مەن بىر ئۇسلۇب تارقىتىپ باقاي
يوللانغان ۋاقتى :2011.07.07ئاپتور :ئىزتىلكۆرۈلۈشى:24 viewsئىنكاس سانى :8
بۈگۈن نۆۋەتچى ئىدىم ، ئۇزۇن كېچنى تاڭغا ئۇلاپ بۇلالمىدىم ، يەنە كېلىپ ئۇيقۇممۇ كەلمىدى ، ئاخىرى توردىن بىر ئۇسلۇبنى چۈشۈردۈم- دە تەرجىمە قىلىش ئويىغا كېلىپ قالدىم ، ئۇسلۇپ ھۆججەتلىرىنى پىرىستىن يېشىپ تەرجىمە قىلىشقا كېرىشتىم . تۇيۇقسىز بىردەمدىلار تاڭ ئېتىپ كەتتى . ئاخىرى بىر كېچە قىلغان ئەمگىكىمنى بىكار تاشلىۋەتكۈم كەلمەي تەرجىمە قىلغان ئۇسلۇبنى تارقىتىش قارارىغا كەلدىم . قېنى دوستلار پىكىر-تەلەپ- ئىنكاسلىرىڭىلارنى قالدۇرغايسىلەر ! ئەمسە ئۇسلۇب كەتتى ھە !
ئۇسلۇبنىڭ كۆرۈنمە يۈز رەسىملىرىدىن ئارىيە :
ئۇسلۇب ھەقسىز تارقىتىلىدى ، نەشىر ھوقوقىمىزغا دىققەت قىلغان ئاساستا ئۆزگەرتىپ ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ . چۈشۈرۈش ئادىرسى :
ئۇسلۇب رەسىمىنى چوڭايتىپ كۆرگىلى بولمايدىكەنھە. قارىسام رەسىمنى پۈتۈن بەت قىلىپ تارتماي 3 پارچىگە بۆلۈپ تارقىتىپسىز دە، ئوت تۈلكىنىڭ پۈتۈن بەتنى رەسىمگە تارتىپ بىرىدىغان ئىقتىدارى بار بولسا شۇ ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ بەتنى پۈتۈن تارتىپ چوڭايتىپ كۆرۈش قىستۇرمىسىنى قاچىلاپ قويغايسىز! سەمىمى تەكلىپ.
رەسىمنى چوڭايتىدىغان قىستۇرمىنى قاچىلغان ئىدىم بىراق ئۈنىمى بولمىغان ئوخشايدۇ . ئوت تۈلكە بىلەن ئانچە چىقىشىپ كېتەلمەيدىكەنمەن . تەكلىپىڭىزنى قۇبۇل قىلىمەن .
تارقاتقان ئۇسلۇبىڭىزنى مەنمۇ بىر سىناپ باقاي، قارىسام خېلى كۆركەم تورىدۇ. مېنىڭ بلوگىمغىمۇ ماس كېلىپ قالىدىغان ئوخشايدۇ، كۆپ جاپا چېكىپسىز! تەرجىمە ئۇسلۇبىڭىزغا كۆپ رەھمەت!
قېنى سىناپ كۆرۈڭ ، ئەگەر خاتالىق بايقىسىڭىز دەرھال خەۋەر قىلىپ قۇيارسىز ، مېنى قوللاپ بەرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت . يەنە يېڭى – يېڭى ئۇسلۇپلار زاۋۇتقا سېلىندى ، پات يېقىندا نەشىردىن چىقىدۇ .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بۇ ئۇسلۇب خېلى ياخشىدەك قىلىدۇ. مەنمۇ ئۆز ئالدىمغا ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىۋاتقان. قارىسام ۋاقىت قىسلىقى ۋە تېخنىكامنىڭ تولىمۇ ئاجىزلىقى تېخىچە بلوگ قۇرۇش خىيالىمنى كەينىگە سۈرۈپ كېلىۋاتقان. بۇمۇ بولغىنى سىزنىڭ ئەمگەك نەتىجىڭىزدىن ئورتاق بەھىرلىنىدىغان بولۇپتۇق. ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر! (قاچىلاپ سىناپ كۆرەي)
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، مەن بۇ ئۇسلۇبنى بىر كېچە ئولتۇرۇپ ئاران مۇشۇ ھالەتكە ئېلىپ كېلەلىدىم ، تېخىنكا بەكلا كەمچىل بولغاچقا نۇرغۇن جايلىرىدا يىتەرسىزلىكلەر ساقلىنىغلىق ، شۇڭا ئىشلىتىش جەريانىدا بىرەر خاتالىققا يۇلۇقۇپ قالسىڭىز ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز ، مېنى قوللاپ بەرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت ئېيتىمەن شۇنداقلا بلوگ سېپىمىزگە قۇشۇلماقچى بولغانلىقىڭىزنى تەبرىكلەيمىز .
مۇنداقمۇ ھۈنەر بار دەڭ . بۇلىدىكەن چىرايلىق چىقىپتۇ . مەنمۇ باي دادامغا يېڭى بىر ئۇسلوپ ياسىتىۋالسام بۇلامدۇ ؟
بۇنى ھۈنەر دەپ كەتكىلى بولمايدۇ ، مۇنداقچە قىزىقىپ تەرجىمە قىلىپ باقتىم خالاس ، بولسا سىزمۇ راۋرۇس ئۇسلۇپتىن بىرنى تېپىپ ئۆزىڭىزگە خاس ئىشلەتمەمسىز دەيمەن !