كېسەكچى
(ھېكايە)
قۇياش بىر غۇلاچ كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ تېخىچە يېرىمى تۈگىمىگەن لاي دۆۋىسىگە قاراپ كېرەم كېسەكچى ھارغاندەك بولدى .ئەمەلىيەتتىغۇ ئۇ ھېرىپ قېلىۋاتقىلى بەش-ئالتە يىل بوپقالدى . ئەمما نېمە ئامال ؟ ياشاش كېرەك –تە، ياشاش ! ئۇ ، قولىنى چالا-پۇلا چايقىۋىتىپلا ، تۈنۈگۈن قىرلاپ قويغان كېسەكلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ ، پارچە كېسەككە باستۇرۇپ قويغان گېزىت قەغىزىنى قوپال يىرتىپ موخوركا ئوراشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ ، مەڭىز سۆڭەكلىرى پولتىيىپ چىقىپ قالغانىدى . ئەمما ، بۇ كۆزلەر نەچچە مىليۇن كېسەكنى ساناپ چىققان ؛ قوللىرى قېتىپ ، يىرىكلىشىپ كەتكەن ، بىراق ، بۇ قوللار نەچچە مىليون كېسەكنى بىرمۇ-بىر تۇتۇپ چىققان؛ ئۇنىڭ تاپانلىرى يېرىلىپ ، پۇت تىرناقلىرى ئەسلى ئىسكەتىنى يوقاتقان ، بىراق ، بۇ پۇتلار نەچچە مىليون كېسەكنىڭ لېيىنى پىشۇلدۇرغان . ھالبۇكى ، ئاشۇنداق قۇيۇلغان كېسەكلەر بىلەن تالاي ئۆي قەد كۆتۈرگەن بىلەن كېرەم كېسەكچىنى مۈكچەيتكەن .
كېرەم كېسەكچى موخۇركىسىنى ھۇزۇرلىنىپ چېكىپ ئولتۇرۇپ ھازىر ئۆزىدىن باشقا ئادەم يوق غىڭ سايغا ، ئاندىن دۈشەنبە بازىرى بۇلۇۋاتقان يېزا مەركىزىگە ئۈچۈنچى قېتىم قاراپ قويدى. بەلكىم ، بازار قىزىپ كەتكەندۇ ؟ جىددى ، ئېغىر ئەمگەكلىرىنى بىر كۈن بولسىمۇ ئۇنۇتقان دېھقانلار پۈتكۈل بازارنى مەغرۇر ئايلىنىپ ، ھەر بىر سېتىقچىنىڭ نەرسىلىرىگە ئېرىمنەي بىرمۇ – بىر قاراپ يۈرۈيدىغاندۇ ؟ « مۇشۇ لاي تۈگىسە مەنمۇ بازارغا بارىمەن .» كېرەم كېسەكچى قەتئىي قارارغا كېلىپ قولىدىكى موخۇركىسىنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈپ كېسەك قىسىلچىقىغا قىستۇرۇپ قۇيۇپ ، ئورنىدىن تۇردى .
قوللار چاققانلىق ۋە ئەپچىللىك بىلەن دەل بىر قېلىپ كەلگۈدەك لاينى ئۈزۈپ ئالاتتى ، لاي قېتىپ كەتكەن پۇتلار لاي دۆۋىسى ۋە قېلىپ ئارلىقىدا تېز گۈرسۈلدەيتتى.قېلىپقا سېلىنغان لاي بىر سېرىشتىلا كېسەككە ئايلىنىپ ، قېلىپ ئورنى يۆتكىلەتتى … بازار قىزىقى ۋە ئاچ قورساقنىڭ غورۇلدىشى ئۇنى يەنە ئىشتىن توختاتتى . ئەمما يەنە 20 كېسەك چىقىدىغان لاي قالغاندى .« بولدىلا،بازارنى بىر ئايلىنىۋىتىپ ئاندىن قۇياي.» ئۇ ، شۇ ئوي بىلەن قېلىپنى سۇغا سېلىپ قويماقچى بولدى-يۇ ، يەنە كۆڭلى ئۇنماي بازارغا بىراقلا بارماقچى بولدى …
كېسەكلەر ئاخىرى قۇيۇلۇپ بولدى . ئۇنىڭ ئاچقان قورسىقى ئاچچىق كورۇلدايتتى .« بۇ كېسەكلەرنىڭ پۇلىدىن 10 كوي ئېلىپ تۇرۇپ تۇنۇردىن يېڭىلا قۇمۇرغان ، ياغلىرى ۋىژىلداپ قايناپ تۇرغان گۆشناندىن بىرنى يەۋەتمىسەم …» شۇ خىيال بىلەن ئۇنىڭ ئاغىزىغا سېرىق سۇ كېلىپ ، قورسىقى تېخىمۇ ئېچىپ كەتتى . « ھەي ي ،-دەپ دىمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى يەنە ئۇنىڭ ،-ئىككى بۇ گالغا ئۇرغان بىلەن مەن تۇغۇلۇپلا ئىچىپ كېلىۋاتقان ئېرىق سۇنىڭ ئورنىغا ئىچىۋاتقان جۈمەك سۈيىگە نېمە تۆلەيمەن . قوشنىلارغا چاندۇرماي بەزىدە ئېرىق سۈيىنى ئىچىۋاتساقمۇ بۇ ئايدا يەنە 1كوي 3 مۇ بوپتۇ … بولدىلا ، گۆشناننى قۇربان ھېيتتا ئۆيدە ئەتتۈرۈپ يېدىمغۇ …»كېرەم كېسەكچى ئاغىزىدىكى سېرىق سۇنى غۇرتتىدە يۇتۇۋېتىپ ، نەرسە – كېرەكلىرىنى يىغىشتۇردى .
كېيىم – كېچەكلىرى لاي پېتىلا ئالدىراپ بازارغا ماڭغان كېرەم كېسەكچى سايغا ئەلەم بىلەن قاراپ قويدى . بۇ كەڭ كەتكەن شېخىل تاشلىق ساي بۇلۇپ ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان لاتقىدىن يىغىلىپ قالغان بۇ ئەتراپتىكى توپىلار كېسەك قۇيۇلۇپ تۈگەپ قالاي دېگەنىدى . « بۇ توپا تۈگىسە قانداق قىلارمەن ؟ – دەپ غەم باستى ئۇنى ، ئېتىزدىن كۈزلىكى قولغا قالىدىغىنى ئارانلار قورساققا … ئادەمنى غەم قىلدۇرۇپ بالىلار چوڭ بۇلىۋاتىدۇ . چوڭ بوپقالسىغۇ قولغا قول بۇلىدۇ . لېكىنزە ، چوڭ بولغاندىكىلا توي – پوي دەپ چىقىمى جىقلايدۇ … ھېلىمۇ تەلىيىمگە ئۆيدە ئېغىرراق ئاغىرىق تارتىپ قالغان ئادەم يوق … يا مەنمۇ باشقىلاردەك كېسەك قۇيغىلى قوشنا يېزىلارغا بارايمىكىن …»
دۈشەنبە بازارغا يېتىپ بېرىش بىلەن كېرەم كېسەكچى بايىقى غەملىرىنى بىردەملىككە ئۇنتۇدى . ئۇ ، سېتىقچىلار ئالدىغا دۆۋىلىۋېلىپ قىزىق سودا قىلىۋاتقان يېمەكلىك ، رەخت-پەخ، جابدۇق-چارىلارغا ، ۋىژىلداپ مېيى ئېقىپ ئېغىزلارغا سېرىق سۇ كەلتۈرىۋاتقان كاۋاپلارغا … ئۇزاققىچە قاراپ بازارنى بىر ئايلىنىپ چىقتى . ئاندىن ئادەملەر توپلىشىۋالغان يەرلەرگە قىزىقسىنىپ بويۇن سۇزۇپ قاراشقا باشلىدى . ياشلار ئەتىدىن – كەچكىچە توپلىشىپ ئوينايدىغان بىليارتقا ئۇ پەقەت قىزىقمايدۇ ،ھېچنىمىسنى بىلمەيدۇ . قارتا- پاڭ قاتارلقلار بولسا ئۇنىڭچە ئارتۇقچىلا بىرئىشلار… شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر بوتكىنىڭ يېنىغا يىغىلىۋالغان كىشلەرنىڭ يېنىغا باردى . ئۇ يەردە چوڭايتىلغان تۈرلۈك مەنزىرە فوتو سۈرىتى سېتىلىۋاتاتتى . كېرەم كېسەكچى سۈرەتلەردىكى ھەيۋەتلىك ئىمارەتلەرگە ،ھەشەمەتلىك ئۆي جاھازىلىرىغا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ چىققاندىن كېيىن بىر پارچە سۈرەتكە قاراپ تۇرۇپلا قالدى . ئۇمۇ بىر پارچە مەنزىرە سۈرىتى بۇلۇپ ، كەڭ كەتكەن چىملىق ،چىملىق ئوتتۇرسىدا سۈيى سۈپسۈزۈك بىر كۆل ، كۆل بويىدا بۇ يېزىلىقلارغا ناتۇنۇش بىر نەچچە تۈپ دەرەخ سايىسىدە تۆت دانە ياتما ئۇرۇندۇق .
توپلاشقانلارمۇ مۇشۇ سۈرەت ھەققىدە قىزغىن پاراڭغا چۈشكەندى :
-قاراڭلار ھېي،- دېدى بىر ياشانغان دېھقان ،- جاھاندا مۇنداقمۇ سۈزۈك سۇ بولىدىكەن –ھە .
-ۋاھ،ۋاھ- دېدى ياشراق بىرى، – مۇشۇنداق سۈزۈك سۇدا بىرەرقېتىم چۈمۈلۋالساق ئېرىقنىڭ لاي سۇلىرىغا كۆنۈپ قالغان بەدەنلىرىمىز قانچىلىك يايراپ كېتەر – ھە ؟
– تازا چۆكۈپ چىقىپ مۇنۇ ئورۇندۇقلاردا سوزۇلۇپ يېتىپ قانغۇچە ئۇخلىۋالساڭ راھەت-تە،راھەت !
-قاراڭلارچۇ ، ئوت دېگەننى . بىر نەچچە كالا بېقىپ قويساڭ نەچچە كۈندىلا سەمىرىپ ھاردۇقىڭنى چىقارغۇدەك…
كېرەم كېسەكچىمۇ بۇ سۈرەتكە قاراپ خىيالغا پېتىپ قالغاندى . ئۇنىڭ كۆزلىرى كۆلگە ، يا ئۇرۇندۇقلارغا ئەمەس ،بەلكى كەڭرى چىملىققا تىكىلىپ تۇراتتى . بىر چاغدا ئۇ ئېغىر ئۇھ تارتېۋىتىپ دېدى:
- مۇشۇنداق بىكار تاشلىۋەتكىچە ، چىملارنى قايرىۋىتىپ ئەللىك مىڭ كېسەك قۇيۇۋالسا كىشى …سۈيىمۇ تەيياركەن بولمىسا …
ئۇنىڭ سۆزىگە ھېچكىم پەرۋا قىلمىدى . ئەمما نېمىشقىدۇر بۇ سۈرەتنى ئۈچ يۈەنگە پەقەت كېرەم كېسەكچىلا سېتىۋالدى .
ئىنكاس يوق