ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بۇلىشى كېرەك

يوللانغان ۋاقتى :2011.04.15ئاپتور :ئىزتىلكۆرۈلۈشى:16 viewsئىنكاس سانى :0

ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بۇلىشى كېرەك

   پەرزەنت ئائىلىنىڭ يىلتىزى، ئاتا-ئانىنىڭ ئۈمىدى، ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى . شۇنداق ئىكەن ، پەرشەنتلەرنى كىچىكىدىن باشلاپ ساغلام، ئەقىدىلىك ، بىلىملىك ، ئېسىل ئەخلاقى پەزىلەتكە ئىگە ئادەملەردىن قىلىپ تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش ئاتا- ئانىلارنىڭ ۋەتەن ، مىللەت ۋە جەمئىيەت ئالدىدىكى مۇقەددەس بۇرچى . بالىلارنىڭ خاراكتىرى ۋە ئەخلاق-پەزىلىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئاتا- ئانىنىڭ تۇتقان ئورنى ۋە رولى ناھايىتتى مۇھىم بولغاچقا ئاتا- ئانىلار ئۆزنىڭ ئېسىل مىجەز-خارەكتىرى ، گۈزەل ئەخلاق-پەزىلىتى جۈملىدىن ، تىلى ، ھەرىكىتى،قەلبى ئارقىلىق  پەرزەنتلىرىگە ھەر جەھەتتىن ئۈلگە بۇلۇشى ، ئۇلارنىڭ يۇمران قەلبىدە يۈكسەك ئوبرازىنى تىكلەش ئۈچۈن تىرىشىشى زۆرۈردۇر.

  ئاتا- ئانا پەرزەنتىنىڭ ئەينىكى ، تېرىك ئۈلگىسى . پەرزەنتلەر ئائىلە تەربىيىسىنى ئاتا- ئانىسنىڭ بىۋاستە تەسىرىدە قۇبۇل قىلىدۇ . ئاتا- ئانىنىڭ مىجەز-خارەكتىرى،ئەخلاق – پەزىلىتى، مەسلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى بالىنىڭ ئېڭىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىتىن ، ئاتا- ئانىنىڭ مىجەز –خۇلىقى ، ئىش ھەركىتنىڭ تەسىرى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا مۇئەييەن دەرىجىدە ئەكىس ئېتىدۇ . بالىلاردا ئەقەلىي قابىلىيەت ۋە خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ ، ئۇلاردا شەيئىلەرگە بولغان ئىنكاس، قىزىقىش تېخىمۇ كۈچىيىدۇ .“ بالا كۆرگەننى دورايدۇ، قېرى كۆرگەننى سورايدۇ“ دېگەندەك ، بالىلار ئاتا- ئانىسىنىڭ سۆز – ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىپ ئۇلارنىڭ رېئال تۇرۇقىنى دورايدۇ . ئاتا-ئانىنىڭ ئۈلگىلىك رولى ھەققىدە روس پىداگوكى نوۋچىكوف :“بالىلارنىڭ يۇمران قەلبىگە ھېچنەرسە ئۈلگىدەك كۈچلۈك تەسىر قىلالمايدۇ، ھەممە ئۈلگىلەر ئىچىدە ئاتا- ئانا ئۈلگىسىدىنمۇ ئالاھىدە چوڭقۇرراق ۋە مۇستەھكەمرەك ئۇرۇن ئالىدىغان ئۈلگە يوق “ دەپ ئېيتقان. ئائىلە تەربىيىسى شارائىتىدا بالىلار ئاتا- ئانىسىدىن قۇبۇل قىلغان ھەرقانداق سۆز – ھەرىكەت بالىلارنىڭ ئېڭىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ ، ئۇلارنىڭ خارەكتىر ۋە ئەخلاق-پەزىلەت جەھەتتە ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئوخشىمايىدىغان نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.“ئوغۇل ئاتىنى دورايدۇ، قىز ئانىنى دورايدۇ“ دېگەندەك ، بالىلار ئاتا- ئانىسىدىن مەلۇم ناچار ئىللەتلەرنى يۇقتۇرۇۋالسا ، بۇنى ئۆزگەرتىش ناھايتتى قىيىنغا توختايدۇ. بەزى ئاتا- ئانىلار پەرزەنت تەربىيىسىدە بولمىغۇر سۆز – ھەرىكەتلەرنىڭ پەرزەنتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئانچە ئېتىبارغا ئېلىپ كەتمەيدۇ، نەتىجىدە بىلىپ-بىلمەي پەرزەنتىنىڭ ناچار  ئىللەتلەرنى، يامان ئادەتلەرنى يۇقتۇرىۋېلىشىغا ئۆزلىرى سەۋەپچى بۇلىدۇ.“ بالاڭ يامان بولسا ئۆزەڭدىن كۆر “ دېگەندەك ، بالام تېخى كىچىك، ئاڭلىمايدۇ، بىلمەيدۇ، دەپ قاراپ بالىلارنىڭ ئالدىدا دېيىشكە بولمايدىغان گەپ-سۆزلەرنى دېيىش، بولمىغۇر چاقچاقلارنى قىلىش، ئىچ كىيىملەر بىلەن يۈرۈش، كۆرۈشكە بولمايدىغان فىلىملەرنى كۆرۈش، ۋارقىراش-جارقىراش ، جېدەل-ماجىرا قىلىش،رومكا سوقۇشتۇرۇش، تاماكا چېكىش، پۇل تىكىپ قارتا ئويناش ، قاتار چايلارغا ، قاۋاقخانىلارغا تولا قاتىراش… قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بالىلاردا سەلىبىي تەسىر پەيدا قىلىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەر بۇلۇپ ، بۇنداق ناچار ئىللەتلەرنىڭ بالىلارنىڭ بەخىت-ئىستىقبالىغا ۋە جەمئىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان يامان تەسىرى، ئاتا-ئانىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ چېكىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ .“ئاۋۋال ئۆزەڭنى تۈزە ، ئاندىن بالىنى“ دېگەندەك ، پەرزەنتنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىيالايدىغان، ئۆزىنىڭ شەخسىي ئارزۇ-ھەۋەسلىرىدىن ۋاز كېچەلەيدىغان،ئويۇن –تاماشىلىرىنى قۇربان قىلالايدىغان روھىنى يېتىلدۈرگەن ئاتا- ئانىلارلا ھەقىقىي مەنىدىكى مەسئۇلىيەتچان ئاتا- ئانىلاردۇر.بۇ توغرىدا مۇنداق بىر ئىبىرەتلىك ھېكايە بار:

  بىر ئادەم ھەركۈنى ئىشقا بېرىشتىن ئىلگىرى قاۋاقخانىغا بېرىپ ھاراق ئىچىشكە ئادەتلىنىپ قاپتۇ.قېلىن قار ياغقان بىر كۈنى ئۇ يەنە ئەتىگەندە خوتۇن – بالىلىرى بىلەن خوشلشىپ ئۆزى يالغۇز قاۋاقخانا تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ. ئۇزاققا بارمايلا ئۇ بىرىنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى سېزىپتۇ ، ئارقىغا ئۆرۈلۈپ قارىسا ، بالىسى ئۇنىڭ قاردا قالدۇرغان ئاياغ ئىزىغا دەسسەپ تۇرۇپ خۇشال ھالدا :“دادا، قارا، مەن سېنىڭ ئاياغ ئىزىڭغا دەسسەپ كېلىۋاتىمەن“ دەپتۇ . بۇ گەپنى ئاڭلىغان دادا قاتتىق چۆچۈپتۇ ۋە كۆڭلىدە :“مەن نېمە ئىش قىلسام بالام شۇنى دورايدىكەن، ھەتتا قاۋاقخانىغا بارساممۇ…“ دەپ ئويلاپتۇ ھەمدە شۇ كۈنىدىن باشلاپ قاۋاقخانىغا قايتا ئاياغ باسماپتۇ.

   بۇ ھېكايىدىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئاتا-ئانىنىڭ سۆزى ، ھەركىتى،قەلبى پەرزەنتكە نىسپەتەن بىۋاستە ئۈلگە ۋە تەربىيەدۇر.ئاتا-ئانا ئائىلىدە ئەدەب-ئەخلاقلىق،قائىدە – يۇسۇنلۇق، ئىناق –ئىجىل بولسا ، بۇنداق ئائىلە مۇھىتىدا ياشىغان بالىلارمۇ ئاتا-ئانىسىغا ئوخشاش پەزىلەتلىك چوڭ بۇلىدۇ.

  خەلقىمىزدە :“ ئاتىنىڭ پەزىلىتى ئوغۇلغا مىراس“ دېگەن ھېكىمەت بار . شۇڭا ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ئۈلگە قىلىپ چوڭ بولىدىغانلىقىنى ،ئۆزلىرى قانداق ئادەم بولسا ، پەرزەنتلىرىنىڭمۇ شۇنداق ئادەم بولىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىقى ، پەرزەنتى ئالدىدا قىلغان ئەڭ كىچىك گەپ –سۆز ، ئىش – ھەرىكەتلىرىگىمۇ ئالاھىدە ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، پەرزەنتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۇرۇنسىز ئارزۇ – ھەۋىسى ، ئەھمىيەتسىز باردى-كەلدىلىرىنى ، شەخسىي مەنپەئەتىنى قۇربان قىلالايدىغان پىداكار روھنى يېتىلدۈرىشى ، پەرزەنتلىرىگە ئۆزىنىڭ ئېسىل مىجەز-خۇلىقى ، گۈزەل ئەخلاق-پەزىلىتى،ساپ قەلبى بىلەن ئۈلگە بۇلۇشى كېرەك.

0دانە ئىنكاس

ئىنكاس يوق

ئىنكاس يوللاش

*

*

6 + 9 = ?

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif