ئاداۋەتخورلۇق

يوللانغان ۋاقتى :2011.06.18ئاپتور :ئىزتىلكۆرۈلۈشى:20 viewsئىنكاس سانى :0

 

 

 

 

                                                                                                        

ئاداۋەتخورلۇق

     ئاداۋەت ۋە ئاداۋەتخورلۇق ، ئىنسان پىسخىكىسىدىكى بىر خىل روھىي ھالەت ۋە ئۇنىڭ ئىنكاسى . ئۇ ، ئادەم پىسخىكىسىدا  باشقا روھىي  ئاجىزلىقلارنى پەيدا قىلىدىغان مەنبە . بىر مىللەتنىڭ مەنىۋى ، ماددى مەدەنىيەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ، پىسخىك ساغلاملىقىنى يېتىلدۈرۈشتە ، ئاداۋەتخورلۇقتىن ئىبارەت بۇ روھىي ئاجىزلىقىنىڭ ماھىيىتىنى بىلىۋېلىش ، مەنبەسىنى ئېچىپ بېرىشنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى مۇھىم .

ئاداۋەت ــــ بىر-بىرى بىلەن بولغان كىشلىك مۇناسىۋەت جەريانىدا پەيدا بولغان، بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان مەقسەت ھەم پىسخىك توقۇنۇشنىڭ ئىنكاسى، ئاداۋەتنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئۇنىڭ ئاداۋەتخورلۇققا ئايلىنىشىغا ئاسالانغاندا، ئۇنى تۆۋەندىكى تۈرلەرگە ئايرىغىلى بۇلىدۇ.

1) رەنجىش ئاداۋىتى؛ 2) تەمەخورلۇق ئاداۋىتى؛ 3) تەنقىد ئاداۋىتى؛ 4) ھەسەتخورلۇق ئاداۋىتى؛ 5) تەمەننا ئاداۋىتى؛ 6) ئۇرۇشقاقلىق ئاداۋىتى؛ 7) يامان كۆرۈش ئاداۋىتى؛ 8) يۇرتۋازلىق ئاداۋىتى؛ 9) ھوقوق-ئىمتىياز ئاداۋىتى؛ 10) مەنپەئەت ئاداۋىتى.

رەنجىش ئاداۋىتى ــــ بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمدىن رەنجىشىدىن تۇغۇلدىغان ئاداۋەت. ئۇ ئىككى سەۋەبتىن تۇغۇلىدۇ؛ بىرى، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمدىن ئورۇنسىز زەربە يېگەندە، زەبە بەرگۈچىدىن رەنجىپ ئاداۋەت تۇتىدۇ؛ يەنە بىرى، زەربە بەرگۈچىدىكى رەنجىش پىسخىكىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاداۋەت. ئۇ، باشقىلارغا ناھەق زەربە بېرىپ ئارقىدىن ئاداۋەت تۇتۇشتا كۆرۈلىدۇ ئالدىنقىسىنى ئەخلاقىي جەھەتتىن چۈشىنىشكە بۇلىدۇ كېيىكىسى روھى ھالەتكە مەنسۇپ.

تەمەخورلۇق ئاداۋىتى ــــ بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمدىن كۈتكەن تەمەسى ياكى غەيرىي مۇددىئاسى پەيدا قىلغان ئاداۋەت. ئۇ، مەلۇم باشقۇرغۇچى، تۇغقان، قوشنا، ئىشداشتىكى بىر خل نىسبەتنىڭ ۋەسىۋەسى بىلەن بويسۇنغۇچى، تۇغقىنى، قوشنىسى، ئىشدىشىدىن مەلۇم تەمەنى ئورۇنداشنى كۈتكەندە، تەمەسىنى ئىشقا ئاشۇرالمىسا، ئىشقا ئاشۇرمىغۇچىغا ئۆچلۈكى كېلىپ قوزغىلدىغان ئاداۋەتتۇر. بۇ خىل ئاداۋەت يولسىز بولغانننىڭ ئۈستىگە ، بەك كۈچلۈك بۇلىدۇ. بۇ خىل ئاداۋەتتە يەنە خۇشامەت،سالام قىلمىغانغا ئاداۋەت تۇتۇش تىپىمۇ بار. بۇ ئاداۋەتخورلار بويسۇنغۇچى، تۇغقىنى، قوشنىسى، ئىشدىشىنى يامان كۆرۈپ، پۇرسەت تېپىپ زەربە بېرىپ، ئۆچ ئېلىشنى ئېسىدىن چىقارمايدۇ.

تەنقىد ئاداۋىتى ــــ ئادەتتە كۆپ يۈز بېرىدىغان ئاداۋەت تۈرى. ئۇ، ئەر-خوتۇنلار، ئاتا-ئانا، بالىلار، باشقۇرغۇچىلار بىلەن بويسۇنغۇچىلار، تۇغقان بىلەن تۇغقان، ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار، قوشنا بىلەن قوشنا، ئىشداشلار ئارا بىر-بىرىنى بىرەر ئىشتا تەنقىد، تەنبىھ قىلغاندا، مەلۇم بىر تەرەپتە يۈز بېرىدىغان ئاداۋەت. بىرسى يەنە بىرسىنى تەنقىد قىلغاندا، تەنقىد قىلىنغۇچى تەنقىد قىلغۇچىغا ئاداۋەت تۇتىدۇ؛ يەنە بىر ئەھۋالدا، تەنقىد قىلىنغۇچى تەنقىدنى قوبۇل قىلماي ئۆز پىكىردە چىڭ تۇرسا، تەنقىد قىلغۇچى تەنقىد قىلىنغۇچىغا ئاداۋەت تۇتىدۇ.

ھەسەتخورلۇق ئاداۋىتى ــــ ئاداۋەتخورلۇق ئىچىدىكى ئەڭ يامان ئاداۋەت تۈرى. ھەسەتكە مۇپتىلا بولغانلار ئەتىراپتىكىلەرنىڭ بىرە ئىشتا نەتىجە قازانغانلىقىنى كۆرگەندە؛ ئىناۋىتى، ئىجتىمائىي ئورنى، ئەمگىكى، تۇرمۇش سەۋىيسى ئۆزىدىن ئېشىپ كەتكەندە ھەسەتخورلۇقى قوزغىلىپ پەيدا بۇلىدىغان ئاداۋەت. ھەسەتخورلۇق باھانە-سەۋەب ئىزدەپ، «رەقىبى» نى ئىناۋىتىدىن، نەتىجىسىدىن مەھرۇم قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ خىل ئاداۋەتنىڭ پەيدا بۇلۇشىغا ئىككىنچى ئادەمنىڭ مۇناسىۋەت سەۋەنلىكى سەۋەب بولمايدۇ.ھەسەتخورلار باشقىلارنى كۆرەلمىگەندە ، ئىچى تارلىقى تۇتقاندا ، ئۆزىچە ئاداۋەت تۇتۇپ ، ئاجايىپ قىلىقلارنى قىلىشقا باشلايدۇ . ھەسەتنىڭ بارلىق ھالەتلىرى ھەسەت ئاداۋىتىنى توغدۇرۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ  ھەمدە ئۇنى تۇغدۇرىدۇ . ھەسەت ئاداۋىتىگە مۇپتىلا بولغان ئادەم « رەقىبى » نى يېڭىش ئۈچۈن ، ھەتتا، دۈشمەنگە ئايلىنىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن .

تەمەننا ئاداۋىتى – باشقىلارنى تۆۋەن كۆرۈپ ، كۆزىگە ئىلماسلىقتىن ، ئۆزىگە تەمەننا قۇيۇشتىن ۋە ئۆزىنى قالتىس چاغلاشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئاداۋەت . بۇنداق پىسخىكىلىق ئادەملەر باشقا ئادەمنىڭ ئۆزىنى چوڭ بىلمىگەنلىكى ، ئۆزىگە بويسۇنمىغانلىقى ( خۇشامەت قىلمىقىغانلىقى)غا ئۆچلىكى كېلىپ ئاداۋەت تۇتىدۇ . تەمەننا ئاداۋىتى مۇرەككەپ پىسخىك ھالەتتىن پەيدا بولغانلىقتىن ، بۇ خىل ئاداۋەت ئاسانلىقچە تۈگىمەيدۇ . بۇ ئاداۋەت ھەسەت ، يۇرتۋازلىق ئاداۋىتى ھەم ھوقوق – ئىمتىياز ئاداۋىتى بىلەن بىرىكىپمۇ كېتىدۇ .

ئۇرۇشقاقلىق ئاداۋىتى – ئۇرۇشقاقلىق خۇيى پەيدا قىلىدىغان ئاداۋەت . ئۇرۇشقاقلىق پىسخىكىسىغا ئىگە ئادەمدە ئۇرۇشقاقلىق تېشىغا تەپكەنلىكتىن – بىرەر ئادەمدە بىرەر باھانە تېپىپ ، ئۇرۇشۇپ ئاداۋەت تۇتمىسا ، يېگىنى چىرايىغا چىقمايدۇ ، ياتسا ئۇيقۇسى كەلمەيدۇ . شۇڭا ، بۇنداق ئادەم بىر دەم بىرسى ، بىر دەم يەنە بىرسى بىلەن ئۇرۇشۇپ ئاداۋەت تۇتىدۇ . ئۇنىڭغا يەنە تەمەننا ، ھەسەتخورلۇق قۇشۇلۇپ باشقىچە رول ئوينايدۇ.

يامان كۆرۈش ئاداۋىتى – كىشلەردە باشقىلارنى ئىجتىمائىي ۋە پىسىخىك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يامان كۆرۈشتىن پەيدا بۇلىدۇ . بۇ خىل ئاداۋەت بىرى، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە بويسۇنمىغانلىقى ، نەپ بەرمىگەنلىكىگە قارىتا يامان كۆرۈشتىن ؛ يەنە بىرى ، باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئارقىسىدىن يامان گەپ قىلغانلىقىنى ئۇققاندا ، ئۇنى يامان كۆرۈشتىن ؛ ئۆزىگە ياكى باشقىلارغا زىيانكەشلىك ، يامانلىق قىلغان ، ياۋاش ، ئاق كۆڭۈل ئادەملەرنى بوزەك قىلغانلارنى يامان كۆرۈشتىن؛ ناچار ، بەتخۇي ئادەمنى يامان كۆرۈشتىن پەيدا بۇلىدۇ . بىرىنجى خىل يامان كۆرۈش ئاداۋىتىدە ناچار ئىدىيە ، يامان نىيەت رول ئوينىغان ، چېقىمچىلار قاتناشقان بولسا ؛ كېيىنكىسىدە ، گۈزەل ، كىشىلىك ئەخلاق ئاساسى ئۇرۇندا تۇرىدۇ .

يۇرتۋازلىق ئاداۋىتى- يۇشۇرۇن ھەم رەزىل ئاداۋەت . يۇرتۋازلار بىر يۇرتلۇق ئەمەسلەرنى يەكلەپ ، ئۇلار ئىچىدىكى قابىللارنى ئۆچ كۆرۈپ ، ئۇلارغا ئاداۋەت تۇتىدۇ . ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئۇنى بىلدۈرمەيدۇ ، مەلۇم شارائىت ياكى ماكان ، زاماندا ئاداۋەتنى ئاشكارلاپ ، دۈشمەنلىشىشكە باشلايدۇ .ئۇلار بەزى چاغلاردا يۇرتلۇقلىرىنى توپلاپ ، كوللىكتىپ ئاداۋەت پەيدا قىلىدۇ ، يۇرتۋازلىققا ياندىشىپ ماڭىدىغان يۇرت خۇيىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە يۇرتۋازلىق ئاداۋىتىنى پەيدا قىلىدۇ ھەم كۈچەيتىدۇ . يۇرتۋازلىق ئاداۋىتىگە يەنە تەمەننا ئاداۋىتى ، ھەسەتخورلۇق ئاداۋىتى ، يامان كۆرۈش ئاداۋىتى، تەمەخورلۇق ئاداۋىتىمۇ ئارلىشىپ كېتىدۇ .

ھوقوق- ئىمتىياز ئاداۋىتى­­ ـــ ھوقوق تۇتقانلار ، ئىمتىيازلىقلاردا پەيدا بولىدىغان بىر خىل ئاداۋەت . بۇ خىل ئاداۋەت بىر – بىرىنىڭ ھوقوق دائىرىسى ، ئىمتىيازى ۋە دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىك پەرىقى بىلەن بىرى يەنە بىرىگە ھاكاۋۇرلۇق قىلىش ، ھەسەت قىلىش ئارقىلىق پەيدا بۇلىدۇ. بۇ ئادەملەر كۆرۈنۈشتە بىر – بىرى بىلەن ئىناق – ئىجىل ئۆتكەندەك، بىر – بىرىنى ھۆرمەتلىگەندەك كۆرۈنسىمۇ ، ۋاقتى كەلگەندە بىرەر سورۇندا ، ياكى بىرەر ئىشتا ئاداۋىتىنى ئاشكارىلايدۇ .

مەنپەئەت ئاداۋىتى ـــ كۆپۈنچە سەخسىيەتچى ، ئاچكۆز ، ھەسەتخور ئادەمدە پەيدا بۇلىدىغان ئاداۋەت تۈرى . بۇنداق ئادەم ئۆزىگە پايدا – مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ دەپ ھېسابلىغان ئىشنىڭ ئۆزىگە نىسىپ بولماي، باشقىلارغا تەۋە  بۇلۇپ قېلىشىنى خالىمايدۇ . شۇڭا ، ئەتراپىتىكى ئادەملەر مەنىۋى مەنپەئەت ياكى ماددى مەنپەئەتكە ئىگە بولسىلا ، مەنپەئەتكە ئىگە بولغۇچىغا ئاداۋەت تۇتىدۇ . بۇ خىل ئاداۋەت ئادەتتە ھەسەتخورلۇق ئاداۋىتىگە ئارلىشىپ كېتىدۇ .

دېمەك، ئاداۋەتخورلۇقنىڭ ئىپادىلىرى بىر- بىرىدىن مۇرەككەپ ، ھالەتلىرى كۆپ خىل ، كەلتۈرىدىغان زىيىنىمۇ چوڭ بۇلىدۇ. ئۇ ، كىشلەرنى ئادەتتە بىر – بىرىدىن يىراقلاشتۇرۇش، ئىتتىپاقسىزلىق ئۇرۇقىنى چېچىش رولىنى ئويناپلا قالماستىن،ئادەملەرنىڭ پىسخىكىسىدا ھەر خىل روھى ئاجىزلىقلارنىڭ پەيدا بۇلۇشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مەنبە بۇلىدۇ. ئاداۋەتخورلۇق نەدە پەيدا بولسا شۇ جايدىكى كىشلەرنىڭ ئىناقلىقى بۇزۇلۇپ ، مىللەتنىڭ زېھنى كۈچىنى چېچىپ ، توغرا يولدىن چەتلەشتۈرۋېتىدۇ .

 

 

 

 « ئۇيغۇرلاردىكى پىسخىك ئاجىزلىقلار» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى .

0دانە ئىنكاس

ئىنكاس يوق

ئىنكاس يوللاش

*

*

7 + 9 = ?

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif