ئورنىڭىز » باش بەت » ئەسەرلىرىم » كىتاپ ئىشكابىمدىكى تىزىقلىق كىتاپلار

كىتاپ ئىشكابىمدىكى تىزىقلىق كىتاپلار

يازما يوللانغىلى 106 كۈن بولدى | ئاپتۇر ئىزتىل | سەھىپە: ئەسەرلىرىم | يوللانغان كۈن:2011-05-19 |

    مەن بۇرۇن خېلى كىتابخۇمار ئىدىم ، قاچان خىزمەتكە چۈشتۈم شۇندىن بۇيان كىتابخانىغا بېرىپ كىتاپ سېتىۋېلىپ كېلىپ ئوقۇش دېگەنلەرنى ئۇنتۇپلا كەتتىم ، خىزمەت ۋاقتىدا كىتاب ئوقۇغىدەك ۋاقىت يوق ، ئەمدى بىر ۋاراق ئوقۇپ بولغۇچە ئۇنداق ياكى مۇنداق ئىشلار چىقىپ دىققەت چېچىلىپ كېتىدىغان گەپ ، بۈگۈن ئىشتىن بالدۇرلا چۈشۈشكە پۇرسەت بۇلۇپ قالدى، كىتاپخانىغا بارسام ئۇ يەردىمۇ يېڭى كىتابلار نەشىردىن چىققاندەك ئەمەس ، بىر قۇر ئارلىۋەتكەندىن كېيىن ، «ئۇيغۇرچە- خەنزۇچە- روسچە تۇرمۇش سۆزلىرى » دېگەن كىتابنى قۇلۇمغا ئېلىپ ئەمدى ئۇقۇپ تۇرۇشىمغىلا يانفۇنۇم سايرىدى ، ئامالسىز ئۆيگە قايتىشقا مەجبۇرى بولدۇم . ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىشنى تۈگىتىپ كىتاب ئىشكابىنىڭ ئالدىغا كەلدىم ، ئېسىمدە قېلىچە مەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5-يىللىقىدا كىتاب ئوقۇشنى «ئۇيغۇر خەلىق چۆچەكلىرى» دىن باشلىغان ئىكەنمەن، تۇللۇقسىزغا چىققان ۋاقتىمدا ئۆيىمىز يېزىدا بولغاچقا مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن دوستلىرىم بىلەن پادا باققىلى چىققاندا «رابىغۇزىنىڭ- قىسسەسۇل ئەنبىيا » دېگەن كىتابىنى ئوقۇشقا باشلىغاندىم ، ئۇنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن . ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىمىزنىڭ سەركىسى ئابدۇرېھىم تىلەشۇف ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «ئىز» ناملىق رومانىنى ئوقۇش بىلەن پىروزا ئەدەبىياتى ئەسەرلىرنى ئوقۇش ھاياتىم باشلاندى ، ئەنە شۇنىڭدىن بۇيان مەن نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇپتىمەن ، يەنە نۇرغۇن كىتابلارنى يىغىپ ساقلاپتىمەن  . كىتاب ئىشكابىمغا قاراپ باقسام يىغىپ ساقلىغان كىتابلىرىم ئاز كەم 100 پارچىگە يېقىن بېرىپ قاپتۇ . شۇنىڭ بىلەن مەن يىغىپ ساقلىغان كىتابلىرىمنىڭ ئىسمىنى  كەڭ دوستلىرىم بىلەن بىرگە ئورتاقلىشىىشىنى لايىق تېپىپ رەتكە تۇرغۇزۇپ ، تىزىپ چىقتىم . بۇلار ئاساسەن رومانلار ، «شېئىرى رومان» دەپ نەشىر قىلىنغان كىتابلارنى خەلقىئارالىق قائىدە بويىچە داستان ھېسابلاپ ، رومان قاتارىغا كىرگۈزۈشنى توغرا تاپمىدىم .

كىتاپلارنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە :

1.« ئانا يۇرت» تىرلوگىيە، زۇردۇن سابىر.

2.«ئىزدىنىش»ئىككى قىسىم زوردۇن سابىر.

3.«ئاتا» زوردۇن سابىر.

4.«ئابرال شاماللىرى» زۇردۇن سابىر.

5. « ئىز» ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

6. « ئويغانغان زېمىن» ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

7.«مېھىرگىياھ» جالالىدىن بەھرام 

8.« لېيىغان بۇلاق» ئالتە قىسىم ، جالالىدىن بەھرام

9.«ئامەت ۋە ئاپات» ئىككى قىسىم ، جالالىدىن بەھرام

10.«كۆمۈرچى بالا» جالالىدىن بەھرام

11.«ناتىۋانلار» جالالدىدن بەھرام

12.«قۇم باسقان شەھەر» مەمتىمىن ھۇشۇر

13.«باياۋاننىڭ سىرى» ئەختەم ئۆمەر

14.«ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە قىسسە» خېۋىر تۆمۈر

15.«بالدۇر ئويغانغان ئادەم»خېۋىر تۆمۈر

16.«سۇتۇق بۇغراخان» سەيپىدىن ئەزىزى

17.«جۇدالىق»  ئىككى قىىسم .ھاجى مىرزاھىد كېرىمى

18.«تۈندىكى چاقماق»ئەبەيدۇللا ئىبراھىم

19.«داغ»ئەبەيدۇللا ئىبراھىم

20.«پۈتمەس سەترىلەر»ئابدۇللا ساۋۇت

21.«يۇلتۇز ئەپسانىسى» ئابدۇللا ساۋۇت

22.«يات كۆلەڭگىلەر» غەيرت ئاسىم

23.«سەرسان ھېسىياتلار» غەيرەت ئاسىم

24.«خام سۈت ئەمگەن بەندىلەر» غەيرت ئاسىم

25.«بەدۆلەت» ئۈچ قسىم ، ئابدۇۋەلى ئەلى

26.«ئىلى دولقۇنلىرى» ئىككى قىسىم ، ئابدۇراخمان قاھار

27.ھايات سىرى»ئابدۇراخمان قاھار

28.«ئاۋات شەھەرنڭ يېڭى پۇقراسى»ئابدۇراخمان قاھار

29.«كۆڭۈل»ئابدۇراخمان قاھار

30.«قاينام ئۆركىشى» ئابدۇللا تالىپ

31.«چالا تەگكەن ئوق» ئابدۇللا تالىپ

32.«ھايات شۇنداق» ئەخەت تۇردى

33.«بەختسىز سەئىدىيە»ئەخەت تۇردى

34.«ئۇنتۇلغان كىشلەر»ئەخەت تۇردى

35.«ئاي يامغۇرى»ئەخەت تۇردى

36.«سەرسان روھ»ئەخەت تۇردى

37.«گۆر ئاغزىدىن قايتقانلار» سۇلايمان ئابدۇرېھىم

38.«ھايات شاماللىرى» تۆت قىسىم ، سەمەت دۇگايلى

39.«ئاخرەتتىن كەلگەنلەر»تۇردى سامساق

40.«مەخمۇت قەشقەرى»پەرھات جىلان

41.«ئورخۇن شەجەرىسى» پەرھات جىلان

42.«بوز ئەر»ئىككى قىسىم ، مۇھەممەتجان سادىق

43.«زۇلپىقار» مۇھەممەتجان سادىق

44.«باشئەگىم» پەخىردىن مۇسا

45.«تەقدىر » تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم

46.«تەڭرىنىڭ ھۆكمى» توختى ئايۇپ

47.«بۆرە ئانا» توختى ئايۇپ

48.«تۇمانلىق ئۇپۇق» ئالىمجان ئىسمايىل

49.«قانغا بۇيالغان سايرام»مەمتىلى ھېلىم

50.«ئارمان» مەمتىلى ھېلىم

51.«يىللار » ئابلا ئەخمىدى

52.تۆشۈك مۇنچاق» ئابلا ئەخمىدى

53.«مۇھەممەت بېشىر ۋاڭ» ئايشەم ئەخمەت

54.«قانلىق يەر»مەمتىمىن توختايۇپ

55.«قارا ئېقىن» ئەركىن سابىر

56.«سەپەر» تۇرسۇن لىتىپ

57.«مەلىكە ئاماننىسا خېنىم» تۇرسۇن يۇنۇس

58.«شاۋقۇن» مۆمىن مۇھەممىدى

59.«قىساس» قاھار جېلىل

60.« كۆزى ئېچىلغان بۇلاق» تۇرسۇن رۇزى

61.«سادىر پالۋان» تۇرسۇن ياسىن

62.«ئانا نەسىھىتى» مۇھەممەت لىتىپ

63.«ھاياتتا شۇنداق كۈنلەرمۇ ئۆتكەن» مەخمۇت مۇھەممەت

64.«ئەنجانباي» نۇر رۇزى

65.«داۋان» ياسىنجان سادىق چوغلان

66.«جاللات خېنىم »ياسىنجان سادىق چوغلان

67.«باھادىرنامە» ياسىنجان سادىق چوغلان

68.«قۇتاد غۇبىلىك» يار مۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق

69.« باياۋاندىكى گۈلخان» تىرلوگىيە، غۇلام ئۆمەر

70.«خىزىرغا يۇلۇققان ئاتا» ئارسىلان تالىپ

71.«ئاشۇ كۈنلەردە» ئابدۇساتتار ھامىدىن

72.« كۈرۈشچان يىللار» تىرلوگىيە، قەييۇم تۇردى

73.«ئۆۋېلىش سەنئىتى» پەرھات تۇرسۇن

74.«تاشقا ئايلانغان كۆز يېشى» ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت

75.«ئۆگەن يېشى» پاتەم ناسىر.

76.«ھايات قايناملىرىدا» مەخمۇتجان ئىسلام

77.«ياغاچ مىدال» چوپانى

78.«ئۆزلۈك ۋە كىملىك» ئەسەت سۇلايمان

79.« تارىمنىڭ يۈرىكىدىكى ئوت»

80.«كۈز يامغۇرى» تۇرسۇنجان مۇھەممەت

81.«ھىجىران» تۇرسۇنجان مۇھەممەت

قۇشۇمچە: ئەگەر دوستلارنىڭ بۇنىڭدىن باشقا ئۆزلىرى ئوقۇغان ، ياخشى ، ئوقۇپ قۇيۇشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارىغان كىتابلار بولسا تەۋسىيە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . بىرلىكتە ئورتاقلىشايلى.

خەتكۈچ:,
يازما ئادىرسى :?p=133
. يازمىلارنى باشقا بلوگ ياكى تور بەتتە ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز يازما ئاپتۇرىنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ!

تەلەي قاپىقىغا تاشلايمەن!(T+)

يازمىلار قالتىسكەن دەرھال دوستلىرىمغا تەۋسىيە قىلاي



1ولداش ئۆزىنىڭ ئوتلۇق تىلەكلىرىنى قالدۇردى...

  • قۇتلۇق بەگ 说:2011-يىل 19-ماي 15:57 جاۋاب

    سىزمۇ مەندەك كىتاب خۇمار ئادەمكەنسىز،مەن مۇشۇ تۇلۇقسىز مەكتەپنى ئۇقۇۋاتقان چاغدا ئۇقۇغان كىتابىم بەك -بەك كۆپ ،يۇقۇردا سىز تىلغا ئالغان كتابنىڭ ھەممىسىنى دىگۈدەك ئۇقۇغان ئىدىم،بەزى كىتابلار ئۆيۈمدە ھازىر يوق،ۋەتەندىن ئايرىلغان چېغىمدا مەن پەقەت ئانا يۇرت رومانى بىلەن ئەسسەت سۇلايماننىڭ ئۆزلۈك ۋە كىملىك دىگەن كىتابىنى ئېلىۋالغان ئىدىم،بايا ئىلقۇت بىلوگىدىن جالاھىدىن بەھرامنىڭ ‹‹تەكلىماكان ئوغلى›› دىگەن كىتابنى ئۇچۇرىنى ئاڭلاپ 0991 دىكى سىڭلىمغا تېلفۇن قىلپ ئېلىپ قۇيۇشنى تاپىلىدىم،پات ئارىدا دېڭىز،ئوكيان ئاتلاپ بۇ ياققا كېلىدۇ…
    سىزمۇ كۆپ تىرىشىپ سىز نۇرغۇن ئورتاقلىقىمىز باركەن

    • ئىزتىل 说:2011-يىل 19-ماي 17:33 جاۋاب

      مەن ھازىر كىتاپ ئوقۇشقا كۆپ ۋاقىت چىقىرالمايۋاتىمەن ، ئەمما ياخشى كىتابلار بولسا سېتىۋېلىپ ساقلاپ قۇيىمەن ، كېيىنكى ئەۋلادلىرىمغا مىراس بۇلۇپ قالار ، كىم بىلىدۇ ، كېيىن بۇ كىتابلىرىمىز يەنە نەشىردىن چىقامدۇ يوق، چىققاندىمۇ نۇرغۇن جايلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزىلىشى مۇمكىن .

    • نەزەرى 说:2011-يىل 20-ماي 21:49 جاۋاب

      سىز «تەكلىماكان ئوغلى» نى ئوقۇپ يۈرمەڭ. ئىملا خاتالىقى كۆپ، يېزىلىشىمۇ مۇۋاپقىيەتسىز چىققان كىتاب.
      مەن ئوقۇپ بولغان. «ھايات قىسمىتى» مۇ ياخشى چىقمىغان ئەسەر. كىتاب ئوقۇيمەن دېىڭسىز «باھادىرنامە» نى ئوقۇپ كۆرۈڭ.
      جالالىدىن بەھرامنىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدە «ناتىۋانلار»،«كۆمۈرچى بالا» خىلى بولىدۇ.
      مەنمۇ ئۆتۈپ كەتكەن كىتاب خالتىسى.
      ئۇيغۇرچە داڭلىق كىتابلارنى ئاساسەن ئوقۇپ بولغان.

      • ئىزتىل 说:2011-يىل 20-ماي 22:48 جاۋاب

        قەدىمىڭىزگە مەرھابا ، سىزمۇ مەندەك كىتاپ خالتىسى ئىكەنسىزدە ؟ بولسا تېخىمۇ ياخشى كىتابلارنى تەشۋىق قىلغايسىز ، تەڭ بەھىرلىنەيلى . بىلوگىمىزنى ئۆز ئارا ئۇلىنىش قىلىۋالساق .

  • باي دادام 说:2011-يىل 23-ماي 22:28 جاۋاب

    ۋاي بۇ يەردە مەن كام بۇلۇپ قاپتىمەنغۇ ، ھەممىڭلا كىتاپ خالتىسىكەنسىلەر ، مەن كىتاپ تاغىرى . سىزدىكى كىتاپلاردىن بەدۆلەتتىن باشقا ھەممىسى باركەن مەندە . شۇ بەدۆلەتنى ئوغرى سانالمايدىغان كىتاپ ئوغرىسىدىن بىرى ئېلىپ قاچقان ،شۇڭا يوق مەندە تاپالمايۋاتىمەن . ئەگەر شۇ كىتاپنىڭ ئۇچۇرى بولسا ماڭا ھايت دىۋىتەرسىلەر .

    • ئىزتىل 说:2011-يىل 23-ماي 22:43 جاۋاب

      شۇنى دەيمەن باي دادامنىڭ يۇقاپلا كەتكىنى بىر گەپ بۇلاي دەپ قالغان ، ئاخىرى كەپتۇ بىز تەرەپلەرگىمۇ ، سىزمۇ كىتاب خالتىسى دەڭ ، ھەممىمىزكىتاب خالتىسى بۇلۇپ كەتسەك قانچىلىك ياخشى بۇلاتتى – ھە ! بەلكىم بىزدىكى كۆپ قىسىم ئىللەتلەر يۇقۇلىشى مۇمكىن ئىدى .

  • royapqi 说:2011-يىل 24-ماي 00:58 جاۋاب

    مېنىڭچە ،ئىزتىل ئەپەندى،سىز ئۇيغۇر تىلىغا خېلى پىششىق ئىكەنسىز دەپ ئويلىدىم،چۈنكى ئوقۇغان كتىابلىرىڭىزنىڭ 95% تى ئەدەبى كىتابلار ئىكەن ئەمەسمۇ؟ شۇڭا سىز ئاچقان تىل كۇرسىغا قاتناشسا چوقۇم ئادەم زېرىكمەيدۇ ھەم سىزدىن تىلنى پىششىق ئىگەللەيدۇ.شۇنداقمۇ؟

    • ئىزتىل 说:2011-يىل 24-ماي 12:06 جاۋاب

      مېنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئۆگەنگەن كەسىپىممۇ دەل تىل، يەنى ئېنگىلىزتىلى ، شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپلىگەن كىتابلارنى ئوقۇپ ئۆزەمنىڭ نەزەر دائىرەمنى كىڭەيتىشىم شۇنداقلا مەدەنىيەت ئۆگىنىشىم كېرەك ، ئەگەر سىز ئونسۇ ناھىيىسىدن بولسىڭىز مېنىڭ تەربىيلەش سالۇنىمغا قاتنىشىپ كۆرۈڭ چۇقۇم ئۈنۈمىنى كۆرىسىز .

  • كىتابپۇرۇش 说:2011-يىل 26-ماي 15:54 جاۋاب

    ھەقىقەتەنمۇ ياخشى كىتابلارنى ساقلاپسىز، تىزىملىكنى كۆرۈپ بولۇپ كۆزلىرىم پاقىراپ كەتتى ھەم ئۆزۈمدىن نۇمۇس قىلدىم. مەن جىنىمدا 5-6 يىلنىڭزى كىتابخانا ئىچىپ مۇشۇنچىلىك كىتابنىڭ يىرىمىنىمۇ ساقلىيالمىدىم تىخى.
    كىتابلىرىمىنى ئوقۇشقا ۋاقىت يوق دەپ ھەرگىزمۇ كىتاب سىتىۋىلشقا سەل قارىماڭ، ياخشى كىتابلارنى داۋاملىق بازاردىن تاپقىلى بولمايدۇ، كىتاب بولسىلا ھامان بىر كۈنى ئوقۇۋالغىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ ،

    • ئىزتىل 说:2011-يىل 26-ماي 18:28 جاۋاب

      شۇنداق راسىت دەيسىز ، ياخشى كىتابلار نەشىردىن چىققان ھامان سېتىۋالغۇلۇق ، بولمىسا كېيىنكى نەشىرى قاچان قانداق شەكىلدە چىقىپ قالىدۇ كىم بىلىدۇ دەيسىز ، يەنە كېلىپ سىز دېگەن كىتابخانا خوجايىنى بولغاندىن كېيىن ، بۇنىڭدىن كېيىن قانداق يېڭى كىتاب ئۇچۇرى بولسا ھاىت دەۋىتەرسىز ، خەۋەرسىز قالمايلى ، بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق بلوگىمنى زىيارەت قىلىپ تۇرىشىڭىزنى قارىشى ئالىمەن .

回复 ئىزتىل 的评论 ئەمەلدىن قالدۇرۇش

نام- شەرىپىڭىز(شەرت )

ئېلخەت ئادىرسىڭىز(شەرت)

تور ئادىرسىڭىز(ئىختىيار ئۆزىڭىزدە)

تەلەپ -پىكىر مەزمۇنى(شەرت)

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif