ھەسەتخورلۇق
يوللانغان ۋاقتى :2011.04.15ئاپتور :ئىزتىلكۆرۈلۈشى:20 viewsئىنكاس سانى :0
ھەسەتخورلۇق
ھەسەتخورلۇق ئىنسان تەبئىيتىدىكى غەيرى نورمال پىسخىك ھالەتنىڭ بىر خىل ئىپادىسى . بۇ ئىللەت قەدىمىدىن ھازىرغىچە بىر قىسىم كىشلەرنىڭ مىجەز-خۇلىقىدىن ئۇرۇن ئېلىپ كەلمەكتە . ھەسەت ــــ پارىسچە سۆز بۇلۇپ ، ئۇيغۇر تىلىمىزدا « كۈنلىمەك، ئىچى تارلىق قىلماق ، قىزغانماق…» دېگەندەك مەنىلەرنى بېرىدۇ ۋە ئادەم پىسخىكىسىدىكى شۇ خىل روھى ھالەتنى كۆرسىتىدۇ؛ ھەسەتخور ـــ پارس ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان سۆز بۇلۇپ ،« ئىچى تار ، قىزغانچۇق، كۈنچى…» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ ۋە مەلۇم شەخىسىنىڭ ھەرىكەت ئىپادىسىنى كۆرسىتىدۇ . بۇلاردىن قارىغاندا ، ھەسەتخورلۇق ـــ بىرەر نەرسە مەلۇم ئادەمگىلا تەئەللۇق بۇلۇش ، باشقىلار ئۇنىڭغا يېقىن يولىماسلىق ، ئۆزى ئىگە بولالمايدىغان نەرسىگە باشقىلارمۇ ئىگە بولماسلىق ، ئۆزى قىلالمايدىغان ئىشلارنى باشقىلارنىڭمۇ قىلالماسلىقىنى تەلەپ قىلىش ، مەندە يوى نەرسە باشقىلاردىمۇ بولماسىلىقى كېرەك ، دەپ قاراپ باشقىلارنىڭ يولىنى توسۇشتەك تىپىك روھى ھالەت ۋە مەلۇم ئادەمنىڭ خۇلىق – مىجەزىدىن ئورۇن ئالغان غەيرى خۇسۇسىيەتتۇر .
ھەسەتخورلۇق ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە . ئىنسانلار ئارىسىدىكى جىسمانىي پەرىقلەر ، قەلىب ۋە خۇي-مىجەز پەرىقى قاتارلىق قارىمۇ – قارشى روھى ھالەتلەرنىڭ ئادەملەر ئېڭىدا ۋە خۇي – مىجەزىدە پەيدا بۇلۇشى تۈپەيلىدىن ھەسەتخورلۇق بارلىققا كەلگەن.
يىلتىزى يوق دەرەخ بولمىغاندەك ، ئىنسانلاردىكى ھەر قانداق روھىي ھالەت ۋە ئىدىيىنىڭ پەيدا بۇلۇش مەنبەسى ، تۈرۈتكە بولىدىغان ئامىلى بۇلىدۇ . مۇشۇ مەندىن قارىغاندا ھەسەتخورلۇقنىڭ يىلتىزى ــ ئادەم ئېڭىدىكى چەكتىن ئاشقان شەخسىيەتچىلىك ۋە ئىنسان تەبئىيتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بەزى كىشلەر شەخسىيەتچىلىك بولمىسا ، ئادەم مەۋجۈد بۇلۇپ تۇرالمايدۇ ،دېسە ، يەنە بەزىلەر ھەسەتخورلۇقنى « رىقابەت» دەپ پەردازلايدۇ. بۇ خىل قاراشنىڭ ھەر ئىككىلىسى خاتا . ھەسەتخورلۇق زامان، ماكان ، ھەم مىللەت ئايرىمايدۇ . ئۇنى ھەرقايسى دەۋىردىن ، ھەممە مىللەتتىن تاپقىلى بۇلىدۇ . بۇيەردە ئايرىۋىلىشقا تېگىشلىك ئىش پەقەت، ھەسەتخورلۇقنىڭ شۇ دەۋر ، شۇ مىللەت ئاھالىسى ئىچىگە قانچىلىك دەرىجىدە تارقالغانلىقى ، كىشلەرنىڭ پىسخىكىسىدىن قانچىلىق ئۇرۇن ئالغانلىقىدىن بىلىشتىن ئىبارەت . بەزىلەر ھەسەتخورلۇق يۇرتۋازلىقتەك مەنىۋى كېسەللىكىنىڭ ئىپادىسى ھەم داۋاملىششىنى شۇ مىللەت ئاھالىسىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ، تەربىيلىنىشىگە باغلىق دەپ قارايدۇ . ئىنسان تەبئىيتىدىكى غەيرى نورماللىقنىڭ سەۋەبىنى مەدەنىيەت، مائارىپ سۈپىتىدىن ئىزدەش رېئاللىققا پەقەت ئۇيغۇن ئەمەس . ئەگەر مەدەنىيەت سەۋىيىسى يۇقىرى ، تەربىيلىنىشى ياخىشى بولسا ھەسەتخور بولمايدۇ ، دەپ قارىساق ، بىرقىسىم زىيالىلار ، ئالىي مەكتەپ تەربىيىسىنى ئالغان خادىملار ئارىسىدىكى قىزغىنىش،كۆرەلمەسلىك، ئىچى تارلىق قىلىش ھەم بىر-بىرىگە ئورا كولاشتەك ئىللەتلەرنى نېمىدەپ ئىزاھلاش كېرەك؟!
ھەسەتخورلۇق روھى ھالىتى كىشلەرگە بىردىن بىرىگە ، چوڭلاردىن كىچىكلەرگە ، ئاتا-ئانىلاردىن بالىلارغا يۇقىدۇ . يەنە بىر تەرەپتىن ، ھەسەتخورلۇقنىڭ ئاتا – ئانىنىڭ قېنى ئارقىلىق بالىغا ئېرسىيەتلىك ھالدا ئۆتۈشىنىمۇ ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ . مانا بۇلار ھەسەتخورلۇق روھىي ھالىتىنىڭ قەدىمىدىن ھازىرغىچە مەۋجۈت بۇلۇپ كەلگەنلىكىنىڭ بىر ئاساسلىق سەۋەبى. ھەسەتخورلۇقنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئىپادىلىرىنى بىلىشتە ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ « قۇتادغۇبىلىك » كىتابىغا قارىساق ، ئىنتايىن چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولالايمىز .
« سېنڭدىن چوڭلار كۆرەلمەس سېنى»
ھەسەتخور ئەمەلدار ، ھەسەتخور خوجايىن قول ئاستىدىكى بىرەر ئادەمنىڭ ئۆزىدىن ئېشىپ كېتىشىنى ، تۇرمۇشتا خاتىرجەم ياشاپ ، باياشاد ئۆتۈشىنى خالىمايدۇ .ۋە شۇنداق بۇلىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن قارىشى تۇرىدۇ ھەم توسقۇنلۇق قىلىدۇ . ئۆزىدىن بىلىم ، مەرتىۋە ، ئابروي جەھەتتە ئېشىپ كەتكەنلەرنى ئۆزىنىڭ ئىمتىيازىغا ، ئىناۋىتىگە ، ھوقوقىغا خەۋىپ كەلتۈرىدىغان مەنبە، ھەتتا دۈشمەن كۈچ دەپ قاراپ ، قەستەن قوسۇر تېپىپ زەربە بېرىدۇ ؛ ئۆز ئەتراپىغا ئىقتىدارسىز ، ئەمەلىي سەۋىيىسى تۆۋەن ، ئاق – قارىنى پەرىق .ئېتەلمەيدىغان تەخسىكەشلەرنى توپلاپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىنى جېنىنىڭ بارىچە يۇشۇرىدۇ .
« ھەم سېنى كۆرەلمەس يەنە تەڭ تۇشۇڭ»
ھەسەتخورلۇق ئىللىتىگە مۇپتىلا بولغانلار ئۆزنى بىلەن تەڭتۇش،تەڭ دەرىجىلىكلەرنىڭ ھەر جەھەتتىن ئۆزىدىن ئېشىپ كېتىشىنى خالىمايدۇ ھەم ئىچى تارلىق قىلىدۇ . بىرەر تەڭتۇشى ياكى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىكلەر بىرەر ئىشتا نەتىجىگە ئېرىشسە ياكى خۇشال بولسىمۇ ، ئۆزى بىارام بۇلىدۇ ۋە قارىشى تەرەپنىمۇ بىئاراق قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ ؛ پۇرسەت تاپسىلا قارىشى تەرەپنىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرۈشكە ، نەتىجىسىنى يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇنىدۇ .
« سېنىڭدىن كىچىلەر كۆرەلمەس سېنى»
ئادەتتىكى خادىملار ۋە كىشلەر ئارىسىدىكى ھەسەتخورلۇق نىسپەتەن كۆپرەك بۇلىدۇ . بۇلارنىڭ ھەسەت قىلىشىمۇ ئالدىنقلاردىن قېلىشمايدۇ . بۇنداقلارنىڭ پىسخىكىسىدا ھەسەتخورلۇقنىڭ ھەممە ئالامەتلىرى بولغاندىن تاشىقىرى ، يەنە ئۇلار ھىيلىگەر ، رەڭۋاز ۋە ئىككى يۈزلىمە كېلىدۇ . ئۆزىنى نىقابلاشقا ئۇستا بۇلىدۇ . بۇنداقلار ھەسەتخور ۋە كەم ئەقىل ئەمەلدارلارغا ئامراق كېلىدۇ- دە ، ھەرخىل ھىيلە- نەيرەڭلەر بىلەن ئەمەلدارلارنى ماختاپ ئۇچۇرىدۇ . ئۆزىدىن چوڭ ، راستچىل ، ئاق كۆڭۈل كىشلەر بىلەن ئۇچىراشقاندا ، ئۆزىنى ئىقتىدارلىقلارنى ھۆرمەت قىلىدىغان سەمىمي ئادەم قىلىپ كۆرسىتىدۇ-يۇ ، كەينىدىن ئۇلارغا ئۆچمەنلىك نەزىرىدە قاراپ ، كۆزىتىپ ، ئۆزى ياخشىچاق بۇلۇۋالغان ئەمەلدارلارغا داۋاملىق «دوكىلات» قىلىپ ، ئىقتىدارلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش گوروھىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ.
ھەسەتخورلۇقنىڭ يەنە بىر تىپى بار ، ئۇ بولسىمۇ ، ئۆزىدىن قابىلىيەتسىز ، ئىقتىسادى ناچار ، تۇرمۇشى جاپالىق كىشلەرنىڭ ئاشۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ يەنە خۇشال - خۇرام ياشاۋاتقانلىقنى ، جاپا – مۇشاقەتكە تېز پۈكمەي ئۆزىنى روھلۇق ، تېتىك تۇتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىچى ئېچىشىپ ، خۇدىنى يوقىتىپ قويغۇدەك دەرىجىدە بىئارام بۇلىدۇ . ھەسەتخورلۇقنىڭ يەنە مۇنداق بىر ئومومىي تىپىمۇ بار بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ چىرايى ، مېڭىش – تۇرۇشى ، كىيىنىشى ، باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ، باشقىلارنىڭ جۆرىسى ،ئۆي سەرەمجانلاشتۇرۇشى قاتارلىقلارغىمۇ ھەسەت قىلىشتىن ئىبارەت .
ھەسەتخورلۇق كېسىلى چاپلاشقان كىشلەر بەزىدە ھەتتا ئاتا- ئانىسى ، ئۆز قېرىندىشى ، بالىسى،يېقىن دوستىنىڭ تۇرمۇشىغىمۇ ھەسەت قىلىدۇ . بۇ خۇددى « قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا كۆرسىتىلگەن «ھەسەت بىر كېسەلدۇر داۋاسى ئۇزاق، ئۆزىنى ئۆزى يەپ سېزەر ئۇ ئاداق» دېگەننىڭ دەل ئۆزىدۇر.
ئومومەن قىلغاندا ، ھەسەتخورلۇقنىڭ ئىپادىلىرى بەك مۇرەككەپ ھەم كۆپ خىل جەريانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇلىدۇ . ھەسەتخورلۇقنىڭ مەۋجۇت بۇلۇشى ئاخىرقى ھېساپتا ئىنساننىڭ قەدىر – قىممىتىنى چۈشۈرۈپ ، پۇت – قولىنى بوغۇپ ، ئالغا ئىلگىرلىيەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ . ئەمما ، بەزى كىشلەر بۇ نۇقتىنى چۈشىنىشتىن تېخى بەك يىراقتا تۇرماقتا . بۇ تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش .
بۇگۈنكى كۈندە ، ھەسەتخورلۇقنىڭ كەلتۈرىدىغان زىيانلىرىغا قاراپ سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋېرىش زادىلا توغرا ئەمەس، شۇنداقلا ھەسەتخورلۇق خۇيىنى ئۆزگەرتىشمۇ ئانچە ئاسان ئەمەس . بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە كىشى ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ، ئۆزمىچىلىكتىن خالىي بۇلۇپ ، ئومومىيلىق كۆز قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا توغرا كېلىدۇ.
ئىنكاس يوق