سىز نەپەسلىنىشنى بىلەمسىز؟ ناتايىن

يوللانغان ۋاقتى :2011.07.11ئاپتور :روياپچىكۆرۈلۈشى:18 viewsئىنكاس سانى :2

ئادەم تۇغۇلغانندىن تارتىپ نەپەس ئارقىلىق ياشايدۇ.نەپەس ئارقىلىق بەدەننى راھەتلەندۈرىدۇ.نەپەسلىنىشتىن ئىبارەت  ھەممە ئادەم بىلىدىغان بۇ ئىشنى بەلكىم ھەممە ئادەم توغرا بىلمەسلىكى مۇمكىن.تۆۋەندە مەن نېمىنىڭ توغرا نەپەسلىنىش ئىكەنلىكىنى تورداشلار  بىلەن بىرلىكتە ئىزدىنىشنى لايىق كۆرۈپ قالدىم. ھەممىمىز ئەڭ تونۇشلۇق بولغان بۇ ھەركەتنى ئەڭ توغرا ۋە پۇختا قىلىشنى بىلۋېلىشقا تولىمۇ مۇھتاج. ئۇنداق بولسا نەق گەپنىڭ ئۆزىگە كېلەي:

1.نەپەسلىنىش ھاياتىڭنىڭ رېتىمىدۇر.سەن نەپەسلىنىشىڭنى توغرا ھېس قىلالىغنىڭغا قەدەر توغرا نەپەسلىنىشنى مەشىق قىل.

2.سەن ئۆز ھاياتىڭنىڭ رېتىمىغا ئاساسەن نەپەسلىنىسەن،ئۇنىڭ بىلەن قارشى ئەمەسسەن.بەدىنىڭنى نەپەسلىنىشكە مەجبۇرلىما،بەدىنىڭ توغرا نەپەسلىنىش يولىنى كۆرسەتسە يول قويغىن.

3.تېپتىنىچ،ئۇزاق نەپەسلىنىش ئارقىلىق ئالەمنىڭ ئېنىرگىيەسىىنىڭ بەدىنىڭگەقانداق ئېقىپ كىرگەنلىكىنى سېزەلەيسەن.شۇنداقلا ئالەمنىڭ كۈچىنىڭ روھىڭ ۋە بەدىنىڭگە قانداق تولغانلىغىنى ھېس قىلالايسەن. بۇ ئالەمنىڭ ئېنىرگيسى بەدىنىڭنىڭ قات قېتىغا سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن،تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچۈڭ تېخىمۇ ئاشىدۇ ،دېگەنلىكتۇر.

4.قورقۇنچى بار ئادەملەر خاتا ۋە قىسقا نەپەس ئالىدۇ.ساغلام ئادەملەر قېنىپ ،ئۇزاق نەپەس ئالىدۇ.

5.بەدىنىڭ ئالەمنىڭ ئنېرگيسى بىلەن تولغاندا ،زېھنىڭ ئېچىلىپ كېتىدۇ.

6.روھىڭ ۋە مۇھەببىتىڭ ئالەمنىڭ كۈچىگە تولغاندا چوڭقۇر نەپەس ئالىسەن.بۇ خىل كۈچنى بەدىنىڭنىڭ قات قېتىغا  تارىتىسەن.

7.بەدىنىڭدىكى ئاغرىق ئالەمنىڭ ئەسلىگە كېلىش كۈچى بىلەن تولغاندا نەپەسلىرىڭ ئاغرىغان جايغا يىغىلىدۇ،تەسەۋۇرۇڭ قاناتلىنىدۇ.ئاغرىق جاي قىزىپ ،ئىللىقلىق ھېس قىلىپ ساقيىپ كېتىدۇ.

8.توغرا نەپەسلىنىش ئارقىلىق ئالەم بىلەن ماسلىقنىڭ بىردەكلىكىگە ئېرىشسەن.چۈنكى بارلىق ھاياتلىق بىلەن ئالەم ئوخشاش نەپەس ئالىدۇ.

9.ھۇجۇم قىلغاندا نەپەس چىقارما،نەپەس ئالساڭ يارىلىنىسەن.

10.نەپەسلىنىش بىر خىل كۈچنى ھېس قىلىش قۇرالى.بۇ قۇرالدىن پايدىلىنىپ يوشۇرۇن ئېڭىڭغا بارالايسەن.

11.ناۋادا قورقۇنچاقلىق كېسىلىڭ بولسا چوڭقۇر نەپەس بىلەن ئۇنى پۈۋلەپ تاشلا، غەزەپلەن ھەم شۇنداق قىل.ناۋادا دىققىتىڭنى  يىغاي دېسەڭ،بار كۈچۈڭ بىلەن ھاۋانى يۇت.

2دانە ئىنكاس
  1. ئەركسۆز قالدۇرغۇچى :2011-07-1117:34 قايتۇرۇش

    توغرا، ئېغىر مۈشكىلاتلارغا يۇلۇققاندا چوڭقۇر نەپەسلىنىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك

    • ئىزتىلسۆز قالدۇرغۇچى :2011-07-1117:37 قايتۇرۇش

      قەيەردىن يىقىلغان بولساق شۇيەردە ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇپ ، ئىشنى يېڭىدىن باشلاش كېرەك .

ئىنكاس يوللاش

*

*

5 + 9 = ?

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif