ئورنىڭىز » باش بەت » ئۇتۇقشۇناسلىق,پەلىسەپە- مەدەنىيەت » تاماق قۇتسىدىكى خەت

تاماق قۇتسىدىكى خەت

يازما يوللانغىلى 79 كۈن بولدى | ئاپتۇر روياپچى | سەھىپە: ئۇتۇقشۇناسلىق, پەلىسەپە- مەدەنىيەت | يوللانغان كۈن:2011-06-11 |

ئازغىنە مائاشى بىلەن ماي داغلىرى قاپلىغان ئىش كىيمىنى ھەرقېتىم ئۆزىگە ئۇزاتقاندا ،ئېرىنىڭ چىرايىدىن ئۇيىلىش چىقىپ تۇرغانلىغىنى زېرەك خوتۇنى تۇيۇپ تۇراتتى.بىر كۈنى ئەتىگەندە ،ئۇ ئېرىگە قاپلىق تاماق تەييارلىغاندا ،بىر پارچە خەتنى قۇتىنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويدى.ئۇنىڭغا:‹‹ئېرىم ،مەن سىزدىن پەخرلىنىمەن!››دېگەن سۆزلەر يېزىلغانىدى.ئېرى خەتنى كۆرۈپ :‹‹بۇ ،خوتۇنۇمنىڭ مېنى ئىلھاملاندۇرغىنى بولسا كېرەك›› دەپ ئويلىۋىدى،لېكىن نەچچە ئاي ئۆتكۈچە تاماق قۇتىسىدىن ھەر كۈنى ئۇنىڭ خېتى چقىپ تۇرىدىغان بولدى.
ئېرى كۆڭلىدە بىرەر ئىش قىلىپ ،ئۆزىنى خوتۇنى ئۈچۈن شەرەپ ھىس قىلدۇرۇش مەقسىتىدە ،زاۋۇتقا ھەر كۈنى ئىككى سائەت بالدۇر بېرىپ ،پاسكىنا ئامبارنى تازىلاشنى قارار قىلدى.كىشىلەرگە بىلدۈرمەسلىك ئۈچۈن،ئۇ مۇشۇ ئالاھىدە ۋاقىتنى تاللاپ تازىلىق قىلىپ ،باشقىلار ئىشقا چىقىشتىن بۇرۇن بارلىق تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ بولدى.بىر كۈنى تۇيۇقسىز بىرەيلەن ئۇنىڭغا دەرھال درىكتۇر ئىشخانىسىغا بېرىشنى ئۇقتۇردى.‹‹مەن ئىشنى خاتا قىلىمىغان تۇرسام،دېرىكتۇر نېمىشقا مېنى چاقىرىتقاندۇ؟››دېگەن ئوي بىلەن ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كەلدى.
-مەن بۇنىڭدىن 20 ئىلگرىلا سىزگە دىققەت قىلىشقا باشلىغان ئىدىم.ھېچكىم دېققەت قىلمايدىغان ئورۇندا،ئۆزىڭىزدىن باشقا ھېچكىم ئىشلىمەيدىغان ئىشنى ئىشلەپ نەچچە ئون يىلىنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزدىڭىز.مەن سىزگە چىن قەلبىمدىن ئېھتىرام بىلدۈرىمەن!-دېدى دېرىكتۇر.
-دېرىكتۇر ،لېكىن مەن …
سىز ئاۋۋال قايتىپ بېرىپ ئىشىڭىزنى ئىشلەپ تۇرۇڭ.
ئەتىسى بۇ ئەر بۆلۈم باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلدى.بۆلىۈم باشلىقى بولغاندىن كېىين،ئۇ يەنە ئاۋۋالقىدەكلا زاۋۇت تازىلىقىنى ئۆزى قىلىدى.
‹‹مەن سىزدىن پەخرلىنىمەن!››
خوتۇنى 20 يىلىدىن بۇيان ئۇدا تەكرارلىغان بۇ سۆز ئۇنى ئۇزۇن كىشلىك ھايات يولىدا باشتىن-ئاخر گۈزەل غايە -ئىستەكلەرگە ئىگە قىلىپ تۇردى.

مەنبە:‹‹شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى›› 2007-يىلى 21-دېكابىر

خەتكۈچ:, , , , ,
يازما ئادىرسى :?p=303
. يازمىلارنى باشقا بلوگ ياكى تور بەتتە ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز يازما ئاپتۇرىنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ!

تەلەي قاپىقىغا تاشلايمەن!(T+)

يازمىلار قالتىسكەن دەرھال دوستلىرىمغا تەۋسىيە قىلاي



1ولداش ئۆزىنىڭ ئوتلۇق تىلەكلىرىنى قالدۇردى...

  • روياپچى 说:2011-يىل 11-ئىيۇن 16:30 جاۋاب

    ئۆزئارا ياردەم بېرىش ماددىي ياكى جىسمانى كۈچ جەھەتتە ياردەم بېرىشنىلا كۆرسەتمەيدۇ.بىرەر كىشىگە قىلغان بىرەر ئېغىز سۆز ،ھەتتا بىرەر ئىللىق قاراشمۇ ئۇنىڭ ھاياتىدا ھەل قىلغۇچ رول ئويناپ قېلىشى مۇمكىن.يەنە كېلىپ،مەنىۋى جەھەتتە بېرىلگەن ياردەم ماددىي جەھەتتىكى ياردەمدىنمۇ قۇدرەتلىك بولىدۇ.

    • ئىزتىل 说:2011-يىل 12-ئىيۇن 11:33 جاۋاب

      ماددىي جەھەتتىكى ياردەم بىر ياكى بىر قانچە ئادەمنى قۇتۇلدۇرۇپ قالالايدۇ ، بىراق مەنىۋى جەھەتتىكى ياردەم بەزى ۋاقىتلاردا مەلۇم بىر قۇۋۇم ، مەلۇم بىر مىللەت ھەتتا بىرەر دۆلەتنى قۇتۇلدۇرۇپ قالالايدۇ .

回复 روياپچى 的评论 ئەمەلدىن قالدۇرۇش

نام- شەرىپىڭىز(شەرت )

ئېلخەت ئادىرسىڭىز(شەرت)

تور ئادىرسىڭىز(ئىختىيار ئۆزىڭىزدە)

تەلەپ -پىكىر مەزمۇنى(شەرت)

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif