ئىزتىل ھەققىدە

ئىزتىل بىلوگى بولسا ئاپتۇر ئىزتىلنىڭ شەخسى قىزىقىشى ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن بۇلۇپ ، بىر نەچچە ئايلىق جاپالىق ئىلگىرلەش ئارقىلىق بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلاندى ، بۇنى ئەزىز ئۇقۇرمەنلەرنىڭ ياردىمىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ، ئىزتىل بىلوگى بولسا قەلبىگە يۈكسەك ئارزۇ- ئارمانلارنى پۈكۈپ ، جەمئىيەتشۇناسلىق،پەلسەپە ، مائارىپ ، پىسخىلوگىيە، ئېنگىلىزتىلى، ئاپتۇرنىڭ شەخسى يازمىلىرى  ۋە ھەرقايسى نۇپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ قارىغان ئوبزۇر ، ئىلمىي ماقالە ، نەسىرى ئەسەرلەر قاتارلىقلارنى تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇش ئارقىلىق ، ئۇيغۇر بىلوگ دۇنياسىدا ئۆزىنىڭ ئىزنالىرىنى قالدۇرۇپ مېڭىشنى مەقسەت قىلغان ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ پىكىر – تەلەپ ، ئىنكاسلىرىنى مەندىن ئايىماسلىقىنى چىن دىلىمدىن ئۈمد قىلىمەن !!!

ئىزتىل

(ئۆزگەرتىلگەن )

ئالىم ، ئەرباپ، مەۋلانە يىگىتلىرى ئىزتىلنىڭ،

ياشار مەردۇ – مەردانە يىگىتلىرى ئىزتىلنىڭ.

ئەل ئىشقىدا پەرۋانە يىگىتلىرى ئىزتىلنىڭ ،

ئەرك يولىدا قۇربانە يىگىتلىرى ئىزتىلنىڭ ،

ۋەتەن ئۈچۈن گۈلخانە يىگىتلىرى ئىزتىلنىڭ.