تور ھەققىدە
يوللانغان ۋاقتى :2011.04.17ئاپتور :ئىزتىلكۆرۈلۈشى:14 viewsئىنكاس سانى :4
تور ھەققىدە
سىياسەت ئوقۇتقۇچىسى: تورغا چىقىش ئوبىيكتىپ جەھەتتە خەلىق تۇرمۇشىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ .
ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى : «مۈشۈك»نىڭ ھەقىقىي ئىسىمى مائۇس،ئۇ تورغا چىقىشتا كەم بولسا بولمايدىغان قاتتىق دېتال .
تارىخ ئوقۇتقۇچىسى : تور بېكەت 1990-يىلى مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ ، 1945-يىلىغا نەزەر سالالايدۇ .
جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچىسى : تورغا چىقساڭلار يەر شارى بىر كەنتىكە ئوخشايدۇ .
ئېنگىلىزتىلى ئوقۇتقۇچىسى : «www» نىڭ مەنىسى دۇنيا دائىرىلىك تور ، ئۇ شەكىلسىز دۇنياۋى ساياھەت پاسپورىتى.
ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى: 5 kbps سۈرئەت بىلەن 10mb ھۆججەتنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟
فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى : ئائىلدە تېلىفۇن سىمى بىلەن 46 kbps سۈرئەتتە تورغا چىقىشنىڭ ئۆزى تېلفۇن سىمىنىڭ كونىراك كەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
خېمىيە ئوقۇتقۇچىسى: بۇرۇن تور سۈرئىتى ماگىنى بىلەن سۇنىڭ رېئاكسىيىسىگە ئوخشاش ئاستا ئىدى ، ھازىر كالىي بىلەن سۇنىڭ رېئاكسىيىسىدەك تېز .
بىئولۇگىيە ئوقۇتقۇچىسى : كومپىيوتېرنىڭ جىنىس ئايرىمىسى ئېنىقلانمىدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزۇن مەزگىل تورغا چىققاندا مېتابولىزىم نورمالسىزلىشىدۇ .
مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى : ساۋاقداشلار توردىن چۈشۈرگەن Mp3 نى ئاڭلاپ بۇلغاندىن كېيىن 24 سائەت ئىچىدە ئۆچۈرۋېتىڭلار!
گۈزەل – سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى : ساۋاقداشلار ، ۋاقتىڭلار بولسا لوۋېر سارىينى زىيارەت قىلىپ كېلىڭلار www.paris.org!
تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى: دەرىسكە تەنھەرىكەت ئايىغى كىيىپ چىقىڭلار! يوقلار دەرھال Nike تور بېكىتىدىن سېتىۋېلڭلار.
مەكتەپ مۇدىرى؛ تۈنۈگۈن مەلۇم بىر ساۋاقداش چايخانىدا مېنىڭ نامىمدا ئەتە ئارامغا قۇيۇپ بېرىدىغانلىق توغۇرلۇق گەپ تارقىتىپتۇ : « بۇزادى قايسىڭ ؟ دەرھال ئورنۇڭدىن تۇر !»
ما بولىدىغان پاراڭكەن جۇمۇ! ھا ھا ھا…
ھەقىقەتەن بۇلىدۇ.
جەمئىيەت دەرسى ئوقۇتقۇچىسى:توردىكى مەۋھۇم ئادەملەرگە ئالدىراپ ئىشىنىپ كەتمەڭ
ئەمگەك ئوقۇتقۇچىسى:تورغا چىقىۋەرسىڭىز ،ھورۇنلىشىپ قالسىز.
قاملىشىپتىمۇ
توغرا دەيپسىز ؟ ئالدىراپ ئىشىنىپ كەتمەسىلىك كېرەك