ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورنىدىكى « كارامەت » لەر
يوللانغان ۋاقتى :2011.06.13ئاپتور :ئىزتىلكۆرۈلۈشى:26 viewsئىنكاس سانى :0
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورنىدىكى « كارامەت » لەر
ئالدىنقى رەت ، ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆزىنىڭ ئالدىدا بىمالال ئولتۇرالامسىز ؟ پىچىرلاش ، ئۇششاق ھەرىكەتلەر دېگەنلەرنى يۇشۇرغىلى بولمايدۇ . بەزى ،ئوقۇتقۇچىلار يادىلاش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى ئالدىنقى رەتتىن ( بىرىنجى رەتتىن ) باشلاشنى ياخشى كۆرىدۇ . شۇڭلاشقا ، دائىم بىرىنجى بۇلۇپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئېىشىدۇ . كەينىدىكى ساۋاقداشلار ئۇلارنىڭ بۇنداق « كېيىنكىلەرگە بەخىت يارىتىپ بېرىش » رولىدىن ئىنتايىن مىننەتتار بولىدۇ . ئەمەلىيەتتە، ئالدىنقى رەتتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپۈنچىسى پاكارلار بولىدۇ . ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ، ئۇ ھالدا ئۇ چۇقۇم سىنىپ مۇدىرىنىڭ نۇقتىلىق تىزگىنلەش ئوبىيكتى ھېسابلىنىدۇ .
ئوتتۇرىدىكى ئۇرۇنلار «توققۇزى تەل گۆھەر زېمىن » ھېسابلىنىدۇ . بۇ يەرگە نۇرغۇن ئۇزۇن قۇلاقلار يىغىلغان بۇلۇپ ، ئۇلار ھەر تەرەپنى كۆرۈپ ، ھەممە گەپنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ . ئۇلار ئارىسىدا پات – پات قىزغىن دولغۇنلار قوزغىلىپ ، بىر نەرسىلەرنى ئالماشتۇرۇپ ئولتۇرىشىدۇ . پارتا ئاستىدىكى يەر ئاستى يولىدا دائىم بىرەر پارچە رەسىم، بولاق پىستە يۈرۈشۈپ تۇرىدۇ . ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مەلۇم بىر توپ ئوقۇغۇچىلار پات- پات قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ ، پۈتۈن سىنىپتىكىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىدۇ . ئارقا تەرەپتىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى 1.75 مېتىردىن ئېگىز بۇلۇپ ، سىنىپنىڭ تەنتەربىيە چولپانلىرى كۆپرەك شۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ . ئەمما خاتالىق ئۆتكۈزۈپ « سۈرگۈن » قىلىنغانلارمۇ بار . مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقىتلىرىمدا بۇ خىل ئەھۋالىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن .
دېرىزە تۈۋىدىكى ئۇرۇنلار خۇددى « ئايرىم خانىلار » غا ئوخشايدۇ ، دەرس تىڭشاپ ھېرىپ قالغاندا ، تامغا يۆلىنىۋالسا بۇلىدۇ ، بەك كۆڭۈللۈك . ئۇلار چىراغنىڭ ئۇز چاتىنى ۋە دېرىزىنى ئىگەللەپ تۇرىدۇ، ئەگەر چىشىغا تىگىپ قويسىڭىز ، قەھىرىتان سوغوقتا بىر كۆزنەكنى ئېچىپ قۇيۇپ ، تازا ئەدىپىڭىزنى بېرىدۇ .ئۇلار يەنە كۆزەتچىلىك « ۋەزىپىسى» نى ئۈستىگە ئالغان . دائىم ئۇلارنىڭ « ئوقۇتقۇچى كەلدى » دېگەن بىر ئېغىز گېپى بىلەن ، ۋاراڭ- چۇرۇڭغا تولغان سىنىپ ئىچى بىردەمدىلا « يىڭنە چۈشسە ئاڭلانغۇدەك » جىمىپ كېتىدۇ ، ئۇلارنىڭ رولى ھەقىقەتەن زور .
ئىنكاس يوق