بالىلار ئۈچۈن ئويۇن ئويناشمۇ ئوخشاشلا مۇھىم
يوللانغان ۋاقتى :2011.06.01ئاپتور :روياپچىكۆرۈلۈشى:25 viewsئىنكاس سانى :2
ئويۇن بالىلار تەربىيسىدىكى ئىنتايىن بىر مۇھىم تۈر،شۇنداقلا ئاتا-ئانىلار سەل قارايدىغان ھالقا.ھازىر ‹‹ئەگەر بالىغا كىچىكىدە كۆپرەك ئازادىلىك بەرسىڭىز ئۇنداقتا بالىنىڭ ئېرىشىدىغىنى مەغلۇبىيەتلىك ياشلىق،ئازاپلىق ئوتتۇرا ياشلىق ،پۇشايمانلىق قېرىلىق بولىدۇ›› دېگەن قاراشىنى پات-پات ئاڭلاپ قالىمىز ،ئەمىلىيەتتە بۇنداق قاراش خاتا .بالىلارنىڭ ساغلام تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن يېتەرلىك بوشلۇق ۋە ۋاقىت بولۇش كېرەك ،شۇڭا بالىلارنىڭ ئويۇن ئويناش ھۇقۇقى چېقىلىشقا ئۇچىرىسا بولمايدۇ.شاڭخەيدىكى مەلۇم بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچىسى 2010-يىلى ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئالى مەكتەپكە قوبۇل قىلنىش ئالدىدىكى يۈز تۇرانە ئىمتىھاندا ‹‹ دەرستىن سىرتقى ۋاقتىڭىزدا نېمە ئويۇن ئوينايسىز؟›› دېگەن سۇئالغا ‹‹ ئەزەلدىن ئۇيۇن ئوينىمايمەن›› دەپ جاۋاپ بەرگەن .نەتىجىدە باھالىغۇچىلار ئۇيۇن ئويناشنى بىلمىگەن ئوقۇغۇچىلار كىتاپ خالتىسى بولۇپ قالىدۇ،ئىجادچانلىق روھى كەمچىل ،يوشۇرۇن تەرەققىيات كۈچى ئاجىز دەپ قاراپ ،بۇ ئوقۇغۇچىنى شاللىۋەتكەن .
بالىلار ئويۇن ئويناشنى ئۆگەنسۇن،ئويۇننىمۇ قاملاشتۇرالمىغان بالىنىڭ باشقا ئىشلارنى قاملاشتۇرالىشى ناتايىن .
بىز كىچىك چاغلىرىمىزدا ئوينايدىغان ئويۇنلار نەلەردە قالغاندۇ ؟
ئۇنى ھازىر بىزدىن كىچىكلەر ئىزدەپمۇ تاپالمايدۇ ، شەھەرلەشكەن تۇرمۇش ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ ، كىچىكلەرنى ئۆيدىن چىقىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلىپ قۇيىۋاتىدۇ . بەلكىم بۇنى «تەرەققىيات» دېسەك كېرەك ؟ !!