مەن ئانامنىڭ يېنىدا ياتتىم

يوللانغان ۋاقتى :2011.05.26ئاپتور :ئىزتىلكۆرۈلۈشى:27 viewsئىنكاس سانى :5

مەن ئانامنىڭ يېنىدا ياتتىم

     ئانام كېسە كارۋىتىدا ياتاتتى ، مەن بولسام ئانامنىڭ كارۋىتىنىڭ يېنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ توردا بىرنىمىلەر بىلەندۇر ھەپىلىشىپ ئولتۇراتتىم .

     بەزى ۋاقىتلاردا ئانام ئۇخلاپ قالاتتى . بىراق كۆپ قسىم ۋاقىتلاردا دېگۈدەك ئويغاق ئولتۇراتتى . ئۇ ئويغۇنۇپ بالىكوندا بىردەم ھەرىكەت قىلغاندىن سىرىت ئاساسەن دېگۈدەك كارىۋاتتا تۇرۇسقا قاراپ كۆزى ئوچۇق ھالەتتە بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە جىمجىت ياتاتتى .

     ئانام ، بەزى ۋاقىتلاردا يەنە دەرىزىدىن سىرىتقا قاراپ ئاللىقانداقتۇر بىركىملەرنى ئىزدەۋاتقاندەك ئۇ يەر بۇ يەرلەرگە قاراپ كېتەتتى . بەزى ۋاقىتلاردا ئۇ ماڭا سىناق تەرىقىسىدە ئۇزۇندىن- ئۇزۇنغا گەپ قىلىپ كېتەتتى . ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ قايسى ۋاقىتلاردا قانچىلىك ساغلام ئىكەنلىكىنى  ، بىر كۈندە نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزى يالغۇز چىقىپ كەتكەنلىكىنى سۆزلەپ كېتەتتى . مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا مەن بىزارلىق ھىس قىلغاندەك ، كومپىيوتىر ئېكرانىدىن كۆزۈمنى ئۈزمەي تۇرۇپ ئۇنىڭغا :

    – ئانا ئۇ گەپلەرنى دەۋەرمىسەڭ قانداق ؟ نېمىشقا داۋاملىق ئۆزەڭنىڭ كېسىلى توغرىسىدىلا سۆزلەپ كېتىسەن ؟ دەپ كېتەتتىم .

   مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا ئانام بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلمايتى . بىراق بىز ئاز ۋاقىتتىن كېيىن يەنە ئۆزى بىلىپ -بىلمەي گەپ باشلاپ كېتەتتى- دە يەنە بىردەم قاقشايتى.

   بىر قېتىم ئانام تۇيۇقسىز بىر ئۇرۇندۇقىنى  مېنىڭ يېنىمغا تارىتپ يېقىن كېلىپ ئولتۇرۇپ:

  – كومپىيوتىرنىڭ يېنىدا ئەتىدىن كەچكىچە ئولتۇرىسەن ، نېمە ئش قىلىۋاتىسەن ؟ چارچىمامسەن ؟ دەپ گەپ باشلىدى.

   – پاراڭلىشىۋاتىمەن . دېدىم مەن ئىپادىسىزلا .

    – پاراڭلىشىۋاتىمەن ؟! كىم بىلەن پاراڭلىشىۋاتىسەن ؟  ئانام يەنە يېنىشلاپ سورىدى .

    – باشقا جايلىق بىرسى بىلەن ، تۇنۇشمايمىز.

    – تۇنۇشمايمىز ؟ ئانام قىزىقىپ قالغان بولسا كېرەك ، ماڭا تېخىمۇ يېقىن ئولتۇرۇپ سوراپ كەتتى . سەل چۈشەنگەندەكمۇ قىلاتتى . نېمە توغۇرلۇق پاراڭلىشىۋاتىسىلەر ؟

  – دېيىشكىدەكمۇ گەپ يوق ، مۇنداقچە تاغدىن – باغدىن پاراڭلىشىۋاتىمىز .

  – ھە ! ئانام ئاڭقىرالمىغاندەك بىر دەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ، كىچىك ئۇلۇغ تىنىۋىتىپ يەنە كارۋىتىغا بېرىپ ياتتى .

   مەن يەنە بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن ئىختىيارسىزلار ئانام تەرەپكە بۇرۇلۇپ ئۇنىڭغا قارىدىم . ئانام كارۋاتتا تۇرۇسقا قاراپ كۆزىنى بىر نۇقتىغا تىككىنىچە ياتاتتى .

   يۈرۈكۈم تۇيۇقسىز بىر خىل سوقۇپ كەتتى …

   مەن ئاتاقتا بۇ يەردە ئانامغا ھەمراھ بۇلۇپ ، ئۇنىڭغا تاماق ئېتىپ بېرىش، چاي قۇيۇپ بېرىشتىن باشقا يەنە ئۇنىڭغا نېمە قىلىپ بېرەلىدىم ؟ ئۆز ئۆزەمدىن سوراپ كەتتىم .

  ئانام مېنى تۇغقان ۋاقىتىدا كېسەلگە گىرىپتار بۇلۇپ قاپتىكەن ، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى كېسەللىك ئازابى تارتىپ كەلدى . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەنە ئۇنىڭغا نۇرغۇلىغان كېسەللەر چاپلاشتى .بەلكىم ئانام ھەر يىلى كېسەلبۇلۇپ قالغانلىقتىن بولسا كېرەك ، ئۆزىمۇ ئانچە بەك پىسەنت قىلىپ كەتمەيتتى . بىز بىر ئائىلىدىكى ئۈچ پەرزەنت ھەپتە ئاخىرىدا ئۆيگە قايتىپ كەلگەن ۋاقىتلاردا بولسا  ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ بېرىپ بىز ئاز بولسىمۇ ئىش قىلىشىپ بېرەيلى دېسەك ئۇ بىزنى يېقىن يۇلاتمايتى .  ئۆزى يالغۇز بىردەم ئۇ ئىشنى  بىردەم بۇ ئىشنى قىلىپ پايپىتەك بۇلۇپ كېتەتتى . بىزمۇ بۇنىڭغا ئادەتلىنىپ كەتكەن ئىدۇق .

   بۇ قېتىم ئانام بۇرىنقىغا قارىغاندا بەكرەك ئېغىر ئاغىرىپ قالدى . بىردەم ماڭسىلا چىرايلىرى سارغىيىپ ، بەدەنلىرى تىتىرەپ كېتەتتى . ئۇ راستىنلا ئاغىرىپ قالدى ، بىراق بىزنىڭ ھېسىداشلىقىمىزغا ، كۆيۈنىشىمىزگە ئېرىشەلمىدى . ئۇ  كىمنى كۆرسە ئاغرىنىپ يۈرۈتتى . بىزمۇ ئۇنى رەنجىتىپ يۈرۈپ ھارغۇزۇپ قويغان ئىدۇق .ئانام ھەر قېتىم ئاغىرىپ قالغان ۋاقىتلىرىدا بولسا خۇددى بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويغاندەك بىزگە بىې ئېغىزمۇ تىنىپ قويمايتتى . بىراق ئۇ نېمىنى خاتا قىلدى ؟

  مەن كومپىيوتىرنى ئۆچۈرۈپ ، ئانامغا بىر ئىستاكان چاي قۇيۇپ بەردىم . ئۇ مېنىڭ گەپ قىلىشىمنى كۈتمەيلا ماڭا قاراپ :

  – كومپىيوتىرغا قاراۋېرىپ كۆزلىرىڭىمۇ ھېرىپ كەتكەندۇ ، كاراتقا چىقىپ بىردەم ئارم ئېلىۋالغىن ، دېدى .

    مەن بېشىمنى لىڭىشتىپلا ، كارۋاتقا چىقىپ ، ئانام يېپىنغان ياتقاننىڭ بىر بۇرجىكىنى تارتىپ ئانامنىڭ يېنىدا ياتتىم . ئانا ئۆزنىڭ مامۇق چاپىنىنى ئۈستۈمگە يېپىپ قويغاچ :

    – پار توختاپ قاپتۇ ، بىرلا ياتقان بىلەن ئۇخلىساڭ توڭلاپ كېتىسەن دەپ گەپ قىستۇرۇپ قويدى .

    – مەن ئۇخلىمىدىم ، ئاپا ، سەن ماڭا ئۆزەڭنىڭ ئىلگىرىكى ئىشلىرىڭىزنى سۆزلەپ بەرگىنە ، مەن ھېكايە قىلىپ يازسام بۇلامدۇ – بولمامدۇ ، ئاڭلاپ باقاي دېدىم .

    ئانام ھەيراق قالغاندەك بىردەم نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قالدى . مەن ئۇنىڭ گەپ قىلىشىنى سەۋىرچانلىق بىلەن ساقلاپ ، ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلگىنىمچە ياتاتتىم . ئانامنىڭ يېنىدا يېتىپ مۇشۇنداق ئىللىق بىرخىل سېزىم قەلبىمنى لەرزىگە كەلتۈردى . مەن ئۆزەمنىڭ  ئاللىقاچان نەچچە يىل كەينىمگە يېنىپ كەتكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ قالدىم .        

 ئاپتۇرى: ۋاڭ شىياۋ مىڭ

   تەرجىمە قىلغۇچى: ئىزتىل

مەنبە : خەنزۇچە نەشىردىكى 2007-يىللىق 22-سان «ئوقۇرمەن»ژۇرنىلى

5دانە ئىنكاس
  1. royapqiسۆز قالدۇرغۇچى :2011-05-2920:25 قايتۇرۇش

    بۇ يازمىڭىزنى ئوقۇپ يۈرىكىم بىرخىل بولۇپ قالدى.خۇددى مېنى يازغاندەكلا ،مەنمۇ ئاپام بىلەن يالغۇز قالسام ئاپامنىڭ قۇچىقىغا بېشىمىنى قويىۋالىمەن.نېمە دېگەن ئىللىق سېزىم ھە! ئۇنداق چاغدا ئاپام بېشىمنى توختىماي سىلاپ قويىدۇ.رەھمەت سىزگە!

    • ئىزتىلسۆز قالدۇرغۇچى :2011-05-3019:02 قايتۇرۇش

      مەن ھەقىقەت بۇ خىل سېزىمنى ئۇنتىيالمايمەن ……

  2. گۈلىستانسۆز قالدۇرغۇچى :2011-06-0315:39 قايتۇرۇش

    بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ بۇرنۇم ئېچىشىپ كەتتى،ئانامغا نېمە قىلىپ بېرەلىدىم دېگەن سۇئال چاقماق تىزلىكىدە پەيدا بولۇپ شۇنداق مەيۈسلەندىم،ئىجادىيىتىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن

    • ئىزتىلسۆز قالدۇرغۇچى :2011-06-0315:45 قايتۇرۇش

      رەھمەت سىزگە ، خانەنگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مېنى داۋاملىق قوللاپ بېرىشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن ،

  3. royapqiسۆز قالدۇرغۇچى :2011-06-0403:45 قايتۇرۇش

    قېرىندىشىم،ئاۋۇ موڭغۇل بالىنىڭ ناخشىسىنى بلوگ مۇزىكا قويغۇچىسىغا قاچىلاپ قويالارسىزمۇ؟رەھمەت !

ئىنكاس يوللاش

*

*

2 + 10 = ?

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif