بىز ھەممىمىز قارغۇ
يوللانغان ۋاقتى :2011.04.21ئاپتور :ئىزتىلكۆرۈلۈشى:23 viewsئىنكاس سانى :2
بىز ھەممىىمىز قارىغۇ
بىز ھەممىمىز قارغۇ.
بېخىللار قارىغۇ ،چۈنكى ئۇلار ئالتۇننى كۆرەلىگەن بىلەن بايلىقنى كۆرەلمەيدۇ .
بەتخەجلەر قارىغۇ،ئۇلار باشلىنىشنى كۆرەلىگەن بىلەن ئاقىۋىتىنى كۆرمەيدۇ.
شەپشەك ئاياللار قارىغۇ ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يۈزىدىكى قورۇقلارنى كۆرمەيدۇ.
بىلىملىكلەر قارىغۇ ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نادانلىقىنى كۆرمەيدۇ .
سەمىمى ئادەملەر قارىغۇ ، ئۇلار ئەسكىلەرنى كۆرمەيدۇ.
ئەسكى ئادەملەر قارىغۇ ، ئۇلار تەڭرىنى كۆرمەيدۇ.
مەنمۇ قارىغۇ ، سۆزلەشنىلا بىلگەن بىلەن ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ گاسلىقىنى كۆرمىدىم.
مەن بۇنى بۇرۇن بىر ژۇرنالدىن ئوقۇغىنىم يادىمدا، ئەجەبا سىز بۇنى ئۆزىڭىز يازغان ئوخشىمامسىز؟ سىزمۇ مەنبەنى ئەسكەرتكەن بولسىڭىز؟
مەسىلەن:______ژۇرنىلىدىن ئېلىندى.
ئەلۋەتتە ئوقۇغىنىڭىز بەرھەق ، مەن مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، بىراق تەرمىلەر سەھىپىسىگە يوللىغىنىمنىڭ ئۈزىلا بۇنىڭ ئۆز يازمام ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ ، ئەسكەرتمە بەرگىنىڭىزگە رەھمەت ، بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلاي، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق يېتەرسىز تەرەپلىرىمنى كۆرسىتىپ بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .