ئويۇندىن چىققان قۇيۇن

يوللانغان ۋاقتى :2011.07.01ئاپتور :ئىزتىلكۆرۈلۈشى:26 viewsئىنكاس سانى :2

چاڭڭىدە “ قىلىپ تەككەن تەستەكتىن كۆزۈمدىن ئوت يېنىپ كەتتى. نېمە بولغانلىقىنى ئاڭقىرىپ بولغىچە، چېچىم بىراۋ تەرىپىدىن قاماللاپ تۇتۇۋىلىندى.
_ ھۇ پاسكىنا، ئەمدى قولۇمغا چۈشتۈڭمۇ؟ خىزمەتداشلىرىڭ ئالدىدا ئەپتى – بەشىرەڭنى ئېچىپ تاشلاپ، باش كۆتۈرۈپ يۈرگۈسىز قىلىۋەتمەيدىغان بولسام…
شۇندىلا خىزمەتداشلىرىمنىڭ ياردىمىدە چاچلىرىمنى قولىدىن تەستە ئاجراتقان، مېنى ئېغىزغا ئالغۇسىز سەت گەپلەر بىلەن تىللاۋاتقان كىشىنىڭ كىملىكىنى بىلەلىدىم. ئۇ خىزمەتدىشىم نۇرىكامنىڭ ئايالى پاتىگۈل ھەدە ئىدى. خىزمەتداشلىرىمنىڭ سالا – سۈلىسى بىلەنمۇ ياكى بەك ھاياجانلىنىپ كۈچەپ كېتىپ ھېرىپ قالغانلىقتىنمۇ ، ئۇ ئۇرۇش – تىللاشتىن توختاپ تۇرىشىغا، كىمدۇ بىرىنىڭ ئۇچۇر بېرىشى بىلەن ئەھۋالدىن چالا – پۇچۇق خەۋەر تاپقان باشلىق يېتىپ كەلدى.
_ نېمە جاڭجال بۇ؟
باشلىقنى كۆرۈپ قايتىدىن مەدەت ئالغان پاتىگۈل ھەدە يەنە زۇۋانغا كەلدى.
_ باشلىق، ئاۋۇ پاسكىنا ئېرىمنى قايمۇقتۇرۇپ ئۆيۈمنى بۇزۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ.
يەر يېرىلسا كىرىپ كەتسەم ئىدىم.نېمىدېگەن نۇمۇس، نېمىدېگەن خورلۇق…پاقىرىشىپ قاراپ تۇرغان خىزمەتداشلىرىم گەرچە ماڭا ئىچ ئاغرىتقاندەك قىلىشقىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە تاماشا كۆرىۋاتقانلىرى ئازمۇ؟
_ مېڭىڭلار مېنىڭ ئىشخانامغا،_ دېدى باشلىق جىددىي تەلەپپۇزدا.
مەن ئىككى قولۇم بىلەن يۈزۈمنى ئەتتىم – دە، كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدىن يۈزۈم بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ ، باشلىق ئىشخانىسىغا ماڭدىم. كەينىمدىن ئۇ قار – يامغۇر كەبى تىللاپ، ئاھانەت ياغدۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.   باشلىق كېلىپ ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى. ئىشىكتىن ئېتىلىپ كىردىم – دە، “ ۋاڭڭىدە “ يىغلىۋەتتىم.
_ ئەمدى نېمە يىغلايسەن ، پاسكىنا؟ ئېرىم تاتلىق تىتىغان چېغىدا يىغلاپ قالارىڭنى ئويلاپ باقمىغان بولغىيدىڭ؟
_ ئاغزىڭىزنى يۇمۇڭ، بۇ دېگەن ئىدارە، نېمە تۇرمۇش ئىشىنى بۇ يەرگە سۆرەپ كېلىپ قالايمىقان قىلىسىز؟
_ باشلىق، سىز بىر ئىدارىنىڭ مەسئۇلى بولغاندىكىن قول ئاستىڭىزدىكىلەرنى ياخشى باشقۇرىشىڭىز كېرەكقۇ؟ نېمانداق ئەخلاقسىز نەرسە بۇ؟!_ دېدى ئۇ ماڭا ھومۇيۇپ.
نېمە ئىش بولغانلىقىنى سۆزلەپ بېقىڭ ، _ دىدى باشلىق پاتىگۈل ھەدىگە.
  _ ئېرىم نۇرى مۇشۇ بىر يىلدىن بېرى غەلىتىلا بولۇپ قالدى، دەسلەپ ئۆزەممۇ سەزگەندەك بولدۇم، ئەمما ئېنىق پاكىتىم بولمىغاچقا، ئۈندېيەلمەي يۈرگەن ئىدىم. مۇشۇ يېقىندىن بېرى دىققەت قىلسام ، ئۇ تېلېفۇنىنى مەندىن يوشۇرىدۇ. ئىشتىن كېلىپلا تېلېفۇنىنى ئېتىپ قويىدۇ. بۇ ئىش كۆپ تەكرارلانغاندىن كېيىن ، مەن ئۇنىڭ پېيىگە چۈشتۈم. ئاخىرى ئۇنى شۇنچە ئالاقزادە قىلىپ، ئەس – ھۇشىنى قويمايۋاتقان تېلېفۇن نومۇرىنى قولغا چۈشۈردۈم. ئىنىقلاپ كۆرسەم، ئېرىمنى شۇنچە ۋەيران قىلىۋاتقان ، ئائىلىمىزنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزۇۋاتقان مۇشۇ “ *** “ ئىكەن ، _ دېدى ئۇ ئېغىزغا ئالغۇسىز سەت ەەپ بىلەن قولىنى ماڭا شېلتىپ تۇرۇپ.
_ نېمە گەپ بۇ؟ _ سورىدى باشلىق مېنىڭدىن.
_ باشلىق ،  پاتىگۈل ھەدەم خاتا چۈشىنىپ قاپتۇ، نۇرىكام بىلەن بۇ ھەدەم ئېيتقاندەك غەيرى مۇناسىۋىتىم يوق، بۇ تۆھمەت،_دېيەلىدىم ئارانلا ئىسەدەپ تۇرۇپ ئەمما ئۆزەمنى ئاقلاشقا ھېچبىر گەپ تاپالمايۋاتاتتىم. دېمىسىمۇ بۇ كۈن ماڭا ئاز، خەقنىڭ ئېرى بىلەن شۇنداق چەكتىن ئاشقان چاقچاقلارنى قىلىشماسلىقىم لازىم ئىدى ئەمەسمۇ؟!
ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق ئىدى:
ئالدىنقى يىلى ئۆيدىكى كومپېيوتىرىمنى تورغا ئۇلىدىم. مەلۇم بىر مۇنازىرە مۇنبىرىن ىڭ چ چ توپىغا قوشۇلىۋالدىم. توپتا ئانچە – مۇنچە چاقچاقلىرىم بىلەن بىر توردىشىمنىڭ دىققىتىنى تارتىپ قويغان ئوخشايمەن ، بىر كۈنى ئۇ توپتىن مېنى ئايرىپلا، چ چ رىمغا قوشۇلىۋىلىشنى ئىلتىماس قىلدى. قىززىقچىلىقتا مەنمۇ باش -ئاخىرىنى ئويلىمايلا قوشۇپ سالدىم. سۆزلىشىش ئارقىلىق ئۇ خىزمەتدىشىم نۇرى ئاكام بولۇپ چىقتى. ھەر ئىككىلىمىز بىر – بىرىمىزنى تونۇشۇپ كۈلۈشۈپ كەتتۇق.
نۇرى ئاكام ئىدارىمىزدىكى كۆزگە كۆرۈنۈپ ئىشلەۋاتقان ياش كادىرلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئايالى پاتىگۈل ھەدەمنىمۇ تونۇيتتىم.  ئاق پىشماق، غۇنچە بوي، بۈدۈر چاچلىرى كەڭ يېيىلىپ، يەلكىسىگە ئۆزگىچە سىن بەرگەن، كۈلۈمسىرەپلا تۇرىدىغان خۇشخۇي بۇ ھەدىمىز شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پۇنكىتىدا ئىشلەيدۇ. ئوغلى يەسلىدە ئىدى.
دەسلەپتە بۇ توردىشىمنىڭ نۇرىكام ئىكەنلىكىنى بىلمەيلا قوشۇۋالغانتىم، بىلگەندە چىقىرىۋىتەي دېسەم خاتا چۈشەنچە بېرىپ قويۇشۇمدىن ئەنسىرەپ، “ تۇرىۋەرسىمۇ ھېچ گەپ يوققۇ “ دەپ ئويلاپ ئۇنى قالدۇرۇپ قويغان ئىدىم. نەتىجىدە، ئويۇندىن قۇيۇن چىقىپ قالغاندەكلا ئىش بولدى. بىر – بىرىمىزنىڭ تېلېفۇن نومۇرىنى بىلىشەتتۇق، ئارىلاپ تېلىفۇندا، ئارىلاپ چ چ دا چاقچاقلىشىپمۇ قويۇشاتتۇق. كىم بىلسۇن،  بۇ چاقچاق ئويۇنلىرىمىزنىڭ پاتىگۈل ھەدىدە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويۇشىنى…
بۇ گەپلەرنى باشلىققا دەپ چۈشەندۈرگىلى بولاتتىمۇ؟ پەقەت ئىسەدەپ  تۇرۇپ، “ بىز گۇناھسىز “ لا دېيەلىدىم. باشلىق پاتىگۈل ھەدىگە بىرمۇنچە تەسەللىي سۆزلەرنى ئېيتىپ، كەچۈرۈم سورىدى. نۇرىكام بىلەن ئايرىم سۆزلىشىپ، تەربىيىۋى خىزمەت ئىشلەيدىغانلىقىنى ، بۇ ئىشنى پاتىگۈل ھەدە رازى بولغۇدەك بىر تەرەپ قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ۋەدىمۇ بەردى، ئارقىدىن پاتىگۈل ھەدىنىڭ كۆزىچىلا ماڭا قاتتىق  تېگىشكە باشلىدى.
_ رەھىمە، سىز ئىدارىمىزدىكى ئەڭ ياش خىزمەتچى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخى توي قىلمىغان.ئۆزىڭىزنىڭ ئىززەت – ئابرويىڭىزنىغۇ قوغدىماڭ، ئەمما شۇنچە كىشى ئىشلەيدىغان ما ئىدارىنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ، نامىغا داغ چۈشۈردىڭىزمۇ؟ ئايالى، بالىسى بار كىشىنىڭ پېيىدە يۈرمىسىڭىزمۇ سىزگەباشقا كىشى چىقماسمۇ؟ “ دەرەخ زىننىتى  ياپراق ، ئادەم زىننىتى ئەخلاق “ دىگەن سۆزنى ئاڭلىمىغانمىدىڭىز؟ بۇ يۈزىڭىزنى قانداق كۆتۈرۈپ يۈرمەكچى ئەمدى؟
_ باشلىق ، بۇ ئىشلار سىز ئويلىغاندەك ئەمەس، نۇرىكام بىلەن مەن پەقەت خىزمەتداش شۇ. _ ئەمدى پەقەت خىزمەتداشلا بولۇپ قالدىڭما؟نەچچە ۋاقتىن بېرى بۇنى نېمىشقا بىلمەي يۈرگەنتىڭ؟ _ ئۇ يەنە ماڭا ئېسىلىشقا تەييارلانغان ئىدى، باشلىقنىڭ ئۈستەلگە قاتتىق تەككەن مۇشتىدىن ئەيمەندىمۇ ئەيتاۋۇر، موكلا چۈشۈپ جايىغا ئولتۇرىۋالدى.
_ “ ياخشى گەپ بوسۇغىدىن چىققۇچە، يامان گەپ يەتتە تاغدىن ھالقىپتۇ “  بۇ گەپ ھازىرلا پۈتۈن شەھەرگە پۇر بولىدۇ، _ دېدى باشلىق، _ خەققە چۈشەندۈرۈپ، ئىشەندۈرۈپ بولغىلى بولاتتىمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز تېخى توي قىلمىغان قىز تۇرسىڭىز، مۇشۇ گەپ سەۋەبىدىن ئىستىقبالىڭىزغا، قىزلىق شەۋكىتىڭىزگە داغ چۈشمەسمۇ؟. باشلىقنىڭ ئاتا نەسىھەت سۆزلىرىنىڭ تەسىرىدىن قىلغان ئىشلىرىمدىن تېخىمۇ ئۇيالدىم.
باشلىقنىڭ ئالدىدا پاتىگۈل ھەدەمگە بۇندىن كېيىن نۇرى ئاكام بىلەن قەتئىي گەپلەشمەسلىك، ئۇچۇرلاشماسلىق ھەتتا قاراشماشلىق ھەققىدە سۆز بەردىم- دە، ئىشخانىدىن كۆزلىرىمنى سۈرتكىنىمچە چىقتىم.
كوچىدا كېتىۋاتىمەن…… باشلىق دېگەندەك بۇ گەپ بىردەمدىلا، پۈتۈن شەھەرگە تارقاپ كەتكەندەك، گويا ھەممىلا كىشى ماڭا قارىشىۋاتقاندەك، نېمىلەرنىدۇ دېيىشىپ مېنى كۆرسىتىپ كۇسۇرلىشىۋاتقاندەك خۇدۇكسىرەپ ماڭالمايلا قىلىۋاتىمەن“ نېمە دېگەن سەتچىلىك – ھە؟ ئەمدى قايسى يۈزۈم بىلەن ئۆيگە بارارمەن؟ قايسى يۈزۈم بىلەن كوچىغا چىقارمەن؟ خىزمەتداشلىرىمغا قايسى يۈزۈم بىلەن قارارمەن؟ باشلىق ئېيتقاندەك بۇ ئىشلارنى باشقىلارغا چۈشەندۈرگىلى، ئىشەندۈرگىلى بولارمۇ؟ئاھ……… بەڭۋاشلىقىم، ئەجەپ رەسۋا قىلدىڭغۇ مېنى……….“

مەنبە : ئېنىق ئەمەس

2دانە ئىنكاس
  1. نەزەرىسۆز قالدۇرغۇچى :2011-07-0620:13 قايتۇرۇش

    يامان ئەمەس يازمىكەن.
    ئۈزۈلمىگەي.

    • ئىزتىلسۆز قالدۇرغۇچى :2011-07-0620:23 قايتۇرۇش

      رەھمەت ، داۋاملىق تىرىشىمەن ، شۇنداقلا ئاتامانلارنىڭ كەلبەمنى داۋاملىق زىيارەت قىلىپ تۇرىشىنى قارىشى ئالىمەن !

ئىنكاس يوللاش

*

*

5 + 10 = ?

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif