WordPress سۇپىسىدا ھەقسىز بىلوگ قۇرىغىڭىز بارمۇ ؟
يازما يوللانغىلى 152 كۈن بولدى | ئاپتۇر ئىزتىل | سەھىپە: گۈلىستان | يوللانغان كۈن:2011-04-17 |
سۇپىسىدا ھەقسىز بىلوگ قۇرىغىڭىز بارمۇ ؟ WordPress
ئۇيغۇر تورچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ، نۇرغۇنلىغان دوستلار ئۆز ئالدىغا مۇستەققىل تور ياكى بىلوگلارنى قۇرۇپ ئۆزنىڭ تۇرمۇش كارتىنىلرىدا يۇلۇقتۇرغان ئىش – ئىزلىرى ، ھىس – تۇيغۇلىرىنى قالدۇرۇپ ئۇيغۇر تور دۇنياسىغا ھۆسۈن قۇشۇپ كېلىۋاتىدۇ ، بۇنىڭدا بىلوگنىڭ كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ ، يېقىنقى يىللاردىدىن بۇيان ئۆز ئالدىغا مۇستەققىلىق بىلوگ قۇرۇپ نادىر يازمىلارنى ئېلان قىلىۋاتىقان دوستلار ئاز ئەمەس ،بىلوگباس ، بىلوگPJ ، بىلوگ Z ، ئۇنىڭدىن باشقا ھازىر بىلوگ دۇنياسىدا ئەڭ قارىشى ئېلىنىپ كېلىنىۋاتقان ۋورپرەس قاتارلىقلار ئاساسى سالماقنى ئىگەللەيدۇ، ھازىر بىلوگباستىن ۋوردپرەسكە كۆچۈپ كېلىۋاتقانلار ناھايىتى نۇرغۇن ، يەنە نۇرغۇن دوستلارمۇ كۆچۈشنى ئولىشىۋاتىدۇ بىراق ئىقتىساد، تۈرلۈك كېلىشملەر،بوشلۇق چەكلىمىسى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەقسىز بولغان بىلوگباستىن ۋاز كېچەلمەيۋاتقانلار يەنىلا كۆپ ، مانا ئەمدى سىزنىڭ ھەقسىز بولغان ۋوردپرەس سۇپىسىغا ئىگە بىلوگنى قۇرۇيدىغان ۋاقتىڭىز كەلدى، سىزمۇ ھەقسىز ھالدا ۋوردپرەسنىڭ پەيزىنى سۈرۈلەيسىز . سىز ئالدى بىلەن http://blog.cd تورىغا كىرىپ كۆرۈنگەن كۆزنەكتىن ئىسىم ئىلتىماس قىلىسز ، پۈتۈنلەي ھەقسىز ، بىراق بىرلا يېرى بۇ سۇپا ھازىرچە ئۇيغۇرچىنى نورمال قوللىمايدۇ ، مەن داۋاملىق ئۇيغۇرچىنى نورمال تۇنۇتۇش ھەققىدە ئىزدىنىۋاتىمەن . بۇ بىلوگ سۇپىسى بىز ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ھەقسىز ئۇسلۇپلارنى تەمىنلەپ بەرگەن . بىز ئۆز ئالدىمىزغا خالىغان ئۇسلۇبنى تاللاپ ئىشلىتەلەيمىز . بۈگۈن مۇشۇنچىلىك چۈشەندۈرۈپ تۇراي . قالغان قىسىمىنى بارا-بارا تورداشلار بىلەن تەڭ ئىگەللەپ كېتەرمىز . بەلكىم ياقتۇرۇپ قالىدىغانلار چىقىپ قالار دېگەن نىيەتتە بۇ يازمىنى يوللىدىم ، ئەگەر سىز بۇ بىلوگ سۇپىسىنى ئىشلىتىش جەرياندا يېڭىلىق بايقىسىڭىز مېنى ھەم مەن قاتارلىق بىلوگ بىلەن ھەپىلىشىپ كېلىۋاتقانلارنى خەۋەرلەندۈرۈپ قۇيۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ، نادىر يازمىلاردىن ھۇزۇرلىناي دېسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق« ئىزتىل بىلوگى » دا بولسۇن !
خەتكۈچ:ۋوردپرەس
يازما ئادىرسى :?p=50
. يازمىلارنى باشقا بلوگ ياكى تور بەتتە ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز يازما ئاپتۇرىنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مەنمۇ ئۇزۇمنىڭ بىر بىلۇگى بولۇشنى ئۈمىد قىلاتتىم ،لىكىن ئىشنى قەيەردىن باشلاشنى ھېچ بىلەلمىدىم ، مۇمكىن بولسا بىلىمىڭىزنى ئايىمىسىڭىز !
ئەگەر سىز راستىنلا بىلوگ يېزىشنى باشلىسىڭىز ئالدى بىلەن سىزدە كۈچلۈك ئىرادە، مەسئۇلىيەتچانلىق بۇلىشى كېرەك ، ئاندىن بەلگىلىك ب ىلىم ھازىرلىشىڭىز كېرەك ، ئەگەر سىز راستىنلا بىر يېڭى ئۆگەنگۈچى بولسىڭىز ئالدى بىلەن بىلوگباس بىلەن بىر مەزگىل ھەپىلىشىپ كۆرۈڭ ، ئاندىن كېيىن مۇستەققىل بوشلۇققا كۆچۈپ ، مۇستەققىل ئىسىم ، بوشلۇق سېتىۋېلىپ PJبىلوگ ياكى Z_BLOG نى ئىشلەتسىڭىزمۇ بۇلىدۇ ، ئەگەر ۋوردپرەس بىلەن بىلوگ يېزىشنى باشلىسىڭىز ، ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىدا بۇ ھەقتە يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە تەمىنلەنگەن كۆپ بىلىم بار ، ئەگەر بىلوگ يېزىشنى دەرھال باشلىماقچى بولسىڭىز مەن ئەلۋەتتە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە سىزگە ياردەم بېرىمەن .