ئاچكۆزلۈك

يوللانغان ۋاقتى :2011.04.15ئاپتور :ئىزتىلكۆرۈلۈشى:21 viewsئىنكاس سانى :0

ئاچكۆزلۈك

«كۆزى ئاچقا يەتمەس پۈتۈن بۇ جاھان»

                                                 – يۈسۈپ خاس ھاجىپ

    ئاچكۆزلۈك ئىنسان تەبئىيتىدىكى چېكىدىن ئاشقان شەخسىيەتچىلىك روھى ھالىتى ۋە ھەرىكىتىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى بۇلۇپ ، ئۇ مەلۇم ئادەم ۋە تەبىقىلەرنىڭ ماددىي ، مەنىۋى ئوبىيكتلارغا قانائەت قىلماستىن ئىبارەت پىسخىك ھالىتى ۋە ھەركىتىنى كۆرسىتىدۇ .

     ئاچكۆزلۈك ئىنسانلار خۇي – مىجەزىگە ئەڭ دەسلەپتە چاپلاشقان روھى ئاجىزلىق بۇلۇپ ، ئۇ ئىنسانلار خۇي-مىجەزىنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ھالەتكە كېلىشىگە سەۋەپچى بولغان كۈشەندە ۋە بىر قىسىم ئىنسانلارنى بىر-بىرىگە قارىمۇ – قارىشى ئىككى قۇتۇپقا بۆلگەن مەنبەدۇر. ئىنسان تەبئىيتىدىكى تەمەخورلۇق،خۇشامەت ، ئاداۋەتخورلۇق،قۇلچىلىق(تەخسىكەشلىك)،يۇرتۋازلىق ۋە ھەسەتخورلۇق قاتارلىق ئاجىزلىقلارنى ئاچكۆزلۈك تۇغدۇرىدۇ  ھەم يېتىشتۈرىدۇ. رېئاللىققا ئاچكۆزلۈكنىڭ ئىپادىلىنىشى كۆپ قاتلاملىق ۋە مۇرەككەپ بۇلىدۇ.

   ھەممىلا ئادەم ئاچكۆز بولمايدۇ. پەقەت ئايرىم ئادەملەردىلا ئاچكۆزلۈك پىسخىكىسى شەكىللەنگەن بۇلىدۇ . ئاچكۆزلۈك ئادەملەرنىڭ گۆدەكلىك دەۋىرىدە يېمەك-ئىچمەككە ئاچكۆز بۇلشىدىن پەيدا بولغان بۇلۇپ ، ئادەملەرنىڭ جىسمانى ۋە پىسخىك يېتىلىشىگە ئەگىشىپ تەرەققى قىلىپ ، يېڭى ئاچكۆزلۈك تىپلىرىغا ئۆزگىرىدۇ . يەنە مەلۇم بىر خىل ئىجتىمائىي شارائىت ياكى بىر خىل يېڭى تاللاش بەزىدە بىر خىل ئاچكۆزلۈكنى پەيدا قىلىدۇ. ئاچكۆزلۈك پىسخىكىسى بەزىلەردە روشەن ھەم  كۈچلۈك،بەزىلەردە سۇس ياكى يۇشۇرۇن بولىدۇ؛ بەزىلەرنىڭ پىسخىكىسىدا ئۇنىڭ بىر-ئىككى تىپى مۇقۇملاشقان ، بەزىلەردە ئۇنىڭ ھەممە تىپى تېپىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ، ئاچكۆزلۈك پىسخىكىسىنى يېتىلدۈرگەن ئادەملەردىكى ئاچكۆزلۈكنىڭ ئىپادىسى ئوخشاش بولمايدۇ ؛ بەزىلەر يېمەك- ئىچمەككە ، بەزىلەر مال-دۇنياغا ، بەزىلەر كېيىم-كىچەككە ئاچكۆز بۇلىدۇ؛ بەزىلەر ھاۋايى- ھەۋەسكە ئۆزىنى ئۇرسا ، بەزىلەر ھوقوق-ئىمتىياز ھەلەكچىلىكىدە ھىيلە –مىكىر، سۈيقەست ئىشلىتىدۇ.

(1) يېمەك-ئىچمەك ئاچكۆزلۈكى. يېمەك-ئىچمەك ئاچكۆزلۈكى ئادەمنىڭ كىچىكلىكىدە پەيدا بولىدىغان ئاچكۆزلۈك تىپى. ئۆسمۈرلەردىكى يېمەك-ئىچمەككە بولغان ئاچكۆزلۈك ئاساسەن بىر نەچچە خىل غىزاغا كۆزى تويماسلىقتىن پەيدا بولىدۇ. بۇنداق بالىلاردا غىزانى كۆپ يەپ قورسىقى تويسىمۇ ، كۆزى تويمايدىغان  خۇي يېتىلىدۇ. مانا مۇشۇ خۇي ئاستا-ئاستا شۇ بالىنىڭ بىر پىسخىكىسىغا ئايلىنىدۇ – دە ، چوڭ بولغانچە تاماقنى زىيادە ئىستىمال قىلىدىغان، قورسىقى تويسىمۇ كۆزى تويماي ، يېمەك-ئىچمەككە ئۆزىنى ئۇرىدىغان بۇلۇپ قالىدۇ.

   «كۆزى ئاچ ئۆلسە تويار» دېگەندەك، يېمەك-ئىچمەك ئاچكۆزلىكىگە گىرىپتار بولغانلار بىرەر ۋاخ تاماق ياكى بىرەر قېتىملىق زىياپەت بىلەن ئاقنى قارا، قارىنى ئاق قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان بۇلىدۇ. ئاچكۆزلەر دائىم مېھماندارچىلىق، توي، نەزىر، تاماق سورۇنلىرىنىڭ بۇلۇپ تۇرۇشىنى ، ئالىي غىزانىڭ بۇلۇشىنى تەمە  قىلىدۇ . ئەجدادلىرىمىز بۇنداقلارنى«گېلى تويماسنىڭ قولى گال،كۆزى تويماسنىڭ ئەقلى گال» دەپ خۇلاسىلىگەن.

(2) كىيىم-كىچەك ئاچكۆزلىكى. كىيىم –كىچەك ئاچكۆزلىكى يېمەك-ئىچمەك ئاچكۆزلىكىگە ئوخشاش بىرخىل ئاچكۆزلۈك تىپى. ئۇ كۆپىنچە ئاياللاردا ، ئايرىم ئەرلەردە شەكىللىنىدۇ . كىيىم-كېچەك ئاچكۆزلىكىگە مۇپتىلا بولغانلارنىڭ ئولتۇرسا-قوپسا ئويلايدىغىنى يېڭى كىيىم كېيىش . بۇنداق پىسخىكىلىق ئادەملەرنىڭ كۆزى كىيىم-كېچەك، زىببۇ – زىننەت تويماي ، ھە دېسە كىيىم – كېچەك ، زىببۇ –زىننەت توپلايدۇ . باشقىلار بىرەر يېڭى پاسۇندا كىيىم كىيسە ياكى زىببۇ-زىننەت تاقىسا ھەسەت قىلىپ ئولتۇرالماي قالىدۇ. بەزىلىرى ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى شارائىتى بىلەن ھېسابلاشماي ، يېمەي-ئىچمەي ، بالىلىرىنى كىيىمسىز ، قورسىقىنى ئاچ قالدۇرۇپ ، ھەتتا قەرىز ئېلىپ كىيىم-كېچەك توپلايدۇ. كىيىم-كېچەك ئاچكۆزلۈكى ئاخىر ئۇلارنى «ئۇچىسىغا قارىسا كۆز چاقنايدىغان ، ئۆيىدىن چاشقان يامانلايدىغان»قىلىپ قويىدۇ .

   كىيىم – كېچەك ئاچكۆزلۈكى ئادەملەرنى سۆلەتۋازا ، ھۇرۇن قىلىپ قويىدۇ . ئىقتىسادىنى بۇزۇپ ، ئائىلىنى ، جەمئىيەتنى ئىسراپچىلىققا باشلاپ، جەمئىيەتكە «تېشى پال-پال، ئچى غال-غال»لىق ئېلىپ كېلىدۇ.

   (3)مال-دۇنيا ئاچكۆزلۈكى. مال-دۇنيا ئاچكۆزلۈكى ئاچكۆزلۈك ئىچىدىكى ئەڭ ناچار پىسخىك ھالەت. .ئۇ پۇل-مالغا ھېرىسمەن بۇلۇش ، ئۇنى ئاچكۆزلۈك بىلەن يىغىپ ساقلاشتا ئىپادىلىنىدۇ.

   مال – دۇنيا ئاچكۆزلىكىنىڭ ئىنسان پىسخىكىسىدا شەكىللەنگەن تارىخى ئەڭ ئۇزاق. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە توپلىشىپ ئوۋچىلىق ، تېرىقچىلىق قىلىپ ئوۋ غەنىيمەتلىرى، ئاشلىق ، مېۋىلەردىن تەڭ بەھىرىمەن بولغان . ئوۋ قوراللىرى، تېرىقچىلىق سايمانلىرى جامائە –ئۇرۇق(توپ)نىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولغان . يېڭى تاش قوراللار دەۋىرىنىڭ ئاخىرقىغا كەلگەندە ، پىسىخىكىسىدا شەخسىيەتچىلىك ۋە يامان نىيەت ئۆسۈپ چىققان جامائەت باشلىقلىرى  ۋە ئۇنىڭ يانتاياقلىرىدا مال-دۇنيا ، ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى، ئوۋ غەنىمەتلىرى  ، ئاشلىق ، مېۋە،يېپىنچا بۇيۇملىرى ، چارۋا ، ئورمان-يەرلەرنى ئىگىلىۋېلىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش مەقسىتى شەكىللەنگەن. ئاخىر بۇ سەۋەپلەر تۈپەيلى ئىپتىدائىي كوممونا يىمىرىپ تاشلانغان . ئاقىۋەتتە ئىنسانلار ئىچىدە مال مۈلۈككە ، بايلىققا ئىگە بۇلۇۋالغانلار ، مال-مۈلۈككە ئىگە بولالمىغانلاردىن ئىبارەت ئىككى گوروھ شەكىللەنگەن.

   مال-دۇنيا ئاچكۆزلۈكىگە گىرىپتار بولغانلار مال-مۈلۈككە ئىگە بولغاندىن كېيىن ، ئۇلاردا تەييار تاپلىق پىسخىكىسى ھاسىل بۇلۇپلا قالماي يەنە ئىگە بولغان ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىگە تايىنىپ ئەمگەكچىلەردىن كۆپلەپ مال-دۇنيا ئۈندۈرۋېلىش ئاچكۆزلۈكى ئۈسۈپ چىققاچقا ، ئېكىسپالاتسىيە ۋە زۇلۇم ۋۇجۇدقا چىققان .

   مال-دۇنيا ئاچكۆزلۈكىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ پۇل-مالغا بولغان ئاچكۆزلۈكى بەك كۈچلۈك بولىدۇ . قولىغا خىېلى كۆپ مال-دۇنيا كىرسىمۇ ئۇنىڭغا قانائەت قىلمايدۇ. بۇخىل ئاچكۆزلۈك ئادەتتە ھوقوق-ئىمتىيازغا ئېرىشكەنلەر ، سودىگەر-زەردارلار ۋە پۇل-مالغا ئېرىشىش ئۈچۈن پۈتۈن ھۈنىرى ، ھىيلىسىنى ئىشقا سېلىۋاتقانلاردا پەيدا بۇلۇپ ئۆسۈپ بېرىدۇ.ئۇلارنىڭ پۈتۈن پىكىر-خىيالى مال-دۇنيا توپلاشقلا قارتىلىدۇ. باشقىلاردىن نەپ ئېلىش،توپلاش،ئۇنى قانداق ساقلاش ۋە كۆپەيتىش – ئۇلارنىڭ تىرىكچىلىكىدۇر.

«كۆزى ئاچ كىشى بولماس مالغا باي، پۈتۈن دۇنيا بولسا ئۇنىڭ، يەنە ئۇگاداي». مال-دۇنيا ئاچكۆزلۈكى ئادەملەرنى بېخىل، پىخسىق ، قانائەتسىز قىلىپ قويىدۇ. شۇڭا ئاچكۆزلەر مال-دۇنياغا ئىگە بولغاندىن كېيىنمۇ ، يەنە مال-دۇنياغا كۆزى تويمايدۇ.

ئۇيغۇرلاردىكى مال-دۇنيا ئاچكۆزلىرى ئىلگىرى يىغقان مال-دۇنياسىنى ئالتۇن –كۈمۈشكە ئايلاندۇرۇپ ، ئۇنى يات قول تېگىشىتىن ساقلايمەن دەپ تام قېتىغا تىقىش، كۈلۈڭغا ، دەرەخ تۈۋىگە كۆمۈپ ساقلاش، پۇلغا يەر ئېلىش ھەلەكچىلىكىدىلا ياشىغان . بىر قىسىم ئاچكۆزلەر ھازىرمۇ شۇ ئەندىزىلەردىن چەتنىگىنى يوق .

ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا باشقىلارنىڭ، يېتىمنىڭ ھەققىگە قارا ساناش، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش، جازانىخورلۇق قىلىش، دۆلەتنىڭ، كوللىكتىپنىڭ پۇلىغا، مۈلىكىگە خىيانەت قىلىش يولىدا ھەرخىل ۋاستىلەرنى ئىشقا سېلىشتەك ئەخلاقىي بۇزۇقلۇقنىڭ سادىر بۇلۇپ تۇردىغانلىقى دەل مال-دۇنيا ئاچكۆزلۈكنىڭ ئاقىۋىتى.

مال-دۇنيا ئاچكۆزلۈكى پىسخىكىسى مال-دۇنيالىق بولغانلاردا ھوقوق-ئىمتىياز ئاچكۆزلۈكنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇلار ھوقوقنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ھوقوقدارلارغا خۇشامەت قىلىپ ئۇلارنى تورغا ئىلىندۇرماقچى بۇلۇشىدۇ. ئەتىراپتىكىلەرگە ئىچى قارىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كۆزلگە ئىلمايدۇ. بۇ پىسخىك ھالەت ئۇلارنى ئېتىقادسىز، غۇرۇرسىز ھلاغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە ئۇلار ھارام مالغا ئىگە بۇلۇش، مال-دۇنياسىنى قولدىن چىقارماسلىق ئۈچۈن ئەل، مىللەت ۋە ئائىلىسگە خىيانەت قىلىدۇ.

(4) ھوقوق، ئىمتىياز ئاچكۆزلۈكى. ھوقوق، ئىمتىياز ئاچكۆزلۈكى ئېكىسپىلاتاتور سىنىپ ۋە ئۇنىڭ ۋەكىلى بولغان ھۆكۈمرانلار ھەمدە ئۇلارنىڭ غالچىلىرى، ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ پىسخىكىسىدا شەكىللەنگەن شۇنداقلا شەكىللىندىغان يىرىك ئاچكۆزلۈك تىپى. بۈگۈنكى كۈندە بولسا مەلۇم شەخسى غەرەز ياكى غەيرىي نىيەتنى كۆڭلىگە پۈككەن ۋە ياكى ئىجتىمائىي نەپنى قولغا كەلتۈرۈشنى خىيال قىلدىغان ئادەملەردە پەيدا بۇلىدىغان بىنورمال ھەرىكەت.

ئۆتمۈشكە نەزەر سالغاندا، ھوقوق، ئىمتىياز ئاچكۆزلۈكىگە مۇپتىلا بولغان خاقان-پادىشاھلار، ئىلىكخان، ۋەزىر-ۋۇزرالار ئىچىدە ھوقوقنى دەپ قېرىندىشىنى، ئانىسىنى ئۆلتۈرگەن؛ بالىسىنى ئۆلتۈرۈپ ھوقوقىنى قوغدىغان، ھوقوق تالىشىپ ئەلنى پارچىلىغان، ھوقوققا ئېرىشىش ئۈچۈن دوستلىرىغا ساتقىنلىق قىلغانلار بولغان. بەزى ھوقوق-ئىمتىياز ئاچكۆزلۈكى پاتقىقىغا چوڭقۇر پاتقانلار ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق دائىرىسىنى، زېمىنىنى كېڭەيتىش، باشقىلارنى قۇل قىلىش غەرىزىدە ئۇرۇش قوزغاپ قانلىق قىرغىنچىلىققا سەۋەبچى بۇلۇپ، ئىنسانىيەتكە دەھشەتلىك بالايىئاپەت كەلتۈرگەن. ئىنسانىيەت مەدەنىيتىنى ۋەيران قىلىشقان.  

ھوقۇق، ئىمتىياز ئاچكۆزلىكى پىسخىكىسى ئادەمنى رەھىمسىز، قارانىيەت ھەم غورۇرسىز قىلىپ قويىدۇ. بۇنداق پىسخىكلىق ئادەم باشقىلارغا رەھىمسىز بۇلىدۇ. ھەممىدە ئۆزىنىڭ گېپىنى راست قىلىدۇ. خەلققە، قول ئاستىدىكىلەرگە كۆيۈنمەيدۇ. ھوقوقنى، ئېمىتىيازنى ساقلاش ياكى ئۇنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن شۇملۇق پىلانلايدۇ؛ باشقىلارغا قارا چاپلايدۇ. ئاق كۆڭۈل، ئىقتىدارلىق ئادەملەرنى يوق قىلىش كويىدا بۇلىدۇ. ئۆزىدىن چوڭ ئەمەلدارلارغا ئورا كولايدۇ. ئۆزىدىن تۆۋەنلەرنى بېسىپ، ئىقتىدارى، تۆھپىسى بارلارنى پۇتلايدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئاغزىدە ۋەتەن، مىللەت دەپ مەيدىسىگە مۇشتلىسىمۇ، ئاستىرتتىن ۋەتەن، مىللەت مەنپەئەتىگە زىيان سالىدۇ.

ھوقوق ئېمتىياز ئاچكۆزلۈكى پىسخىكىسى بىر بۆلۈك ئىنسانلارغا ھەمراھ ئامىل. ئۇ ھەرقانداق ماكان، زاماندا ھامان ئايرىم كىشلەرنىڭ پىسىكىسىدىن تېپىلىدۇ. ئۇلار بىر ياكى بىر نەچچە خىل ئاچكۆزلۈك پىسخىكىسىنى ئوتتۇرغا چىقىرىپ ھەرىكەت قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائي ئورنى، ئىقتىسادى ئۇلارنىڭ ئاچكۆزلۈكى پىسخىكىسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ باشقا ھەرخىل سۈپەتلىرىمۇ ئۇنىڭ ئاچكۆزلۈك پىسخىكىسىغا تۇسالغۇ بۇلالمايدۇ. ساختىلىق كۆز بۇيامچىلىق بىلەن قولغا كىرگۈزىۋالغان مەلۇم ھوقوقى، ئېمتىيازى ياكى سالاھىيتىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىگە تېگىشلىك بولمىغان ئورۇنغا چىقىشنى خىيال-تەمە قىلىدۇ. بۇ يولدا ئۆزىگە تۇسالغۇ دەپ قارىغان كىشلەرنى كۆزدىن يوقىتىش ۋاستىلىرىن قوللىندۇ.

ھوقوق، ئېمتىياز ئاچكۆزلۈكى پىسخىكىسى ھوقوقدار، ئېمىتىيازلىقلارنىڭ قول ئاستىدا ۋە ئەتراپىدا يۈرگەنلەرنىڭ پىسخىكىسىغىمۇ ئۆتىدۇ. ئۇلار خۇجايىننىڭ ھوقوق، ئېمتىيازىنى ئارق تېرەك قىلىپ باشقىلارغا زۇلۇم سالىدۇ. خۇجايىننىڭ كەيىياتىغا قاراپ، خۇجايىنى يامان كۆرگەننى دۈشمەن تۇتۇپ، خۇجايىننى ھىجايغانغا خوشامەت، يالاقچىلىق قىلىپ، مەنسەپ ئىنئام تەمە قىلىدۇ. «پادىشاھ ئۈزسە بىر ئالمىنى،نەۋكىرى ئۈزەر مىڭ ئالمىنى» دېگەندەك، غالچىلارنىڭ ئەلگە كەلتۈردىغان قىلمىش-ئەتمىشلىرى ھوقوق-ئېمتىيازلىلارنىڭكىدىنمۇ كۆپ بولىدۇ.

ھوقوق، ئېمتىياز ئاچكۆزلۈكى مال-دۇنيا ئاچكۆزلۈكى بىلەن بىرىكىپ كېتىدۇ. ھوقوقلۇق، ئېمتىيازلىقلارنىڭ ئاچكۆزلۈك پىسخىكىسىدا ۋە ھوقوق، ئېمتىيازنى قولغا كىرگۈزۈش قەستىدە يۈرگەنلەردە ھارام ئىقتىسادقا ئېرىشىش غەرىزى يۇشۇرۇنغان بۇلىدۇ. شۇڭا ئۇلار ھوقوق، ئېمتىيازغا ئىگە بۇلۇپلا بېيىش ئۈچۈن خىيانەت قىلىش، پارا ئېلىش، ئارتۇق ئىگەللىۋېلىشنى باشلايدۇ. يىغقان ھارام ئىتىساد، مۈلۈكنىڭ بىر بۆلىكىنى ئۆزىگە ھامىي بولغان ھوقوقدارغا توشۇپ «تەخت» نى چىڭىتىش ۋە يوغىنتىش كويىدا بولىدۇ. بۇ خىل تەبىئەت ئۇلاردىكى تەمەخورلۇق، ھىيلىگەرلىك، ئاداۋەتخورلۇق، ھەسەتخورلۇق ۋە يالغانچلىق قاتارلىق ئاجىزلىقلارنى تەڭ يېتىلدۈرگەن بولىدۇ.

(5) ھاۋايى-ھەۋەس ئاچكۆزلۈكى. ھاۋايى-ھەۋەس ئاچكۆزلۈكى ئاچكۆزلۈك ئىچىدىكى ئۆزگىچە تىپ. ئۇنىڭ ھالىتى ۋە ئوبېكتى غەيرىي ۋە بىر قانچە خىل بۇلىدۇ. شەھۋەتپەرەسلىك، ھاراق-شارابقا بېرىلىش، قىمارغا بېرىلىش، ئويۇن-تاماشىغا بېرىلىش، زەھەرلىك چىكىملىككە بېرىلىش قاتارلىقلار ئۇنىڭ كونكىرېت خىللىرى. ئۇنى جىنس ئايرىمىسى، ئىجتىمائىي ئورۇن پەرقى، ئىتىسادىي ئەھۋال بويچە شەكىللىندىغان خاراكتىرلاردا پەرىقلەندۈرۈش مۇمكىن.

شەھۋەتپەرەسلىكتىن ئىبارەت ھاۋايى-ھەۋەس ئاچكۆزلۈكى پىسخىكىسى زىناخورلۇق، پاھىشىۋازلىق، خوتۇنبازلىقلاردا روشەن ئىپادىلىندۇ. بۇ خىل ئاجىزلىققا گىرىپتار بولغانلار ئەقلىدىن، ئېتىقادىدىن، غۇرۇرىدىن ھەم ئىنسانىي سۈپىتىدىن مەھرۇم قېلىپلا قالماي، مىللەتنىڭ مەدەنىيەت-ساپاسىنى تۆۋەنلىتىپ، ئەخلاقىي بۇزۇقلۇقنى ئەۋج ئالدۇرىدۇ.

ئىچىملىككە، چېكىملىككە بېرىلىش ئوخشاشلا ئادەمنى ئېتىقادتىن مەھرۇم قىلىپ، ئادەمنى ھۇرۇنلۇق، تەمەخورلۇققا باشلاپ، ئەقلىدىن، ئىقتىسادىدىن ھەم ياشلىق باھارىدىن ئايرىيدۇ.

ھاۋايى-ھەۋەس ئاچكۆزلۈكى پىسخىكىسى ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئەڭ يىرگىنىشلىك ئامىل. ئىلگىرى ئۆتكەن بەزى پادىشاھ، ئەمەلدارلار ھوقوقىغا تاينىپ شەھۋەتپەرەسلىككە بېرىلىپ ئەلنىڭ ئامانلىقى، خەلقنىڭ ھالى بىلەن كارى بولمىغان، ھازىرقى كۈندىمۇ، بۇنداق پىسخىكىلىق ئادەملەر يەنىلا پەيدا بۇلۇپ تۇرىدۇ. ئۇلار ھاياسىز، بەتئەخلاقلىق تەبىئىتى بىلەن جەمئىيتىمىزدە ھەرخىل ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىشماقتا.

 

 

0دانە ئىنكاس

ئىنكاس يوق

ئىنكاس يوللاش

*

*

5 + 9 = ?

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif