چەتئەللىكلەر:ئۇيغۇر ئەرلىرى يارىماس؟

يوللانغان ۋاقتى :2011.06.04ئاپتور :روياپچىكۆرۈلۈشى:20 viewsئىنكاس سانى :0

مۇقەددىمە : ئەرەبتىن ئاڭلىغانلىرىم ، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئاھۇ – زارى
مەسىلە زادى كىمدە؟ تۈركلەر قانداق قىلىدۇ؟

ھەر يىلى ئاياللار بايرىمى كەلگەندە ئۆزۈمنىڭ ھەقىقى ئەركەكلەرنىڭ ئىشنى قىلالمىغانلىقىمدىن ئەپسۇسلىنىمەن . ئوچۇقىنى دىسەم ئىنتايىن يارىماسلىقىمنى ھىس قىلىمەن . چۈنكى مەن سىڭىللىرىم ، ئاچىلىرىم ۋە ئۇرۇق – تۇققانلىرىم ئىچىدىكى قىزلارغا مەسئۇل ، كۆيۈمچان تۇققان بولالمىدىم . ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتىكى يۇلۇققان قىيىنچىلىقىغا مەسلىھەتچى ، تۆۋرۈك بولالمىدىم . شۇڭا قىز – ئاياللىرىمىز ھەققىدە بۇلۇنغان ھەر قانداق ئەيىبلەش ، مەسخىرە قىلىش ، ھاقارەتلەشكە قارىتا مىللەت ھەققىدە گەپ ساتقۇدەك ، ھىچكىمگە نەسىھەت قىلغۇدەك ، قىزلارنى تەنقىت قىلغۇدەك ھەققىم ، سالاھىيىتىم يوق دەپ قارايمەن . ئۈرۈمچىدە كۆزۈمگە كۆرىنىدىغىنى قىز – ئاياللارنىڭ مۇرەككەپ تۇرمۇش قاينىمىدىكى يالغۇزلۇقى ، ئامالسزلىقى ، ئەمما ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى . ئۇزۇندىن بىرى ئۇيغۇر قىز – ئاياللىرى ھەققىدىكى ئويلىنىشىم ، ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرى ھەققىدىكى خىياللىرىم توختىمىدى ، گىزىت – ژۇرناللارغا بىسىلغان ماقالىلاردا ئاياللارغا نەسىھەت قىلىدىغان ماقالىلار ئۈزۈلمەيتتى ، ‹‹جەمئىيەت ئىنتايىن چىرىكلەشتى ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ياخشى ئانىلارغا باغلىق ›› دىگەن ئىدىيىنى ئاساس قىلغان ، ناچارلارنى تەنقىتلەيدىغان ، ياخشلارغا ئىلھام بېرىدىغان مەزمۇندىكى يازمىلار توختىماي چىقىپ تۇردى . ئىنتىر تورىدا بولسا ، ئۇيغۇر قىز – ئاياللىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغان ، ھەتتا ھاقارەت قىلىدىغان يازمىلار كۆپ يېزىلدى . ‹‹ئاياللار بۇزۇلۇپ كەتتى ›› دىگەن قاراشنى ھەممە ئادەمگە ئومۇملاشتۇرۇشنى ۋەزىپە قىلىۋالغان جەمئىيەتشۇناسلار شىنجاڭ مەدەنىيىتى قاتارلىق نەشىر ئورۇنلىرىدا ئاياللارنى توختىماي قامچىلىدى ، ئەمما ئاياللار زادى قانچىلىك بۇزۇلدى؟ بۇنىڭ سەۋەبى زادى نىمە؟ بۇنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ دىگەن مەسلىگە جاۋاب تېخى بولمىدى .

‹‹ئەرەب›› تىن ئاڭلىغانلىرىم!

2003 – يىلى تور چايخانىسىدا بىر قىز بىلەن تونۇشتۇم ، ئۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى بىر ئەرەبكە ياتلىق بولغان ئۇيغۇر قىزى ئىدى ، قىسقىچە ئەھۋاللاشقاندىن كىيىن ئۇنىڭدىن ، ئاتا – ئانىسى تەرىپىدىن ئېغىر تويلۇق بىلەن ئەرەبكە ياتلىق قىلىنغانلىقىنى ، يولدىشىنىڭ يەنە باشقا ئىككى ئەرەب ئايالى بارلىقىنى ، يولدىشىنى ئانچە ياقتۇرمايدىغانلىقىدەك ئشلارنى ئۇقتۇم . بۇ ئۇيغۇر قىزى بىلەن ئەرەب مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئۇققان تۇنجى ئۇچۇرۇم ئىدى . كىيىن بىر تىل مەكتىۋىدە ئەرەب تىلى مۇئەللىمى بۇلۇپ يۈردۈم ، شۇ چاغدا خۇددى چولپان بۇلۇشتىن قېچىپ يۈرۈپ كۇرۇسقا كىرىۋالغاندەك چىرايلىق بىر قىز دەرسكە قاتناشتى . ئۈچنچى كۈنى مەن ئۇنىڭدىن ئەرەب تىلى ئۆگىنىش مەقسىدىنى سورىدىم ، ئۇ قىز ‹‹ دۇبەيگە چىقماقچى ئىدىم›› دىدى ، ئەمما چىرايىدا بىر خىل خىجىللىق ئەكس ئەتتى . دەم ئېلىش ئارىلىقىدا ئۇنى دەرسكە باشلاپ كەلگەن بىر دوستۇم ئۇ قىز ئەرەبكە ياتلىق بولماقچى (يەنى ئىككىنچى خوتۇن بولماقچى) دىدى . شۇنىڭدىن كىيىن چەتئەللەردە يۈرىدىغان دوستلىرىمدىن ، ئۈرۈمچىدىكى تۇققانلارنىڭ ئاغزىدىن ئەرەبلەر ، پاكىستانلىقلار ، ھەتتا خەن يولداشلار بىلەن تويلاشقانلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ ، ‹‹بۇنداق ئىشلار كۆپمۇ نىمە ؟ بۇنداقلا زادى قانچىلىكتۇ؟›› دەپ ئويلىدىم ، ئەمما ئېنىق مەلۇمات بولمىدى . لىكىن شۇ چاغدا ئويلىغىنىم : بۇنداق قىزلار پۇلنى دەپ ھەممىنى قىلىدۇ ، چەتئەللىككە قىزىقىپ ، ئۆزىنى ئالاھىدە كۆرسەتمەكچى بولغان دەپ پەرۋا قىلمىدىم . بۇ ئىشلار ئۆتتى ، تۈگىدى .
2008 – يىلى بىر ئەرەب بىلەن ئۈرۈمچىدە 2 ئايغا يېقىن بىللە يۈردۈق . بۇ ئەرەب تۇمارىس مېھمانخانىسىدا بولغان پاكىستانلىق ئىككى ئەر ، ياپونلۇق بىر قىز (خەنزۇ تىلى ئۆگەنگۈچى) ، بىر خەنزۇ قىز (شنجاڭ ئونۋېرسىتېتىدىن)، بىر رۇس ئەر (شىركەت خوجايىنى) ئوتتۇرىسىدا بولغان سۆھبەت ئارىلىقىدا ‹‹ئۇيغۇر ئەرلىرى يارىماس ، ئاياللىرى بەك جانلىق›› دىدى ،(كىيىن ئۇقسام بۇ گەپنى دەسلەپتە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى دىگەنىكەن ، ‹‹دۇنيا ئەر دەپ يىغلايدۇ›› دىگەندەك يازمىلاردا )
سورۇندىكىلەر ھەممىسى ئورتاق ئېنگىلىز تىلىدا سۆزلىشەتتۇق ، مەن تۇيۇقسىز بۇ گەپنى ئاڭلاپ ناھايىتى چېچىلدىم ، ئەمما شۇ يەردىلا ئەرەب ناھايىتى ئۇزۇن سۆزلىدى : مەن شىنجاڭغا كىلىشتىن بۇرۇنلا ئۇيغۇرلارنى بىلەتتىم ، ئۇيغۇر ھەققىدە ئاڭلىغان تۇنجى ھىكايەم بىر ئايالدىن باشلانغان ، شۇ چاغدىلا بۇ يەرنىڭ ئەرلىرىنىڭ يارىماس ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغان ، ئەمدى بۇ يەرگە كىلىپ كوچا – كويلاردا يۈرىۋاتقان قىزلارنىڭ كۆپچىلىكىگە قاراپ ئېنىق ھىس قىلدىم ، سىلەرنىڭ ئەرلەر ئائىلە تۇتۇشنى بىلمەيدۇ ، سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلار چەتئەللىك ئەرلەر بىلەن كۆپ ئۇچراشماپتۇ ، ئەگەر ئۇچراشسىلا سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا ھەرگىز قايتىپ كەلمەيدۇ ، سىلەر ئاياللارنى ھۆرمەت قىلمايسىلەر ، ئۇلارنى پۇل تېپىش ، جان بېقىش ئۈچۈن كوچىغا چىقىرىپ قويىسىلەر ، قىزلار ئاسىي بولسا ، ئۇلارنى بۇزۇق دەپ ئارىغا ئالمايسىلەر ، ئەمما ئۇلارنى ئوينايدىغان ئويۇنچۇق قىلىۋالىسىلەر،…..بىر قىزنىڭ يولدىن چىقىشى كىمنىڭ مەسئۇلىيىتى؟ دادىنىڭ ياكى ئۇنىڭغا سەمىمىيەتسىزلىك قىلغان ئەركەكنىڭ . بىر ئايالنىڭ يولدىن چىقىشى كىمنىڭ مەسئۇلىيىتى؟ ئۇنىڭ ئىرىنىڭ . ئەگەر خالىمىساڭمۇ ساڭا كۆرستىپ قوياي دىدى ۋە ياپونلۇق قىز ، مەن ۋە پاكىستانلىق ئەلى تۆتەيلەن كونسۇل كوچىسىغا چىقتۇق . ھازىرقى ئېلزابىت مېھمانخانىسى بار دوقمۇشتا ئۈزۈم ، ئالما سېتىۋاتقان (باققال) بىر ئايالنىڭ بېشىدا قاراپ تۇردۇق ، ئايال 45 ياشلار ئەتىراپىدا بۇلۇپ يالغۇز ئىدى ، مىۋە – چىۋىلىرى ئىنتايىن ئاز ئىدى ، ئەمما يېقىن كىلىپ قارىغاندا ، سېتىۋاتقان ئالما ، ئانارلىرى ، ئۈزۈملىرى ئۇنچە سۈپەتسز ئەمەس ئىدى ، ئۇنىڭ يېنىدا بولسا 30 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئەر خېلى چىرايلىق بېزەلگەن باققالچىلىق دۇكىنىدا تۇراتتى ، ئۇنىڭكىدە مىۋىلەرنىڭ تۈرلىرى كۆپ ئىدى ، ئەرەب ماڭا ‹ ئوبدان قارا › دىدى ، قارىسام ئۇ ئەرنىڭ باققال ئورنىغا 10 مىنۇت ئىچىدە 6 ئادەم كىلىپ 4 ى مال سېتىۋالدى ، ئۇنىڭ ئالمىسىنىڭ كىلوسى 2 يۈەن قىممەت ئىدى ، ھېلىقى ئايالنىڭ بولسا ئەرزان ئىدى ، خېرىدارلار ئۇنىڭ يېنىدىن باھاسىنىمۇ سورىماي ئۆتۈپ كېتەتتى . بۇ چاغدا ئەرەب ماڭا مۇنداق دىدى ، مانا ئۆزۈڭ تەرجىمە قىلىپ بەردىڭ ، ئايالنىڭ ئالمىسى ئەرزان ئىكەن ، ھېلىقى خېرىدارلار ئاۋۇ ئەرنىڭ ئالمىسنى ئالمىسا ئۇ ئەرگە ھىچقانداق چوڭ زىيان بولمايدۇ ، چۈنكى ئۇنىڭ دۇكىنى چوڭ ، ئىقتىسادى ئاساسى ياخشىراق ، ئەمما بۇ ئايال ئالدىدىكى مۇشۇ بىر نەچچە كىلو ئالمىغا تايىنىپ قالغان ، شۇڭا ئۇنىڭ ئالمىسىنى سەن سېتىۋال دىدى . مەن سېتىۋالدىم ،(كىيىن) بىر كۇرۇستنىڭ ياتىقىدىكى بالىلارغا ئاپىرىپ بەردىم . كىيىن ئەرەب ئۇ ئايالدىن كۈنىدە نەچچە پۇل تاپىدىغانلىقىنى ، مىۋىنى نەدىن ئالىدىغانلىقىنى ، بالىلىرى بار – يوقلۇقىنى ، يولدىشىنى سورىدى ، ئايال كۈندە 60 – 70يۈەن سودا قىلىدىغانلىقىنى ، ئىككى بالىسىدىن بىرىنىڭ 14 ياش ، بىرىنىڭ 10 ياش ئىكەنلىكىنى ، بالىلىرىنىڭ قىز ئىكەنلىكىنى ، يولدىشىنىڭ ھاراقكەش ، قىمارۋاز ئىكەنلىكىنى ، ئۆزلىرى بىلەن كارى يوقلۇقىنى ، ئاجىرىشالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى . ئۇ ماڭا مۇشۇ ئايالنىڭ بالىلىرىغا ئوقۇش پۇلىدا ياردەم قىلىش يولى ھەققىدە ئىزدىنىدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ ئادىرىس ، تېلىفۇن نۇمۇرلىرىنى خاتىرىلىۋېلىشنى ئېيتتى . ھەم ماڭا تەۋسىيە قىلدى . كونسۇل كوچىسىدىن چىقىپ بولغۇچە ئەرەب يولدىن ئۆتكەن قىزلاردىن كەم دىگەن 6 -7 نى پاھىشە قىز دىدى ، مەن ئۇلارنىڭ كىيىم – كېچىكى ، تەقى – تۇرقىغا قاراپ 2 – 3 نى شۇنداقمىكىن دەپ قالدىم ، ئەمما باشقىسىنى ئۇنداق ھۆكۈم قىلىش خاتا دىگەنىدىم ، بۇنى ئۇنىڭغا بىلدۈرگىنىمدە ئۇ يېنىمىزدىكى ئەلىنى دەرھال بىر قىزنىڭ كەينىدىن يولغا سالدى ، ئەلى ئۇنىڭ بىلەن سودىغا پۈتۈشۈپ قايتىپ كەپتۇ . يالغان دىدىم ئىچىمدە ، لىكىن ئاچچىقىم كەلدى ، غۇرۇرۇم تۇتتى ، تاكى بىز چوڭ بازار ئىچىدىكى ك ئاف سى(كېندېجى)غا كىرگۈچە ئەرەب كەم دىگەندە 20 قىزنى پاھىشەگە چىقىرىپ ماڭدى ، خەپ ….. دىدىميۇ ئەمما كىمنى تىللاشنى ، دەردىمنى كىمدىن ئېلىشنى بىلمىدىم . كېندېجىغا كىرگەندە پاكىستانلىق ئەلى ياندىكى ئۈستەلدە ئولتۇرغان ئۈچ قىزدىن بىرىنى كۆرسىتىپ ، ‹‹ئۇنى مەن قىلغان ، لىكىن قىز چىقمىدى ، ماڭا بەك ئامراق ، دوستلىرىنىمۇ تونۇشتۇردى ، چاڭلېيۈەندىكى ئۆيىمىزدە 5 ئۇيغۇر قىزى ،4 پاكىستانلىق ئەر بىللە ئويناپ تاڭ ئاتقۇزدۇق دىدى›› . چىرايىم ئۆزگەردى ، ئەقلىم قاچتى ، ئەلىنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدىم ، ‹‹ھۇ ھارامدىن بولغان ، كىمىڭنى ھاقارەت قىلىۋاتىسەن ، ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن قىزغا تۆھمەت چاپلىغۇدەك بولدۇڭما ؟ سەن پۇلۇم بار دەپ مۇھتاج قىزلارنىڭ ھەممىسىنى جالاپ دەپ قالدىڭمۇ؟›› ئەلى مىنى بىر مۇش سالدى ، مەن ئەبلەخنىڭ جان يىرىگە بىرنى تىزلىدىم ، ھۈسەيىن (ئەرەب) بىزنى ئاجىرىتىۋەتتى ، ئەمما ھېلىقى قىز ھەيران بۇلۇپ كىلىپ ، ئەلىگە خەنزۇچە : ‹‹چىن ئەيدى ، زىمىلى؟ زا خۇيشىر؟ ›› دىدى . مەن : ‹‹يوقىلەۋە قانجىق›› دىدىم ، ئۇ : ‹‹ساراڭمۇ ما بىر نىمە ، كاللىسىدىن كەتكەن›› دىدى ، دوستلىرى ئۇنى قايتۇرۇپ كەتتى . مەن شۇ پېتى ئۇ پاكىستانلىق ئەبلەخ بىلەن قول ئېلىشپ كۆرۈشۈپ باقمىدىم ، كىيىن ئۇ ھېلىقى ئەرەبكە ئالدى – كەينى بۇلۇپ 3 ئۇيغۇر قىزىنى تونۇشتۇرۇپتۇ ، ئەرەب ماڭا ئۇلارنى سودىسىغا ھەمرا قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سالاھىيىتى ئوقۇغۇچىمۇ – ئەمەسمۇ ئېنىقلاشنى تاپىلىدى ، ئۇلاردىن بىرى ئوقۇغۇچى ، ئىككىسى ئويۇنچى قىزلار بۇلۇپ ، مەخسۇس چەتئەللىك ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىدىغان بىر گۇرۇپپا قىزلار ئىكەن . ئوقۇغۇچى قىز ھەم ئېنگىلىزچە ھەم روسچىغا ئۇستا بۇلۇپ ، ئالاقىچى ئىكەن . ئۇلارنىڭ يۇرتى بىر يەرلىك ئەمەس بۇلۇپ ، ئوقۇغۇچى قىز شىماللىق ، باشقىلار جەنۇبلۇق ئىكەن . مەن ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلىغاندىن كىيىن ئوقۇغۇچى قىزغا ئوچۇقلا نىمىشقا بۇ يولغا ماڭغانلىقىنى سورىدىم ، نەتىجىدە ئىرىشكىنىم ئۇنىڭ دەسلەپتە ئۆزىنىڭ تۇنجىسىنى ئۇيغۇر ساۋاقدىشىغا بەرگەنلىكىنى ، يىگىت ئاۋال قىز كەلتۈرۈشنىڭ بارلىق 36 تەدبىرىنى قوللانغان بولسا ، كىيىن ئويناپ تاشلىۋەتكەنلىكىنى ، ئۆزىگە ئويۇن ، كىيىم ، ھۇزۇر ئۈچۈن پۇل لازىم ئىكەنلىكىنى ، ھەم چەتئەللىك بىلەن ئوينىسا سالاھىيىتى ئاشكارىلانمايدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇلنى كۆپ تاپقىلى بولىدىغانلىقى ، ھەم قەدىر – قىممىتى بىلەن ئوينىغىلى ، سورۇنلاردا باشقا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئالدىدا پەرقلىق ھىس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ، شۇ كۈنى ئۇنىڭ يەنە بىر ھەمراھى ئۆزىنىڭ ئىرىنىڭ خىروئىن چىكىپ 2 يىل سولانغانلىقىنى بولغانلىقىنى ، ئۆزىنىڭ بالا بىلەن يالغۇزلۇقىنى ، ئامالسىز قالغانلىقىنى، ئەگەر ھازىر 50 يۈەن بولسا ، بالىسىغا 3-4 كۈنلۈك ئىشلىتىپ تۇرۇپ ، خىزمەتتىن بىرىنى تېپىۋالغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى ، مەن ئىشەنگۈم كەلمىسىمۇ ، بىلىپ تۇرۇپ 50 يۈەن بەردىم . ئەتە مىنى ئىزدەڭ ، ئىش تېپىشقا ياردەم قىلاي دىدىم ، ئەتىسى ئۇ تېلىفۇن قىلمىدى . شۇ چاغلاردا ئۇيغۇر سۈپىتىم بىلەن ھىس قىلالمىغان ئىشلارنى ئەرەب ، پاكستانلىق كۆزى بىلەن ھىس قىلدىم ، مەن خەلق سۈپىتىدە تۈركتىن باشقىلارغا دوستانە مۇئامىلە قىلالماسلىقىم مۇمكىن ، ئەمما يەككە ئادەم سۈپىتىدە شۇ ئەرەبكە ، ئۇنىڭ ئاياللارغا بولغان مۇئامىلىسى ، ئۇنىڭ ئادىمىيلىكىگە بولغان قارىشىمنى ئۆزگەرتتى ، دەرۋەقە ئەرەبلەرنىڭ ھەممىسى ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلماسلىقى ، كۆپ خوتۇنلۇق بۇلۇپ ، ئەيىش – ئىشرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولۇشى ، ھەممىسى ھورۇن ، شەخسيەتچى بولۇشى ناتايىن . ھۈسەيىن ئۈرۈمچىدىن كېتەر چاغدا ئەلىگە شۇنداق دىگەنىدى : سەن جالاپ ئىزلىسەڭ ، دىنسىز پاھىشە ئىزلىمە ، ئۇلارغا ھەم كۈچ ھەم پۇل سەرپ قىلما ، مۇسۇلمان پاھىشەلەرگە ياردىمىڭ بولۇپ قالىدۇ . ئۇلارنى بۇنداق قىلماسلىققا دەۋەت قىلىۋالىسەن . ئۇلارنى دىنسىز يات مىللەت ئەرلىرىنىڭ ئاستىغا تاشلىما . ئۇنىڭ قولۇمنى سىقىپ تۇرۇپ قىلغان بۇ گىپى ھازىرمۇ كاللامدا : سەن مىللەت ھەققىدە ئويلاشتىن ئاۋال ئاياللارنى كۆپ ئويلا ، بىر ئايالغا ئېگە بولمىغان ، ئايالنىڭ ھەممە ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغان ئەرنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى بولمايدۇ . ‹‹سىلەر مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەيسىلەر ، چۈنكى سىلەر ئاياللارنى خورلايسىلەر›› . ئاياللىرىڭلار سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارنى ئاڭلىمىسا ، سىلەر بىلەن بىر مەيداندا بولمىسا ، دىن ، ئىماندىن سۆز ئاچما ، بىر مىللەتنىڭ ئانىلىرى ، قىزلىرى – بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدۇ .
مەسلە كىمدە؟
كىيىن باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ ئۇيغۇر قىزلىرىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىغا ئائىت گەپلەرنى بەك تولا ئاڭلاپ زىرىكتىم ، بۇلار ھازىر تەسىر قىلمايدىغان بۇلۇپ كەتتى ، ھازىر ماڭا مۇشۇ مەسىلىنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۇنى ھەل قىلىش چارىسى ھەققىدە گەپ قىلالايدىغان ئادەمنىڭ گىپى بەك ياقىدۇ ، چۈنكى تىللاشنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ ، ئەمما نىمە ئۈچۈن شۇنداق؟ شۇنداق بولسا ، ئەمدى قانداق قىلىشىمىز كېرەككەن؟ دىگەننى ئويلىنىشىمىز كېرەك ئىدى . كىم نىمە دىيىشىدىن قەتئىينەەر ، پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى قىز – ئاياللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە ئۇيغۇر دادىلار ، ئۇيغۇر ئاكىلار ، ئۇيغۇر ئۇكىلار ، ئۇيغۇر ئەركەكلەر ، مۇشۇلار مەسئۇل! چۈنكى ئۇلار ئۆزىنى ئەركەك دەيدۇ ، ئۆزلىرىنى ئاياللاردىن ئۈستۈن ، ئەركەكچىلىك ئېڭى كۈچلۈك ، ئۆزىنى ئوغۇلبالا ، بىز نوچى دەپ قارايدۇ . ‹‹ئەركەك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلسا ئەركەك ، ئادا قىلمىسا ، ئەركەك ئەمەس›› ،(تۈرك ئاتا سۆزلىرى) . ئەمما ئائىلىسى تۇرۇپ ئاشنا ئويناش ، بالىلىرىنىڭ ئوقۇشىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك ، پۇل توپلاپ كەلگۈسىگە تەييارلىق قىلىش ئەمەس ، سورۇندارچىلىق ، شۆھرەت بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىش ، بىلىم ، ئىقتىساد ، ساغلاملىق جەھەتلەردە خوتۇنلىرىدىن ئۈستۈن سالاھىيەت ھازىرلىيالماي ، ئارقىدىن خوتۇنىنىڭ ئالدىدا تىلى تۇتۇلۇپ ، ئۇلارنى باشقۇرالماسلىق ، گىپىنى ئۆتكۈزەلمەسلىك ، ئاخىرىدا ئايالى ئىرىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەي تالاغا قاراش .

مانا ھازىرمۇ ھەر كۈنى جەمئىيەت ھەققىدە قاخشاۋاتقان زىيالىيلارنى ، ياشلارنى كۆپ كۆرىمىز ، جەمئىيەتنىڭ ئىچىدىكى بىزگە ئەڭ مۇناسىۋەتلىك ۋە جىددى بولغان مەسىلە – قىز – ئاياللار مەسىلىسى . مۇشۇنى ھەل قىلماي تۇرۇپ ھىچقانداق مەسىلە ھەل بولمايدۇ . مەسىلە زادى نىمە؟ بۇ ئەخلاق مەسلىسى ، قىممەت قاراش مەسىلىسى ، جەمئىيەتنىڭ ئاساسى يىمىرىلىش ئالدىدا ، ئۇنى قانداق قۇتقۇزۇش كېرەك؟
ئائىلىدىن باشلاش كېرەك . ھەممە ئادەم ئائىلىسىگە مەسئۇل بولۇشتىن ، ئۆزىنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ئائىلىدىن باشلىشى ، قولىدىن كىلىشىچە باشقىلارغا يېتەكچى بولۇشى كېرەك ، خاتالاشقانلارغا كۆيۈمچانلىق بىلەن يول كۆرسىتىشى كېرەك ، چۈنكى ئۇلار – بىزنىڭ ئانىلىرىمىز ، قىزلىرىمىز ، ئاياللىرىمىز ، سىڭىللىرىمىز ، بىزنىڭ غۇرۇرىمىز .

تۈركلەر قانداق قىلىدۇ؟

تۈركىيەدە ئۇزۇن تۇرغان دوستۇم مۇنۇلارنى سۆزلەپ بەردى : قانچىلىك دەرىجىدە توغرىلىقىنى بىلمەيمەن ، لىكىن پايدىلىنىش ماتىرىيالى بولالايدۇ .
تۈركلەردە بىر ئائىلىدە بىر ئوغۇلبالا بولسا ، گەرچە كىچىك بولسىمۇ ئەركەك بولغانىكەن ، چۇقۇم سىڭلىسى ۋە ئاچىسىغا مەسئۇل بولىدىكەن . ئۇلارنى كەچتە نەگە باردىڭ ، كىم بىلەن كۆرۈشتۈڭ؟ نىمە ئىش قىلدىڭ؟ بىرى بوزەك قىلدىمۇ؟ دەپ سوراش ئومۇميۈزلۈك مىللى ئاڭغا ئايلانغانىكەن . بىر مەھەللىگە باشقا يەردىن بىر ئەر كىلىپ مەھەللە قىزلىرىغا چاقچاق قىلسا ، كەينىگە كىرىۋالسا ، ھەممىسى بىرلىشپ ئۇنىڭ ئەدىۋىنى بېرىدىكەن . باسقۇنچىلىق قىلىش دىگەن ئۇقۇم ئاز ئىكەن ، ئەگەر قىلغانلار سادىر بولسا ، جەمەتى بويىچە قۇرۇتىۋېتىدىكەن . كوچىلاردا قىزلار قانچىلىك يالىڭاچ يۈرىشىدىن قەتئىينەزەر بىر ئەر كىلىپ ئۇنىڭغا يېپىشىۋالسا باشقا ئەرلەر ئۇنى ئاجايىپ ئېغىر ئالىدىكەن ، قىزلار خالىسا ، ساقچىلار كىلىپ ئۇ ئەرنى قاماققا ئالىدىكەن . ئەرلەر چوقۇم ئۆزىنى ئاياللاردىن ھەممە جەھەتتە ئۈستۈن تۇرۇشى كېرەك دەپ قارايدىكەن ھەم شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق كۈچى بىلەن تىرىشىدىكەن ، تۈركلەر ئىنتايىن تىرىشچان بۇلۇپ ، ئاياللىرىنى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتچىسى دەپ قارىماي ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى تۇلۇق قاندۇرىدىكەن ، ئۆزىدىن گۇناھ ساقىت بولغاندا ، ئاندىن ئاياللىرى ھەققىدە ئويلىنىدىكەن ، ئۇلاردىن سەمىمىيەتسىزلىك سادىر بولسا ئۆلتۈرۈۋېتىش شەرەپلىك جىنايەت ھېسابلىنىدىكەن . ئەرنىڭ ئىززەت – نۇمۇسى ، غۇرۇرى ئىنتايىن كاتتا ھېسابلىنىدىكەن ھەم ئەرلەرمۇ مۇشۇنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشىدىكەن .

مەنبە : ‹‹باغداش مۇنبىرى››دىن ‹‹ئۇيغۇر بىز››بىلوگىغاكۆچۈرۈپ كېلىنگەن بولۇپ كۆچۈرمىكەشلىك بولسىمۇ ، لىكىن ياخشى ئەسەر بولغانلىقى ئۈچۈن جىقراق كىشىلەر كۆرسۈن دىگەن مەقسەتتە كۆچۈرۈپ يوللاپ قويدۇم ، ئەسەر مەنبەسى بولغان مۇنبەر ئىگىلىرىدىن كەچۈرۈم سورايمەن.

0دانە ئىنكاس

ئىنكاس يوق

ئىنكاس يوللاش

*

*

6 + 10 = ?

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif