سەپدىشىگە مىلتىق تەڭلىگەن قەھرىمان

يوللانغان ۋاقتى :2011.05.27ئاپتور :روياپچىكۆرۈلۈشى:18 viewsئىنكاس سانى :2

ئامېرىكىدىكى بىر شىركەت مەلۇم ئاخبارات ۋاستىسى بىلەن بىرلىكتە،«قەلبىڭىزدىكى قەھىرىمان كىم؟« دېگەن تېمىدا خەلقىنىڭ رايىنى سىناپ ،خەلق قەلبىدىكى 20 قەھىرىماننى سايلاپ چىققان.بۇنىڭ ئىچىدە ۋاپات بولۇپكەتكەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى لىنكۇلىن،ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت كاتىبى پوۋل قاتارلىق داڭلىق شەخىسلەرمۇ،ئانچە نامى چىقمىغان «تۇرمۇشتىكى قەھرىمان›› لارمۇ بار.مەسىلەن،شېۋ تومپسىۇن ئىسىملىك بىرەيلەن شۇلار نىڭ قاتارىدا بولۇپ،ئېرىشكەن بىلەت سانىنىڭ كۆپلۇكى جەھەتتە ئىككىنىچى ئورۇندا تۇرغان.

ئۇنداق بولسا ،شېۋ تومپسىۇن كىم؟

بۇ سۇئالغا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن ،ۋېيتنام ئۇرۇشدىن سۆز ئېچىشقا توغرا كېلىدۇ.1967-يىلى،ئامېرىكا ئەسكىرى ،شېۋ تومپسىۇن بىر قېتىملىق بۆكتۈرمە جەڭدە،قورشاۋدا قالغان توققۇز نەپەر ۋېيتناملىق بىگۇناھ پۇقرانى قىرغىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن ،تۇيۇقسىز مىلتىقنى ئۆز سەپدىشىگە تەڭلەپ:«ئەگەر ئوق چىقارساڭ،مەنمۇ ساڭا ئوق چىقىرىمەن.››دېگەن.

سەپدىشى ئۇنىڭ ھەرىكىتىدىن داڭقىتىپلا قالغان.كېيىن،ھەربى سوت ،شېۋ تومپسىۇننىڭ بۇ ئىشىنى تەكشۈرگەن.

ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتكەندە ،،شېۋ تومپسىۇن مۇشۇ ئىش تۈپەيلى ئامېرىكىلىقلارنىڭ قەلبىدىكى قەھىرىمانغا ئايلانغان.

بۇنداق بولىشىنى بەزىلەر چۈشىنەلمەسلىكى مۇمكىن.دەرۋەقە،ئۇرۇش لوگىكىسى بويىچە ئېيتقاندا،،شېۋ تومپسىۇننىڭ ھەرىكىتى ھەقىقەتەن ۋەتىنىگە خائىنىلىق قىلغانلىق، ھەربى سوتنىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچىرىشى كېرەك.لېكىن،يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا،ئىش ئۇنچە ئاددىيمۇ ئەمەس.ئۇرۇش قىلىشتىن مەقسەت نېمە؟تېنىچلىق ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟جەڭچى بىلەن جەڭچى ئوخشىمايدۇ.،شېۋ تومپسىۇننىڭ ئۇلۇغلىقى شۇ يەردىكى،قىرغىنچىلىق قىلىپ كۆنۈپ قالغان بىر توپ جەڭچى ئىچىدە،ئۇ ئەڭ ئاۋۋال ھوشىنى تېپىپ،كۆز ئالدىدىكى قىرىلىپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان كىشىلەرنىڭ دۈشمەن ئەمەس،بەلكى قوغدىلىشقا تېگىشلىك بىگۇناھ پۇقرالار ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن.شۇڭا،ئۇ مىلتىق تەپكىسىنى بېسىشنى توسۇپ قالغان.

بەلكىم،كۈنلەرنىڭ بىرىدە،ئۇرۇش يەر شارىدىن غايىپ بولىشىمۇ مۇمكىن،لېكىن خېلى بىر ئۇزاق مەزگىلگىچە ئۇ يەنىلا ئىنسانلارغا ھەمراھ بولىدۇ.لېكىن،قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر ،بىز رەزىللىكنى توسۇپ قالالىغان ئۇلۇغ ئادىمىيلىكنىڭ كۈچ -قۇدىرىتىگە تەشەككۈر ئېيتماي تۇرالمايمىز.

مەنبە: شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى (2007-يىل6-ئاينىڭ12-كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىندى)

2دانە ئىنكاس
  1. قۇتتېكىنسۆز قالدۇرغۇچى :2011-06-0610:29 قايتۇرۇش

    بلوگىڭىزنى تىز تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىسىز جۇمۇ، داۋاملىق تىرىشىڭ دوستۇم!…

    • ئىزتىلسۆز قالدۇرغۇچى :2011-06-0610:40 قايتۇرۇش

      رەھمەت سىزگە ، مۇبارەك قەدىمىڭىزدىن گۈللەر ئۈنسۇن ، ئاللا ئىگەم خالىسا چۇقۇم داۋاملاشتۇرىمەن ، قىممەتلىك پىكىر – تەلەپلىرىڭىز بولسا بىزدىن ئايىمىغايسىز ؟!

ئىنكاس يوللاش

*

*

2 + 7 = ?

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif