قارا يېتىم بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى سغىنىپ ئېيتقان ناخشىسى
يازما يوللانغىلى 105 كۈن بولدى | ئاپتۇر روياپچى | سەھىپە: گۈلىستان | يوللانغان كۈن:2011-06-04 |
ئاھ!يېتىملىق!!
12ياشقا كىرگەن بۇ موڭغۇل بالىنىڭ ئېيتقان مۇڭلۇق ناخشىسىنى ئاڭلاپ ئىزتىل ئەپەندىنىڭ ئانا ھەققىدىكى يازمىسىغا ئختىيارسىز قايتىپ قالدىم.قېنى سىزمۇ ئاڭلاپ ئاجايىپ سەزگۈلىرىڭىزنى ھېس قىلىپ باقمامسىز؟ناخشا ئىسمى ‹‹چۈشۈمدىكى جەننەت››
خەتكۈچ:
يازما ئادىرسى :?p=262
. يازمىلارنى باشقا بلوگ ياكى تور بەتتە ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز يازما ئاپتۇرىنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ!
ھازىر ئادەمنىڭ كۆڭلى سۇ ئىچكۈدەك قاتتىق تەسىرلىك ئىجادى ناخشىلار زادى مەيدانغا كەلمەيۋاتىدىغۇ. ئۆتكەنكى كۈنلەردە ئەركىن ئابدۇللا ‹‹سەھرا›› ناملىق ناخشىنى مەيدانغا كەلتۈرگەندە مىللەتنىڭ دىلى سۆيۈنگىدەك ناخشىلار ئەمدى چىقىدىغان ئوخشايدۇ دەپ خۇشال بولسام نەدىكىنى يەنە جىمىپ كەتتى بۇ ناخشا ساھەسى. ماۋۇ بالىنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم خېلى كۆتىرىلىپ قالدى دېسە.بىزدىمۇ مۇشۇنداق خەلقىنىڭ روھىغا بەردەم بولالايدىغان ناخشىلار بارلىققا كەلسە تولىمۇ ئېسل ئىش بولاتتى!
موڭغۇل دوستۇم ئەۋەتىپ بەرگەندە ئاڭلىغان ئىدىم، ھەقىقەتەن يۈرەكنىڭ بېغىغا تىگىدىغان ناخشا بۇ!
مەن ھەقىقەتەن ياقتۇرۇپ قالدىم ، شۇنداق مىسكىنلەردىن بىزدە ئازراق چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ھەم ئۇلۇغ ئاللەھدىن تىلەيمەن .
رىن رىن تورىدىن مەزكۇر سىننى كۆرۈپ كوزلۈرۈمگە لىققىدە ياش تولۇپ كەتكەنتى . ھەقىقەتەن قەيسەر بالىكەن بۇ .
بۇ ناخشىنى ئاڭلاپ تاسلا قالدىم يىغلاپ تاشلىغىلى ، كۆز چاناقلىرىم ياشقا تۇلۇپ كەتتى ، بىراق بەرداشلىق بەردىم ، ئەمما بۇ بالىغا راستىنلا قايىل بولدۇم ، غايىسى نېمىدىگەن كۈچلۈك – ھە !