خۇشامەتكويلۇق

يوللانغان ۋاقتى :2011.04.17ئاپتور :ئىزتىلكۆرۈلۈشى:18 viewsئىنكاس سانى :0

خۇشامەتكويلۇق

خۇشامەت ئىنساندىكى ئىززەت-ھۆرمەتنىڭ ئۆزگەرگەن ھالىتى ۋە ئىپادىسى بۇلۇپ ، ئۇ غەيرى مۇددىئا مەنبە قىلىنىغان ، غەيرى نورمال پىسخىك ھەرىكەتنى كۆرسىتىدۇ.

خۇشامەت سىنىپى بۆلۈنمە پەيدا قىلغان ، فېئوداللىق تۈزۈم ۋايىغا يەتكۈزگەن پىسخىكىلىق ئامىل . فېئوداللىق بايلىق ، ئىمتىياز ،ھوقوق پەرىقىگە قاراپ بىر – بىرىگە خۇشامەت قىلىشنى خۇي ۋە ئادەتكە ئايلاندۇرىۋالغان . ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قىسىم « ئادەم» لەر بايلىققا ئېرىشىش مەقسىتى ، ھوقوق ، ئىمتىياز تەمەسى ۋە ئۆزىدىن تۆۋەن تەبىقىلەرنى بوزەك قىلىش قارا نىيتىنىڭ ۋەسۋەسىدە فېئوداللارغا ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن خۇشامەت قىلغان . خۇشامەتتىن ئىبارەت غەيرى نورمال پىسخىك ئامىل ئىجتىمائىي تۈزۈم، ئىرىسيەت، ئۇدۇم، نىيەت ۋە باشقا ئامىللارنىڭ ھامىيلىقىدا تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلگەن.

خوشامەتنى ئىپادىلىنىش ھالىتىگە قاراپ تۆۋەندىكى تۈرلەرگە ئايرىغىلى بولىدۇ.

(1)  سالام خوشامىتى؛

(2)  مەرىكە-سورۇن خۇشامىتى؛

(3)  تۆۋەنچىلىك خۇشامىتى؛

(4)  كۆز-بۇياش خۇشامىتى؛

(5)  قولغا كىرگۈزىۋېلىش خۇشامىتى؛

(6)  چەكلىمىلىك قىلىش خۇشامىتى.

سالام خۇشامىتى ــــ سالاملىشىشتا ئىپادىلىنىدىغان خۇشامەت تىپى. خۇشامەتچىلەر بايلىقى كۆپ، ھوقۇق-ئىمتىيازى بار ئادەملەرگە ھەرخىل شەكىللەردە قۇللارچە ئېگىلىپ سالام قىلىدۇ. خۇشامەت سالىمى قىلغۇچىلارنىڭ ھەرىكىتى ئىككى تەرەپلىمىلىككە ئىگە بولىدۇ: ئۇنىڭ بىرى ـــــ باي، ئىناۋەتلىك، ھوقۇقدارلارغا يېقىنلىشىپ ئۇلارنى قولغا كەلتۈرۈش، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش، ئۇلاردىن نەپ ئېلىش، ئۆزىنى سەمىمىي، كەمتەر كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا كۆرۈلسە؛ يەنە بىرى ـــــ دەرىجىسى تۆۋەن ياكى غادىيىش، مەنمەنچىلىك قىلىش، ئۆچمەنلىك قىلىشتا كۆرۈلىدۇ. بۇنداق خۇشامەتچىلەر بەزىدە ئۆزىگە گۇپپاڭچى كۆپەيتىش غەرىزىدە ئەتراپىدىكىلەرگە نەيرەڭۋازلىق سالىمى قىلىدۇ.

مەرىكە-سورۇن خۇشامىتى ــــ داستىخاندا ئىپادىلىنىدىغان خۇشامەت تىپى. خۇشامەتچىلەر ھوقۇقى بار، ئىمتىيازى چوڭ، بايلىقى كۆپ ئادەملەرگە مەرىكە-سورۇندىن پايدىلىنىپ خۇشامەت قىلىدۇ. خۇشامەتچىلەر مەرتىۋە جەھەتتە ئۆزىدىن يۇقىرىلار توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ قىلسا، چاي، زىياپەت ئۆتكۈزسە، ئازراق تۇنۇشلۇقىنى باھانە قىلىپ قازان ئاسقۇچىلار، خىزمەت قىلغۇچىلار قاتارىغا كىرىۋېلىپ ئۆي ئىگىسىگە خۇشامەت قىلىدۇ. سورۇندىن كەلگەن ئەمەلدارلارغا خۇشامەت قىلپ خەقنىڭ ئېشىدا ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ، يەنە پۇرسەت تېپىپ ئەمەلدارلارغا خۇشامەت چېيى بېرىدۇ.

چاكارچىلىق خۇشامىتى ــــ خۇشامەتنىڭ ئالاھىدە تىپى. ئۇ خۇشامەتچىلەرنىڭ ئەمەلدار، بايلارنى قولغا كىرگۈزىۋېلىشتىكى ۋاستىسى بولۇپ، بۇنداق خۇشامەتچىلەر ئەمەلدارلار، بايلارنىڭ ئۆيىگە بېرىۋېىلپ، ئۆي ئىشىنى قىلىپ بېرىش، بالىلىرىنى بېقىش، توشۇق توشۇش، خوتۇنىنى، بالىسىنى ئەۋەتىپ چاكارلىق قىلدۇرۇش ۋاستىسى بىلەن خۇشامەت قىلىدۇ. بۇخىل خۇشامەت ئادەتتە قولغا كىرگۈزىۋېلىش خۇشامىتى، مەرىكە-سورۇن خۇشامىتى بىلەن ئارىلىشىپ ياكى بىرىكىپ كېتىدۇ.

كۆز بوياش خۇشامىتى ــــ بىرخىل مۇرەككەپ خۇشامەت تىپى. ئۇ، بىلىمسىز، ئىقتىدارسىز، ئەخلاقسىز، ئەمما ھىيلە-مىكىرلىك، نەيرەڭۋازلىققا كۆنگەن مەككار ئادەملەر تەرىپىدىن ئورۇندىلىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ھەرخىل ئۇسۇل ۋە شەكىللەردە خۇشامەت ھۈنەرلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئەمەلدارلارنىڭ كۆزىنى بوياپ، ئۆزىنى بىلىملىك، ئىقتىدارلىق، سەمىمىي قىلىپ كۆرسىتىدۇ؛ باشقىلار قىلغان ئىشنى مەن قىلدىم، دەپ دوكلات قىلىدۇ؛ يىغىن سورۇنلىرىدا ئەمەلدار(باي) نى قارىتىپ تۇرۇپ ماختايدۇ؛ باشلىق بار چاغدا ئىنتىزامچان، ئىشچان بولىۋالىدۇ؛ باشقىلارنىڭ ئىلمى ئەمگەكلىرىنى ئوغرىلاپ ياكى ئۇنىڭغا شىرىك بولىۋېلىپ، بىلىملىك قاتارىغا كىرىۋالىدۇ.

قولغا كىرگۈزىۋېلىش خۇشامىتى ـــــ مۇرەككەپ، ئاسان بايقىغىلى بولمايدىغان خۇشامەت تىپى. ئۇ، ھەرخىل قاتلاملاردىكى ئۆزگىچە خاراكتىرلىك ئادەملەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى، سالاھىيىتى ۋە باشقا خۇسۇسىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئەمەلدار، باي، ئىمتىيازلىقلارغا سوۋغات بېرىش، داستىخان سېلىش، خوتۇن ۋاستىسى، چاكارلىق قىلىش، ناتوغرا يول بىلەن تاپقان پۇلىدىن «زاكات» بېرىش، يەيدىغىنىدىن «ئۆشرە» ئايرىش ئۇسۇللىرىنى ئىشقا سېلىپ خۇشامەت قىلىپ، ناچار باشقۇرۇش پىسخىكىسى، ناچار باشقۇرۇش ئۇسۇلىغا ئىگە ئەمەلدارلار ۋە ئاچكۆز، شەھۋەتپەرەس ئادەملەرنى قولغا كىرگۈزىۋالىدۇ. ئۇلاردىن پايدىلىنىپ يۇقىرىغا ئۆرلەش، ئورىنى چىڭىتىش، «رەقىپ»لىرىنى يىقىتىش ۋە ئۇلارنى كۆزىدىن يىراقلىتىش غەرىزىنى روياپقا چىقىرىدۇ. بۇخىلدىكى خۇشامەتچىلەر ئۆز نۆۋىتىدە ئىلغار باشقۇرۇش پىسخىكىسى ۋە ئۇسۇلىغا ئىگە ئەمەلدارلارنىڭ يۆلەنچۈكى، تۇراقسىز باشقۇرۇش پىسخىكىسى ۋە ئۇسۇلىغا ئىگە ئەمەلدارلارنى ئازدۇرغۇچى بولۇش رولىنى ئوينايدۇ.

چەكلىمىلىك قىلىش خۇشامىتى­­ـــــ خۇشامەتتىكى بىر خىل يۇشۇرۇن تىپ، بۇ خىلدىكى خۇشامەتچىلەر ئەتراپىدىكى ئادەملەرنىڭ مەلۇم ئىقتىدارى، ئەمگىكى ، ئەقىلىي قابىلىيتى ۋە ئىناۋىتىنى چەكلەش ئۈچۈن مەلۇم ئەمەلدار ، گۇپپاڭچىلارنى خۇشامەت قىلىپ قولغا كىرگۈزۋېلىپ، ئۇلارنىڭ كۈچى بىلەن ئۆزى كۆرەلمىگەن كىشلەرنى نابۇت قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ . بۇخىل خۇشامەت تىپى قولغا كىرگۈزۋېلىش خۇشامىتى ، چاكارلىق خۇشامەتلىرى بىلەن بىرىكىپ كېتىدۇ.

خۇشامەتچىلىك ناچار ئىللەت. ئۇ ئىلغار باشقۇرۇش پىسخىكىسى ۋە ئۇسۇلىنى چەكلەش بىلەن بىر چاغدا ،ئىلغار باشقۇرۇش پىسخىكىسى ۋە ئۇسۇلىنى چەكلەش بىلەن بىر چاغدا ، ئىلغار باشقۇرۇش پىسخىكىسى ۋە ئىلغار باشقۇرۇش ئۇسۇلى تېخى ئۈستۈنلۈكىنى ئالمىغان مىللەت ۋە قاتلاملاردا مەلۇم دەرىجىدە بازار تاپىدۇ. خۇشامەتچىلەر ھەرخىل «ھۈنەر»لىرى بىلەن ناچار باشقۇرۇش ، بوسۇنۇش پىسخىكىسىنى كۈچەيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ساختىپەز، ئىقتىدارسىز، يالغانچى، ئىككى يۈزلىمە، قاششاق،ھەسەتخور،ئاداۋەتخور، تەمەخور،ئاچكۆزلەرنىڭ بازىرى ئاۋاتلىشىپ، ئىقتىدارلىق ، سەمىمىي ، ھايالىق، دۇرۇس كىشلەرنىڭ چەتكە قېقىلىشىغا ، ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ باسۇرۇلۇپ قېلىشىغا سەۋەب بۇلىدۇ- دە ، «ئات جۇۋازدا،كالا مەپىدە» ھالىتى شەكىللىنىدۇ.

بىزدە خۇشامەتنىڭ ھەممە تىپلىرى تۈگەل مەۋجۇت. ئۇ بەزى جاي، تارماق ۋە بەزى يرت ئاھالىلىرنىڭ بىر قىسىمىدا خېلىلا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان . خۇشامەتچىلەر مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلىتى ــــ چولار، بىلىملىكلەرنى ھۆرمەتلەش،كىچىكلەرنى ئىززەتلەش،بىر-بىرىنى ئۆز –ئارا ھۆرمەت قىلىشنى بۇزۇپ، خۇشامەتتىن پايدىلىنىپ ئىجتىمائىي، سىياسى نەپ ئېلىۋاتىدۇ ھەم مىللەتنىڭ ساپاسىنى تۆۋەنلىتىپ، ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزىۋاتىدۇ. ئەمما، خۇشامەتچىلەر ھامان، ھەرقانداق جايدا ، ھەق ئالدىدا، دۇرۇس نىيەتلىك ئادەملەر ئالدىدا شەرمەندە بولماي قالمايدۇ.

«ئۇيغۇرلاردىكى پىسخىك ئاجىزلىقلار»ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

0دانە ئىنكاس

ئىنكاس يوق

ئىنكاس يوللاش

*

*

2 + 5 = ?

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif