خۇراپاتلىق

يوللانغان ۋاقتى :2011.04.17ئاپتور :ئىزتىلكۆرۈلۈشى:30 viewsئىنكاس سانى :0

ئۇيغۇرلاردىكى پىسخىك ئاجىزلىقلار

4.خۇراپاتلىق

خۇراپاتلىق ئادەم ئېڭىدىكى غەيرى تەبئىي چۈشەنچىلەرنىڭ يىغىندىسى بۇلۇپ ، كىشلەر تەرىپىدىن سېتىخىيىلىك ھەم مەئۇم مۇددىئادا ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ، ھەر خىل دىنلاردىكى بەزى ئېدېئال چۈشەنچىلەر ئارلاشتۇرۇلۇپ يۇغۇرۇلغان ئەبجەش قاراشلارنىڭ ئادەم ئېڭىدىكى ئىنكاسىدىن ئىبارەت. خۇراپاتلىق دىنى ئېتىقاتتىن پەرىقلىنىدىغان ئۇقۇم ۋە ھادىسە . بۇ نۇقتىنى چۈشەنمىگەندە دىن بىلەن خۇراپاتلىقنىىڭ پەرقىنى بىلمەي ئىككىسىنى بىر- بىرىگە چېتىپ قۇيۇشتەك خاتالىق كېلىپ چىقىدۇ .

ئىنسانىيەت دۇنياسىدا نۇرغۇنلىغان دىنلار بار بۇلۇپ ، بۇ دىنلارنىڭ ئوخشىشىدىغان ، ئوخشىمايدىغان تەلىماتلىرى، قائىدىلىرى بار. بۇ دىنلار ئۆز ئېتىقادچىلىرىنى قائىدە – ئەمەللىرى ئارقىلىق روھى جەھەتتىن يېتەكلەپ يامان ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتىش، ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. خۇراپىي قاراشلار بىر خىل دىننىڭ تەبىئەت ، ھاياتلىق قارىشىنىڭ ئۆزى بولماستىن ، بەلكى ئۇ ، مەلۇم ئادەم ، مەلۇم شەيئىگە ياكى مەلۇم ئادەم تەرىپىدىن ئۇرۇندىلىدىغان سىرلىق قىلىقلارغا چۇقۇنۇپ ، ئۇنىڭدىن بىرەر تىلەككە يېتىشنى كۈتۈشتەك ئاڭ ۋە ھەرىكەتتە بۇلۇش دېمەكتۇر.

خۇراپاتلىق ئاشۇنداق خۇسۇسىيتى بىلەن كىشلەرنى نادانلىق ، قالاقلىق ھالەتلىرىگە گىرىپتار قىلىپ ، قورقۇنچاق ، ھۇرۇن ، مۇتەئەسسىپ روھى ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ . خۇراپاتلىق ئۆز نۆۋىتىدە يەنە دىنى ئېتىقاد ، تۇرمۇش ئېتىقادى ۋە غايە ئېتىقادى قاتارلىقلاردىن مەھرۇم قىلىدۇ .

ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ دەسلەپىكى باسقۇچىدا ئىنسانلار ئېڭىدا خۇراپىي قاراشلار بولمىغان . ئىنسانلار دەسلەپتە ئۆزىنى بېقىۋاتقان زېمىن ، ئۆسۈملۈك ، سۇ ۋە جانۋارلارنى ئۇلۇغلاپ ئۇلارغا تېۋىنغان . كېيىن يەنە ئانىلار ، ئاتىلارغا چوقۇنغان . بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ ئەقىلى تەپەككۇر ئىقتىدارى گۆدەكلىك باسقۇچىدا تۇرغاندا شەكىللەنگەن ئىنتايىن گۈزەل ، ساپ چۈشەنچە بۇلۇپ ، ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگىنى پانتىزىملىق دۇنيا قاراش ئىدى .

 ئىپتىدائىي دەۋىرنىڭ ئاخىرىدا ئەجدادلىرىمىز ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن يېرىم ئىپتىدائىي ، يېرىم نەزەرىيلەشكەن دۇنياۋى دىن شامان( قامان ) دىنىدا ئاساس قىلىنغىنى پانتىزىملىق دىنى چۈشەنچە بولسىمۇ ، كېيىنچە دىن يېتەكچىلىرى بولغان شامان  باخشىلارنىڭ ئۆزىنى سىرلىقلاشتۇرۇش ، ئىلاھيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا چىقارغان غەيرى ئۇقۇملىرى كىشلەر ئېڭىدىكى روھ چۈشەنچىسى بىلەن بىرىكىپ دەسلەپكى خۇراپىي قاراشلارنىڭ پەيدا بۇلىشىغا سەۋەپ بولغان ، ھەمدە جىن ، ئالۋاستى روھلارنىڭ تەسۋىرى ۋە ھەركىتى ئارقىلىق ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان . « جىن -ئالۋاستى» ئۇقۇمى ئىنسانلار ئېڭىدىكى خۇراپاتلىقنىڭ باشلىنىش مەنبەسى  بولغان .

 

داۋامىنى كېيىنكى ساندا كۆرۈڭ ! نەزىرىڭىز داۋاملىق « ئىزتىل بىلوگى» نىڭ نادىر تېمىلىرىدا بولسۇن .

 

ئۇيغۇرلاردىكى پىسخىك ئاجىزلىقلار

4.خۇراپاتلىق

(داۋامى)

  ئىپتىدائىي باسقۇچتىكى ئىنسانلار كىچىك-كىچىك توپ بۇلۇپ مەلۇم جاينى ماكان قىلىپ ئوۋچىلىق بىلەن ھايات كەچۈرگەن ، ئوۋ قىلىشتا يىرىتقۇچ ھايۋانلاردىن  مۇدائىپىيەلىنىش، يات كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، نىقابلىق ئوۋ قىلىش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلغان . ئىنسان توپلىرىنىڭ بەزىلىرى باشلىرىغا ھايۋانلارنىڭ باش سۆڭەكلىرى  ، مۈڭگۈزلىرىنى تاقاپ ، بەزىلىرى يۈزلىرىگە ھەرخىل شەكىل – رەڭدىكى نىقابلارنى تارتقان . ئوۋدا نىقاب ئىشلىتىش پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بۇلۇپ قالغان . ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭمۇ خاس نىقابلىنىپ ئوۋ قىلىش ئۇسۇلى بولغان .ئۇلار ئوۋ غەلبىسىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن « نىقابلىق ئوۋ قىلىش ئۇسۇلى»(دەسلەپكى ئۇسۇل) نى ئىجاد قىلغان بەزى چاغلاردا ئىنسان توپلىرىدا يىرىتقۇچ ھايۋانلارنىڭ توپلىشىپ قىلغان ھۇجۇمىغا ئۇچىراپ تالاپەت تارتىدىغان ھادىسىلەرمۇ كۆرۈلۈپ تۇرغان. ھەممىدىن ئېغىرى ، تەبئىي ئاپەت ياكى ئوۋ قىلالماي ئاچ قالغان ئىنسان توپلىرى ياكى بۇلاڭچىلىق ، قىرغىنچىلىقنى تاللىۋالغان ئىنسان توپلىرى باشقا ئىنسان توپلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ بۇلاڭچىلىق قىلشتەك ئىشلارمۇ يۈز بىرىپ تۇرغان . قەدىمكى كۇچار تىلىدا يېزىلغان « چاستانى ئىلىگ بەگ »ھېكايىسىدىكى « ئۇ جىنلار ئادەملەرنىڭ گۆشىنى يەپ ، قېنىنى ئىچىپ ، ئۈچەيلىرىنى بەدەنلىرىگە يۆگىۋالغان ئىدى. ئۇلار چىرايلىرىنى ( ئادەم) قورققۇدەك كۆپكۆك قىلىپ ، يامان ( ۋە ) قاتتىق ئۈن بىلەن چىرقىرايتتى … ئوي رەڭلىك چاچلىرىنى مۈرىسىگە چۈشۈرۈپ ، زەھەرلىك يىلانلار بىلەن گەۋدىلىرىنى يۆگەپ …» دېگەن تەسۋىرلەر بىز ئېيتىۋاتقان بۇلاڭچىلىق ، قىرغىنچىلىقنى كەسىپ قىلغان ئىنسان توپلىرىنى كۆرسىتىدۇ . بۇنىڭدىن مەلۇمكى ، ئىنسان توپلىرى ئۆزى تەڭ كېلەلىمىگەن قارا كۈچلەر – ئادەم ، ھايۋانلارنى جىن – شاياتۇن ، ئالۋاستى ، يالماۋۇز ، دېۋە … دېگەندەك ناملاردا ئاتىغان .

دېمەك ، جىن – ئالۋاستى ئۇقۇمى ئىپتىدائىي دەۋىرنىڭ دەسلىپىدە ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا مەۋجۇت بولغان ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ۋەھشىي ئادەم ، ۋەھشىي ئىنسان توپلىرى ھەم يىرىتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ئىنسانلار تەرىپىدىن سۈرەتلىنىشىدىن باشقا ئۇقۇم ئەمەس ( ئىنسانىيەت ئالىمىدە بۇنداق ئۇرۇق ، قەبىلىلەرنىڭ بولغانلىقى ھەققىدىكى تارىخى خاتىرلەر بار ). بۇ قاراشتا ئىنسانلارنىڭ ۋەھشىي ، قانخور كۈچلەرگە قارىتا ئۆچمەنلىكى چىنلىق ، ياخشىلىقنى ئەلا بىلىدىغان ئېڭى ۋە پىسخىكىسى  ئىپادىلەنگەن .

جىن – شاياتۇن ئۇقۇمى كېيىنكى چاغلارغا بارغاندا ئۆزگىرىش ياساپ ، ئەۋلادلارنىڭ ئېڭىدا كۆزگە كۆرۈنمەس كۈچ سۈپىتىدە پەيدا بولغان . شامان ، باخشىلار بۇ خىل چۈشەنچىدىن پايدىلىنىپ « يامان روھ ، جىنلار ئادەملەرنىڭ كېسەل بۇلۇشىنىڭ سەۋەپچىسى ، ئادەمنىڭ كېسەل بۇلۇشى يامان روھ چاپلاشقانلىقتىن بۇلىدۇ . شامان ، باخشىلار يامان روھ – جىنلانى قوغلاپ كېسەل ساقايتالايدۇ .» دەپ داۋراڭ سېلىپ ، كىشلەرنىڭ جىن- ئالۋاستى چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەن .

زارۇ- ئاستىر دىنى بۇددا دىننىڭ بەزى ئىدېئال تەلىماتلرىدىكى جىن – شاياتۇن ئۇقۇمى ۋە ئايرىم دىنىي كاتتىباشلارنىڭ ئۆز رولىنى سىرلىقلاشتۇرىدىغان ئەقىدىلىرىنى باشقا دىن ئەقىدىلىرىگە ئارلاشتۇرىۋېتىپ دىن ئېتىقادچىلىرىنىڭ خۇراپىي قارىشى ۋە چۈشەنچىسىنى ئۇلغايتىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن دىن ئەقىدىلىرىدىكى ئايرىم تەلىماتلار خۇراپىي چۈشەنچىگە ئايلىنىپ كەتكەن .

يۇقىرقىلاردىن مەلۇمكى ، خۇراپاتلىققا ئائىت چۈشەنچىلەرنىڭ چەك-چېگىرىسى بولمايدۇ . خۇراپىي قاراشلار خۇراپاتلىققا پاتقان ئادەملەرنىڭ ئېڭى ۋە ھەركىتى ئارقىلىق كېيىنكىلەرنىڭ ئېڭىغا بىرسى ئىككى بۇلۇپ سىڭىپ كىرگەن . خۇراپىي قاراشلار تەسىر كۆرسىتىپ ئايرىم قاراش ، ئادەتلەرگە ئارلىشىپ قالغان . مەسلەن ،« يۈرۈڭ» تىلەپ « ئاۋاق ئېشى» ئېتىپ تۆت كوچا دوقمىشىغا قۇيۇش ، بىمارنى «ئوتلاپ قېقىش»،«ئاق تۇخۇ ئۆلتۈرۈپ قان قىلىش»،« دەمدە» ئىچۈرۈپ  كېسەلگە شىپالىق تىلەش ؛ قۇرغاقلىچىلىق ، يۇقۇملۇق كېسەللىك ، ھاشارەت ئاپىتى بولسا ئالدىنى ئېلىش ، مۇداپىئەلىنىش چارىلىرىنى قىلماي داش قازان ئېسىپ«زارە خەتمە » قىلىش ، كەلكۈن كەلسە توختى ئىسىملىكلەرنى سۇغا تاشلاپ سۇنى توختىتىشقا ئۇرۇنۇش قاتالىقلارمۇ مۇشۇ خىلدىكى خۇراپىي ھەركەتلەردۇر.

 

«ئۇيغۇرلاردىكى پىسخىك ئاجىزلىقلار » ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.

0دانە ئىنكاس

ئىنكاس يوق

ئىنكاس يوللاش

*

*

1 + 8 = ?

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif