تىنچ ئوكيان تورى-تېلغۇنغا پۇل تاپشۇرۇش ئۇسۇلى (سىز پۇل تېجىيەلەيسىز)

يوللانغان ۋاقتى :2011.05.25ئاپتور :ئىزتىلكۆرۈلۈشى:19 viewsئىنكاس سانى :4

تىنچ ئوكيان تورى-تېلغۇنغا پۇل تاپشۇرۇش ئۇسۇلى (سىز پۇل تېجىيەلەيسىز)

ئالدىنقى يازمىمىزدا بىز تىنچ ئوكيان تورىنى دوستلارغا قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىدۇق ، بۇ قېتىم كۆپلىگەن دوستلارنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن بىز تىنچ ئوكيان تورىدا تېلفۇنغا پۇل تاپشۇرۇش ئۇسۇلىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز ، ئېسىڭىزدە بولسۇن سىز پۇل تاپشۇرۇشتىن ئاۋال بۇ تورغا تىزىملاتقان بولسىڭىز سىز پايدىغا ئېرىشىسىز ، سىز ئېرىشىدىغان پايدىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇراي ، مەسلەن سىز تېلفۇنىڭىزغا 50 يۇەن خەلىق پۇلى تاپشۇرماقچى بولسىڭىز بانكا كارتىڭىزدىن چىقىم بولىدىغىنى 49.25 يۈەن ، تېلفۇنىڭىزغا ئەمىلىي قاچىلىندىغىنى 50 يۈەن ، دېمەك سىز 0.75 يۈەننى تېجەپ قالدىڭىز دېگەن گەپ ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە سىزنىڭ ئەزالىق نۇمۇرىڭىزغا 0.08 PV قېتىلىدۇ ، بۇPV ڭىز 1000غا يەتكەندە 200 ئامىرىكا دوللىرى يەنى 1400 يۈەن ئەتراپىدا خەلىق پۇلىغا ئېرىشىسىز ، سىز بۇ پۇلنى بانكا ھېساباتىڭىزغا ئاغدۇرۋالسىڭىزمۇ بۇلىدۇ . بۇ ھەقتە ئالدىنقى يازمىمىزدا تەپسىلى سۆزلەپ ئۆتكەن . قېنى ئەمسە تېلفۇنغا پۇل قاچىلاش ئۇسۇلى بىلەن تەپسىلىي تۇنۇشۇپ ئۆتەيلى؛

تېلغۇنغا پۇل تاپشۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئەزلار مەركىزىگە تېزىملىتپ كىرىسز.باش بەت ئوڭ تەرەپ ئۈستى «تىزىملىتش(登陆) »نى بېسپ ئەزالار تىزىملىتىش رايۇنىغا كىرىسز.ھەم ئۆزىڭىزنىڭ ئەزالىق نامى ۋە مەخپى نۇمۇرىنى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا كىرگۈزۇپ «تىزىملىتش (登陆)» كۇنۇپكىسنى باسىسىز.

 

تىزىملىتپ كىرگەندىن كېين ئەزالار مەركىزى باش بېتى ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى «بىر بېكەتلىك مۇلازىمەت(一站式服务)» نى چىكىپ تىنچ ئوكيان بېۋاستە سېتىۋېلىش تورى مەخسۇس ئاچقان ھەرخىل مۇلازىمەت ھەقلىرىنى تاپشۇرۇش بېتىگە كىرىسىز.

  

ھەق تاپشۇرۇش رايۇنىغا كىركەندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئۈستۈنكى قۇردىكى سىز ھەق تاپشۇرماقىچى بولغان مۇلازىمەتنى تاللايسز.(مىسال ئۈچۈن كۆچمە خەۋەرلىششكە ھەق تاپشۇرۇش جەريانى تۇنۇشتۇرلىدۇ.)

كۆچمە خەۋەرلىشىش تېلغۇنىغا ھەق تاپشۇرۇش تۈرى تاللانغاندىن كېيىن ئاستى تەرەپكە ھەق تاپشۇرماقچى بولغان تېلغۇن نۇمۇرى كىرگۈزىسىز.  

تېلغۇن نۇمۇرى ۋە ھەق تاپشۇرۇش سوممىسىنى بىكىتپ بولغاندىن كېيىن ئەگەر خاتالىق بولسا «قايتىدىن بېكىتش(重置)»  كۈنۇپكسىنى بېسپ قايتىدىن كىرگۈزسىڭىز بۇلىدۇ، ئەگەر خاتالىق بولمىسا « تاپشۇرۇش(提交) » كۇنۇپكىسىنى باسىسز.

 

 

«تاپشۇرۇش(提交) » كۇنۇپكىسنى باسقاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك بەت يۈزى كۆرىنىدۇ.

 

تېلغۇن نۇمۇرى ۋە پۇل تاپشۇرۇش سوممىسنى مۇقۇملاشتۇرغاندىن كېيىن «دەرھال ھەق تاپشۇرۇش(立即支付)» كۇنۇپكىسىنى باسىسز.

«دەرھال ھەق تاپشۇرۇش (立即支付)» نى باسقاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدە ئىككى خىل بەت يۈزى كۆرۈنۈشى مۇمكىن.

1)     ئېلىكتۇرۇنلۇق پۇل قاپچۇقتكى پۇل ھەق تۆلەشكە يەتمىگەن ئەھۋالدا:

بۇ ۋاقىتتا سىز ئاستىدا كۆرسىتىلگەن بانكىلارنى تاللاپ تور بانكىسى ئارقلىق ئېلكتۇرۇنلۇق پۇل قاپچۇققا پۇل قاچىلاپ قايتىدىن ھەق تاپشۇرسىڭىز بۇلىدۇ.

ئېلكتۇرۇنلۇق پۇل قاپچۇققا پۇل قاچىلاش ئۇسۇلى

ئالدى بىلەن ئەزالار مەركىزىگە تىزىملىتىپ كىرىسز.ئاندىن ئەزالار مەركىزى سول تەرەپ تىك قۇردىكى «شەخسى ئۇچۇر(个人信息)» تىزىملىكى ئاستىدىكى «مېنىڭ ئېلكتۇرۇنلۇق پۇل قاپچۇقۇم (我的电子钱包) »  غا كىرىسىز.

«مېنىڭ ئېلكتۇرۇنلۇق پۇل قاپچۇقۇم (我的电子钱包)» باسسڭىز توربەت سىزنىڭ توردىكى ئېلكتۇرۇنلۇق پۇل قاپچۇق رايۇنىڭىزغا ئۇلاپ بېرىدۇ. بۇيەردىن سىز مەن قىممەت تولۇقلايمەن (我要充值) دېگەننى بېسش ئارقىلق قىممەت تولۇقلاش رايۇنىغا كىرىسىز.

 

قىممەت تولۇقلاش رايۇنىغا كىگەندىن كېيىن«تولۇقلاش سوممىسى (充值金额)» نىڭ ئۇدۇلىدىكى بوشلۇققا تۇلۇقلىماقچى بولغان قىممەت سوممىسىنى كىرگۈزۈپ «تاپشۇرش (提交)» نى باسىسز.

تاپشۇرۇش(提交) نى باسقاندىن كېيىن بانكا تاللاپ تور بانكىسى ئارقىلىق ئېلكتۇرۇنلۇق پۇل قاپچۇققا پۇل تولۇقلاش بېتى ئېچىلىدۇ.               

(مىسال ئۈچۈن يېزا ئىگىلىك بانكىسىدىن ئېلكتۇرۇنلۇق پۇل قاپچۇقىغا پۇل يۆتكەش تۇنۇشتۇرلىدۇ.)

دىققەت : تور بانكىسى ئىشلەتكەندە چۇقۇم ياندا ئېلىپ يۇرىدىغان يۈدۇن بۇلۇشى شەرىت.

يېزا ئېگىلىك بانكسنى تاللىغاندىن كېيىن تور بەت يېزا ئىگىلىك بانكىسنىڭ سىزنىڭ ئېلكتۇرۇنلۇق پۇل قاپچۇقىڭىزغا پۇل تاپشۇرۇش بېتىگە يۆتكىلىدۇ. سىز ئېلكتۇرۇنلۇق پۇل قاپچۇقىڭىزغا پۇل يۆتكەش سوممىسىنى مۇقۇملاشتۇرۇپ «ئابۇنىت كېنىشكىسى ئارقىلق ھەق تاپشۇرۇش(证书客户支付)» نى تاللىغاندىن  كېىيىن « ھەق تاپشۇرۇشنى مۇقۇملاشتۇرۇش(确定付款)» كۇنۇپكىسىنى باسىسىز.ئەگەر ھەق تاپشۇرمىسىڭىز ۋاز كەچسڭىزمۇ بۇلىدۇ.

«ھەق تاپشۇرۇشنى مۇقۇملاشتۇرش(确定付款)» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز جۇڭگۇ يېزا ئىگىلىك بانكىسى سىزدىن ياندا ئېلىپ يۇرىغان يۇدۇن ھەم مەخپى نۇمۇرنى سورايدۇ.

مەخپى نۇمۇرنى كىرگۈزگەندىن كېيىن يېزا ئىگىلىك بانكىسى پۇل تاپشۇرۇش بېتى ئېچىلىدۇ.

سىز كارتا نۇمۇرنى تاللاش تىزىملىكىدىن ئۈزىڭىزنىڭ مۇدەن كارتا نۇمۇرنى تاللىغاندىن كېيىن ئاستىغا مائۇسى بىلەن سانلارنى چىكىش ئارقىلق مەخپى نۇمۇرنى كىرگۈزىسىز ھەم « پۇل تاپشۇرۇشنى مۇقۇملاشتۇرۇش(确定付款)» كۇنۇپكىسىنى باسىسز .

« پۇل تاپشۇرۇشنى مۇقۇملاشتۇرۇش(确定付款)» نى باسقاندىن كېيىن سىستىما سىزگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى چىقىرىپ بېرىدۇ، ئۇچۇرلانى مۇقۇملاشتۇرغاندىن كېيىن «جەزىملەشتۈرۈش(确定)» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ داۋاملاشتۇرسىزلا سىزنىڭ ئېلىكتۇرۇنلۇق پۇل قاپچۇقىڭىزغا تور بانكىسدىن قىممەت تولۇقلاش مۇۋاپىقيەتلىك بۇلىدۇ.

 

تۇلۇقلانغان قىممەتنى تىنچ ئوكيان ئازالار مەركىزىگە كىرىش ئارقلىق كۆرەلەيسىز.

 

2)     پۇل قاپچۇقتىكى پۇل ھەق تۆلەشكە يەتكەن ئەھۋالدا:

پۇل قاپچۇقتىكى پۇل ھەق تۆلەشكە يەتكەن ئەھۋالدا بىۋاستە «ھېسابات نۇمۇرى ئارقلىق پۇل تۆلەش (账户支付)»  كۇنۇپكىسىنى باسىسز.

«ھېسابات نۇمۇرى ئارقلىق پۇل تۆلەش (账户支付)» نى بېسپ داۋاملاشتۇرسىڭىز تۆۋەندىكىدەك بەت يۈزى ئېچىلىپ سىزدىن ئېلكتۇرۇنلۇق پۇل قاپچۇقنىڭ پۇل تۆلەش مەخپى نۇمۇرنى سورايدۇ. سىز مەخپى نۇمۇرنى كىرگۈزۈپ «تاپشۇرۇش(提交)» كۇنۇپكىسنى باسسىڭىزلا تېلغۇنغا ھەق تاپشۇرۇش مۇۋاپىقيەتلىك بۇلىدۇ.

سىز مەخپى نۇمۇرنى كىرگۈزۈپ «تاپشۇرۇش(提交)» كۇنۇپكىسنى باسسىڭىزلا تېلغۇنغا ھەق تاپشۇرۇش مۇۋاپىقيەتلىك بۇلىدۇ.

4دانە ئىنكاس
  1. روياپچىسۆز قالدۇرغۇچى :2011-07-0411:57 قايتۇرۇش

    مەن ئاخىرى تور بانكا ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆزۈم ۋە ئايالىمنىڭ تېلىغۇنىغا ئايرىم ئايرىم ھالدا 50يۈەن ۋە 30يۈەن قاچلىدىم. 50يۈەن قاچىلىغاندا راستىلا 49.45يۈەن تۆلەپتىمەن.تېلىغۇنۇمغا 50يۈەن قاچىلىنىپتۇ. راستىنلا بولىدىكەن. ئەمما باشقىلارنىڭ ئېيتىشىچە ،تاۋباۋدا ئۇنڭدىنىمۇ ئەرزان ئىكەنغۇ؟

  2. ئىزتىلسۆز قالدۇرغۇچى :2011-07-0415:33 قايتۇرۇش

    لېكىن مەن تاۋباۋنى ئىشلىتىپ باقمىدىم ، ئەمما تىنچ ئوكيان تورىدا پۇل تۆلىسىڭىز ( ئەزا بولغان بولسىڭىز ) سىزنىڭ ئەزالىق ھېساباتىڭىزغا مەلۇم مىقتاردا PVقېتىلىپ مېڭىلىدۇ دېگەن گەپ . بۇ PV قىممىتىنىڭ نېمىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىز ئالدىنقى مۇناسىۋەتلىك يازمىمىزدا ئېنىق چۈشەندۈرگەن . تاۋباۋدا بۇخىل ئارتۇقچىلىق بارمۇ – يوق مەن بۇنى تازا ئېنىق بىلمەيدىكەنمەن .

  3. روياپچىسۆز قالدۇرغۇچى :2011-07-0515:32 قايتۇرۇش

    بۇ توردىن مال سېتىۋالغاندا ئادەتتە ئەڭ تېز بولغاندا قانچە كۈندە كېلدۇ. ماللىرى مۇتلەق ئىشەنچلىكمۇ؟باشقىلارغا تەۋسىيە قىلماقچى بولساق،ئەڭ ھالقىلق قايسى مەسىلىنى چۈشەندۇرۈش كېرەك؟

  4. ئىزتىلسۆز قالدۇرغۇچى :2011-07-0520:01 قايتۇرۇش

    بۇ تور تامامەن ئىشەنچىلىك ، سىز مال سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن چۇقۇم ئەزا بۇلۇپ كىرىشىڭىز كېرەك ، شۇنداق بولغاندا ئۆزىڭىزگىمۇ بەلگىلىك نىسپەتتە پايدا نىسپىتى قۇشۇلىدۇ ، بۇھەقتە بلوگىمىزدا يازما بار ، ئەگەر تىزىملىتىشتا قىينالسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشڭ . باشقىلارغا تەۋىسيە قىلىشتا مەن يېقىندا بىر يازما ئېلان قىلماقچى ، شۇ چاغدا تەپسىلى توختىلىمىز .

ئىنكاس يوللاش

*

*

5 + 8 = ?

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif