ئىزتىلدا يېڭىلىق
يوللانغان ۋاقتى :2011.05.12ئاپتور :ئىزتىلكۆرۈلۈشى:30 viewsئىنكاس سانى :4
ئىزتىل بىلوگ- قۇرۇلۇپ ئۇزۇن بولماي نۇرغۇن دوستلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىتى ، گەرچە يازما سانى ئاز بولسىمۇ ، لېكىن تىرىشچانلىق ئىزتىلنىڭ ھەرىكەت قىبلىنامىسى بۇلۇپ كەلدى ، بىراق ، دەسلەپتىكى بوشلۇق چەتئەلنىڭ بولغانلىقىتن نۇرغۇن قېتىم بوشلۇق تۇيۇقسىز توختاپ قالىدىغان ، ياكى ساندان يۇقاپ كېتىدىغان ئەھۋاللارغا يۇلۇقتۇم ، بىۋاستە بوشلۇك تەمىنلىگۈچى ۋاكالەتچىلەرنى ئىزدىسەم ، مۇلازىمېتىرنى ئالماشتۇرىمىز دېگەندەك پەتىۋالارنى پىچىپ چىقتى ، ئامال قانچە دۇكاننى چەتئەلدىن ئىجارە ئالغاندىن كېيىن ، ئاخىرى بىر جۇڭگو پۇقراسى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن قانۇنغا ئاڭلىق رىئايە قىلىشىم كېرەك ئەلۋەتتە ، دۆلىتىمىز ئىچىدىكى مۇقىم ۋوردپرەس بوشلۇقىنى سېتىۋېلىپ تىجارەت كىنىشكىسى بىجىرىپ ، بۈگۈن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ساقلىۋالغان سانداننى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ، رەسمى يۇسۇندا بىلوگ يېزىشقا كىرىشتىم ، بۇنىڭدىن كېيىن دوستلارنىڭ ھەم داڭلىق بىلوگ ئاتامانلىرىنىڭ مېنى ئۆزلىرى بىلەن تەڭ يىتەكلەپ ، ئۇيغۇر بىلوگ قۇشۇنىنى زوراتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
ئىزتىل بلوگىنىڭ يېڭى نەشرىنى مۇبارەكلەيمىز، ئېنگىلىز تىلى، پىسخولوگىيە ۋە مائارىپ ساھاسىدە ئېسىل ئەمگەكلەرنى تورچىلارغا سۇنىشىغا ھەم تىلەكداشمىز.
مەن تىرىشىمەن ، ھەم تىرىشىۋاتىمەن ، تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا ئەڭ نادىر يازمىلارنى ، نادىر ئەسەرلەرنى سۇنۇش مېنىڭ باش تارتىپ بۇلالمايدىغان مەجبۇرىيىتىم . بۇنىڭدىن كېيىن مېنى داۋاملىق قوللاپ بېرىشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن !!!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بلوگىڭىزنىڭ يېڭى نەشرىگە مۇبارەك بولسۇن…
رەھمەت سىزگە، كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا . داۋاملىق قەدەم تەشرىپ قىلىپ تۇرىشىڭىزنى قىزغىن قارىشى ئالىمەن