يۈكسەل بلوگىدەك ئاتامانلار باش بۇلۇپ بەرسە ياخشى بۇلاتتى !
شۇنداق شۇ تورخۇمار ، يۈكسەل،ئۇيغۇربەگ ، تەدبىركار قاتارلىقلار بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەن بولسا ھەممىمىزگە ياخشى بولغان بۇلاتتى – ھە ؟!
يېقىندىن بۇيانقى بىر ئويلىنىشىمغا دەل مۇشۇ ئىستاستىكا سانى لازىم ئىدى . مەن ئىشىڭىزنى قوللايمەن .
شۇنداق ئەمىميەتلىك بىر ئىشقا تۇتۇش قىلغانلىقىمدىن ئۆزەممۇ مەندىكى مەسئۇلىيەتنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھىس قىلىۋاتىمەن . شۇنداقلا سىلەردەك بلوگگىرلارنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىمدىن ھەم ئىرىشىۋاتقانلىقىمدىن خۇشالمەن ، شۇنداقلا تەشۋىقات جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ قوللاشقا ئېرىشىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن !
ھەقىقەتەنمۇ بىر ئۇلۇغ ، ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ . ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى . ئۇيغۇر بىلوگلىچىلىقى ئۈچۈن تەڭ تىرىشايلى . «كۈچ بىرلىكتە ، ئىش ئۆملۈكتە »…
ئەھمىيەتلىك ئىشلار كۈندە چىقىۋاتىدىغۇ ؟! ، بلوگگىرلارنىڭ داۋاملىق قوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن !
بۇ ئىشنى مەنمۇ قوللايمەن.
مىنىڭچە بارا-بارا مۇكەممەللىشىپ كىتىشى مۈمكىن. بىلگەنلىرىمىز ئاۋال قوللاپ تۇرايلى!
قوللاپ تۇرغىنىڭىزغا تەشەككۈر ،
ياخشىمۇ سىز مىنىمۇ ئۇلنىشقا قۇشۇپ قويغان بولسىڭىز،رەھمەت.
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ، سىزنى دوستانە ئۇلىنىشقا قېتىپ قۇيۇشقا تامامەن بۇلىدۇ .