ئۆزەم نۇرقۇت تورىنىڭ دائىملىق ئوقۇرمىنى شۇنداقلا نۇرقۇت تورىدىن نۇرغۇن نەپكە ئېرىشكۈچى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن نۇرقۇت تورىنىڭ قۇرىغۇچىسى ، بېكەت باشلىقىنى ئالاھىدە ھۆرمەتتە كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن ، بۈگۈن بلوگ ئارلاۋېتىپ ، خالاستان بلوگىدىن تۇيۇقسىز بۇ تېمىنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم – دە ، بۇ خۇشاللىنارلىق خەۋەردىن بارچە دوستلارنى خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن خالاستان بلوگىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپلار بلوگىمدا ئېلان قىلدىم ، خالاستان بلوگ ئاپتۇرىنىڭ بۇ قىلمىشىمنى ئەپۇ قىلىشىنى سورايمەن . قېنى ئەمسە تورداشلار بىرلىكتە بەھىرلەنسە ھەمدە شۇ بۇرادىرمىز ھەم دوستىمىز FinalDream ئەپەندىنىڭ كېينكى ئىشلىرىغا ئۇتۇقلار تىلىسەك . تۆۋەندىكى خالاستان بلوگىدىن كەلتۈرۈلگەن يازما :
ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق، نۇرقۇت دۇنياسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى (نۇرقۇت دۇنياسى ياش ماتىماتېك FinalDream ۋە يىتۈك پىروگراممېر Uyson تەرىپىدىن قۇرۇلغان) FinalDream ئەپەندىنىڭ نۇرقۇت دۇنياسى ۋە ئۇيغۇر تورچىلىقى ئۈچۈن چىقارغان ھەسسىسىگە گۇمان كەتمەيدۇ!
ئۇيغۇلاردا تور بېكەت قۇرۇپ باققانلا ئادەم نۇرقۇت دۇنياسىنى بىلگەندەك، مۇنبەر قۇرۇپ باققان ھەر بىر ئادەم Discuz نى ھەقسىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تارقىتىپ قىزغىن ئالقىشقا ئىرىشتۈرگەن FinalDream ئەپەندى ۋە ئۈن-تۈنسىز تۆھپە قوشىۋاتقان Uyson ئەپەندىنى بىلىدۇ.
ئەمدى گەپنى يۇقاردا ئېنگىلىزچە ئاتىلىۋاتقان بۇرادىرىمىز FinalDream (ئەبەيدۇللا) ھەققىدە ئاڭلىساق.
بۇ تىرىشچان، ئەقىللىق ساۋاقدىشىم، بىزنىڭ ياخشى ياردەمچى، ئۇستاز سۈپەت بۇرادىرىمىز ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ھىممىتى بىلەن يەنە يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش پۈرسىتىگە ئىرىشپ، ئىتالىيەدىكى نوقتىلىق ئالىي مەكتەپكە كومپيۇتېر كەسپىي بويىچە ماگىستېرلىق ئوقۇشىغا تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن كىردى. بۈگۈنكى كۈندە مانا ئىتالىيە تۇپرىقىدا ھىجرەت تەييارلىقلىرى بىلەن.
قىرىندىشىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ ۋىجدانىي، ئىسلامىي، ئادىمىي بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىدىغانلىقىغا شۇنداقلا كەلگۈسىدە بىز ئۇيغۇرلار پەخىرلەنگۈدەك كومپىيۇتېر خادىمى بولۇپ چىقالايدىغانلىقىغا زور ئىشەنچ باغلاپ ئۇشبۇ تەبرىك يازمىسىنى يېزىۋاتىمەن.
ئاق يول بولسۇن، ساۋاقدىشىم! ھاياتتا ھەممە ئادەم بىزنىڭ قانچىلىك ئۇچالىغانلىىقىمىزغا قارايدىكەن، ھىچكىم قانچىلىك ھارغانلىقىمىزغا قارىمايدىكەن، ھارمىغايسەن! ئامان- ئىسەنلىك، خۇشاللىق، ئۈمۈدلۈك مىنۇتلار بىزگە يار بولسۇن!
ئاخىردا نۇرقۇت ئەھلىگە ۋاكالىتەن بۇرۇنقى نەتىجىلىرىڭگە رەھمەت ئىېيتىمەن، كىيىنكى تۇرمۇشۇڭغا ئاسايىشلىق تىلەيمەن! تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ كۆپ يازما كۆرەلەيسىز.
بارلىق ھوقۇق ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكارلارغامەنسۇپ بېكەت WordPress 3.3ئاساسىدا قۇرۇلغان . تەمىنلىگۈچى: پاك گۇرۇپپىسى
新ICP备11001461号 ئاخپارات تارقىتىش مەركىزى ئىزتىل بلوگى 2011-يىلى 1-ئايدا قۇرۇلغان
مۇنداق ئىشلار بولۇپ كەتتى دەڭ ! ئاللاھ ئوقۇشىنى ئاسان قىلسۇن
نۇرقۇتنىڭ ماڭغان يوللىرىدىن گۈللەر ئۈنگەي، زەپەر قۇچۇپ كەلسىكەن دەيمەن .