شائىر، كىملىك ۋە جەمئىيەت

يوللانغان ۋاقتى :2011.06.15ئاپتور :ئىزتىلكۆرۈلۈشى:21 viewsئىنكاس سانى :0

شائىر، كىملىك ۋە جەمئىيەت                                                

-        شېئىرلىرىدا ئانا تىلىمىز بايرام قىلىۋاتقان ئادىل تۇنىياز

زۇلپىقار بارات ئۆزباش

دوقمۇشلاردا، دوكلاتلاردا، جۆيلۈمىلەردە، ئەخلەت كىتابلاردا، قوشاقلاردا، بىر پۇرسەتپەرەس ئېتوتچىنىڭ ئاغزىدا، بىر نىجىسنىڭ نەزەرىدە ئۆزىنى مىسكىندەك ھېس قىلىپ قالغان تىل ئەللامە شائىرىمىز ئادىل تۇنيازنىڭ شېئىرلىرىدا بايرام قىلدى؛ چىرايىدا ھاياتىي كۈچ بەرق ئەتتى. بۇ ئۇنداق تىل ئەمەس…! دەپ پىچىرلىدى ئادىل تۇنىيازنىڭ مىسرالىرى. ئۇ مىسرالاردا بۇرۇن پەقەت بىر يەرگە كېلىپ باقمىغان سۆزلەر بىر يەرگە كەلدى..بىر- بىرىگە  پار كەلگەن، ئىلگىرى پىراق چەككەن ئاشىق سۆزلەر ئۆز مەشۇقلىرىنى تېپىۋالدى. ناۋايىدىن كېيىن مەشرەپ ئانا تىلىمىزنى ئەنە شۇنداق بىر ئۇسسۇلغا سالغانىدى. ئارىدىن 300 يىللار ئۆتۈپ، گاداي كاللىلاردا يايرايدىغان ماكان تاپالماي قالغان، تۇنجۇققان ئانا  تىلىمىز ئادىل تۇنىياز قاتارلىق بىر قانچە گىگانت شائىرلىرىمىزنىڭ شېئىرلىرىدا لەرزان ساماغا چۈشتى. بويۇن قىسقان تىل بايرام قىلدى.

«بوينىڭنى تىك تۇتۇپ يۈر، سېنىڭ تىلىڭ  شېكىسپرنىڭ، ۋولت ۋىتماننىڭ، مىلتوننىڭ تىلى» دەپ خىتاب قىلغانتى ئىنگلىز تىلى!

«پەخىرلەن ، سەن پۇشكىن ئىشلەتكەن تىلنىڭ ئىگىسى» دەيتتى رۇس تىلى!

ئۇيغۇر تىلى يېتىمچىلىك ھېس قىلاي دېگەندە، چىرايىغا مىسكىنلىك يۈگۈرەي دېگەندە، تىل ئۇسىتىسى ئادىل تۇنىيازنىڭ مىسرالىرىدىن بىر سادا كەلدى: كەل، ئانا تىلىم. مەن ساڭا بايرام  قىلىپ بېرەي. سەن يېتىم ئەمەس. سەن ئەسلى ئۇنداق تىل ئەمەس ئىدىڭ.

بىر يارىماسنىڭ قولىدا، يۇندىلاشقان قەلبىلەردە  چىرايىغا سامان يۈگۈرگەن ئانا تىل بايرام قىلدى. ئۇ كۈلدى، يىغلاپمۇۋەتتى، ئاندىن ياش يۇقى كۆزلۈك سۆزلەر جۈپ-جۈپ بولۇپ سەھنىدە- ئادىل تۇنىياز مىسرالىرىدا بايرام قىلدى!

گىرمانىيە شەرھچىلىك پىكىر ئېقىمنىڭ پېشىۋاسى، كاتتا پەيلاسوپ گادامېر (1900-2003)«بىز ئادەتتتكى تىل بىلەن مەقسەتلىرىمىزنى تولۇق ئىپادىلەپ بولالمايمىز. پەقەت شېئىرلا  ئەڭ ئىنچىكە مەنەلەرنى  ئىپادىلەشكە ماس كېلىدۇ ھەم بۇ ۋەزىپىنى ئۇستا شائىرلا ئارتقۇزالايدۇ» دېگەنىدى. ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرى گادامېرنىڭ بۇ سۆزىنىڭ نەقەدەر توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

ئۇيغۇر تىلى شېئىرلىرىدا بايرام قىلىشقا باشلىغان چاغدا، ئادىل تۇنىياز فرانسىيەلىك گىگانت پەيلاسوپ دېررىدا(1930- 2003) نىڭ 70- يىللاردىن باشلاپ دۇنيا پەلسەپە ۋە ئەدەبىياتشۇناسلىق ساھەسىنى ئالدىرىتىپ كېلىۋاتقان «چۇۋۇمچىلىق» پىكىر ئېقىمىنى ئوقۇمىغانىدى. ئەمما، ئۇ ئەمەلىيىتى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنى چۇۋۇپ،  سۆزلەملەرگە كۈچ ۋە يېڭى مەنە ئاتا قىلىپ، دېررىدا پەلسەپىسىنى ئۇيغۇر ئەدەبياتىغا تەدبىقلىماقچى بولغانلارنى بىر يېڭى تەجرىبە ئېتىزى بىلەن تەمىنلىدى. «دېررىدانىڭ چۇۋۇمچىلىق پەلسەپىسى ۋە ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرى»، «شەرھ، گادامېر ۋە ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرى» دېگەندەك تېمىلار ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلارنىڭ بوينىغا قەرز بولۇپ قالدى. ئەمما، بۇ ساھەدە ئىشلار، ئۆلچەملەر ئاتام ئېيتقان بايىقى ئوربېتىسىدىن چىقماي، ئۆزىنى ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى دەپ ئاتىۋالغان بەزىلەر كونا تەيپۇنەم ئۆلچەملىرىنى ئۆگىنىپ بولالمايۋاتقاندا، مەشھۇرسىراپ كەتكەن ئۇ ئادەملەردە  ئۇيغۇر تىلىغا بايراملىق بەرگەن ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرىغا چۆككۈدەك، دۇنياسىغا كىرگۈدەك مادار، دىت، قەلب تېېپىلماسلىقى بەرھەق ئىدى.

ئادىل تۇنىياز شېئرلىرىدا بايرامغا چۈشكەن ئاي ئانا تىلىم،  قەددىڭنى تىكلەشتە قالغانلار جىق ئاجىز كەلدۇق! بىز نومۇس قىلىمىز، ئادىل تۇنىيازدەك ساڭا بايرام قىلىپ بېرەلمىسەكمۇ، ئازغىنە بولسىمۇ بايراملىق بېرىمىز. بىزنى كۈتكىن!

2 . ھېكمەت دېگەن نېمە: ئادىل تۇنىيازنىڭ روھىي دۇنياسى ۋە ھاياتى

بىزگە نېمىلەرنى ئۆگىتىدۇ؟

ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ھېكمەت دېگەنلىك (جانابىي ئاللاھنىڭ ۋەھىيلىرىدىن باشقا يەنە) چوڭقۇر مەنىگە ۋە ھەقققەت تۈسىگە ئىگە، بىز ئۆگەنگۈدەك ئىش ياكى بايان دېگەنلىكتۇر. ئەمما، تەكرار تەكرار ئېيىتىمىزكى، ھېكمەت يالغۇز «تەپەككۇر گۈلشەنى»، «قابۇسنامە» (تەۋەرۈك كىتابلارنى بۇ كىتابلار بىلەن تىلغا ئالمايمەن) قاتارلىق كىتابلاردا ۋە باشقا پەلسەپىۋى ئەسەرلەردە بولۇپلا قالماستىن، ئادەمدەك ياشىغان، ئەقىدىسىنى ساتمىغان، مۇرەسسەگە كەلمىگەن ئادەملەرنىڭ ھاياتى ۋە ۋۇجۇدىدىمۇ بولىدۇ. ئادىل تۇنىيازنىڭ روھىي دۇنياسىدا ۋە ھاياتىدا بولسا بىر قىسىم  شەيتىنى ئۆزىنى ئۆزىگە  قالتىس كۆرسىتىۋاتقان  ئازغۇن شائىرلار قىلالمايۋاتقان، دورىيالمايۋاتقان، شۇ يېشىغىچە  ھېس قىلالمىغان تەرەپلەر ۋە نۇقتىلار تېپىلىدۇ.

بىرىنچى ھېكمەت: ئادىل تۇنىيازنىڭ ئەقىدە ۋە پاكىزلىق ئىچىدە ئۆتكەن ھاياتى بىزگە مۇنداق دېدى: مەن بىر مۇسۇلمان قەۋمنىڭ شائىرى. شۇڭا مەن گۇمراھ بولماسلىقىم كېرەك. مەن بىر ھېساب بەرگۈچى. مەن ئۆلۈمنىڭ دەھشىتىنى تېتىغۇچى. شۇڭا، ئادەمدەك ياشاي.

يېشىمى: بىر دوستۇم تېخى بىر ئاي ئىلگىرىكى رامىزان ئېيىدا ئىككىنچى ئەۋلاد داڭلىق شائىرلارنىڭ بىرى بولغان، 70 ياشلارغا ئاز قالغان بىر مەشھۇر ئۇيغۇرنىڭ ئادەمنى ئارقىغا چۈشۈرۈۋەتكۈدەك بىر گېپېنى ئاڭلاپ قاپتۇ. يەنى ئۇ مەشھۇر: «ئاخشام بەك قاتتىق ئىچىپتىكەنمىز، باش قاپاق» دېگۈدەك. دوستۇمنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپتۇ. سەۋەبى، بۇ رامىزاننىڭ 10- كۈنىكەن. بىز ئەمدى سوئال قويايلى: بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان بۇ كىشى قايسى مىللەتنىڭ شائىرى؟ مۇسۇلمان قەۋمنىڭدۇ؟ ئۇ شۇ يېشىدا ئۆزىنىڭ ھېساب بېرىدىغىنىنى، رامىزاننىڭ مۇقەددەسلىكىنى، تونۇشقا تېگىشلىك بەك ئاددىي ھەقىقەتنى تونۇمىغىنىنى نېمىشقا ھېس قىلمايدۇ ۋە ئۇنى ئاممىۋىي سورۇندا دېيىشتىن ئۇيالمايدۇ؟  لەنەتلەر بولسۇن بۇنداق ئازغۇن شائىرلارغا! بىز شۇنداق خىتاب قىلىپ، ئادىل تۇنىيازغا يۈزلەنگىنىمزدە، چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرغان ئادىل تۇنىياز: «سالام، مۇسۇلمان شائىرىم، ئەگرى يولنى جىق مېڭىپ كەتتىڭ، تېنىڭ نەپسىڭ ئۈچۈن بەك  مۇلازىمەت قىلىپ كەتتى. كەل، بىز بارىدىغان مەنزىل ماۋۇ يەردە» دەپ بىزنى ساقلاپ تۇرغان بولىدۇ.

يەنە مەسىلەن، تېخى نەچچە كۈن ئىلگىرىلا باشقا بىر مۇنبەردە مەن شېئىرلىرىنى چوڭ كۆرىدىغان بىر شائىر يەنە بىر دوستى «ھاراق ئىچەيلى» دەپ خىتاب قىلسا، «يۈرۈڭلار، چىلاشقۇدەك بىر ئىچەيلى» دەپ گۇمراھ بىر بالىنىڭ نومۇسسسىز چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشتى. رەسىمىگە قارىسام، يېڭى ئۇسلۇبتا شېئىر يازىدىغان بىر ياخشى شائىرنىڭ رەسىمى ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ. ئاممىۋى سورۇندا نومۇس قىلمىغان بۇ شائىر مېنىڭ نەزەرىمدىن شالاققىدە چۈشۈپ كەتتى. شۇ چاغدا مەن «بۇ قايسى مىللەتنىڭ شائىرى؟» دەپ ئويلاپ،  ئادىل تۇنىيازنى ئەسلەپ قالدىم.

يەنە مەسىلەن، 90- يىللاردىن كېيىن ئادىل تۇنىيازدىن ئۆزگىچە يول تۇتۇپ داڭق قازانغان، 70- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان، مەشرەپنىڭ ئىزى چۈشكەن بىر ماكاندا تۇغۇلغان ھەم ھاياتى مەشرەپنىڭكىگە ئوخشايدىغان  بىر  شائىر  بىر سۆھبەتتە «ئىلھامنى نەدىن ئالىسىز؟» دېسە،  «شەيتاندىن ئالىمەن» دېدى ۋە ئۇ سۆھبەتتە بىر مۇنچە ئازغۇن گەپلەرنى ئىشلەتتى، مۇقەددەس سىمۋوللىرىمىزغا ئايانماستىن چېقىلدى. ئۇنىڭ گەپلىرىنى بىر مۇنچە ئازغۇن شائىر ئاھ- ۋاھ دەپ ئاڭلىدى(ئۇ سۆھبەت ھېلىھەم بار يېنىمدا. ئىسپات دېگۈچىلەرگە كۆرسىتىمەن). مەن چۆچۈپ كەتتىم. كېيىن قارىسام، بەزى سەگەك ياشلىرىمىز بۇ مەسىلىنى ئۇنىڭغا دېۋىدى، ئۇ جىم تۇرۇۋالدى. پوزىتسىيىسىدىن پۇشايمان قىلغاندەك ئەمەس. يەنە بىر ئۇستا شائىر تاغقا بېغىشلانغان بىر شېئىرىدا«قىيامەت خوتۇن ئالالمايدۇ، ئەرگە تېگەلمەيدۇ» دەپ مىسرا تىزىشتىن ئۇيالمىدى.

بەرھەق، ھۆرمەتلىك مۇھەممەت سالىھ داموللا ھاجىمغا  كۈيئوغۇل بولۇشتىن ئىلگىرى ئادىل تۇنىيازنىڭ مىسرالىرىدىمۇ بەزى ئەنە شۇنداق بىلىپ- بىلمەي يېزىلغان مىسرالار ئۇچرايتتى. شائىر، ئۇزۇن بولدى، ئۆزىنى جىددىي تۈزىتىپ، مۇقەددەس سمۋوللىرىمىزغا چېقىلىدىغان مىسرالارنى ئىشلىتىشتىن ئۆزىنى تارتتى، ئەقىدىلىك بىر شائىر بولدى. نېمە دېگەن بالدۇر بايقاش؟ دېمەك،  بىز ئۈلگۈرىمىز. ئەي شائىر، سەن ئۈلگۈرىسەن! ئاۋۇ گۇمراھ يولدىن قايىت. چۈنكى،  سەن بىر مۇسۇلمان قەۋمنىڭ شائىرى، سەن بايرون ئەمەس! پۇشكىن ئەمەس! ئۆزۈڭنى ئوكتاۋىئو پازدەك، گارسىيا لۇركادەك ھېس قىلىپ كېتىۋاتقان بولساڭ، ھوشۇڭنى يىغ. چۈنكى، سەن بىر مۇسۇلمان قەۋمنىڭ مەھكۇم شائىرى! سەن ئىجتىمائىي ئورنى تۆۋەن بىر شائىر!… شۇنداق دەۋاتقىنىمىزدا، ئادىل تۇنىياز يەنە شۇ يېقىملىق كۈلكسى بىلەن بىزگە يۈزلىنىپ تۇراتتى. ئۇ كۈلۈمسىرەش بىر نەرسە ئۇقتۇراتتى.

ھېكمەتنىڭ توچكىسى: بىلىم ۋە ئەقىلنىڭ ھەممە نەرسىنى ھەل قىلىدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىپ يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ  بىرىدە، «ئەپلاتوندىن كېينكى ئەڭ گىگانت پەيلاسوپ دەپ نام ئالغان گىرمانىيەنىڭ تەقۋادار پەيلاسوپى كانتنىڭ پەلسەپە دۇنياسىدا نېمە باردۇر؟» دەپ  شۇڭغۇپ باقتىم. ئۇ ئەقىلنىڭ، بىلىمنىڭ نۇرغۇن نەرسىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى 230 يىل بۇرۇن مۇپەسسەل شەرھلەپ، ھاياتىدا ئەقىدە بىلەن بىلىمنى بىرلەشتۈرگەن  ياخشى مۇسۇلمان شائىرىمىز ئادىل تۇنىيازنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى ھېكمەتتىن  بىشارەت بېرىدىغان رىسالىلەرنى قالدۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ مەزمۇنىنى بىر جۈملىگە يىغساق مۇنداق بولىدىكەن: «بىلىمگە ئازراق چەك قويۇپ،  ئەقىدە ئۈچۈن ئورۇن بېرىڭلار!»

ئادىل تۇنىيازغا قايىل بولۇپ تۇرغان چېغىمىزدا، ھەيرانلىقىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئۇنىڭ ھالال ئەقىدىلىك ئايالى نەزىرە مۇھەممەد سالىھ ئۆزىنىڭ «شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزدەپ» دېگەن كىتابىدىكى «ئەقىلدىن باشقا كۆز» دېگەن ماقالىسىدە بىزگە بىر ئەجەللىك خاتالىقىمىزنى كۆرستىپ بېرىدۇ: ئەسلىدە نەزىرە خانىم  كانت مېنى ھەيران قالدۇرغان ئاۋۇ بايانلارنىڭ سەۋەبىنى ۋە لوگىكىلىق ئاساسىنى مۇسۇلمان مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئىدىيىسىدىن دەلىل كەلتۈرۈپ دەپ بولغانىكەن. مەن بەك نومۇس قىلدىم ۋە «بارىكاللا ئادىل تۇنىياز ئائىلىسى!» دەۋەتتىم.

ئەسكەرتىش، ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان بەزى شائىرلىرىمىز ئىمام غەززالى، ئىبىن رۇشىد، جامالىدىن ئافغانى قاتارلىق ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ  ئەسەرلىرىنى بەك ئوقۇپ كەتمىگەچكە، دەلىل ئاساسىمنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇلار ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان غەرب مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ سۆزىدىن نەقىل ئالدىم. بۇ مېنىڭ مۇسۇلمان مۇتەپەككۇرلىرىغا بولغان قايىللىقىمنىڭ سۇسلىقىنى ۋە غەربنىڭ كۈچىكى(ئەلۋەتتە غەربنىڭ بىلىش تارىخىدىن بىزنىڭ ئۆگىنىدىغان يەرلىرىمىز ئاز ئەمەس)ئىكەنلىكىمنى  ئىپادىلىمەيدۇ.

ھېكمەت قايتىلاندى: ئادىل تۇنىيازنىڭ ئەقىدە ۋە پاكىزلىق ئىچىدە ئۆتكەن ھاياتى بىزگە مۇنداق دېدى: مەن بىر مۇسۇلمان قەۋمنىڭ شائىرى. شۇڭا مەن گۇمراھ بولماسلىقىم كېرەك. مەن بىر ھېساب بەرگۈچى، مەن ئۆلۈمنىڭ دەھشىتىنى تېتىغۇچى. شۇڭا، ئادەمدەك ياشاي. مەن نومۇس قىلاي.

ئەمدى ئەزمىمىزنى ئەزمەسلىك ئۈچۈن قالدى ھېكمەتلەرنى قىسقارتىپ كالتە جۈملىلەر بىلەن ئىپادىلەيمىز. سەۋەبى، سەللا ئەقلى بار ئادەم  ئادىل تۇنىيازنىڭ  ھاياتىدا ھەر بىر ھېكمەتنىڭ دەلىلى تېپىلدىغانلىقىنى ۋە مېنىڭ ئۇنى ئاشۇرۇپ ماختىمايۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلىپ بولدى. ئاشۇرۇۋەتتى دېگۈچىلەر بولسا ئەتراپتىكى ئاز بىر قىسىم ئازغۇن يازارلارغا قاراپ بىلىۋالسۇن.

ئىككىنچى ھېكمەت: ئادىل تۇنىيازنىڭ ھاياتى خىزمەت توغرۇلۇق نېمە دەيدۇ: رىزقىمنى ئاللاھ   بېرىدۇ، نېمىكەن ئۇ خىزمەت دېگەن؟ ئەقىدەمنى ۋە روھىمنى پايخان قىلمايمەن.

بىر بىچارە شائىر خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قېلىپ ھاراقكەش بولۇپ كەتتى، يەنە بىر زىيالى خىزمەت دەپ قەددىنى پۈكلەپ كۇسۇك ئىتتەك ياشىدى. ئەتراپىمىزدا ھالاللىقنى خىزمەتتىن ئۈستۈن كۆرىدىغان زىيالى  ئاز قالدى. كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلدى؟ نېمە ئۈچۈن خىزمەت قىلدى؟ خىزمەت ئۇنى قانچىلىك تۈگەشتۈردى؟ قانچىلىك تۈگەشتى؟… بۇنى روھى ئۆلگەن زىيالى ئاز ئويلايتتى.

……………

راھەتتۇر، راھەت،

باشلىقى يوق ئىشخانلاردەك.

……………

بۇ ئۇيغۇر تىلىدا 20- ئەسىردە بارلىققا كەلگەن خىزمەت ھەققىدىكى ئەڭ قالتىس مەجازى ۋاستىىسى ئىدى. ئۇنى ئادىل تۇنىياز ئىشلەتكەنىدى. ئادىل تۇنياز تۇغۇلۇشتىن 20 يىل بۇرۇن،  نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى رەت قىلغان فرانسىيە مۇتەپپەككۇرى سارتىرې: «يازغۇچى ھوقوقنىڭ مۇئەسسەسىگە ئايلىنىپ قېلىشنى رەت قىلىشى كېرەك» دېگەنىدى. ئەمىسە  ئادىل تۇنىياز قانداق قىلدى؟

ئۇ ئالدى- كەينىگە قارىماي، چاپىنىنى دولىسىغا ئارتىپلا ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى. ئاجىزلار: «ما بالىنىڭ ھېسسىياتچانلىقىنى!» دېدى. مەن كېيىن ئۇقۇپ: «بارىكاللا، شائىر بولا، مانداق بولا» دەۋەتتىم. بۇ تۇيغۇنى خىزمەتتىن ئايرىلسا ھېلىلا جېنى چىقىپ كېتىدىغاندەك ئويلايدىغان، رىزقىنىڭ ئاللاھنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان شائىرنىڭ چۈشىنىشى مۇمكىن  ئەمەس ئىدى. بۇ ئەمەلىيەتتە «شائىر ۋە ھوقۇق» دېگەن تېمىدا ئىزدىنىش تېمىسى ئىدى.

خۇلاسە: ئادىل تۇنىيازنىڭ ھاياتى خىزمەت توغرۇلۇق نېمە دەيدۇ: رىزقىمنى ئاللاھ بېرىدۇ، نېمىكەن ئۇ خىزمەت دېگەن؟ ئەقىدەمنى ۋە روھىمنى پايخان قىلمايمەن.

شۇڭا  ئېيتىمىزكى، خىزمەت بىزگە شۇنچىلىك مۇھىم بولۇپ تۇيۇلىۋاتقان  بۇ ۋاقىتلاردا ئادىل تۇنىيازنىڭ بۇ كەچۈرمىشى بىزگە دەرس بېرىدۇ ۋە بىر ھېكمەتنى ئەسلىتىدۇ.  بۇ ھېكمەت «شائىرنىڭ بۇرچى كۆيۈش ۋە يېنىش» دەپ قۇرۇق شوئار توۋلاشنى رەت قىلىدۇ.

ئۈچىنچى ھېكمەت: خىيالىمغا پات- پات كىرىۋالىدىغان ئادىل تۇنىياز ماڭا مۇنداق بىر ھېكمەتنى ھېس قىلدۇردى: مۇرەسسەگە كەلمەيدىغان بىر پىكىر ئىگسى پۈچەكلەر قورشاۋىدا قانچە بەك قىسىلغانسېرى، قانچە بەك ئۇھسىنغانسېرى، يۈكسەك روھقا ئىگە ئەللامەلەرنى سېغىنىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن خىيالەن مۇڭدىشىدۇ.

شائىرنى ئارتۇقمۇ ماختىمايمەن. ئارتۇق ماختىۋەتتى دېگۈچىلەر مۇنداق ئىككى خىل ئۇسۇل بىلەن بۇنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى بىلەلەيدۇ: بىرى، «مەن قانداق قىلالىدىم؟ مەن بولسام قانداق قىلاتتىم؟» دەپ سوئال قويۇش ئارقىلىق. يەنە بىرى، ئۇنى باشقا زامانداش شائىرلارغا سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق.

مېنى مۇھەببەت سۆزلەتتى. ئىچىمدىن: «قويە، ئۇنداق مۈجمەل سۈكۈتلىرىڭىنى» دەپ سادا كەلدى- دە،  شېئىرغا ۋە شائىرغا بولغان مۇھەببىتىمنى ھەرىكىتىم بىلەن ئىپادىلىدىم. مېنى تونۇمايدىغان شائىر ئەللامە ناۋادا خاتا سۆزلەپ قالغان بولسام كەچۈرسۇن.

ئەينى ۋاقىتتا پاستېرناك  رىلكىغا غايىۋانە مۇھەببەت باغلاپ تالاي خەتلەرنى يېزىپتىكەن. مەن پاستېرناكنىڭ پايتىمىسىغا تەڭ كەلمەيدىغان بىر قوڭالتاق بولساممۇ ھەم شائىر بولمىساممۇ،  ھېسسىياتىمنى مۇشۇنچىلىك ئىپادىلىدىم. شائىر كۆرسە زاڭلىق قىلمىسۇن!

جىن، مەن شېئىرغا بولغان ھۆرمىتىمدىن شېئىردىن ۋاز كەچكەن بىرسى. شۇڭا مەن يازمايمەن. سىزگە ئەمىسە ماۋۇ ئىككى تېمىدا شېئىر يېزىش ۋەزىپىسى كەتتى 1)پۈچەكلەر قورشاۋى؛ (2)ئادىل تۇنىيازنىڭ ئىشىخانىدىن چىقىشى.

قەلبىمدە مىچىلداپ قار يېغىۋاتىدۇ. بوغۇزۇمدا ئاچچىق بىر نېمە. مەن ئاشۇ  مىچ- مىچ قار مۇناسىۋىتى بىلەن  سىزگە« قارىلىق‎» ئەۋەتتىم.

تۆتىنىچى ھېكمەت: شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ ھاياتى بىزگە مۇنداق دەيدۇ: قەلبىمگە ھېچكىم كامېرا ئورنىتالمايدۇ. بىز ۋەھىمنى  مۇبالىغە قىلىۋەتتۇق. تەسەۋۋۇر ۋە زېھنىمىزنى ئاخىرقى ھېسابتا روھ ئۆلتۈرۈش سۇيقەستى ئۆلتۈرەلمەيدۇ، پەقەت ئۆزىمىزلا  بىتچىت قىلالايمىز. ئۆزىمىزنىڭ زېھنىنى ۋە تەسەۋۋۇرىنى تاشقىي خىرسلارغا يەم قىلىپ بەرمەسلىك ئۈچۈن زىيادە ئۇچۇرلارنى  ۋە ئوشۇق ۋەھىمىلەرنى رەت قىلايلى.

ئادىل تۇنىياز  زېھنىنى ۋە تەسەۋۋۇرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، تېرە تاراقشىتىۋاتقانلارغا  ۋە چۈپرەندىلەرگە مىيىغىدا كۈلۈپ قويدى. يەنە  پىنھان ياشىدى؛ سورۇنلاردىن ئۆزىنى تارتتى؛ زامانىۋىلىق يالتىراقلىرىنىڭ، كەيپنىڭ، نازنىڭ، مەدھىيەنىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرىغا بەرداشلىق بەردى. مەن ئامراق بىر ئىپادىلەش ئۇسۇلى بويىچە ئېيتقاندا، نەپسى ۋە ھېسسىياتىنى قوي بوغۇزلىغاندەك ئۆلتۈرۈپ ياشىدى. پۈتۈن ئەقىدىسىنى ياخشى بىر مۇسۇلمان، ياخشى بىر ئۇيغۇر ۋە  ھالال ئەقىدىلىك بىر شائىر بولۇش ئۈچۈن ئاتىدى. نەتىجىدە، ئۇ زېھىنىنى ۋە تەسەۋۋۇرىنى بۇلغاتمىدى. تاشقىي ۋەھىمىلەر ئاجىز كېلىپ ئۇنىڭ روھىنى ئۆلتۈرەلمىدى. سەۋەبى، قەلبكە ئۈسكۈنە ئورناتقىلى بولمايتتى. ئۆزىمىزنىڭ روھىنى ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىمىزلا ئۆلتۈرەتتۇق. رەڭلىك سورۇنلاردا، ھاراق بوتۇلكىلىرى ئەتراپىدا، ھەسەتتە، مەشھۇرسىراش ئوتىدا روھىنى ئۆزى بىر قوللۇق ئۆلتۈرۈۋاتقان ئاشۇ ئازابى ساختا شائىرلارغا  ۋە باشقا تىرىك مۇردىلارغا، نان كۈچۈكلىرىگە بۇنى چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايتتى.

زېھنىنى، تەسەۋۋۇرىنى،  ئىمانىنى  ساقلاپ قالغانغا تۇشلۇق نېمە نەتىجە يۈز بەردى؟ ئۇ بىر نەچچە تىلنى ياخشى ئۆگەندى. ئىنگىلىز تىلىدا شېئىر ئوقۇپ ھۇزۇرلانغۇدەك، كۈچىسە شېئىرمۇ يازغۇدەك سەۋىيىگە يەتتى(«مارتقا كىرىش »دېگەن شېئرىنىڭ ئىنگلىزچىسىگە قاراڭ). كېيىن ناۋايى، مەشرەپ، …. ئوسمان قاتارلىق شائىرلارنىڭ مىسرالىرى بىلەن قاتاردا تارىختا قالغۇدەك دۇردانە شېئىرلار ئۈزۈلمەي چىقىۋەردى. قەلبى بەئەينى بىر بۇلاققا ئوخشىدى. بەش كىتابىدىن «سۆيۈپ قالسام سېنى ناۋادا» (24 يېشىدا)، «بويتاق شائىرنىڭ مەخپىيىتى» (28 يېشىدا)،«چۈمبەلدىكى كۆز» ۋە «پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر» (33 يېشىدا)، «دېڭىزدىكى كوچا» (35 يېشىدا) ئېلان قىلىندى. شۇ ياشتىكى ئەڭ تالانتلىق ئۇيغۇرلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا بۇنى مۆجىزە دېيشكە بولاتتى. بىز تېخى ئۇنىڭ مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان «بىزگە كرست كېرەك ئەمەس»، «شېئىر كۈلمسىرىمەكتە»، «ئوشونىڭ ھاياتلىق پەلسەپىسى»، «ماڭا تەسىر كۆرسەتكەن كىتابلار» قاتارلىق كىتابلىرىغا كىرمىگەن ئەسەرلىرىنى ھېسابقا ئالمىدۇق. ئەمدى بىز سوراپ باقايلى، مەن 24 ياشتا نېمە قىلالىغان؟  نەدىتىم؟ تۈنەكخانىدىمۇ؟ 35 يېشىمدا نېمە قىلدىم ياكى قىلماقچى؟ 40 يېشىمدىچۇ؟

بىزنېمە دېمەكچى؟

ھېكمەت قايتىلاندى: شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ ھاياتى بىزگە مۇنداق دەيدۇ: قەلبىمگە ھېچكىم كامېرا ئورنىتالمايدۇ. بىز ۋەھىمنى  مۇبالىغە قىلىۋەتتۇق. تەسەۋۋۇر ۋە زېھنىمىزنى ئاخىرقى ھېسابتا روھ ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستى ئۆلتۈرەلمەيدۇ، پەقەت ئۆزىمىزلا  بىتچىت قىلالايمىز. ئۆزىمىزنىڭ زېھنىنى ۋە تەسەۋۋۇرىنى تاشقىي خىرسلارغا يەم قىلىپ بەرمەسلىك ئۈچۈن زىيادە ئۇچۇرلارنى  ۋە ئوشۇق ۋەھىمىلەرنى رەت قىلايلى.

بەشىنچى ھېكمەت: شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ ھاياتى بىزگە مۇنداق دەيدۇ: شائىرغا تۇشلۇق قەلب بولۇشى كېرەك. چىن شائىر  ئۆگىنىۋالغان  قېلپى بىلەن ئەمەس، قەلبى بىلەن، قان تومۇرلىرى ئۆز قەۋمىنىڭ مىللىي كىملىكىگە تۇتۇشۇپ كەتكەن شىكەستىلىك يۈرىكى بىلەن يېتىشىپ چىقىدۇ. بۇنداق شائىرنى خەلق قوينىغا سايە تاشلىغان بىر تۈپ مەزمۇت چىنارغا ئوخشاتساق، ئۇنىڭ يىلتىزىنى 2- بۆلەكتە ئېيتقان ئىماندىن باشقا، كۈچلۈك بولغان تەۋەلىك تۇيغۇسى، مىللىي كىملىك ھېسسىياتى ۋە سستېمىلىق بىلىم چىڭىتىدۇ. ئۆز كوللېكتىپىنىڭ تەقدىرىدىن  تراگېدىيە ئېڭى ۋە قەلب چوڭقۇرلۇقى يېتىلدۈرمىگەن شائىرلار ئۆلچەملىك شائىر ئەمەس.

ئىتالىيە ماركسىزمچىسى ئانتونىئو گرەمشى ئۆزىنىڭ «تۈرمە خاتىرىلىرى» دېگەن كىتابىنىڭ «مەدەنىيەت زوراۋانلىقى» دېگەن بابىدا ئۆزى ياشاۋاتقان مۇرەككەپ تارىخىي دەۋرنى ئۆز ئەسەرلىرىگە سىڭدۈرۈۋەتكەن زىيالىنىڭ رولىغا يۇقىرى باھا بېرىدۇ. ئەمدى بىز بۇ گەپنىڭ قىممتىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن، سېلىشتۇرما  ئانالىز ئۇسۇلى بىلەن ئادىل تۇنىيازنىڭ ھاياتىغا  قاراپ باقايلى.

گەپنى سەل يىراقتىن باشلايلى. تېيپجان ئېليوف ۋە روزى سايىت ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بەلگىلىك ئورۇن تۇتىدىغان ئىككى  شائىر. ئەمما ھەر ئىككىسى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىلا بىز يۇقىرىدا دەۋاتقان نۇقتىلارنى ھېس قىلغان. بۇرۇن  قەلبكە ئەمەس، تېخنىكىلق ماھارەتكە تايىنىپ يېزىلغان، شوئار، مەدھىيە تېمىسىدىكى شېئرلىرىغا پۇشايمان قىلغان. مەسىلەن، تېيپجان ئېلىيوف ئەستايىدىل تەھرىر دوستى مۇھەممەت رېھىمگە كېسەل  ۋاقتىدا تاللانغان شېئىرلىرىنى تاللاپ چىقىش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇپ، كونا شېئىر  توپلاملىرىدىكى نۇرغۇن پۈچەك شېئىرلارنى چىقىرىۋېتىشىنى، ئۆزىنىڭ نۇرغۇن نەرسىلەرگە پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. روزى سايىتمۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئەقىل تاپقان ۋە  بۇرۇنقى نۇرغۇن يازمىلىرىغا پۇشايمان قىلغان. مەن بۇنى دېيىش ئارقىلىق مۇنداق بىر نۇقتىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى. تېخنىكىلىق ماھارەتنى ئىگىلىۋېلىپ (مەسىلەن قاپىيە، تۇراق) مەزمۇندا چوڭقۇرلىيالمىغان، ئۆز كوللېكتىپىنىڭ  تەقدىرىدىن تراگېدىيە ئېڭى ۋە قەلب چوڭقۇرلۇقى يېتىلدۈرمىگەن شائىرلار ئۆلچەملىك شائىر ئەمەس.  بىز بۇ ئارقىلىق تېيپجان بىلەن روزى سايىت قاتارلىق تېخنىلىق ماھارەتنى ياخشى يېتىلدۈرگەن، شۇ دەۋرىدە ئېتىراپ قىلىنغان شائىرلارنى ئىنكار قىلماقچى ئەمەس. بەلكى شۇنى دېمەكچىمىزكى،  تېيپجان ئېلىيوف بىلەن روزى سايىتنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخرىدىكى پۇشايمىنى شوئار، نوقۇل قامچلاش، كالنېدار، بىراۋنىڭ تەۋسىيەسى، شۆھرەت تاماسى نۇقتىدىسىدىن يېزىلغان نەرسىلەرنىڭ گەپ تىزمىسى ئىكەنلىكىنى،  ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ. ئەقلىنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا تاپسا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرىدۇ.  ئەمما ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا تاپقان بۇنداق پۇشايمان بەكمۇ ئېچىنىشلىق بولىدۇ. بۇ نۇقتا ھازىرقى نۇرغۇن يازارمەنلەرگە ساۋاق بولۇشى كېرەك.

ئەمدى بىز چىن  شائىردا بولۇشقا تېگىشلىك قەلبنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە يەنە ئىچكىرىلەيلى. ئالدىنقى  جۈمە نامىزىدا بىر مۇسۇلمان قىلىنىۋاتقان قىرائەتنىڭ مۇڭلۇقلىقىدىن ھۆركىرەپ يىغلاپ تاشلىدى. قەلبىلەر ئېرىدى، ئوپچە يىغا سادالىرى كۆپەيدى. سىزچە، كۈنبويي رەڭلىڭ سورۇندا كۈن ئۆتكۈزىدىغان، شەيتان بوينىغا مىنگەن بىر شائىر بۇ كۆرۈنۈشنى چۈشىنەلەمدۇ؟ ياق، چۈشنىەلمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ شائىردا  ئۇ مۇڭلۇق قىرائەتنى، ئاشۇ يىغىنى، بۇنداق دەقىقىلەردە كامىل مۇسۇلمان قەلبىنىڭ نېمشىقا بۇنداق ئېرىيدىغانلىقىنى چۈشىندىغان يۇمشاق قەلب يوق، ئۇنىڭ باغرى قاتقان.  بۇنداق كۆرۈنۈشنى  ئازابى ساختا  شائىر ھېس قىلالمايدۇ. بۇ بىر نەرسىنى چۈشەندۈرىدۇ. نېمىنى؟  ئادىل تۇنىيازدەك بىر شائىر بولۇش ئۈچۈن  سىزدە تراگېدىيە ئېڭى ۋە تۇشلۇق قەلب بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، ئادىل تۇنىيازنىڭ «تۇرسۇن قۇربان» دېگەن شېئىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن سىز تۇرسۇن قۇرباننىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، نېمشىقا ئاپتورنىڭ دىققىتىنى بۇنچىۋالا تارتقانلىقىنى بىلىشىڭىز كېرەك.  ئادىل تۇنىيازنىڭ «قاغىلىقتىكى نۆل كلومېتىر»، «ئوسمىچى قىزغا»، «ئۇيغۇر بىنا چاققۇچى» قاتارلىق  بىر قاتار مۇرەككەپ تارىخي ئېقىندىكى  مىللىي تەقدىرنى تۇنجى بولۇپ  قەلەمگە ئالغان شېئىرلىرى بىزنىڭ بايا دېگەن گېپىمىزنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئەگەر سىز نۆل كلومېتىرغا مەستچىلىكتە …. ئىستىكىڭىزنى قاندۇرۇش ئۈچۈن كىرگەن شائىر بولسىڭىز، بىر بىنا چاققۇچىنى سىزگە توپا توزىتىۋەتكىنى ئۈچۈن تىللاۋاتقان شائىر بولسىڭىز، سەنشخاڭزىدا بىر ئوسمىچى قىزنى تۈرتۈۋېتىپ، زەپىران چىرايىغىمۇ قارىماي كېتىۋاتقان شائىر بولسىڭىز، بۇ نۇقتىنى ھەرگىز چۈشەنمەيسىز.

ھېكمەت قايتىلاندى: شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ ھاياتى بىزگە مۇنداق دەيدۇ:  شائىرغا تۇشلۇق قەلب بولۇشى كېرەك. چىن شائىر  ئۆگىنىۋالغان  قېلىپى بىلەن ئەمەس، قەلبى بىلەن، قان تومۇرلىرى ئۆز قەۋمىنىڭ مىللىي كىملىكىگە تۇتۇشۇپ كەتكەن شىكەستىلىك يۈرىكى بىلەن يېتىشىپ چىقىدۇ. بۇنداق شائىرنى خەلق قوينىغا سايە تاشلىغان بىر تۈپ مەزمۇت چىنارغا ئۆخشاتساق، بۇ چىنارنىڭ يىلتىزىنى 2- بۆلەكتە ئېيتقان ئىمان ۋە ئەقىدە تۇتۇپ تۇرىدۇ؛ كۈچلۈك بولغان تەۋەلىك تۇيغۇسى، مىللىي كىملىك ھېسسىياتى ۋە سستېمىلىق بىلىم… تارماق يىلتىزلار سۈپىتىدە چىڭىتىدۇ. ئۆز كوللېكتىپىنىڭ يۈرەك يارىسىدىن تراگېدىيە ئېڭى ۋە قەلب چوڭقۇرلۇقى يېتىلدۈرمىگەن شائىرلار ئۆلچەملىك شائىر ئەمەس.

ئۇنداقتا ئۆزىڭىزدىن سوراڭ: سىز ئازابى ساختا شائىرمۇ؟ ئۆزىڭىزگە باھا بېرەلمەي تۇرۇپ قالغان بولسىڭىز، شائىر ساداقەتجان ھاجىنىڭ مۇنۇ ئوتلۇق جۈملىلىرىنى روھىيىتىڭىزگە تەدبىقلاپ بېقىڭ.

«دەردىم بار دېمە، كۆزۈڭ ياش بولغىنى بىلەن باغرىڭ قان ئەمەستۇر.»

ئالتىنچى ھېكمەت: شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ ھاياتى ۋە روھي دۇنياسى بىزگە مۇنداق دەيدۇ: شائىرنىڭ ئۆز ئوبرازى ۋە ئادىمىيلىكىنى  ساقلىشى، پەرۋىش قىلىشى شېئىرىي دىت يېتىلدۈرۈشىگە ئوخشاشلا مۇھىم. شېئىرىيەت قاشاسىز تام ئەمەس، كىم پېتىقدىسا بولىدىغان خامان ئەمەس. ئۆزى چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان شېئىرنىڭ ئوبرازىنى، قاشاسىنى قوغداشقا تىرىشمىغان، شېئىرنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىشتا، مۇھەببىتىنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرالمىغان شائىر ئەمەلىيەتتە بىر شوئارۋازدۇر. ئۇنىڭ ئازابى ساختىدۇر.

تەھلىل: ئۇيغۇر رېئاللىقىدا پەيدا بولۇشقا ئۈلگۈرگەن بىر قاتار ئىجتىمائىي بىنورماللىق ۋە بىمەنە رېئاللىقنىڭ بىر تۈرى سۈپىتىدە شۇنداق بىر ئەھۋال كۆزگە چېلىقىدۇكى، ئاممىۋىي مىدېئالاردا، لەتىپە- يۇمۇر سورۇنلىرىدا، تور مۇنبەرلىرىدە پەقەت شېئىرىي دىتى يوق ئادەملەر شېئىرنى ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز يوسۇندا ئوچۇق- ئاشكارا مازاق قىلىشىدۇ(بۇ ھەرگىزمۇ بەزىلەر ساددىلارچە ئېيتقاندەك، ھەۋەسكارلارغا زەربە بەرگەنلىكىم ئەمەس؛ بۇنىڭ ئاساسلىرىنى يەنە بىر تېمىغا يازغان ئىنكاسىمدا شەرھلەيمەن). ئېتوتچىدىن ھاراقكەشكىچە، تور قوشاقچىلىردىن پاھىشەگىچە بىر تالاي ئادەملەر  ئەمەسلا بىر نەرسىلەرنى شېئىر دەپ يېزىپ، شېئىرىنىڭ ۋە شائىرنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرىدۇ، ھەممە ئادەمنىڭ شائىرلىقتا سىناپ بېقىپ ئۆزىنى كۆرسەتكۈسى كېلىدۇ. نادان خوش- خوشچىلار تېخى بىر- بىرىنى قىرلىق ئىستاكان فىلىمىدىكى ئوسمان داڭگالنىڭ «ئالامەت شېئىركەن، قالتىس شېئىركەن» دېگەن كىنايىسىنى ئېسىمىزگە سېلىپ، دەلتىلەرچە ماختاشقىمۇ ئۈلگۈرۈشىدۇ.

ئۆزىنى تۆۋەن كۆرگەن بىر توپ ئادەملەرنىڭ مەشھۇرسىراش پىسخسىكىسى بىزدە ئەنە شۇنداق بىمەنە ھالدا ئەكىس ئەتتى ۋە رېئاللىقىمىزدا چىن شائىرلارنىڭ ئوبرازىغا قارا سۈرتۈلدى. داڭق چىقرىشقا ئالدىراپ كەتكەن بىر قىسىم «قوشاقچى» مۇنبەرداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تالاي ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز، يەنى  ئابدۇكېرىم ئابلىزدىن ئەبەي داڭقانغىچە، شېئىرغا مۇھەببەت باغلىغان … قېيۇمدىن تۇرداخۇن پاكار دېگەن قىزىقچىغىچە … نۇرغۇن  ئادەمنىڭ ئاممىۋىي سورۇندا  قىلىۋاتقىنى ئەمەلىيەتتە شائىرنى ۋە شېئىرنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرىدىغانلا بىر ئىش ئىدى. ئۇنداقتا بىزنىڭ «شېئرغا ئۇنداق كۆيدۈم؛ مۇنداق كۆيدۈم» دېگۈچى شائىرلىرىمىز بۇنداق بىنومال ھادىسىگە قانداق ئىنكاس قايتۇردى؟ جاۋاب شۇكى، ئىنكاس قايتۇرغان ئازغىنە شائىردىن باشقىلار بۇنىڭغا كوللېكتىپ سۈكۈت قىلدى، نەتىجىدە نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز ۋاقتىنى، زېھنىنى ئۆزلىرى پەقەت قىلالمايدىغان ئىشقا سەرپ قىلىپ، بەكمۇ قاملاشمىغان بىر ئىشنى قىلدى. قىزىقچىلىق زاڭلىشىش تۈسىنى ئالدى. ئەمدىلىكتە بىز بۇ بىمەنە رېئاللىقنى مۇنبەرلەردە، مېدىئالاردا، ئاممىۋىي سورۇنلاردا كۆرمەكتىمىز. شېئىرىيەت كوچىمىزدىكى شائىرلار ۋە شېئىرنى چۈشىنىپ ئوقۇيدىغانلار پەمىىمچە كەم ھېسابلانسا 10 مىڭدىن ئاشىدۇ. ناۋادا  ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەر يۈزدە بىر كىشى شائىر ۋە شىئىرنى مازلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىشقا يۈز تۇرانە كۆرۈشكەندە، تېلېفوندا  ياكى خەت ئارقىلىق  ئىنكاس قايتۇرغان بولسا، مۇنبەرلەردە ۋاقتىدا تەنقىدىي پىكىرلەر بېرىلگەن بولسا، بۇنداق بىمەنە رېئاللىق ئومۇملاشمىغان بولاتتى.

دەلىل: (1) ئۇنداقتا، بىز دەۋاتقان بۇ نۇقتىدا ئادىل تۇنىياز قانداق قىلدى؟ بىز ئەلۋەتتە بۇ ئەللامە شائىرنى «سەن چىقىپ بۇنداق بىنورماللىققا  ئىنكاس قايتۇر» دەپ ھەرگىز دېيەلمەيمىز(شېئرنىڭ ئوبرازىنى ۋە قاشاسىنى قوغداش ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلارنىڭ بىر تۈرلۈك كۈرەش ۋەزىپىسى ئىدى).  ئادىل تۇنىيازنىڭ يېقىنقى تۇرمۇش ئەھۋالىدىن خەۋىرىمىز يوق، شۇڭا بۇ ھەقتە ئادىل تۇنىياز خىزمەت ئورنىغا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق بىر پاكىتنى بۇ يەردە ئەسلىتىپ ئۆتۈپ نۇقتىنەزەرىمىزگە دەلىل كەلتۈرىمىز. يەنى ئادىل تۇنىياز ئىشلىگەن چاغلاردىن بۇرۇن رادئىو ئىستانسىسى گۈزەل سەنئەت بۆلۈمىنىڭ پروگراممىلىرىدا ھەر يەكشەنبە كۈنلىرى «جەڭچى تاغامغا» دېگەنگە ئوخشاش ناھايىتى قاملاشمىغان، بەدىئىيلىكى يوق بىر نەرسىلەر شېئىر دەپ ئاڭلىتىلاتتى(چوڭلار رادىيو ئاڭلىغاندا قۇلاققا كىرىپ تۇراتتى). كېيىن، ئادىل تۇنىياز گۈزەل سەنئەت بۆلۈمىدە ئىشلىگەندىن كېيىن ئاڭلىتىلىدىغان شېئىرلارنىڭ سۈپىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. ئادىل تۇنىياز شېئىرنىڭ قەددىنى تىكلەش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تېگىشلىك تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئىدارىدىن خالاپ چېكىنىشىمۇ ھەرگىز بەزى گالۋاڭلار ئېيتقاندەك خىزمەت تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلىش بولماستىن، بەلكى شېئىرنىڭ، شائىرنىڭ  ئوبرازىغا يۈز كېلىش  ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئەمەلىي تىرىشچانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىدى. بۇنداق بىر روھقا  بىز ئاپېرىن ئېيتماي تۇرالمايتۇق.

دەلىل(2): باشقا شائىرلار بۇ نۇقتىدا قانداق قىلغان؟ مەسىلەن، بۈيۈك روس شائىرى پاستېرناك(1958- يىللىق نوبېل ئەدەبياتى مۇكاپاتى ساھىبى) بىر كۈنى سىتالىننىڭ ھۇزۇرىغا چاقىرتىلىغان. ستالىن ئۆزى يازغان بىر شېئىرىنى ماختاش تەمە قىلىپ ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن. سەۋەبى، پاستىرناك شۇ چاغدىكى ئەڭ ئېتراپ قىلىنغان شائىر بولغاچقا، ئۇنىڭ مەدھىيەسىنى ئاڭلاش سىتالىن ئۈچۈن چوڭ ئىش ئىدى. كۈتمىگەندە شېئىرنى ئوقۇپ بولۇپ، پاستىرناكنىڭ قاپىقى تۈرۈلۈپ كېتىدۇ. ئۇ قىلچە يۈز- خاتىرە قىلماستىن سىتالىننىڭ ئالدىدىلا «يولداش سىتالىن، سىز بۇنىڭدىن كېيىن شېئىر يازماڭ!» دەيدۇ. مەشھۇر تۈركىيە يازغۇچىسى ئەزىز نەسىن بولسا شېئىرغا بولغان ھۆرمىتىنىڭ يۈكسەكلىكىدىن شېئىر يېزىشتىن ۋاز كېچىدۇ. شېئىرىيەت كوچىسىنى پاخال قىلماسلىقمۇ شېئرغا بولغان ھۆرمەت  ئىدى. مەن مۇشۇنچىلىك بىرئاددىي گەپنى مۇنبەردە بەزىلەرگە ئۇقتۇرالماي بەك ئاۋارە بولۇپ كەتتىم، بەزىدە يالغۇزمۇ قالدىم.  ئەي ئۇيغۇر شائىرى، سىز  تۇرمۇشىڭىزدا  پاستېرناكنىڭكىدەك  ئەھۋالغا ئۇچرىغانمۇ؟ ئۇچرىغان بولسىڭىز سىز قانداق قىلدىڭىز؟

دەلىل(3): ئىككى يىل ئىلگىرى مەلۇم بىر شېئىر مۇنبىرىدە نامى چىققان بىر تۈركۈم ياش شائىرلارنىڭ ھاراق بوتۇلكىلىرىنى تىزىپ قويۇپ چۈشكەن رەسمىلىرى قويۇلدى. ھېلىمۇ ياخشى،  ئىجتىمائىي ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارى ئۆلمىگەن بالىلار باركەن، ئۇلارنىڭ شۇ كۆرۈنۈشنى تەنقىد قىلىشى بىلەن نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇ شەرمەندە سۈرەتلەر يوقىتىلدى. ئەگەر ئۇلار نامى چىقىپ قالغان بىر تۈركۈم ياش ئۇيغۇر شائىرلىرى بولمىغان بولسا، مۇسۇلمان ئۇيغۇر بولمىغان بولسا، بىز بۇنداق دەپمۇ ئولتۇرمىغان بولاتتۇق.

بۇ يەردە مەلۇم بىر مۇھەررىرىنىڭ جەنۇبقا چۈشكەندىكى شائىر ۋە شېئىر ھەۋەسكارلىرى بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدىن ئۇچۇر بېرىش ئارتۇقچە بولمىسا كېرەك. بىر ژۇرنالنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكنى قىلىۋاتقان ئۇ  ئادەم 2007- يىل ماڭا مۇنداق دېگەنىدى: «ئالدىمغا مەن شائىر دەپ كەلگەن بالىلارنىڭ ئىچىدە شۇنداق مەزلۇم مىجەز، ھاياجان، تەنتەك بالىلارنىمۇ كۆردۈم. تۇرۇقىدىن، گېپىدىن قارىسام، بىر شائىرىدەك ئەمەس(بۇ يەردە قىسمەنلىك كۆزدە تۇتۇلىۋاتىدۇ ۋە كىيىمنىڭ ئەمەس، ئوبرازنىڭ گېپى بولۇۋاتىدۇ، كىملەردۇر بىرى ئۆزىگە ئېلىپ كەتمىگەي). مەن «ئۇلار نېمىشقا ئوبرازىغا، گەپ- سۆزىگە دىققەت قىلمايدىغاندۇ؟» دەپ ئويلىدىم.ئامېرىكىنىڭ داڭلىق شائىرى روبېرت فروستنىڭ شۇنداق بىر قالتىس مىسراسى بار: «قاشاسى ياخشى قوغدالغان ھويلىغا ئوغرى كىرمەيدۇ“.»

ئالتىنچى ھېكمەت: شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ ھاياتى ۋە روھىي دۇنياسى بىزگە مۇنداق دەيدۇ: شائىرنىڭ ئۆز ئوبرازى ۋە ئادىمىيلىكىنى  ساقلىشى، پەرۋىش قىلىشى شېئىرىي دىت يېتىلدۈرۈشىگە ئوخشاشلا مۇھىم. شېئىرىيەت قاشاسىز تام ئەمەس، كىم پېتىقدىسا بولىدىغان خامان ئەمەس. ئۆزى چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان شېئىرنىڭ ئوبرازىنى، قاشاسىنى قوغداشقا تىرىشمىغان، شېئىرنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىشتا، مۇھەببىتىنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرالمىغان شائىر ئەمەلىيەتتە بىر شوئارۋازدۇر. ئۇنىڭ ئازابى ساختىدۇر.

خاتىمە: دالدا دام كەيندىكى، سۈكۈتى زىيادە شائىرلارغا

شېئىر قالتىس نەرسە، ئەمما ھەممە نەرسە ئەمەس. ئۇ گادايلاشقان مەنىۋىيەتنى چىرىشتىن ساقلايدۇ، ئەمما بىزنى قۇتقۇزالمايدۇ. سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت دەپلا ياشاش بىر خىل ئستېتىكىلىق ياتلىشىش بولۇپ، بىزنى رېئاللىقتىن يىراقلاشتۇرىدۇ.  ئىجتىمائىي بۇرچ ۋە ئىجتىمائىي ئىنكاس قايتۇرۇش شېئىر يېزىشتەكلا مۇھىم.

ئاخىرقى ھېكمەت: شائىر ئادىل تۇنىيازغا ئەگەشكۈچىلەرنىڭ روھىي دۇنياسى  بولسا بىزگە شېئىرنىڭ  ۋە چىن شائىرنىڭ قۇدرىتىنى ھېس قىلدۇرۇپلا قالماي، چەكلىملىكىنمۇ ھېس قىلدۇرىدۇ:  شېئىر قالتىس نەرسە، مەنىۋىيىتىمىزنى گادايلىشىشتىن ساقلايدۇ؛ ئەمما بىزنى قاباھەتتىن قۇتقۇزالمايدۇ.  سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت دەپ ،  شېئىر ئۈچۈن شېئىر دەپلا ياشاش بىزنى ئىستېتېكىلىق ياتلىشىش قوينىغا غەرق قىلىدۇ ۋە رېئاللىقتىن يىراقلاشتۇرىدۇ.

ئەللامە ئابدۇقادىر جالالىدىن «ئانا يۇرت» رومانىغا ئاتاپ يېزىلغان «تارىختىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن» ناملىق ماقالىسىدە دوستويېۋىسكى بىلەن سولژېنتىسىننىڭ گۈزەللىك ھەققىدە بىر- بىرىگە قارشى قويۇلغان مۇنۇ نۇقتىنەزەرلىرىنى نەقىل ئالىدۇ: «دۇنيانى گۈزەللىك قۇتقۇزىدۇ.»(دوستويېۋسكىي). 1973- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى، روسلارنىڭ ۋىجدانى دەپ نام ئالغان سولژېنتىسىن بۇ قاراشقا مۇنداق رەددىيە بېرىدۇ: «قاباھەت ۋە مۇدھىش قاپلىغان بىر دۇنيادا گۈزەللىك كىملەرنى قۇتقۇزالاپتۇ؟» بۇ ناھايىتى جايىنى تاپقان سىتاتا. يەنە فرانسىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان لىۋانلىق مەشھۇر شائىر ئەدۇنىس «دۇنيانى شېئىر قۇتقۇزىدۇ» دەپ خىتاب قىلىدۇ(ئىدرىس نۇرۇللار تەرجىمە قىلىپ چوغلان مۇنبىرىدە ئېلان قىلغان سۆھبەت خاتىرىسىگە قاراڭ).

راست  شۇنداقمۇ؟ شېئىر دۇنيانى قۇتقۇزالامدۇ؟ بىز ئىسپات ئۈچۈن قاراپ باقايلى! 1958- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى پاستېرناك رۇسىيەگە شۇنداق چوڭ  تەسىر كۆرسەتكەن بۈيۈك شائىر  بولۇشىغا قارىماي، قاباھەت ئالدىدا ئۆزىنىڭ شان- شۆھرىتىنىڭ پايخان قىلىنىشىغا قاراپ تۇرماقتىن باشقا ئامال قىلالمىدى. يەنى «  ؟؟؟؟     »دېگەن رومانى ئۈچۈن نوبېل ئەدبىيات مۇكاپاتىنى  رەت قىلىش، بولمىسا  رۇسىيە چېگرىسىدىن قوغلاپ چىقىرىلىش تەھدىتىگە دۇچ كەلدى. ئاخىر شائىر رۇسىيەنىڭ مېھرىگە قىيالماي، بۇ مۇكاپاتنى رەت قىلىشقا مەجبۇر بولدى.  سۈرگۈنگە مەجبۇر بولغان يەنە بىر رۇس شائىرى برۇدىسكى 1991- يىللىق نوبېل ئەدەبياتى مۇكاپاتىنى رۇسىيەلىك سۈپىتىدە ئەمەس، ئامېرىكا گراژدانى سۈپىتىدە ئالدى. 1980- يىلى نوبېل ئەدەبياتى مۇكاپاتى ئالغان مىۋوشمۇ پولشادا جېىنىنى قوغدىيالماي ئامېرىكىغا قاچتى. دېمەك، گۈزەللىك ئاجىز كەلدى. شېئىر دۇنيانى ئەمەس، ئۇنى ئختىرا قىلىۋاتقان شائىرنىمۇ ئۆز ۋەتىنىدە ئېلىپ قالالمىدى. شائىر  رېئاللىقنىڭ تېپىشماقلىرى ئارىسىدا ئەنە شۇنداق ئاجىز كېلىدۇ.

بىز ئەمدى  ئەدۇنىسنىڭ يۇقىرىقى قارىشىغا ئاھ- ۋاھ دەپ بولالماي قېلىۋاتقان بىر قانچە شېئىرىيەت ھەۋەسكارىغا سوئال قويايلى: قاباھەت بىلەن تولغان بىر دۇنيادا شېئىر كىملەرنى قۇتقۇزۇپ بېقىپتۇ؟  مەيدانىمز شۇكى، «دۇنيانى شېئىر قۇتقۇزىدۇ» دېگەن گەپتە ئېغىر بىر مەنتىقىلىق خاتالىق بار.  ئەسلى گەپ مۇنداق بولۇشى كېرەك. شېئىر دۇنيانى قۇتقۇزۇشتا لازىم بولىدىغان مەنىۋىيەتنى  بىزگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ. ئەمما مەنىۋى دۇنيانىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ماددىي دۇنيانىڭ قۇتۇلدۇرۇلۇشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

بۇ خىل قاراشنىڭ تەسىرىگە قارىغۇلارچە ئۇچرىغان، سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت دەپ ياشايدىغان، شېئىر ھەممە نەرسە دەپ ياشايدىغان بىر قىسىم  ئۇيغۇر شائىرلارنىڭ ئىچىدە ياخشى ئادەملەر بارلىقىنى بىز ئىنكار قىلمايمىز. ئەمما، كىملىكى ۋە ئىجتمائىي ئورنى ئەدۇنىسنڭكىگە پەقەت  ئوخشماي تۇرۇپ، بىقۇۋۇللۇقتا ئۆزىنى  ئاسارەتتىن قۇتقۇزالماي تۇرۇپ دۇنيانى، ئىجتىمائىي بۇرچىنى ئۇنتۇپ كەتكەن، شېئىر ئۈچۈن شېئىر دەپ ياشاۋاتقان شائىرلارنى بىز تەنقىدلىمەي تۇرالمايمىز. سەۋەب، سىز دۇنيا ئۇنتۇپ كەتكەن بىر قەۋمنىڭ شائىرى. شۇڭا شېئرغا بولغان مۇھەببىتىڭىز ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتتىن قېچىشنىڭ ۋاستىسى بولۇپ قالسا بولمايدۇ.

شېئىر ئۈچۈن شېئىر دەپ ياشاش ئادەمنى ئېستىېتىكىلىق ياتلىشىش قوينىغا غەرق قىلىدۇ. بۇ نېمە دېگەن گەپ؟

بۇ مۇنداق گەپ: پۇلغا دۈم چۈشكەن كىشىلەر  ماددىي ياتلىشىش(پۇلدىن باشقىسى بىكار)نىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ، رېئاللىقتىكى مەسىلىلەرنى ئۇنتۇپ كەتكەندەك، سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت دەپ ياشاۋاتقان كىشىلەرمۇ ئۆزىگە يارىغان بىرەر شېئىر، بىرەر مىسرا، بىرەر شائىرغا مەست بولۇپ كېتىپ رېئاللىقتىن ئايرىلىپ قالىدۇ- دە، ۋاقتىنىڭ ئۆتۈشى بىلەن جاھاننىڭ رەپتارىغا كىرىۋېلىپ بىر قورقۇنچاققا، بىر بانانسىمان ئادەمگە ئايلىنىدۇ. ئۇ ئستېتىكىلىق ياتلىشىش قوينىغا غەرق بولغان ئاشۇ دەقىقىدە بىر نارەسىدە سىڭلىسى شاخلاپ بېقىشنىڭ چۈشىنى كۆرۈۋاتقان بولۇشى، نېسىۋىسى، ئىززىتى كۆز ئالدىدا پايخان بولۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

بىز ئازات سۇلتاننىڭ نەچچە توملۇق ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىغا قارايدىغان بولساق، ناۋايىدىن بۇيان ئۇنداق دىۋان، بۇنداق دىۋان شەكلىدە ئەسەر قالدۇرغان نۇرغۇن شائىرنىڭ ئاھ- ۋاھ دەپ مىسرا تىزىپ، ئۆز كۆڭلىنى خۇش ئېتىپ ئۆتكەن، رېئاللىقتىن ئايرىلغان ئادەملەر ئىكەنلىكىنى تونۇپ، تاكى يېقىنقى مەزگىلگىچە شائىرلارنىڭ ئىچ پۇشۇقى ئەدەبىياتى بىلەن مەشغۇل بولۇپ كەلگەنلىكىنى تونۇپ يېتىمىز.  ئەمدى قارىساق، ئەتراپىمىزدا شېئىرىي دىتى ئۈستۈن، ئەمما ئىىجتىمائىي ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارى ئۆلگەن بىر قىسىم شائىرلىرىمىز  بەخۇدۈك ياشاشنىڭ، جاھانسازلىقنىڭ كويىغا چۈشتى. بۇ  بىر خەتەرلىك سىگنال ئىدى. چەكلىك مۇھىتتا بىز بۇنداق شائىرنى جەڭگاھقا چىقمۇ دېمەيتتۇق. پەقەت شۇ يوللۇق ئىنكاس قايتۇرۇسقا تېگىشلىك يەردە قايتۇر، دەپ ئاددىي سوئال قوياتتۇق.

جاھاننىڭ رەپتارىغا كىرىۋېلىپ، شېئىر ئۈچۈن شېئىر، سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت دەپ ياشاۋاتقان بۇنداق يازارلار ئەتراپىمىزدىلا، مۇنبەرلەردىلا تېپىلىدۇ. ئۇلار ھەتتا شېئىرنى خاتا چۈشىنىۋېلىپ، كالامپاي، غىدىقى كەلگۈدەك  مىسرالارنى تۈزۈش  ئۈچۈن ياشلىق پەسلىنىڭ ئالتۇن چاغلىرىنى ئىسراپ قىلىۋاتقان ياشلىرىمىزنى تۇيۇق يولدىن ياندۇرۇشتا، پۈچەكلىك بىلەن كۈرەش قىلىىشتا، ھەقىقەت يولىدىكى ئىككى ئېغىز راست گەپ قىلىش مەجبۇرىيىتىنىمۇ ئۇنتۇيدۇ، يامان ئاتاققا قېلىشتىن قورقىدۇ. «شائىرنىڭ مەقسىتى يېنىش ۋە كۆيۈش» دەپ جارقىراۋاتقان ئەي شائىرلار، ئەمدى بۇ قانداق مەنتىقە بولۇپ كەتتى؟

شېئىر قالتىس نەرسە، مەنىۋىيىتىمىزنى گادايلىشىشتىن ساقلايدۇ؛ ئەمما بىزنى قاباھەتتىن قۇتقۇزالمايدۇ.  سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت دەپ،  شېئىر ئۈچۈن شېئىر دەپلا ياشاش بىزنى ئىستېتىكىلىق ياتلىشىش قوينىغا غەرق قىلىدۇ ۋە رېئاللىقتىن يىراقلاشتۇرىدۇ. ئىجتىمائىي ئىنكاس قايتۇرۇش شېئىر يېزىشتىنمۇ مۇھىم.بىز بۇ  سىگنالنى بېرىپ بولۇپ،  ئۇيغۇر رېئاللىقىمىزغا شۇنداق ئۈمىد بىلەن قارىغىنىمىزدا، مۇنداق خۇشاللىنارلىق بىر مەنزىرىنى- ئادىل تۇنىياز بىلەن ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ بىر- بىرىنى تولۇقلاش ئۈچۈن، بىر- بىرىدىن ئۆگىنىش ئۈچۈن،  قۇچىقىنى يېيىپ باھاردەك كېلۋاتقىنىنى كۆرۈپ خۇشال بولماي تۇرالمىدۇق، ھاردۇقىمىزمۇ چىقتى. 10 كۈنلۈك مۇنبەر ھاياتىدا كۈرەش قىلىپ تارتىۋالغان ئۇۋالچىلىقلىرىمىزمۇ چىققاندەك بولدى.

خاتىمە

بىزدە  يۇقىرىقىدەك  روھقا ئىگە ئادەملەر كۆپ بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما، ناھايىتى ئاز بولۇپ قالدى . نېمە ئۈچۈن ئابدۇقادىر جالالىدىندەك، ئادىل تۇنىيازدەك ئادەملەر نوپۇسى خېلى بار ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە شۇنچە ئاز بولۇپ قالىدۇ؟ شېئىرنىڭ چەكلىمىلىكىنى ھېس قىلدۇرالايدىغان مۇتەپەككۇرلار ۋە تەنقىدچىلەر نېمىشقا  شۇنچە ئاز بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن قىلىدىغان ئىش شۇنچە جىق تۇرۇپ، بۇ كوچىغا سىغدىلىپ كىرىۋالغان شائىرلار شۇ بىر يولدىن باشقا يوللارغىمۇ نەزەر سالمايدۇ؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى شائىرلار مۇھاكىمدە (شېئىردا ئەمەس) مەنتىقىلىق، رەتلىك پىكىر قىلىشنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان چاغدىلا ھېس قىلالايتتى. ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ ئۇلۇغ قۇرۇق گەپ دەۋرىدىن مەنتىقىلىق پىكىر دەۋرىگە كىرىشى زۆرۈر بولۇپ قالدى.

مەنبە : شىنجاڭ مەدەنىيتى 2011-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى .

0دانە ئىنكاس

ئىنكاس يوق

ئىنكاس يوللاش

*

*

6 + 8 = ?

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif