سىزمۇ (wordpress) بلوگىڭىزغا مۇزىكا قويغۇچ ئورنىتىۋېلىڭ!
يوللانغان ۋاقتى :2011.05.26ئاپتور :ئىزتىلكۆرۈلۈشى:19 viewsئىنكاس سانى :2
نۇرغۇنلىغان دوستلار مۇزىكا ئاڭلاشنى ياقتۇرسا كېرەك ، شۇنداقلا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بلوگلىرىغىمۇ مۇزىكا قويغۇچ ئورنىتىپ ، ئۆزى ياقتۇردىغان مۇزىكا ياكى ناخشىلارنى قاچىلاپ بىر تەەپتىن مۇزىكا ئاڭلىغاچ يەنە بىر تەرەپتىن بلوگ يېزىش ، بلوگلاردىكى نادىر يازمىلاردىن ھۇزۇرلىنىشنى ئويلاۋاتقان بۇلىشى مۇمكىن ، بلوگلارغا مۇزىكا قويغۇچ ئورنىتش بىر تەەپتىن سىزگە ناخشا – مۇزىكىلارنىڭ ئىستىتىك زوقىنى بەرسە يەنە بىر تەرەپتىن بىلوگىڭىزنىڭ ئوقۇرمەنلىرىگە ھۇزۇر بېغىشلاپ ، بلوگىڭىزنىڭ زىيارەت سانىنى ئاشۇرۇشى مۇمكىن . ئۇنداق بولسا قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ ئەمەلىي گەپكە كېلەيلى : سەۋىيەمنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلىدىن بىر قىسىم سەۋەنلىكلەرنى ئۆتكۈزۈپ قويغان بۇلىشم مۇمكىن ئەپۇ قىلىشىڭىلارنى سورايمەن .
بلوگىمىزغا مۇزىكا قويغۇچ ئورنىتىشنىڭ مۇنداق بىر نەچچە تۈرلۈك ئۇسۇلىنى ۋە بىر نەچچە قويغۇچ كودلىرىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي:
1. بىلوگىمىزغا ئاددىغىنە بىر مۇزىكا قويغۇچ ئورنىتىۋالايلى . بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى كودلارنى ئىشلىتىمىز . يەنى
بۇ كودىنى سىز تېكىت ئىچىگە قويسىڭىزمۇ ( html) ياكى بلوگىڭىزدىكى sidebar.php نىڭ مۇۋاپىق ئورنىغا قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ .
قويغۇچ كۆرۈنىشى تۆۋەندىكىدەك :
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئۇرۇن :mp3 كەينىدىكىسى مۇزىكىنىڭ ئادىرسى . ئەگەر سىز كۆپلىگەن ناخشىلارنى ئورناتماقچى بولسىڭىز ناخشىلارنى ئۆز ئار “|” بەلگىسى بىلەن ئايرىڭ . ئەڭ ئاخىردىكى autoplay=0 بولسا ئاپتوماتىك ۋە قولدا تاللاپ قۇيۇشنى تاللاش ئورنى .0 بولسا قولدا تاللاپ قويىمىز ، 1 بولسا مۇزىكا ئۆزى ئاپتۇماتىك قۇيۇلىدۇ ، سىز بۇلارنى ئۆز ئېھتىياجىڭىز بويىچە تاللىۋالسىڭىز بۇلىدۇ.
2. بۇ خىلدىكى قويغۇچ بولسا كۆرۈنمە يۈزى خېلى كۆركەم بۇلۇپ ئادەمگە گۈزەل تۇيغۇ بېرىدۇ ، بۇنىڭدا ئالدى بىلەن سىز بىر فىلەش قويغۇچ چۈشۈرۋېلىشىڭىز كېرەك [بۇيەرنى چېكىپ چۈشۈرۈڭ] ئاندىن سىز بۇ قويغۇچ كودىنى ئۇسلۇبىڭىزنىڭ مۇندەرجىسى ئىچىگە قۇيۇڭ ، ئۇۇنىڭدىن كېيىن سىز بۇ مۇندەرىجىنى functions.php ئىچىدىن تاپالايسىز ، ئىچىدە چۇقۇم function ئۇسۇلى بار . قاچىلاپ قويسىڭىزلا بۇلىدۇ ،
تۆۋەندىكىسى دەل function ئۇسۇلى شۇ :
function mp3player($atts, $content=null){
extract(shortcode_atts(array(”auto“=>’0′),$atts));
return ‘
}
add_shortcode(‘mp3′,’mp3player’);
ھەر قېتىم تەھرىرلەپ مۇزىكا قوشىدىغان چاغدا ئىشلىتىدىغان كود بولسا :
[m p3]http://muzika.muzika.cn/Aza/Nahxa/2008/12/24/Retim-Cn_13804.mp3[/m p3]
ئارلىقتىكىسى مۇزىكا ئادىرسى . بوشلۇق كۇنۇپكىسىنى ئېلىۋىتىڭ.
ئاخىردىكى ئۇسۇل بولسا تۆۋەندىكىچە:
بۇنىڭمۇ كۆرۈنشى چىرايلىق ، بىراق ئازراق CSS ئۆزگەرتىش تەلەپ قىلىدۇ . مەن بۇنىڭ ئۆزگەرتىپ قويدۇم ، ئەمدىكىسى سىز بۇ كودنى ئۇسلۇپ ھۆججەتلىرىڭىزنىڭ ئارىسىدىكى functions.php نىڭ مۇۋاپىق ئورنىغا قويسىڭىز بۇلىدۇ.
function music1player($atts, $content=null){
extract(shortcode_atts(array(”auto“=>’0′),$atts));
return <<
HTML;
}
add_shortcode(‘music’,'music1player’);
ھەر قېتىم مۇزىكا ئورناتقاندا ئىشلىتىدىغان كود بولسا تۆۋەندىكىدەك :
[mu sic]http://muzika.muzika.cn/Aza/Nahxa/2008/12/24/Retim-Cn_13804.mp3[/mu sic]
ئارلىقتىكىسى مۇزىكا ئادىرسى . بوشلۇق كۇنۇپكىسىنى ئېلىۋىتىڭ.
ئەمدى سىزمۇ بلوگىڭىزغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مۇزىكا قويغۇچ ئورنىتىۋالدىڭىز ، مۇڭلۇق ھەم ئۆزىڭىز ياقتۇردىغان ناخشا مۇزىكىلىرىڭىزنى قاچىلاپ ئوقۇرمەنلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلىشىڭ.
ئەڭ ئۈستىدىكى مۇزىكا قويغۇچنى مەن بۇرۇن بايلىق بلوگىمدا ئىشلەتگەن ئىدىم ھى ھى
مەن ھازىر ئىشلىتىۋاتىمەن . بولىدىكەن .