سىلەرگە ئۇتۇق تىلەيمەن ، كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى
يوللانغان ۋاقتى :2011.06.07ئاپتور :ئىزتىلكۆرۈلۈشى:22 viewsئىنكاس سانى :2
سىلەرگە ئۇتۇق تىلەيمەن ، كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى
بۇنىڭدىن ئالتە يىل مۇقەددەم بۈگۈنىكى كۈندە مەن ۋە بىر سىنىپتا بىرگە ئوقۇغان 48 نەپەر قېرىنداش ، ساۋاقداش بىرگە مەكتىپىمىزدىن ئايرىلىپ ۋىلايەتلىك پارتىيە مەكتىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ياتىقىمىزدىن .ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان مەيدانىمىزغا قاراپ ئاتلاندۇق ، ھەممىمىزنىڭ چىرايىدا بىرخىل خۇشاللىق بىلەن غەم ئارلىشىپ كالىمىزدا تەسۋىرلىگۈسىز ئوي – خىياللار پەيدا بولغان ئىدى، شۇ كۈندىن باشلاپ بىز تۇللۇق ئوتتۇرىدىن ئىبارەت بۇگۈزەل تۇرمۇش ھاياتىمىزدىن خوشلىشىپ ، ئالىي مەكتەپتىن ئىبارەت چوڭ دۇنياغا ، ئادەم بۇلۇش ئۈچۈن ئاتلانغان ئىدۇق ، مانا ئالتە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە دۆلىتىمىزنىڭ ھەممە يېرىدە نۇرغۇنىلغان ئوقۇغۇچىلار كۆڭلىگە يۈكسەك ئارزۇ – ئۈمىدلەرنى پۈكۈپ ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئارزۇ-ئارمىنى ، ئاتا – ئانىسى ، ئوقوتقۇچى-ئۇستازلىرىنىڭ تىلەكلرىنى ئېلىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاندىن ئىبارەت بۈ رەھىمسىز ئەمما ئادىل رىقابەت مەيدانىغا كىرىپ كەتتى ، ئىمتىھان دېگەن بەزىدە سىزنى ھەم بىزنى كۈلدۈرسە بەزىدە يىغلىتىدۇ ، بەزىدە باھار كاكۇكلىرىدەك زوق شوخ بىلەن سايراتسا بەزىدە ئۈششۈك چۈشكەن ياپراقتەك سارغايتىدۇ . نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ رىقابەت ، بۇ جەڭدىن ئىلغارلار تاللىنىپ چىقىلدۇ – دە !
سىلەرگە ئۇتۇق تىلەيمەن ، كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ، سىلەر دېگەن دۆلەتنىڭ ، مىللەتنىڭ ئۈمىدى ، ئاتا- ئاناڭلارنىڭ ، قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ، ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلىرىڭلارنىڭ پەخرى ، ھەممىنىڭ كۆزى سىلەردە ، سىلەرنىڭ بۇ رىقابەتتىن ، بۇ خىرسقا تولغان رەھىمىسز جەڭدىن زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كېلىشىڭلارنى،ھەممىڭلارنىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ پارلاق بۇلىشىنى ، ئەڭ مۇھىمى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلىپ مىللىتىمىزگە ، دۆلىتىمىزگە ، يۇرتىمىزغا شان – شەرەپ كەلتۈرىشىڭلارنى ، جۈملىدىن شۇ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىن ئادەم بۇلۇشنى ئۆگىنىپ كېلىشىڭلارنى چىن دىلىمدىن تىلەيمەن .
ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا شۇنداق دەۋرنى باشتىن كەچۈرگەن ئىدۇق، ھەي…
مانا ئۇ ۋاقىتلار ھەش – پەش دېگۈچە ئەسلىمىگە ، خاتىرىگە ئايلاندى .