ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىك ھالىتى

يوللانغان ۋاقتى :2011.04.17ئاپتور :ئىزتىلكۆرۈلۈشى:18 viewsئىنكاس سانى :0

ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىك ھالىتى

   ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخي تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزىگە خاس مول مەدەنىيەت يارىتىپ ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ، بۇلۇپمۇ ئېلىمىز مەدەنىيەت خەزىنىسىگە غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشقان .

  ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائىي دەۋىردىكى چىنلىق،ياخشىلىق،گۈزەللىك چۈشەنچىسى ئاساسىدىكى ئېتىقادى،ئەپسانە-رىۋايەتلەردىكى پەلسەپىۋى چۈشەنچىسى ،گۈزەل پىسخىكىسى ، ئاددى-ساددا ، پايدىلىق ئۆرۈپ-ئادەتلىرى؛ ئاتىلىقلار مەدەنىيىتى ۋە ئېكىنچىلىق مەدەنىيىتى دەۋىرلىرىدىكى چارۋىچىلىق ، ئوۋچىلىق، دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك تېخنىكىسى؛ يىپەكچىلىك،تۇقۇمچىلىق، مېتالچىلىق ھۈنەر-سەنئىتى؛ دۇنياغا مەشھۇر «يىپەك يولى» مەدەنىيىتىنى يارىتىش داۋامىدىكى ئەدەبىيات-سەنئىتى،12 مۇقام مۇزىكىسى،ئىلىم-پەن كەشپىياتلىرى، ئۆز مەدەنىيىتىنى شەرق-غەرىپكە تارقىتىش، شەرق-غەرىبلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئامىللىرىنى ئۆزىنىڭكىگە ئايلاندۇرۇپ قۇبۇل قىلىشى داۋامىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋۋەپىقىيەتلىرى ۋە ئىزدىنىشلىرىدىن ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەقىل – پاراسەتلىك ، ئەمگەكچان ، ئىجادكار ، ئۇيۇشقاق، باتۇر خەلق ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بۇلىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىك ھالىتى ئىلغارلىققا ھەم ئاجىزلىقلارغا ئىگە پىسخىك ھالەت، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي پىسخىك ھالىتى – تارىخى كەچۈرمىشلىرىنىڭ يىغىندىسى ، شۇنىڭدەك يېڭىدىن ئۆزگىرىش ياساۋاتقان ، ئىلغار پىسخىك ئامىللار بىلەن ناچار پىسخىك ئامىللار بىر-بىرىنى  يېڭىش ئۈچۈن جىددى كۆرەش ھالىتىدە تۇرىۋاتقان پىسخىك ھالەت .

ئۇيغۇرلار قەدىمكى دەۋىردىن ھازىرغىچە بولغان ئۇزاق تارىخى مۇساپىسىدە پىسخىك ئامىللارنى ھاسىل قىلىدىغان قانۇنىيەتلىك ئامىللار – جۇغراپىيىلىك ئۇرۇن ، ياشاش ئۇسۇلى ۋە ئادىتى ،مۇناسىۋەتلىشىش ئۇسۇلى ۋە ئادىتى،ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ۋە ئادىتى، نىكاھ،ئائىلە،ئۆرۈپ – ئادەت ، قائىدە- يۇسۇنلىرى، ئېتىقاد قىلغان دىنلىرى ، ئىجتىمائىي تۈزۈملىرى، ئېرسىيىتى، ئۇدۇمى، تەربىيلىنىش مۇھىتى ، خاس يېمەكلىكى ۋە سىرىتقى ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئۆزىدە بىر مۇنچە خاس پىسخىك ئامىللارنى شەكىللەندۈرگەن.

ئەجدادلىرىمىز ئىپتىدائىي قەبىلە مەزگىلى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى قەبىلىلەر ئىتتىپاقى مەزگىللىرىدە ئاساسەن بىر قەدەر ئىلغار پىسخىك ئامىللار ۋە پىسخىك خاسلىقلار ئورتاقلىقدا ياشىغان.كېيىنكى ۋاقىتلاردا مەلۇم قەبىلە ، يۇرتلاردا شەكىللەنگەن يەككە پىسخىك ئامىللارنىڭ  رول ئوينىشى بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە پىسخىك ئامىللار ئاجىزلىشىپ ياكى بېسىما ئۇچىراپ ، قىسمەن ئىللەتلەر باش كۆتۈرگەن . مىللەت ئىچىدە بۆلۈنمىچىلىك ، تارقاقلىق ھالىتى ئۈستۈنلۈكنى ئالغان . يېشىپ ئېيتقاندا مىللەتلەرنىڭ ئورتاق پىسخىكىسىنى بۇزىدىغان پىسخىك ئامىللار پەيدا بولغان ھەمدە ئورتاق پىسخىك ئارتۇقچىلىق ئامىللىرى پەيتىگە قاراپ ئاجىزلاش ھالىتى شەكىللەنگەن. ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ھوقوق تالىششى ، ئاچكۆزلىكى، يىراقنى كۆرەلمەسلىكى، بېكىنمىچىلىكى ھەم ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان ناچار بويسۇنۇش پىسخىكىسى ۋە تاشقى تەسىرلەر پەيدا قىلغان پىسخىك ئاجىزلىقلار مىللەتنىڭ ئورتاق پىسخىك ئارتۇقچىلىقىنى بۇزۇپ ، كۆپ قاتلاملىق ھەم ناچار خاراكتېرلىك پىسخىك ئامىللارنى پەيدا قىلغان .

ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىكىسىدا ئورتاق پىسخىك ئامىللار، پىسخىك خاسلىقلار ، پىسخىك ئۇدۇم بىلەن مىللەت ئەزالىرىدىكى يەككە ۋە ئورتاق پىسخىك ئامىللار ؛ مىللەتنىڭ ئورتاق پىسخىك خاسلىقى ھەم پىسخىك ئۇدۇمدىن چەتنىگەن پىسخىك ئامىللار ۋە ئۇنىڭدىكى ئىلغار پىسىخىك ئامىللار بىلەن ناچار پىسخىك ئامىل تەركىپلىرى قۇشۇلۇپ ناھايتتى  مۇرەككەپ پىسخىك ھالەت  شەكىللەنگەن . ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىكىسىدا ئىلغار- دۇرۇس پىسخىك ئامىللار ، پىسخىك خاس ئارتۇقچىلىقلارمۇ ؛ ناچار پىسخىك ئامىللار – ئاجىزلىق ۋە ئىللەتلەرمۇ بار . بۇ پىسخىك ئارتۇقچىلىق ( خىسلەتلەر ) ۋە پىسخىك ئاجىزلىقلار ( ئىللەتلەر ) نىڭ بەزىلىرى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى پىسخىك قۇرۇلمىسىدا مەۋجۈت بولغان . بەزى پىسخىك ئاجىزلىقلار ، ياشاش ئۇسۇلى ۋە ئادىتى . ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ۋە ئادىتى ، ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تاشقى ئامىللارنىڭ رولى بىلەن پەيدا بولغان ياكى شاخلاپ بارغان. بەزى ئىلغار – دۇرۇس پىسخىك ئامىللار ، خاسلىقلار ئاجىزلاشقان ، ھەتتا يوقىلىشقا  يۈزلەنگەن.

فېئوداللىق ئۇششاق ئىشلەپچىقىرىش ئادىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت داۋام قىلىشى ، مىللەت ئەزالىرى ئىچىدە نادانلىق ، قالاقلىق ، خۇراپاتلىق ۋە باشقا ئاجىزلىقلارنىڭ چوڭقۇرلىششى ، ئىقتىساد ، ھوقوققا ئىگە بولغانلاردا ھىممەتسىزلىك، ئىقتىسادىي چەكلىمىلىك ، يىراقنى كۆرەلمەسلىك پىسخىك ئامىللىرىنىڭ خاسلىققا ئايلىنىشى … سەۋەبلىك جەمىئيەتتە  نامىراتلىق ، قالاقلىق ، ساۋاتسىزلىق ھۆكۈم سۈرۈپ ، ئەۋلادلارنىڭ پىسخىكىسىدا پەقەت پىسخىك ئۇدۇم ئاساسىدىكى دۇرۇس پىسخىك ئامىللارلا ساقلاپ قېلىنغان.

ئۇيغۇرلاردىكى بىر قىسىم ناچار پىسخىك ئامىللارنى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر  يۈسۈپ خاس ھاجىپ « قۇتاد غۇبىلىگ» ناملىق كىتابىدا بىر-بىرلەپ ئېچىپ بەرگەن . ئۇنىڭدىن كېيىن كىلاسسك شائىرلىرىمىزدىن ناۋايى،سەككاكى،نىزامىلارمۇ ئۆزىنىڭ ئۆلمەس شېئىرلىرىدا بۇ ھەقتە نۇرغۇن قىممەتلىك قاراشلىرى ۋە ئۈمىدلىرىنى يېزىپ قالدۇرغان .

ئۇيغۇرلاردا پىسخىك ئاجىزلىقلار ، دۇرۇس خۇي- مىجەزلەر يەنىلا كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ . ئۇنىڭ بىر مۇنچىسى پىسخىك ئۇدۇم ، ئەنئەنە سۈپىتىدە نۇرغۇن ئاقىل ، بىلىملىك ، مەرىپەتپەۋەر كىشلىرىمىزدە ساقلىنىۋاتىدۇ ھەمدە ئاۋام خەلىقىمىز تەرىپىدىن ۋارىسلىق قىلىنىۋاتىدۇ . ئەمما، ھازىرقى زامان مەدەنىيەت تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋى يۈزلىنىشىگە سېلىشتۇرغاندا ، بىزدىكى پىسخىك ئاجىزلىقلار نىسپەتەن ئېغىر . بىر قىسىم كىشلىرىمىزنىڭ زامان يۈزلىنىشگە قارىشى يۆنىلىشتە كونا،ناچار پىسخىك ئاجىزلىقلارنى ئۇلغايتىشتىن باشقا يەنە ، يېڭىباشتىن ناچار پىسخىك ئامىللارغا ئۆزىنى ئۇرىشى ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.

«………………..

باش ئەگدى ئۇلارغا يەر بىلەن ئاسمان.

باشقىلار ئۇچتى ئايغا، يۇلتۇزغا.

بىزدىكى غەم بۈگۈن- توي بىلەن داستىخان»

دېگەن مىسرالاردا بىزنىڭ ھازىرقى روھى ھالىتىمىز ناھايىتى ئېنىق ھەم ئوبرازلىق ئېچىپ بېرىلگەن.

فېئوداللىق جەمئىيەتتىن باشلانغان ھەشەمەتخورلۇق، ئىسراپچىلىق ، داغۋازلىق ھەم ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا چىققان تويلىشش پىسخىكىسى ؛ ئاچكۆزلۈك ، خۇشامەتچىلىك ، تەمەخورلۇقنى چىقىش قىلغان زىياپەت – چايلار بىر قىسىم كىشلىرىمىزنىڭ روھىيىتىنى ئىللەتلەر بىلەن تولدۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمئىيەتتە باش كۆتۈرگەن تويلىشىش، داستىخان سېلىش پىسخىكىسىدىكى ھەرقىسىما ناچار ئامىللار ئىللەتلەرنىڭ بىمالال يىلتىز تارتىشى، كېڭىيىشىگە سەۋەپچى بولدى. مىللەتنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىدا  ئىقتىسادى چەكلىمىلىك ( بېخللىق ، ئىقتىسادنى ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا ئىشلىتىش، ئىلىم-پەن ئىگەللەشتىن پۇل تېپىشنى ئەلا بىلىش )، ئوقۇغۇچىلاردا شەكىللەنگەن دېپلومغىلا ئىگە بۇلۇش ئىستىكى ، كىشلەردىكى بىر-بىرىدىن نەپ-ھايان ئېلىشنى قوغلىشىش، بىلملىك، ئىختىساسلىقلارنى كۆزگە ئىلماسلىق ، بىر – بىرىنى ئالداش ، مۇئامىلىدە سەمىمى بولماسلىق، تاشقى گۈزەللىكىلا ئەھمىيەت بېرىپ ئىچكى گۈزەللىكنى تاشلىۋېتىش ، غەيۋەتخورلۇق، دادخورلۇق، چېقىمچىلىق،ھەسەتخورلۇق، يالغانچىلىق، يۇرتۋازلىق ، ئاداۋەتخورلۇق… قاتارلىق پىسخىك ئىللەتلەر يامرىدى.

چۈشىنىش كېرەككى ، مىللەتنىڭ روھىيىتىدىكى ئاجىزلىقلارنى ، ئىللەتلەرنى ئېچىشتىن مەقسەت مىللەتنى كەمسىتىش بولماستىن ، بەلكى مىللەتتىكى مەنىۋى بۇيۇنتۇرۇق ـ پىسخىك ئاجىزلىقلاردىن بوشىنىپ ، دەۋىر روھىغا ماسلىشىپ ، باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش مەنىۋى جەھەتتىن ساغلام بۇلۇپ ، مىللەتنى مەنىۋى ، ماددى جەھەتتىن تەڭ يېتىلگەن قىلىشنىڭ ئاساسىنى تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت.

« ئۇيغۇرلاردىكى پىسخك ئاجىزلىقلار» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

 

0دانە ئىنكاس

ئىنكاس يوق

ئىنكاس يوللاش

*

*

6 + 9 = ?

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif