رەھبەرلەر «خاپا بۇلۇپ»مۇ سۆزلەمدىغاندۇ؟

يوللانغان ۋاقتى :2011.04.17ئاپتور :ئىزتىلكۆرۈلۈشى:21 viewsئىنكاس سانى :0

«تىلماچلار چايخانىسى»دىكى پاراڭلار

رەھبەرلەر «خاپا بۇلۇپ»مۇ سۆزلەمدىغاندۇ؟

 پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنى ئەزەلدىن ھۆرمەتلەيمەن ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئاساسى قاتلاملارغا چۈشۈپ تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلغانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەرگە بەك قىزىقىمەن.

ئۇزاق كۆزىتىش جەريانىدا مۇنداق بىر ئىشنى بايقىدىم :رەھبەرلەرنىڭ تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلغانلىقى ئامما دەرقەمتە بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسىدە « خۇشاللىق بىلەن مۇنداق دېدى»،ياكى« ناھايىتى ھاياجان بىلەن ئۇنداق دېدى» دېيىلدىكەنۇ، ئەمما ھېچقاچان «خاپا بۇلۇپ ئۇنداق دېدى»،ياكى«غەشلىك بىلەن مۇنداق دېدى» دېيىلمەيدىكەن . رەھبەرلەرنىڭ ئوي-خىيالى ئاممىدا بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئىش-ئوقىتىنى ئويلايدۇ،تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەر يىلى تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلىدىغان ۋاقتى بىر-ئىككى ئايدىن كەم بولمايدۇ . بارغان شەھەر – ناھىيىلەرمۇ نەچچە ئونغا يېتىدۇ . خوش ، ئۇنداق بولسا ، رەھبەرلەر بارغانلىكى يېرىدە كۆڭۈللۈك ئىشلارغا ئۇچۇراپلا تۇرامدىغاندۇ ؟

پېقىرنىڭ مەنىسى چوڭمۇ ئەمەس ، ئەمما ئاساسى قاتلاملارغا جىق بارىمەن ؛ مەن بارغان – تۇرغان جايلاردىكى ئىشلار كۆڭلۈمنى غەش قىلىدۇ .2009-يىلى يىغىنغا كېتىۋاتقاچ ۋۇتەي تېغى باغرىدىكى مەلۇم ناھىيەدىن ئۆتۈپ قالدىم . بۇ يەردە ئالتۇن كان ، تۆمۈر كان ، كۆمۈر كان دېگەنلەر كۆپ ئېچىلغاچقا ، تىتما كاتاڭ بوپكېتىپتۇ ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەردىن ئەسەرمۇ قالماپتۇ، دەريا – ئېقىنلارنىڭ كۆپى قۇرۇپ كېتىپتۇ ، قۇرۇپ كەتمىگەنلىرىنى لاي-لاتقا بېسىپتۇ . بۇنى كۆرۈپ يول بويى كۆڭلۈم غەش بولدى . يېقىندا شىمالىي جىياڭسۇغا بارغاندىم ، ئۇ يەردە دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى باشقىلار ئىگىللىۋالغاچقا  كېلىپ چىققان ئاممىۋى ماجىرادا بىر يىگىتنىڭ قازا قىلغانلىقى ، بۇنىڭ بىلەن نەچچە يۈز ئادەم كوچىلاردا چېلەكلەرنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم غەش بولدى . چاغاندا ئۆيلىرىگە قايتماقچى بولغان لەكمىڭ-لەكمىڭ يولۇچىنىڭ بىلەت ئالالماي قاقشاۋاتقانلىقنى،كۈرمىڭ شەھەرلىكنىڭ بالىلىرىنى يەسلىگە ئالدۇرالماي ۋە داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ زىيادە ئېغىرلىقىغا چىداپ بولالماي ۋايساۋاتقانلىقىنى … ئىشقىلىپ مۇشۇنداق ئاۋارىچىلىكلەرنىڭ تولىلىقى كۆڭلۈمنى غەش قىلىدۇ. قارىغاندا ، ئاۋام-پۇقرالارنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان ئىشلار خۇشال قىلىدىغان ئىشلاردىن جىق ئوخشايدۇ.

بۇ ھەرگىزمۇ رەھبەرلەر بۇنداق ئىشلارنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالىدۇ ، پىسەنتكە ئېلىپ قويمايدۇ، دېگەنلىك ئەمەس.مۇھىمى،رەھبەرلەر بارغان جايلاردا بۇنداق ئىشلارنى كۆرمەي، ئاڭلىماي قالارمىكىن، دەپ ئەنسىرەيمەن.چۈنكى ھازىر رەھبەرلەرنىڭ تەكشۈرۈشكە كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان يەرلىك مەنسەپدارلار رەھبەرلەرنىڭ ماڭىدىغان يولىنى ، قەيەرگە بېرىشقا بولىدىغانلىقىنى ، قەيەرگە بېرىشقا بولمايدىغانلىقىنى ، نەنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، نەنى يۇشۇرۇش لازىملىقىنى ئالدىنئالا يىپىدىن – يىڭنىسىغىچە پىلانلاپ «خوجا كۆردى»قىلىپ ئۇرۇنلاشتىۋېتىدۇ.ئىشقىلىپ ياخشىسىنى كۆرسىتىپ كېكەرتىۋېتىدۇ؛ناچار تەرەپلەرنى ئىزدەپ – سوراپمۇ كۆرەلمەيسەن . دوكىلات ئاڭلاشقا كەلسەك ، ياخشىسىنىلا تاللاپ سۆزلىگەندىن تاشقىرى ، يەنە ئاساسى قاتلامدىكى گەپدان – زۇۋانداراز كادىر ۋە ئاممىدىن بىر نەچچىنى تاللاپ سۆزلىتىدۇ،ھەتتا رەھبەرلەرگە مەخسۇس بېيىغان «يېنى توم ، گېپى ئوڭ»ئائىلىلەرنى تاللاپ كۆرسىتىپ ، ئۇلارنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلاتقۇزىدۇ. بۇنداق«ئامما»«خۇشاللىق بىلەن»سۆزلىگەندە رەھبەرلەر «خۇشال» بولماي قالامتى؟! بىراق ئۇنداق يەرلەردە ئازراقمۇ مەسلە يوقمىدۇ؟ ئاممىۋى ماجىرا ، مەنسەپدارلار بىلەن توقۇنۇش بۇلۇپ قالمامدىغاندۇ؟ ھېچقانداق مەنساپدار خىيانەتچىلىك قىلمىغان ، چىرىكلەشمىگەنمىدۇ؟ ئەمەل-مەنسەپ ئۈچۈن يۇقىرى – تۆۋەن قاتىراپ پۇل – ھوقوق سودىسى قىلغانلار  ئەسلا يوقمىدۇ؟ ساختىپەز – شەكىلۋازلار ئەزەلدىن يوقمىدۇ؟ مۇھىتنى بۇلغاپ ،ئېكېلوگىيەنى بۇزىدىغان ئىشلار كۆرۈلۈپ باقمىغانمىدۇ ؟ مائارىپ ۋە سەھىيە ساھەسىدە كەلسە-كەلمەس ھەق ئالىدىغان ئىشلار يوقمىدۇ ؟ مۇھىمى، ئۇنداق ئىشلار رەھبەرلەر ئالدىدا ھەرگىز تىلغا ئېلىنمايدۇ ، بۇنداق «سەلىبى ئۇچۇر»لار ئەينەن تىلغا ئېلىنسا رەھبەرلەر چۇقۇم «كەسكىنلىك بىلەن » ،«ئاچچىقلىنىپ تۇرۇپ»جاۋاپ قايتۇرغان بولار ئىدى.

ھازىرقى رەھبەرلەر«خاپا بۇلۇپ»مۇ سۆزلەمدىغاندۇ؟ بۇھەقتە بىلىدىغانلىرىمىز يوق دېيەرلىك. ئېيتىلىشىچە ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى رەئىس ماۋزېدۇڭ تەكشۈرۈشكە بارغانلىكى يېرىدە ئاممىنىڭ قورشاۋىدا قالارمىشكەن . كىشلەر ئۇنى قارىشى ئالىمىز، كۈتۈۋالىمىز دەپ پايپىيەك بۇلۇشۇپ تۇرسا ئۇ بۇنىڭدىن كۆپ قېتىم خاپا بۇلۇپ كەتكەنكەندۇق. شۇڭا ماۋزېدۇڭغا مەخسۇس پويىز ئاجىرتىلىپ،پويىز نەدە توختىسا شۇ يەرنى تەكشۈردىكەن . ئېتىز-قىرلارنى،زاۋۇت- مەكتەپلەرنى كۆرۈپ بۇلۇپ ، ئۇدۇل پويىزغا چىقىپ شۇ يەردە تاماق يەپ، شۇ يەردە يېتىپ-قوپىدىكەن . رەئىس ليۇ شاۋچى 1961 –يىلى خۇنەن يېزىلىرىنى تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن ناھايىتى خاپا بوپتىكەنمىش.ليۇ شاۋچى خۇنەننىڭ لاۋجىيانىڭ يېزىسىغا  بارغاندا يول ياقىسىدىكى بىر چوشقا فىرمىسىغا « بېقىۋاتقان چوشقىمىز ئون مىڭ تۇياققا يېتىدۇ»دەپ يېزىلغانلىقنى كۆرۈپ ، پىكاپتىن چۈشۈپلا ئۇدۇل ئاشۇ فىرمىغا كەپتۇ . ليۇ شاۋچى پۈتكۈل فىرمىدا پەقەت ئىككى تۇياقلا چوشقىنى كۆرۈپ غەزەپ بىلەن ۋارقىراپتۇ:« ھۇ ئۆلگۈرلەر ، تەكشۈرۈش مۇشۇ يەردىن باشلىندۇ، ھەممىمىز قوتاندا قونىمىز؛ھېچكىم كەتمىسۇن !» رەھبەرلەرنىڭ«خاپا» بولغانلىقىغا ئائىت يەنە مۇنداق بىر پاكىت بار:(2008-يىلى ماي ئېيىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا) سىچۇەن- ۋېنچۈەندە ئېغىر يەر تەۋرىگەندە ھەربىي قىسىم ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا دېگەندەك ماسلىشالماي قاپتۇ، بۇنىڭدىن خاپا بولغان زۇڭلى ۋېن جياباۋ ئۆڭۈپ تۇرۇپ شۇنداق دەپتۇ:«ئېسىڭلاردا بولسۇن ، سىلەرنى بېقىۋاتقىنى خەلىق ، قالغىنىنى ئۆزۈڭلار بىلىڭلار!» قارىغاندا ، تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلىشقا چۈشكەن ، بىرەر خىزمەتكە پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشكەن رەھبەرلەرنىڭ «خاپا بوپقالىدىغان»چاغلىرىمۇ بولىدىكەن.

بىراق مەلۇم رەھبەرلەرنىڭ «خاپا بولغان»لىقى توغرىسىدا  شۇ چاغدا ھېچقانداق مەلۇمەت بېرىلمىگەن بولغاچقا ، ئۇنى پەقەت ئەينى يىللاردا شۇلارنىڭ يېنىدا ئىشلىگەن خادىملارنىڭ كېيىنكى يىللاردا يازغان ئەسلىمىلىرىدىن ئۇققاندۇق . ۋېن جياباۋ زۇڭلىنىڭ «خاپا بولغان»لىقىمۇ ئەينى چاغدىكى جاھاننى زىلزىلىگە سالغان ئالاھىدە شارائىتتىلا ئاندىن ئاشكارە خەۋەر قىلىندى . ناۋادا ئادەتتىكى ۋاقىت بولغان بولسا ، بۇ گەپ ئەسلا تىلغا ئېلىنماس بولغىيدى.

بۇنىڭدىن مۇنداق بىر نېگىزلىك مەسلىنى بايقاش مۇمكىن: رەھبەرلەر ئەلنىڭ رايىغا ، ئىلىمى تەرەققىيات قانۇنىيتىگە مۇخالىپ ئىشلارنى كۆرگەندە ئاچچىقلانغان بولسىمۇ ، ئەمما تەشۋىقات ۋاستىلىرى رەھبەرلەرنىڭ ئاچچقىلانغانلىقىدىن  ئىبارەت پاكىتنى ئادەتلەنگەن ئۇسۇلى بويىچە تازلاپ چىقىرۋېتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ ئېغىزىدا « ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان ئىشلار»ۋە «خۇشاللىق بىلەن » دېگەن گەپلەرلا ئېشىپ قېلىۋاتىدۇ . ھەيھات! ئۇنداقلارنى لى جۇڭتيەننىڭ قايسىبىر ھېكايىسىدىكى « خۇشاللىق ئىلىمى جەمئىيتى»نىڭ ئەزالىرىدىنمىكىن دېگۈم كېلىدۇ.

مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ،ئۇقۇرمەنلەر بىلەن كۆرۈرمەنلەر نېمىدەپ قالار؟ ئۇلار « رەھبەرلەر ئاساسى قاتلاملارغا  چۆكۈشنى بىلمەيدىكەن ؛ جەمئىيەتنىڭ ئەينەن ئەھۋالىنى بىلمەيدىكەن ؛ ئاممىدىن يىراقلاپ كېتىۋېتىپتۇ؛ ئاۋام – پۇقرا چېغىدا كۆرەلىگەن نەرسىلەرنى ھېس قىلالمايدىكەن ؛ ئۇلار ئەرشىئەلادىكى باغى ئېرەمدە شادىمان ياشايدىغان ئىلاھلارغا ئوخشاپ قالغاچقا ، جاھاندا بەختسىزلىكنىڭمۇ مەۋجۇد ئىكەنلىكىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىپتۇ » دەپ قالماسمۇ؟!

ئوبدانراق ئويلىنىپ باقساڭلارلا مەلۇم بولىدۇكى ، رەھبەرلەرنىڭ تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلغانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەردە ساپلا «خۇشاللىق بىلەن مۇنداق دېدى» دېيىلسىمۇ ، ئەمما شۇ ئىشنىڭ نەتىجىسىنىڭ رەھبەرلەر ۋە پۇقرالانى بىردەك «خۇشال» قىلالىشى ناتايىن . ناۋادا رەھبەرلەرنى «خۇشال قىلىدىغان» تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىكى ئىشلار ئەمەلىيەتتە ئاۋامنى « زەردە بىلەن ئويلاندۇرىدىغان » ئىشلاردىن بوپقالسىچۇ ؟ ئۇ چاغدا رادىيو – تېلىۋىزىيە ۋە گېزىتلەرنىڭ جار سالقىنى ئەمەلىيەتكە مۇخالىپ مۇقاملاردىن بوپقالمامدۇ؟!

 

(جىياڭ شىنياڭ قەلىمىدىكى بۇ فېليەتۇن ئەسلى «تەقدىرداشلار» ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىلى 4-ساندىن «فىليەتۇنلاردىن تاللانما» ژۇرنىلى 2010-يىل ماي (ئالدىنقى يېرىم ئايلىق) سانىغا كۆچۈرۈپ بېسىلغان . مۇھەممەت ھۈسەن تەرجىمىسى. ئىزتىل بىلوگىغا شەخسنىڭ قىزىقىشى بويىچە ئەسلى ئەسەردىن كۆچۈرۈپ كېلىندى. )ختخررر

0دانە ئىنكاس

ئىنكاس يوق

ئىنكاس يوللاش

*

*

1 + 4 = ?

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif