تالانتىڭىزنى بايقاشتىكى 8 سوراق جۈملە؟
يوللانغان ۋاقتى :2011.09.18ئاپتور :روياپچىكۆرۈلۈشى:31 viewsئىنكاس سانى :4
نۇرغۇن ؛ئادەم ،بولۇپمۇ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ياشلار ئۆزىدىكى مەلۇم ئىقتىدارنى بايقاپ ھازىرقى بازار رىقابىتىدە تېزراق كۆزگە كۆرۈنۈشنى ئۈمىد قىلىدۇچۈنكى ھازىرقى ۋاقىت بىزنى ساقلاپ تۇرۇشقا ئەمەس،بەلكى كەسكىن پۇزۇتسىيە بىلەن قارار چىقىرىپ نۆۋەتتىكى رېئاللىققا يۈزلىنىشنى تەقەززا قىلىدۇ.مەن ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياشلارنىڭ ئۆز ئۆزىنى كۈزىتىپ ئارزۇسىغا تېزراق يېتشىنى كۆزلەپ كىتاب كۆرۈش جەريانىدا يغىپ ساقلاپ قويغان تۆۋەندىكى قىممەتلىك جۈملىنى تورداشلار ھوزۇرىغا سۇنماقچىمەن:
1-سۇئال: مەن قايسى 8خىل ئىشتا ئەڭ چوڭ چىدامچانلىق كۆرسىتەلەيمەن؟
2-سۇئال: مەن قايسى 8 خىل ئىشنى باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ تېز ۋە ياخشى قىلالايمەن؟
3-سۇئال:مەن قايسى 8 خىل ئىشنى ئۇيقۇ ۋە تاماقنى ئۇنتۇغان ھالدا ئۈچ كېچە كۈندۈز ئىشلىسەممۇ يەنىلا جۇشقۇن تۇرالايمەن؟
4-سۇئال: مەن قىلغان قايسى 8 خىل ئىش مېنى دائىم باشقىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر قىلىدۇ؟
5-سۇئال:قايسى 8 خىل ئىش مېنى ئاڭلىغان ھامانلا ھاياجانغا سالىدۇ ياكى قەلبىمىنى لەرزىگە كەلتۈرىدۇ؟
6-سۇئال:مېنىڭچە 5 يىلدىن كېيىن ،قايسى 8 خىل تەرەپتىن مەن ئەڭ نام چىقىرالايمەن؟
7-سۇئال: مەن چېكىنىشكە ۋە ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان 8 ئىش قايسى ؟
8-سۇئال: مېنىڭچە،مەن بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقاندا كىشلەر ئەڭ گۇمانلىنىشى مۇمكىن بولغان 8 ئىش قايسى؟
سىز يۇقارقى سۇئاللارغا تېپ تىنىچ ئولتۇرۇپ چوڭقۇر ئويلنىلايدىغان بولسىڭىز ،جەزمكى، ئۆزىڭىزنى ئازراق بولسىمۇ چۈشىنىپ قالىسىز ھەم ۋۇجۇدىڭىزدىكى ئۇخلاپ ياتقان دېنوزاۋېرنى ئويغتىشقا تەمشىلىسىز،ئەگەر ھەقىقەتەن شۇنداق قىلىپ قالسىڭىز بۇ ھاياتىڭىزدىكى تەسىرلىك بىر يېڭى باشلىنىش بولۇپ قالىدۇ. دوستۇم ،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن،ئارزۇىڭيز تېزراق ئەمەلگە ئاشسۇن!
بلوگىڭىز دوستانە ئۇلانمىغا قېتىلدى، «بوغلان مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلىق بلوگى» مۇ ئۆلچەمگە توشامدىكىن؟
بلوگىڭىز نورمال ئۇلىنىشقا كىرمىدى،مەن بلوگىڭىزغا كىرەلمىدىم.
نورمالغۇ ؟ مەن نورمال كىرىۋاتىمەن ، مانا ~~~
تامامەن ئۆلچەمگە تۇشىدۇ ، مەن ھازىر تورخانىدا چىقىۋاتىمەن ، ئىشخانىغا بارغاندا سىزنى دوستانە ئۇلىنىشقا قېتىۋالاي ، سەل كېچىكىپ قالىدىغان بولدى ، ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز .