ئىجادىيەت ۋە خاتالىق(كۆچۈرۈلمە)

يوللانغان ۋاقتى :2011.10.08ئاپتور :ئىزتىلكۆرۈلۈشى:16 viewsئىنكاس سانى :0

ئىجادىيەت ۋە خاتالىق
ئۇيغۇر ئونلايىن.نېت تور بېتىدىن قۇتلۇق بىلگە  تەرجىمىسى 
بىر بىلىم ئەھلىنىڭ مېدىتسىنا ساھەسىدە يېڭى ۋە ناھايىتى ئەھمىيەتلىك كەشپىياتلىرى روياپقا چىققان ئىكەن. بىر مۇخبىر بۇ بىلىم ئەھلى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپتۇ. مۇخبىر بىلىم ئەھلىدىن قانداق قىلىپ ئادەتتىكى ئىنسانلارغا سېلىشتۇرغاندا پەرقلىق ۋە ئىجادىيەتچى بولۇپ يېتىش چىققانلىقىنى ۋە باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىكىنى سوراپتۇ. بىلىم ئەھلى بۇ سوئالغا   : 
 - ئىككى ياش ۋاقتىمدا ئانام ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق تەجرىبە مېنىڭ ھازىرقى كۈنگە كېلىشىمگە سەۋەب بولغان، دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.   
بۇ بىلىم ئادىمى كىچىك ۋاقتىدا توڭلاتقۇدىن سۈت بوتۇلكىسىنى ئېلىش ئۈچۈن تەمشەلگەندە، بوتۇلكا قولىدىن سىيرىلىپ يەرگە چۈشۈپ كېتىپۇ ۋە يەر پۈتۈنلەي سۈت كۆلىگە ئايلىنىپتۇ.  ئانسى ئاشخانا كېلىپ قارىغۇدەك بولسا ئەتراپ قارىغۇسىز بولۇپ كەتكەن ئىكەن.  ئانىسى ئوغلىغا ۋاقىراش، ئۇنى ئازارلاش ياكى جازالاشنىڭ ئورنىغا:  
- روبېرت، نېمە دېگەن گۈزەل بىر خاتالىق ئۆتكۈزدۈڭ، ئىلگىرى بۇنچىلىك چوڭلۇقتا سۈت كۆلى كۆرمىگەن ئىكەنمەن، بولغۇلۇق بوپتۇ.  ئەمدى بىرلىكتە بۇ يەرنى تازىلاشتىن ئىلگىرى بىر ئاز يەردىكى سۈت كۆلى بىلەن ئوينىساق قانداق دەيسەن؟، . دەپتۇ   
روبېرت سۈت كۆلى بىلەن ئويناشقا باشلاپتۇ. ئارىلىقتىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئانىسى:  
- بۇنداق ئىشلارنى قىلىپ قويغىنىڭدا، تازىلىشىڭ ۋە ھەر نەرسىنى ئەسلىدىكى ھالىتىگە ئەكىلىپ قويۇشۇڭ كېرەكلىكىنى بىلەمتىڭ؟ بۇنى قانداق ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىلەمسەن؟ بىر لاتا ئىشلىتەمسەن ياكى بىر لۆڭگەمۇ ۋەياكى بۇلۇتمۇ؟ قايسىسىنى خالايسەن؟»،دەپتۇ   . 
روربېرت بۇلۇتنى تاللاپتۇ ۋە ئانىسى بىلەن بىرلىكتە يەرگە تۆكۈلگەن سۈتنى تازلاپتۇ.  ئارقىدىن ئانىسى روبېرتقا  :   
-ئوغلۇم بېشىڭغا كەلگەنلەر ئەسلىدە، سېنىڭ ئىككى كىچىك قولۇڭ بىلەن چوڭ سۈت بوتۇلكىسىنى كۆتۈرۈلمىگەنلىكدىن بولغان، بۇ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان ئىش.  قېنى ئەمدى ھويلىغا چىقىپ بوتۇلكىغا سۇ توشقۇزۇپ، سېنىڭ لىق سۇ قاچىلانغان بوتۇلكىنى قانداق كۆتۈرەلەيدىغانلىقىڭنى سىناپ باقايلى، دەپتۇ   . 
كىچىك بالا بوتۇلكىنى كانىيى تەرەپتىن ئىككى قولى بىلەن چىڭ تۇتسا يەرگە چۈشۈپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلىۋاپتۇ . 
نېمە دېگەن گۈزەل بىر دەرس!  بۇ مەشھۇر بىلىم ئەھلى كىيىنچە، خاتا ئىش قىلىپ قويسا بۇنىڭدىن قورقۇپ كەتمەسلىك كېرەكلىكىنى چۈشىنىپ يېتىپتۇ.  قىلغان خاتا ئىشلارنىڭ ئەسلىدە يېڭى نەرسە ئۆگىنىش ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپتۇ.  ئەمەلىيەتتىمۇ، ئىلمىي تەتقىقاتلاردىكى تەجرىبىلەرمۇ مۇشۇ ئاساسقا تايىنىدۇ.  بىر تەجرىبە مۇۋاپپىقىيەتسىز چىقىپ قالسا، ئۇ تەجرىبىدىن ناھايىتى
ئەھمىيەتلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
    پۈتكۈل ئاتا-ئانىلار  پەرزەنتلىرىگە، روبېرتنىڭ ئانىسىنىڭ روبېرتقامۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلسا نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى، ھە!  
  
«ھېكمەتلىك ھېكايىلەر»ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.  
  
ئۇيغۇر ئونلايىن.نېت تور بېتىدىن ئېلىندى
 
 مەزكۇر ئەسەر ماڭا تەسىر قىلغانلىقى ئۈچۈن ۋاي – ۋۇي تورىدىن كۆچۈرۈلۈپ كېلىندى .
0دانە ئىنكاس

ئىنكاس يوق

ئىنكاس يوللاش

*

*

3 + 6 = ?

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif