ياشلىق
تەبەسسۇم ئەيلىگىن ئالتۇندەك ياشقا،
كەلمەيدۇ كەتسە ئۇ قايتىلاپ باشقا.
پۇشايمان قاچىسى تېپىلماس كېيىن ،
ئۇرساڭمۇ بېشىڭنى ھەتتاكى تاشقا.
غەيرى ھەۋەسنى تاشلىغىن قويغىن ،
بىلىمنى قەمقەم قىپ دىلىڭغا قۇيغىن .
كۆكتىكى قۇياش بوپ پارلىسۇن قەلبىڭ،
ئىلىمنى نەقىش قىل دىلىڭغا ئويغىن.
ياشلىقتا تاللىغىن شۇنداق بىر يولنى،
بىلىمگە سۇنغىنكى تارىتمىغىن قولنى .
بەيگىلەر ئارا چاپقىن تۇلپار بول،
يەتمىسەڭ مەنزىلگە بوشاتما بەلنى
ئىنكاس يوللاش
ئىنكاس يوق