ھۇرۇنلۇق

يوللانغان ۋاقتى :2011.04.15ئاپتور :ئىزتىلكۆرۈلۈشى:16 viewsئىنكاس سانى :0

ھۇرۇنلۇق

   ھۇرۇنلۇق ئىنساننىڭ ئەقلىي ۋە جىسمانىي ئەمگەككە تۇتقان پاسسىپ ئىنكاسى ۋە پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلەيدىغان ئاتالغۇ . ئۇنىڭ لۇغەت مەنسى كەڭ بۇلىدۇ . يەنى، ئۇ ئادەم( مىللەت ) نىڭ ئالغا ئىنتىلمەسلىك ، ئۆزىنى كۈچەيتىشىنى خالىماسلىق ، ئوبىيكتىپ رېئال ھالىتىگە شۈكرى – قانائەت قىلىپ ياشاشتەك سۇبىيكتىپ روھى ھالىتىنى ۋە خۇي – مىجەز ئىپادىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان روھىي ئاجىزلىقنىڭ بىرى.

  ھۇرۇنلۇق پىسخىكىسى بەزى روھى ئاجىزلىقلارنى پەيدا قىلىدىغان مەنبە. ئۇ كىشلەرنىڭ كەسىپى ، ئېتىقاد ھالىتى ھەم ئورنى قاتارلىق جەھەتلەردە بىرخىل قاتمال خاراكتىرنى شەكىللەندۈرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن دېھقان ، ھۈنەرۋەن ، ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچى ، زىيالى،دوختۇر-سېستىرا ، مۇلازىمەتچى، پىركازچىك ۋە باشقا ئىش تۈرلىرىنى ئىشلەيدىغانلاردا بىر-بىرىگە ئوخشاشمايدىغان كەسىپى ھۇرۇنلۇق پەيدا بۇلىدۇ . ئومومەن قىلىپ ئېيتقاندا ، بېرىلىپ ئىشلىمەسلىك، تەر ئاققۇزۇشتىن قېچىش، قانچە نامىرات بولسا شۇنچە ھۇرۇنلۇق قىلىش ؛ قولىنىڭ ئۇچىدىلا  ئىشلەپ قۇيۇپ « ئۈجمە پىش ئاغىزىمغا چۈش» دەپ كۈتۈپ تۇرۇشلار بىرخىل ھۇرۇنلۇق تىپى بولسا ؛ ئۆگىنىشكە بېرىلمەسلىك ، تۆۋەن ئىقتىدار ، سەۋىيىگە قانائەت قىلىش،قىيىن نۇقتىغا دۇچ كەلگەندە ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىش ؛ ئۆگىنىشتە ئەپلەپ- سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈش كويىدا بۇلۇشلار ھۇرۇنلۇقنىڭ بىر خىل تىپى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئىقتىدار ، بىلىم ، شارائىتى تۇرسىمۇ ، ھېرىش – چارچاشتىن قېچىپ رولىنى جارى قىلدۇرماسلىق ھۇرۇنلۇقنىڭ بىر خىل تىپى بولسا ؛ جاپالىق ئىشنى قىلىشنى ھار بىلىش ، قىلالايدىغان ئىش كۆزىگە كۆرۈنۈپ ، پۇتىغا پۇتلىشىپ تۇرسىمۇ قىلماسلىق ؛ تەييار ئاش ، تەييار كىيىمگە خۇشتار بۇلۇش ؛ ھېچ ئىشقا قول تەۋرەتمەي ، زېھنىنى سەرىپ قىلماي غايىپتىن ، بىرەر كىمدىن مال دۇنيا تەمە قىلىش؛ باشقىلار ھەمدەمدە بولسىمۇ ، ياردەم بەرسىمۇ ، ئۆزىنىڭ نامىراتلىق ، قالاق قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشكە غەيرەت – شىجائىتى بولماسلىقلار ھۇرۇنلۇقنىڭ يەنە بىر خىل تىپى ھېسابلىنىدۇ . ھۇرۇنلۇقنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆزىگە تېگىشلىك ئىشنى قىلماي ياكى قىلالماي ، باشقىلارنىڭ ئېشىغا توپا سېلىپ چەكلىمىلىك قىلىشتەك ئۆزگىچە تىپلىرىمۇ بار.

ئىجتىمائىيەتتە ھۇرۇنلۇقنىڭ ئىپادىلىنىش شەكىللىرى خىلمۇ-خىل بۇلىدۇ . قالاقلىق ، خۇراپاتلىق ۋە نادانلىق روھى ئاجىزلىقلىرىنىڭ ھۇرۇنلۇق بىلەن چېتلىشلىق بۇلۇشى سەۋەبلىك ھۇرۇنلۇقنىڭ ئىپادىلىنىش ھالىتى كۆپۈيىدۇ . نادانلار ھېلى ئۇ ئىشنى تەس ، ھېلى بۇئىشنى مەينەت دەپ ھېچ ئىش قىلالمايدۇ . ئاخىرىدا ئۇنىڭدىن ، بۇنىڭدىن نارازى بۇلۇپ ، ئۆزىنىڭ نامىراتلىق ھالىتىگە شۈكىرى قىلسا ، خۇراپاتلار نامىراتلىقنى تەڭرىنىڭ پىشانىمىزگە پۈتكىنى ، دەپ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىشنى خالىمايدۇ .

      ھۇرۇنلۇق پىسخىكىسى ئۆزىدىكى ھەرخىل ئامىللار سەۋەبىدىن ئادەمنى يەنە باشقا ئىجتىمائىي ئىللەتلەرنى سادىر قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ .ھۇرۇنلارنىڭ بەزىلىرى ئوغىرلىق ، يانچۇقچىلىق قىلىپ ناتوغرا كەسىپ بىلەن ياشاش يولىنى تۇتسا ، يەنە بەزىلىرى تلەمچىلىق قىلىپ  كۈن كەچۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ . بەزىلىرى ئاتا- ئانىسى ، تۇغقانلىرىغا ئىشىنىپ ، ئۇلارنىڭ تاپقىنىنى ئۆزىنىڭ قىلىش كويىدا بۇلىدۇ . بەزىلرى باشقىلار قىلغان ئىشنى ، نەتىجىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن ھىيلە- مىكىر ئىشلىتىدۇ . بەزىلىرى   بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالماي ، باشقىلارنىڭ نەتىجىسىگە ھەسەت قىلىپ ۋاستە ئىشلىتىپ ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ .

   دېمەك، ھۇرۇنلۇق پىسخىكىسى ئۆز ماھىيتى بىلەن ئادەمنى ۋىجدان،غورور ۋە ئېتىقادتىن مەھرۇم قىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ھۇرۇنلاردا ھايا- نۇمۇس كەملەپ ۋەتەنپەرۋەرلىك ، مىللەتپەرۋەرلىك ھە ئائىلىنى سۆيۈش بۇرچى يوقىلىدۇ . نەتىجىدە چېقىمچىلىق ، يالغانچىلىق ، نەپسانىيەتچىلىك ، خۇشامەتچىلىك ۋە ئالدامچىلىق قاتارلىق ئاجىزلىقلار ھۇرۇنلۇق بىلەن تەڭ ئۆسۈپ بارىدۇ .

   ھۇرۇنلۇقنىڭ ئادەم ( مىللەت ) ، جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان  ھەر تەرەپلىمە ۋە زور بۇلىدۇ . بىرسى ، ئۇ كىشلەرنى ئىشچانلار ، ئىقتىدارلىقلارنى يامان كۆرىدىغان ئىنسابسىز، رەھىمسىزلىككە مۇپتىلا قىلىدۇ ؛ يەنە بىرسى ، ئادەملەرنى كالتە پەم ، كەلگۈسىنى ئويلىماس قىلىپ ، مىللەت ئەزالىرى ئىچىدە قانائەتچانلىق ، قاششاقلىق ، قاتماللىق ۋە بېكىنمىچىلىك روھىي ھالىتىنى ئۇلغايتىپ ، مىللەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات قەدىمىنى ئاستىلىتىش ، مەدەنىيەتتە چېكىندۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ .

«ئۇيغۇرلاردىكى پىسخىك ئاجىزلىقلار» ناملىق كىتابتى ئېلىندى.

0دانە ئىنكاس

ئىنكاس يوق

ئىنكاس يوللاش

*

*

5 + 9 = ?

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif