«ئۇيغۇرلاردىكى پىسخىك ئاجىزلىقلار»
3. قالاقلىق
قالاقلىق – ئىنسان تەبئىيتىدىكى غەيرى نورمال پىسخىك ھالەت ، ئۇنىڭ ئىپادىلىنىش شەكىللىرى مۇرەككەپ . ئۇ جاھىللىق پىسخىكىسى بىلەن يىلتىزداش كېلىدۇ ، شۇنىڭدەك نادانلىق ھەم خۇراپاتلىق ئىللەتلىرىگە چېتىلىدۇ . قالاقلىققا پېتىپ قېلىشنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى مائارىپ سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن بولسا ، ئۇنى مەلۇم ئېرسىيەتلىك ئامىلىنىڭ رول ئويناۋاتقانلىقى ياكى مىللىي بېكىنمىچىلىكنىڭ رول ئويناۋاتقالىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . شۇڭلاشقا قالاق ھالەتتە قالغان مىللەت ، ئادەمنىڭ پىسخىكىسى ۋە ھەركىىتىدە « ئەتىكى قۇيرۇقتىن بۇگۈنكى ئۆپكە ئەلا » دەيدىغان خاتا نۇقتىئىنەزەر ئۈستۈنلىكنى ئىگىلەپ ، ماكان تەرەققىياتىنى ئويلىماسلىق ، زاماندىن بىخەۋەر ياشاشتەك ھالەت داۋام قىلىدۇ . قالاقلىقنىڭ ئەمەلىي ئىپادىلىرى مۇنداق بۇلىدۇ : كونىلققا ئېسىلۋېلىپ ، يېڭى شەيئى ، يېڭى تېخنىكىغا پاسسىپ پوزىتسىيىدە بۇلۇش ، ھەتتا قارىشى تۇرۇش ؛ ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، ئىلغار پىكىرلەرگە تاقابىل تۇرۇش ؛ بىرەر ئىشقا ، مەسلىگە دۇچ كەلگەندە ماكان ، زاماننىڭ بۈگۈنكى ۋە ئەتىكى تەرەققىياتى ، مەنپەئەتىنى كۆزلىمەي ، ئۆتكەن زامان ئېڭى ۋە ئۆتكەن زامان پىكىر قىلىش ئەندىزىسسى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىش ۋە شۇ بويىچە ئىش قىلىش؛ ئۆزىگىلا پايدىلىق ، مىللەتكە زىيان يەتكۈزىدىغان تۇرمۇش رېتىمى، ۋاقتى ئۆتكەن ناچار تۇرمۇش ئادىتىگە يېپىشىۋېلىش ؛ ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى ، يېتەرسىزلىكىنى تۇنۇماسلىق؛ ئائىلە،مىللەتنىڭ مەرىپەت ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەي كۈن ئۆتكۈزۈش؛ پۇل تېپىش، تاپقان پۇلىنى تىقىپ ساقلاش ھەلەكچىلىكىدىلا يۈرۈش قاتارلىقلار . بۇنىڭ بىلەن قالاقلىق پاتقىقىغا پېتىپ قالغانلار ئۆزىنىڭ ئائىلە ، مىللەت ھەم ۋەتەننىڭ كەلگۈسىگە قانچىلىك زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ .
قالاقلىق روھى ھالىتنى ئۆزىمىزگە تەدبىقلىغاندا ، بىزدىن پەرزەنتلەرنى ئوقۇتماسلىق ، مەكتەپتىن چىقىرۋېلىش ، تۇرۇبا سۈيىنى« كۈن كۆرمىگەن» دەپ ، بۇلغانغان سۇنى بىلىپ تۇرۇپ ئىچىش؛ ئىپتىدائىي تېرىقچىلىق ئۇسۇلىدىن كېچەلمەسلىك ، ئىلىمىي ئۇسۇلدا تېرىقچىلىق قىلىشقا ئىنتىلمەسلىك قاتارلىق ھالەتلەرنى تاپقىلى بولىدۇ.
ئەمما ، ئىلغارلىق بىلەن قالاقلىقىنىڭ پەرقى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگەندە ، باشقىلارنىڭ ئىلغار مەدەنىيتىنى ئۆزلەشتۈرۈپ قۇبۇل قىلىش بىلەن مىللىي ئەنئەنە ( مەدەنىيەت – سەنئەت، ئۆرپ- ئادەت) لەرنى چەتكە قېقىش، ئۆزگەرتىش ھالىتىنى پەرىق قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
«ئۇيغۇرلاردىكى پىسخىك ئاجىزلىقلار» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.
كېيىنكى پىسخىكا ئاجىزلىق- خۇراپاتلىق.دىققىتىڭلار داۋاملىق ئىزتىل بىلوگىدا بولسۇن .
ئىنكاس يوق