بايرىمىڭ قۇتلۇق بولسۇن جېنىم ئانا

يوللانغان ۋاقتى :2011.04.15ئاپتور :ئىزتىلكۆرۈلۈشى:20 viewsئىنكاس سانى :0

بايرىمىڭ قۇتلۇق بولسۇن جېنىم ئانا

    بۈگۈن بايرام ، بۈگۈن تەنتەنە .

بۈگۈن ئانىلار بايرىمى ، بايرىمىڭغا مۇبارەك بولسۇن جان ئانا ……..

مېنى بېقىپ مۇشۇنچىلىك قىلغۇچە ،ئەمدىلەتتىن بۇ سۆزنى ئېغىزىمدىن چىقىرىۋاتقىنىمدىن ئۇيىلمەن ئانا. يەنە بىر قېتىم بايرىمىڭ قۇتلۇق بولسۇن ئانا …..

    ئەنە پۈكۈلگەن قەددىڭگە يانداش جەسۇرانە قىياپىتىڭ ، نۇرسىز ئەمما مۇستەھكەم ئىرادىنىڭ شولىلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان ئاشۇ بىر جۈپ قوي كۆزۈڭ تارىخنىڭ ھەقىقى گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە ئىگىلگەن جىسمىڭنى تېخىمىۇ پاكلاپ تۇرماقتا . ئەنە ، پىشانەڭدىكى يول-يول سىزىقلار يىللار مابەينىدە چەككەن مۇشاقەتلىرىڭنىڭ ھەقىقى ئىزناسى سۈپىتىدە سېنى تېخمىۇ مۇكەممەللىككە ، پاكلىققا ئىنتلدۈرمەكتە .

   شۇچاغلار ،سەن مۇڭلۇق ئەللەي ناخشىسى بىلەن مېنى ئۇخلاتقان ، مەن مەكتەپتىن كەلگۈچە كىرپىك قاقماي مېنى ساقلاپ تۇرغان شۇ چاغلار ئەمدى كەلمەسكە كەتكەنمىدى جېنىم ئانا .  سەن ياش ئىدىڭ ، تېخى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مەن ئەمدىلەتتن مەكتەپ دەرۋازىسىدىن قەدەم باسقاندا ، سەن يۈكسەك ئارزۇ-ئۈمىد ، ئىشەنچىلەر بىلەن مېنى ئىللىق باغرىڭدىن ئېلىپ ،ئىلىم-مەرىپەت قوينىغا يولغا سالغانىدىڭ . شۇچاغلار سەن ياش ئىدىڭ ئانا ، يللارنىڭ ئېغىر جۇدۇنلىرى سېنىڭ قەددىڭنى پۈكۈشكە تېخى ئۈلگۈرمىگەنىدى .

   مەنمۇ چوڭ بولدۇم ، چوڭ بولدۇملا ئەمەس ، ئاق-قارىنى ،دۇنيانى پەرق ئەتكۈدەك ،چۈشەنگۈدەك بولدۇم .

   ئالىي مەكتەپ چاقىرىق قەغىزىنى قۇلۇمغا ئالغان شۇ كۈن ھېلىمۇ ئىسىمدە . سەن ، ساڭا قۇشۇلۇپ مەن ، بىز بىز ئائىلە كىشلىرى ھەممىمىز شۇنچىلىك خۇشال بولغان ئىدۇق . چۈنكى مەن ئائىلىمىز بويىچە بىردىنبىر ئىلىم-مەرىپەت چىرىغىنى يۇرۇتقۇچى سۈپىتىدە ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغانىدىم .

    مانا ،ئالىي مەكتەپ قوينىدا ھېچ نېمىدىن غەمسىز ، خۇشال ياشاۋاتىمەن .ئەمما يەنىلا بىر نەرسەم كەمدەكلا ھېس قىلىمەن . يېنىمدا سەن يوق ، ئەمدى بىلسەم ، مەن سەندىن ، سېنىڭ چوڭقۇر ، ھېچ نېمىگە تەڭلەشتۈرۈپ بولمايدىغان ئىللىق مېھرىڭدىن ئايرىلىپتىمەن ئانا .

    كۆزۈمدىن ھىجران يېشى ، قەلبىمدە ئاچچىق ئەلەم ، ساڭا يۈكۈنۈپ ئالدىڭدا ئولتۇرىمەن

.سېخى يىللار ،ساڭا بەك بالدۇر ،تولىمۇ بەك بالدۇر سوۋغا قىلغان ئاپئاق چاچلىرىڭ ئالدىدا گۇناھكارلارچە ساڭا تەلمۈرۈپ قارايمەن . بىلمىدىم ئانا ،ماڭا قىلغان ئەجرىڭنى قانداق قىلىپ قايتۇرۇشنى، پەرزەنتلىك بۇرۇچۇمنى قانداق قىلىپ ئادا قىلىشنى راستىنلا بىلمىدىم .

ئەمدىلا بالىلىقنىڭ گۈلگۈن چېچەكلىرىدە كەپسىزلىك قىلىپ ئويناپ يۈرگەن چاغلىرىمدا دادامدىن ئايرىلدىم . ئاكام ، ئاچام مەن ئۈچىمىز بىر ساڭا يۈكلەندۇق . ئېتىز-ئېرىقنىڭ ئىشلىرىنى قىلمىساڭ تېخى ، بىز ئۈچىمىزنى بېقىپ كىر-قاتلىرىمىزنى يۇيمىساڭ تېخى ، سەن ھەقىقەتەن كۆپ جاپالارنى تارتتىڭ ،قىينالدىڭ ئانا ، بىراق سەن يەنىلا شۇنچىلىك قەيسەر ، ئىرادىلىك ئىدىڭ . بىزنى بېقىپ تەربىيلەش جەريانىدا ، سەن بىزگە ئانا ھەم دادا بولدۇڭ ،يىقىلغاندا يۈلەنچۈك ، ھارغىنىمىزدا سايىۋەن بولدۇڭ ، بىر سەن بولغاچقىلا بىز دادامنىڭ يوقلىقىنى ، دادىسىزلىقنى ھېس قىلالمىدۇق –ئانا . باشقىلارنىڭ ئالدىدا دادىسىزلىقىمىز چانمىدى ،چۈنكى  سەن بارلىقىڭ ،پۈتكۈل ھاياتىڭنى بىز بالىلار ئۈچۈن ئاتىغان ئىدىڭ .

     ئەنە ، چەكسىز كەتكەن يېزا يولىدا مېنى مۈرەڭگە ھاپاش قىلىپ كېتىۋاتقىنىڭدا ، كەپسز ئاكا-ئاچىلىرىمنىڭ توپىلىق يوللارنى كېچىپ ، كەينىمىزدىن قىيغىتىپ كېلىشلىرىنى ئۇنتالمايمەن . مېھماندارچىلىقتىن كەلگىنىڭدە ئۆزۈڭ يىيشكە قىيماي ، ئاللىكىملەرنىڭ ئۆيىدە سېنىڭ ئالدىڭغا قويۇلغان تاتلىق-تۈرۈملەرنى بىزگە قىسىنىپ ئېلىپ كىلىشلىرىڭ ، كەپسىز ئاكا-ئاچىلىرىم بىلەن تالىشىپ تۇرۇپ يىيشلىرىمىز ھەرگىز ، ھەرگىزمۇ ئېسىمدىن چىقمايدۇ جان ئانا ..

      كىچىك چاغلىرىمدا ھەدىسىلا سېنى رەنجىتىتەتتىم ، كۆڭلۈڭنى چۈشەنمەي ، ساڭا قىيداپ ، ساڭا خاپا بولاتتىم . ئەمدى بىلسەم گۈدەككەنمەن ئانا . شۇ چاغلاردا نۇرغۇن ئىشلارنى ، يەنى سېنى چۈشىنىشكە قۇربىتىم يەتمىگەچ ، دىلىڭغا كۆپ ئازارلارنى بېرىپتىمەن . ماڭا   كۆيۈنمەيدۇ دەپ سېنى خاتا ئەيىپلەپتىمەن . ماڭا كۆيۈنۈپ قىلغان گەپلىرىڭنى خاتا چۈشىنىپ ، ساڭا قاتتىق تىگىپتىمەن . ھېلىمۇ ھەم بەزى چاغلاردا سېنى رەنجىتىپ قويىمەن . سېنى  خاپا قىلىپ كۆڭلۈڭنى ئاغىرىتىمەن . سېنىڭ كۈتكەن يېرىڭدىن چىقالمىدىم ئانا . خېلىلا تىرىشۋاتقان بولساممۇ ، يەنىلا سېنى قانائەتلەندۈشكە ئامالسىز قېلىۋاتىمەن .

     ياق ، سەن قانائەتچان ئانا .شۇڭىمۇ سەن ئازغىنە نەتىجىلىرىمدىن خۇشاللىق ، قانائات تېپىپ كەلدىڭ . كىچىككىنە مۇۋاپپەقىيەتلىرىمدىن خۇددى كىچىك بالىلاردەك خۇشال بۇلۇپ كەتكىنىڭنى كۆرگىنىمدە شۇنچىلىك خىجىللىق ھېس قىلىمەن . ئالدىڭدا ئۇيىلىمەن ئانا . ئەمەلىيەتتە بۇ ھېچقانداق مۇۋاپپەقىيەت ئەمەس. سېنىڭ ماڭا قىلغان ئەجرىڭ ئالدىدا ھېچنېمە ،ھېچنېمە ئەمەس ئەمەس ئىدى جان ئانا .

     بالىلىق قىلىپ ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىمنى كەچۈرۈۋېتەرسەنمۇ ؟ گۈدەكلىك قىلىپ قىلغان سۆزلىرىمنى ئېسىڭدىن چىقىرىۋېتەرسەنمۇ ؟

     سەن ئەپۇچان ئانا . ئەنە بىر جۈپ كۆزۈڭ ماڭا شۇنداق دەيدۇ :《بالام ، سېنىڭ بەختىڭ- مېنىڭ بەختىم . سېنىڭ كۈلكەڭ-مېنىڭ كۈلكەم ، سېنىڭ ھاياتىڭ –مېنىڭ ھاياتىم .سەن كۈلگىن ، ئىلىم- پەن ئاسمىنىدا ئەركىن پەرۋاز قىل .سەن ئۈچۈن ، سېنىڭ بەختىڭ ئۈچۈن مەن ھەممىنى قىلىشقا رازى  》

0دانە ئىنكاس

ئىنكاس يوق

ئىنكاس يوللاش

*

*

6 + 10 = ?

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif